idikut510 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 18:02:31

قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ

قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ


پەرزەنت ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىن كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق تېمىلارنىڭ بىرسى بولۇپ كەلدى. قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ساغلام ھەم ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ؟ بۇ كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ باش قاتتۇرىدىغان مەسلىسى. مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبەمنى بىرلەشتۈرۈپ قىشقىچە ھالدا پەرزەنت تەربىيلەش ھەققىدىكى بىر نەچچە نوقتىلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتسەم.


بىرىنچى: بالىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر نوقتىدا تۇرۇپ، ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىش.


نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىغا مۇئامىلە قىلىشتا ئەڭ كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنى بۇيرۇق ئىشلىتىش، ئۆزىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويىۋىلىپ بالىنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئورنى بىلەن ئويلاشماي ئۇلارغا بۇيرۇق ئىشلىتىش. بالىغا مۇستەقىللىق ئېڭى، ھۆرمەتلىنىش تۇيغۇسى بېرەلمەي، پەرزەنت بىلەن ئەركىن ئازادە، دوستانە سىردىشىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. پەرزەنت كۆڭلىدە ئاستا-ئاستا ئاتا-ئانىغا بولغان بېكىنمىچىلىك، ئۆزىگە بولغان تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. بۇ بالىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە خاراكتىرىنىڭ ئاجىز، مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشتا لايغەزەل، كۆپچىلىككە ئارلاشماي بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتىشىگە ئاساسىي سەۋەب بولىدۇ. ئىلگىرىكى ‹تاياق توقماق ئاستىدا ۋاپادار پەرزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ› دېگەن ئىدىيە گەرچە ئەنئەنىۋى جوڭگو جەمىيىتىدە مەلۇم ئاساسى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۇسولنى قوللىنىشنىڭ زۆرۆرىيىتى بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ ئورنىغا ‹بالىنى ھۆرمەتلەش› تەك ئىللىق ئۇسولنى قوللانساق، بالىنىڭ ئۆزىنى تونۇشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلىشى ئاستا-ئاستا يۇقىرلاپ ئىناق بولغان ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتىپ بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن دەسلەپكى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.


ئىككىنچى: بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ تەربىيلىنىشىگە دىققەت قىلىش.


بالىدا ئاكتىپ ھالدا قول سېلىپ ئىشلەش، كاللا ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزى يولۇققان مەسلىلەرنى دادىللىق بىلەن سىناپ بېقىشقا، ھەل قىلىشىغا قويۇپ بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان زىيادە ئامراقلىقى بەزىدە بىرخىل زىيانكەشلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بالىلارنى ئاسراش كۈيۈنىش پىسخىكىسى بىلەن ھەممە ئىشلارنى ئۇلارغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ چارچاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمما بۇ پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىل ھالدا دۇنيانى تونۇش، جەمىيەت بىلەن ئۇچرىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىدۇ دە مەسلىگە يۇلۇققاندا ئامال ئىزدىمەستىن ئاتا-ئانىغا يۆلىنىۋىلىش پىسخىكىسى كۈچىيىدۇ. ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز-تۇرمۇشىنى ئىدارە قىلىشى ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ. ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلىرىنى مەسلىلەرنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى، ھەرخىل مەجبورىيەت ئەمگەكلىرىگە قاتناشتۇرۇشى بۇ ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭمۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان، مۇستەقىل مەسىلە بىرتەرەپ قىلالايدىغان ئۆزلۈك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


ئۈچىنچى: بالىدا ساغلام بولغان كىشىلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈش.


يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن پەرزەنتلەر ئۆسۈپ يېتىلىپ چوڭ بولغاندا بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا بېكىنىۋىلىش، چېكىنىش ھالىتىدە بولماقتا. يەنە بەزىدە توساتتىن ئويلىمىغان خىياللارنى تېپىپ چىقىپ باشقىلاردىن ئاغرىنىپ خۇدادىن زارلىنىپ ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ھاياتىنى تەھدىتكە ئۇچراتماقتا. بۇنداق مەسلىلەرنىڭ چىقىشىنى نۇرغۇن ئامىللاردىن كۆرسەكمۇ ئەمما شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى: ئاتا-ئانىنىڭ بالىنىڭ بالىنىڭ ساغلام كىشىلىك پەزىلىتىگە سەل قارىغانلىقى تۈپ سەۋەبتۇر. بۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام بولغان پىسخىكا، توغرا بولغان دۇنيا قاراش، ئېسىل كىشىلىك قىممەت قارىشى تىكلەش، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويالايدىغان، ھەمما تەرەپتىن پىكىر قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيلەش كېرەك.


تۆتىنچى: بالىنىڭ شەخسىيەتسىز ھالدا تۆھپە قوشۇش ۋە بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش.


ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالا بىلەن ئەڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۇنى تەربىيلەيدۇ. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئۇل تېشىنى سېلىشقا ئاساس بولىدۇ. بالا گۈدەك ۋاقتىدا بىر نەرسىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئىش-ھەركىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، ئىش قىلىشتا مەنپەئەتنى كۆزلىمەي بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىنىڭ قانداق ئىشقا يۇلۇقىشىدىن قەتئىينەزەر باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەت، راھەت-پاراغەتتە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىككە تولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.


يۇقارقى پىكىرلەر بالا تەربىيلەشتىكى بىر نەچچە يۈزەكى تەھلىللەردۇر. ئوقۇتۇش ۋە بالا تەربىيىسى بولسا ئۇزاق مەزگىللىك ۋە تەخىرسىز بولۇپ، ھەر قايسى ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بالا بىلەن ئورتاق تونۇش، ئورتاق نىشان ھاسىل قىلىپ، گۆش بىلەن قاندەك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ساغلام ۋە لاياقەتلىك بولغان، مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىنى، ئىناق، خۇشال-خورام بولغان ئائىلە مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ ئۇماق پەرزەنتلەرنىڭ سەبىي قەلبىنى مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

بەت: [1]
: قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ