Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 15:16:19

تۈرك چېيى دەملەش تەجرىبەم(بىرزات)

تۈركچە چاي دەملەپ ئىچىش ئارزۇيىڭىز بولسا ياكى ھەۋەس قىلىپ قالغان بولسىڭىز يۇقۇرقى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك چەينىكىڭىز بولىشى كېرەك. تۈرك چېيى دەپ چايقۇرنىڭ ھەر خىل چايلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئۆيدە ھەر قانچە قىلىپ چايخانىلاردىكىدەك دەملىيەلمىگەن چايخۇمارلار يالغۇز مەنلا بولمىسام كېرەك. چايقۇرنىڭ چايلىرىدىن چاققانراق بىر چەينەك قايناق سۇغا ئىككى قوشۇق، بەلكىم ئۈچ قوشۇق چاي سىلىپ خىلى ئۇزۇن قاينىتىپمۇ تۈزۈك تەمى، رەڭگى پەيدا بولماي ئاخىرى زىرىكىپ تاشلاپ قويغانلار ئەمدى مەن دېگەندەك قىلساڭلار چوقۇم تۈركچە ئاشخانا، چايخانىلاردىن قىلىشمىغۇدەك چاي دەملەشنى ئۈگۈنۈپ كېتەلەيسىلەر.

بىر چەينەك قايناقسۇغا قانچە قوشۇق چاي سالساق ئوبدان بولىدۇ؟ 4 قوشۇق؟ 5 قوشۇقمۇ؟...ياق، 8-10قوشۇق ئەتراپىدا چاي سالساق مۇۋاپىق بولىدىكەن، كۆسىلە. مەنمۇ ھەيران قالغان دەسلىۋېدە. تۈرك چېيىنى ئاشۇنداق جىق سىلىپ دەملەيدىكەنمىز.

ئىككى قەۋەتلىك چەينەكنىڭ ئۈستىنكى قىسمىغا 10 قوشۇق (سۈرەتتىكىدەك بالا قوشۇقى) چاي سىلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيىمىز، ئاستىدىكى قىسمىدا پەقەت قايناقسۇلا بولىدۇ. خوش، ئەمدى چەينەكنى ئىلىپ گاز ئوچاق بولامدۇ ، توك ئوچاق بولامدۇ ئوتنى بوشراق ئىچىپ تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن ئاشۇرۇپ قاينىتىمىز. ئاستىدىكى قايناق سۇ توختىماي قايناپ ھور چىقىرىپ ئۈستىدىكى چاينى ئاستا-ئاستا پۇشۇرىدۇ. چاي پىشىپ بولغاندىن كىيىن تاتلىقراق ئىچكۈسى بارلار كىچىك چاي ئىستىكان (بارداق)غا بىر-ئىككى تال قەنت سىلىپ ئۈستىگە چاي سۈزگۈچى تۇتۇپ تۇرۇپ چاينى قۇيىمىز. چاي سەل قىنىق بولۇپ قالغان بولسا ئاستىدىكى قايناقسۇدىن ئازىراق قۇيۇپ تەڭشەپ ئىچسەك بولىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۈركلەردە قەنت سالماي ئاچچىق ئىچىدىغانلار كۆپمىش. ھەر كىم ئۆز ياقتۇرغىنى ، ئەھۋالىغا يارىشا تاتلىق ياكى ئۆز تەمىدە تەڭشەپ ئىچسە بولىدىكەن. ئەسكەرتىپ قويىدىغان ئىش شۇكى چەينەكنىڭ ئۆزىگە ھەر قانداق تاتلىقنى سالمايمىز، خالىغانلار ئۆز ئىستىكانىغا قەنت سىلىپ تەمىنى تەڭشەپ ئىچسە بولىدۇ.

ئالاھىدىلىكى:تەمى ئاچچىق-چۈچۈك بولۇپ كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ.

بۇ چاينى يۇقۇرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسى ئاز كېشىلەر ئاز ئىچكىنى ياخشى. چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇلدا قېنىق دەملەنگەن چاينى دەسلىۋېدە ئىچىپ كېچىسى ئۇخلىيالماي تاڭ ئاتقۇزۋەتكەنلەر خېلى بارمىش. مەنمۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە كەچقۇرۇنلىرى بۇ چايدىن 3-4 بارداق ئىچىپ قالسام يېرىم كېچىلەرگىچە ئۇخلىيالماي ئىچىم پۇشۇپ كېتەتتى. ھازىر كۆنۈپ قالدىم.

يۇقۇردىكىلەر بۇ چاينى دەملەشتىكى بىرزات ھەكىمنىڭ تەجرىبىسى ئىدى. سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم تۈركلەر بۇ چاينى دەملىگەندە چەينەكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا ئادەم سانىغا قاراپ چاي سالىدىكەن. مەسىلەن چاي ئىچىدىغان ئادەم 1-2 بولسا يىرىم بارداق، 3-4 بولسا بىر بارداق، 8-10 ئادەم ئىچىدىغان بولسا بىر يىرىم بارداق دېگەندەك. چاينى سىلىپ بولۇپ ئۈستىگە پەقەت چاي چۆكۈشكۈدەكلا قايناق سۇ قۇيۇۇپ چەينەكنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى قايناقسۇنى بوشراق ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ شۇنىڭ ھورىدا ئۈستىدىكى چاينى پۇشۇرىدىكەن. ئۈستىدىكى چاينىڭ سۇ قىسمى تۈگەپ قالغۇدەك بولسا يەنە ئازىراق قايناقسۇ قۇيۇپ تۇرىدىكەنمىز. چاي ئېسىلىپ پىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۈستىگە قايناقسۇنى لىقلاپ قۇيۇپ ئاندىن ئىھتىياج بويچە قىنىق-سۇسلىقىنى تەڭشەپ بارداقلارغا قۇيۇپ ئىچىدىكەنمىز.

تەييارلىغۇچى: بىرزات

مەنبە: 80خالتا بلوگى www.80halta.com

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 17:20:28

مۇشۇ تۈرىك چىيىغا سۈت دەملەپ ئەتكەن چاي قىلىپ ئىچسە.... \"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 17:22:46

قاسقاند كۆپنى بىراقلا پۇشۇرۋېلىپ ئاندىن كېيىن ئالدىرماي ئىشلەتسە بولارمۇ يا؟

lawrence يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 17:47:56

مەنمۇ چاي ۋە قەھۋەنىڭ غەيرى رەسمىي ھەۋەسكارى ، چاي تاللاپ كەتمەيمەن قەھۋەنىمۇ شۇ ، لېكىن خىزمەتتىن قايتىپ ھارغاندا قېنىق دەملەپ بىرەر سىركاي ئىچىۋالسام روھلىنىپ 2-3 سائەت كىتاپ كۆرسەم چارچاپ كەتمەيتتىم ... ئەمما كۈنىگە پەقەت بىر ئىستاكان بىلەن كۇپايىلىنەتتىم .

لېكىن يېقىندا مەلۇم بىر تىۋىپنىڭ مەسلىھەتىدە چاي ۋە قەھۋە تەركىبىدىكى كافىييىن Caffeineدىگەن ماددا ئادەمگە بەك زىيان قىلارمىش ، بولۇپمۇ يۈرەك - قان-تومۇر كېسەللىكلىرى بارلارغا تېخىمۇ زىيان قىلىدىكەن ، ھەم قان تومۇرلارنى سەل ئېتىپ قويىدىكەن ئۆزەمدە ئىرسىيەت سەۋەبىدىن يېنىك تىپتا قان بېسىمى بار ... مۇشۇ مەسلىھەت سەۋەپلىك بۇلاردىن ۋاز كېچىش كەچمەسلىككە قارار چىقىرالماي ئىككىلىنىش ئىچىدە تەمتىرەپ قالدىم ، تىۋىپ دوستلارنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى بولسا يەنىمۇ ئاڭلاپ باقسام دەيمەن .

tilmish يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 21:41:49

ئاۋۇ ئۇيغۇر تىبابتى دىگەن سەھىپىگە يازغان چاي توغۇرلۇق تىمىغا ئىنكاس يازسام جاۋاپ قايتۇرماي، يىمەك ئىچمەك دىگەن سەھىپىگە تىما يېزىپ ئولتۇرغان گەپما؟

سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت دىگەن مۇشتاق بولامدا؟  {:92:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 23:25:59

چاي پىشىدۇ، دېگەن گەپنى ئۆگىنىۋالدىم بىرزاتكا..

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 07:39:48

بۇ چاينىڭ تەبىئىتى بەكلا سوغۇق بولسا كېرەك، بىر كۈنى 5-6 ئىستاكان ئىچىۋىتىپتىكەنمەن، ئەتىسى گېلىم ئىششىپ ئاۋازىم چىقمايلا قالغان...

بىرزاتكا، بۇغۇ 2 قەۋەتلىك چەينەكتە دەملەيدىغان ئۇسۇلكەن، ھېلىقى سۈزۈك ئەينەك، ئاستىدا شامدا ئوت كۆيۈپ تۇرىدىغان بىرلا چەينەكلىكلىرى باركەنغۇ؟! ئۇنىڭدا قانداق دەملەيمىز؟

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 09:11:34

ھەي بۇ ئىككىڭ تەم قوراملىقسىلەر؟

كىچىكىمدىن چاي-قەھۋە بىلەن ئېقىم كېلىشمەيدىكەن ئويلاپ باقسام، سۇ، ئېشىپ كەتسە قايناقسۇ بىلەن ياشاۋاتىمەن دىسە. بەك گۇمانخور بولۇپ كەتتىممۇ يا....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:01:28

4- قەۋەتتىكى tilmishنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋۇ ئۇيغۇر تىبابتى دىگەن سەھىپىگە يازغان چاي توغۇرلۇق تىمىغا ئىنكاس يازسام جاۋاپ قايتۇرماي، يىمەك ئىچمەك دىگەن سەھىپىگە تىما يېزىپ ئولتۇرغان گەپما؟

سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت دىگەن مۇشتاق بولامدا؟ \"\"

ئايرىم تېما ئىچىپ ساپتىكەنمەن. سوررىي. ئۇ يەرگىمۇ ئۆتەي ھىلىغىچە.\"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:06:56

6- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ چاينىڭ تەبىئىتى بەكلا سوغۇق بولسا كېرەك، بىر كۈنى 5-6 ئىستاكان ئىچىۋىتىپتىكەنمەن، ئەتىسى گېلىم ئىششىپ ئاۋازىم چىقمايلا قالغان...

بىرزاتكا، بۇغۇ 2 قەۋەتلىك چەينەكتە دەملەيدىغان ئۇسۇلكەن، ھېلىقى سۈزۈك ئەينەك، ئاستىدا شامدا ئوت كۆيۈپ تۇرىدىغان بىرلا چەينەكلىكلىرى باركەنغۇ؟! ئۇنىڭدا قانداق دەملەيمىز؟

ئۇ سۈزۈك ئەينەك چەينەكتە زەپە چېيى، يالپۇز چېيى دېگەندەك چايلارنى دەملەپ ئىچسە بولىدۇ. چەينەكنىڭ ئاستىغا شام يېقىپ قويۇشتىن مەقسەت چاينى ئاسان سوۋۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن ھەم رومانتىك كۆرۈنسۇن دەپ بولمامدۇ...\"\"

ھە راس مەلەكجىم، كۇرسىڭلار ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ مەن بىرىپ قاتنىشارمەن دەپتىم، ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرالماي قالدىم.

keyum007 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 18:06:39

خەتكۈچ

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 19:44:40

9- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ چاينىڭ تەبىئىتى بەكلا سوغۇق بولسا كېرەك، بىر كۈنى 5-6 ئىستاكان ئىچىۋىتىپتىكەنمەن، ئەتىسى گېلىم ئىششىپ ئاۋازىم چىقمايلا قالغان...

بىرزاتكا، بۇغۇ 2 قەۋەتلىك چەينەكتە دەملەيدىغان ئۇسۇلكەن، ھېلىقى سۈزۈك ئەينەك، ئاستىدا شامدا ئوت كۆيۈپ تۇرىدىغان بىرلا چەينەكلىكلىرى باركەنغۇ؟! ئۇنىڭدا قانداق دەملەيمىز؟

ئۇ سۈزۈك ئەينەك چەينەكتە زەپە چېيى، يالپۇز چېيى دېگەندەك چايلارنى دەملەپ ئىچسە بولىدۇ. چەينەكنىڭ ئاستىغا شام يېقىپ قويۇشتىن مەقسەت چاينى ئاسان سوۋۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن ھەم رومانتىك كۆرۈنسۇن دەپ بولمامدۇ...\"\"

ھە راس مەلەكجىم، كۇرسىڭلار ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ مەن بىرىپ قاتنىشارمەن دەپتىم، ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرالماي قالدىم.

سىلەرنىڭ شىپاخاناڭلارغا ئىلان ئەكىرىپ بېرىپتىكەن باللا،  شاھزادىلىرىڭىز يەڭگىمىزنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەتكەندە ئەكىلىپ قوياسىلەر يا بىزنىڭ كۇرۇسقا، ئىنگىلىزتىلى ئۆگىتىپ تۇرىمىز پۇلغا\"\"

نەدىكىنى، ئادەم كەلمەي چىۋىن قورۇپ ئولتۇرۋاتىمەن ياق راست قورۇغىدەك چىۋىنمۇ يوق.

ئوقۇغۇچىلارغا ئايلىقى 100 يۈەن، باشقىلارغا ئايلىقى 200 يۈەن قىلساقمۇ تۈركچە ئۆگىنىدىغان ئادەم چىقمىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئاستا بولدى قىلىپ ، كىتابىمنى تەرجىمە قىلاييا دېگەن يەرگە كەلدىم.

كۈندە 2000غا يېقىن ئىلاننى تارقاتساق ئەتىسى 2 ئادەممۇ كېلىپ قويمايدىغۇ تاڭ..

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 19:45:06

كۈندە 2000غا يېقىن ئىلاننى تارقاتساق ئەتىسى 2 ئادەممۇ كېلەرمىكى ئېزىپ تېزىپ

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 07:37:44

سىلىنى دۇكاننىڭ يېنىدىكى ئەسرا چاي-تائاملىرىدا بىر چاي ئىچىپ قالدىم. ئۇنى تېخى يىقىن تونۇش بىلىشلىرى بولمىسا دەملەپ بەرمەيدىكەن.

ئىسمى « سۆلەت مىسىرى » ئىكەن، 80 نەچچە تۈرلۈك چاي، دورا-دەرمەك سالىدىكەن. ئىككى سائەتتە تەڭشەپ چىقتى. تەركىبىدە ئەپيۇن ئۇرۇقى بار دەيدۇ.

ئەمما شۇ كۈنى كەچتە زادى ھېچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاپتىمەن. ئۇزۇن ۋاقىتلىق بېسىمدىن ياخشى ئارام ئالالماس بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇ كۈنى بىر سۈپەتلىك ئۇخلاپ بېقىپتىمەن. شۇ چايدىن كۆردۈم سەۋەبىنى. سىلىمۇ كىرىپ تېتىپ باقسىلا.

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 09:24:36

11- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ چاينىڭ تەبىئىتى بەكلا سوغۇق بولسا كېرەك، بىر كۈنى 5-6 ئىستاكان ئىچىۋىتىپتىكەنمەن، ئەتىسى گېلىم ئىششىپ ئاۋازىم چىقمايلا قالغان...

بىرزاتكا، بۇغۇ 2 قەۋەتلىك چەينەكتە دەملەيدىغان ئۇسۇلكەن، ھېلىقى سۈزۈك ئەينەك، ئاستىدا شامدا ئوت كۆيۈپ تۇرىدىغان بىرلا چەينەكلىكلىرى باركەنغۇ؟! ئۇنىڭدا قانداق دەملەيمىز؟

ئۇ سۈزۈك ئەينەك چەينەكتە زەپە چېيى، يالپۇز چېيى دېگەندەك چايلارنى دەملەپ ئىچسە بولىدۇ. چەينەكنىڭ ئاستىغا شام يېقىپ قويۇشتىن مەقسەت چاينى ئاسان سوۋۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن ھەم رومانتىك كۆرۈنسۇن دەپ بولمامدۇ...\"\"

ھە راس مەلەكجىم، كۇرسىڭلار ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ مەن بىرىپ قاتنىشارمەن دەپتىم، ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرالماي قالدىم.

سىلەرنىڭ شىپاخاناڭلارغا ئىلان ئەكىرىپ بېرىپتىكەن باللا،  شاھزادىلىرىڭىز يەڭگىمىزنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەتكەندە ئەكىلىپ قوياسىلەر يا بىزنىڭ كۇرۇسقا، ئىنگىلىزتىلى ئۆگىتىپ تۇرىمىز پۇلغا\"\"

نەدىكىنى، ئادەم كەلمەي چىۋىن قورۇپ ئولتۇرۋاتىمەن ياق راست قورۇغىدەك چىۋىنمۇ يوق.

ئوقۇغۇچىلارغا ئايلىقى 100 يۈەن، باشقىلارغا ئايلىقى 200 يۈەن قىلساقمۇ تۈركچە ئۆگىنىدىغان ئادەم چىقمىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئاستا بولدى قىلىپ ، كىتابىمنى تەرجىمە قىلاييا دېگەن يەرگە كەلدىم.

كۈندە 2000غا يېقىن ئىلاننى تارقاتساق ئەتىسى 2 ئادەممۇ كېلىپ قويمايدىغۇ تاڭ..

ۋوي نەدىكى كۇرۇسكەن ئۇ؟   مەن خەۋەرسىز يۈرۈپتىمەن.

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 09:27:10

13- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىلىنى دۇكاننىڭ يېنىدىكى ئەسرا چاي-تائاملىرىدا بىر چاي ئىچىپ قالدىم. ئۇنى تېخى يىقىن تونۇش بىلىشلىرى بولمىسا دەملەپ بەرمەيدىكەن.

ئىسمى « سۆلەت مىسىرى » ئىكەن، 80 نەچچە تۈرلۈك چاي، دورا-دەرمەك سالىدىكەن. ئىككى سائەتتە تەڭشەپ چىقتى. تەركىبىدە ئەپيۇن ئۇرۇقى بار دەيدۇ.

ئەمما شۇ كۈنى كەچتە زادى ھېچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاپتىمەن. ئۇزۇن ۋاقىتلىق بېسىمدىن ياخشى ئارام ئالالماس بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇ كۈنى بىر سۈپەتلىك ئۇخلاپ بېقىپتىمەن. شۇ چايدىن كۆردۈم سەۋەبىنى. سىلىمۇ كىرىپ تېتىپ باقسىلا.

ئەسرا چاي- تائاملىرىنىڭ كىرىپ چىيىنى ئىچىپ چىقسا بولىدۇ زادى. ھەقىقەتەن ياخشى دەملەيدىكەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 11:00:08

چاي ئىچىش خۇمارىم بار، ئەمما مەن تۇرۋاتقان جايدا مەن ياقتۇرىدىغان چايلارنى تاپماق تەس. @birzat ئەپەندىنىڭ چايلىرىنى ئىچىشىمۇ نېسىپ بوپ قالار. ۋەتەنگە قايتىش نېسىپ بولغاندا، بىرزات ئەپەندىگە ھىچبولمىسا بىر يىل يەتكۈدەك چاي تەييارلاتمىسام... ھەجەپمۇ ھېرىپ چارچاپ تۇرغاندا ئېسل چاي ئىچكۈم كەپ كەتتى، دىسە.

مەن ئىچىپ باققان چايلار ئىچىدە سىرلانكىنىڭ چېيى ناھايتى خۇشپۇراق ۋە تەملىلىككەن. سىرلانكا چاي دۆلىتى دەپ ئاتالغانغا چۇشلۇق ئېسل چايلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
بەت: [1]
: تۈرك چېيى دەملەش تەجرىبەم(بىرزات)