تاشپولات: ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىڭنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە
تاشپولات روزى
ماتېماتىكا,ئۇ بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقان ياكى تاپمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان
ئاساسلىق بىلىملەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بارلىق كەسىپلەرنىڭ ئانىسى ھەم
ئاتىسىدۇر. ئىتالىيەنىڭ ئۇلۇق فىزىكا ئالىمى ھەم نىسبىيلىك نەزىريىسىنىڭ
ئاساسچىسى گالىلى مۇنداق دەيدۇ: "ماتېماتىكا بىلمەي تۇرۇپ دۇنيانى چۇشۇنۇش
مۇمكىن ئەمەس" ، گىرمانىيەنىڭ ئۇلۇق ماتەماتىكا ھەم فىزىكا ئالىمى گائۇس
مۇنداق دەيدۇ:"ماتېماتىكا ئىلىم-پەننىڭ پادىشاھىدۇر".ئىلىم-پەن
ئالىملىرى نەزىرىدە ماتېماتىكىغا سەل قارىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆز
كەسپىدە ئالاھىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر توۋەن
بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي
قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماتېماتىكىسىز ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا
چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇرۇن ماتېماتىكىنىڭ بىئولوگىيىدە قوللىنىشى نۆلگە تەڭ
دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدۇق. بىراق ھازىر بىئولوگىيە ساھەسى
ماتېماتىكىنى ئەڭ كوپ قوللىنىدىغان ساھەگە ئايلاندى. ھەتتا بىئولوگىيىلىك
ماتېماتىكىمۇ بارلىققا كەلدى. چەتئەللەرگە چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان
ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماتېماتىكىدا
ياخشى ئوقۇغانلاردىن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بالىلىرىمىزنىڭ ماتېماتىكا
دەرسلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئۇلارغا مۇشۇ
جەھەتتە كۆپرەك ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. ئۇنداق بولسا
ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز
كېرەك؟ مەن تۆۋەندە بۇ تېمىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.
ماتېماتىكا بىلىملىرى ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىدىن باشقا ئۇ يەنە مەلۇم دەرىجىدە
رىقابەت تۈسىنى ئالغان ئىلىمدۇر. ماتېماتىكا، ئۇ ھۈنەرنىڭ ۋە ياكى
ماھىرلىقىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چوقۇم كۆپلەپ مەشىق
قىلىش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قولىڭىزدا چوقۇم قەلەم ۋە يەنە
ئالدىڭىزدا قەغەز بۆلىشى كېرەك. ماتېماتىكا ھەرگىزمۇ شاگىرت ئۇستىسىنىڭ
قىلغىنىنى كۆرگەندەك كۆرۈپ قويۇش بىلەن ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. بەلكىم
ئوقۇتقۇچىڭىز سىزگە ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئاسان چۈشەندۈرۈشى
مۇمكىن، ئەمما سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ مەشىق ئىشلىگەندىلا،
قايتىلاپ-قايتىلاپ مەشىق ئىشلەش جەريانىدا ئۇنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى
چۈشكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ فورمىلىرىنى يېشەلەيسىز، سىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن
ئۆزگىچە ماتېماتىكا ئۆگىنىش ئۇسۇل يوق! ماتېماتىكا ئۆگىنىش مۇزىكىلىق چالغۇ
ئەسۋابلىرىنى چېلىشقا، كومپيۇتېردا خەت بېسىشقا ياكى تەنھەرىكەت بىلەن
شۇغۇللىنىشقا تۈپتىن ئوخشايدۇ. سىز مەيلى باشقىلار ئىشلىگەن ماتېماتىكىغا
ئائىت ۋىدىئولارنى كۆرۈڭ، ياكى كۆپلىگەن ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت
كىتابلىرىنى ئوقۇڭ، ئەگەر سىز كۆپلەپ مەشىق ئىشلىمىسىڭىز ئۇ سىز ئۈچۈن
يەنىلا بەرىبىر. مەسىلەن داڭلىق ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچى كوبې برياننىڭ
ۋاسكېتبول ئوينىغان ۋىدىئولىرىنى كۈنىگە نەچچە قېتىملاپ كۆرسىڭىزمۇ، ئەگەر
ئۆزىڭىز مايدانغا چۈشۈپ مەشىقلەرگە قاتناشمىسىڭىز ياخشى ۋاسكېتبولچى
بولالمىغىڭىزغا ئوخشاشلا بىر ئىش. شۇڭا ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت
قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆپلەپ مەشىق قىلىشىڭىز ھەم
يادلىشىڭىز كېرەك.
ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلغان ئوقۇغۇچى چوقۇم تۆۋەندىكى ئەڭ ئاساسلىق 6 باسقۇچقا قەتئىي رايە قىلىش كېرەك.
1. كۈندىلىك دەرسىگە چوقۇم تولۇق قاتنىشىشى كېرەك. 2. سىنىپتا خاتىرە
قالدۇرۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك. 3. كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چۈشىنىش كېرەك.
4. بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ھەر كۈنى قالدۇرماي ئىشلىشى كېرەك. 5. ئەگەر
ياردەمگە موھتاج بولسا چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىدىن ياكى
ساۋاقداشلىرىدىن سورىشى كېرەك. 6. ئۆگەنگەنلىرىنى كۈنىگە دېگۈدەك تەكرارلاش
كېرەك.
ئىزاھات:
1. ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىش ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر
ئوقۇغۇچى بىر كۈن دەرستىن قالسا ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرسىدە باشقىلارغا
يېتىشىۋېلىشى قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچى ئامال بار دەرس
تاشلىماسلىققا كاپالەت قىلىشى كېرەك. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا
ئاساسلانغاندا ياخشى بىر نەتىجە ئېرىشىش ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس قالدۇرماسلىق
بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
2. خاتىرە قالدۇرۇش ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن بىر مۇھىم قىسمىدۇر.
ئوقۇغۇچى خاتىرە قالدۇردى دېگەنلىك، ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنى قۇلاق سېلىپ
ئاڭلىدى دېمەكتۇر. ئوقۇغۇچى خاتىرە قالدۇرغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە
دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز
دەرھال قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىدىن سوئال سورىشىڭىز كېرەك. ئۇنى
ھەرگىزمۇ مۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ. مەن ۋەتەندە ياكى ياپوندا
ئوقۇغان ۋاقتىمدا سوئال سوراشقا بەك ئامراق ئىدىم. بەزى ۋاقىتلاردا
ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرەر تېما ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتكەن ۋاقتىممۇ
بولغان. بۇنداق دېگەنلىكىم ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇرۇشۇڭ دېگەنلىك ئەمەس
ئەلۋەتتە. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭكىنى توغرا دەپ قارىسىڭىز ئوقۇتقۇچىغا ھەرگىزمۇ
يول قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئوقۇتقۇچىمۇ ئىنسان، ھەرقانداق ئىنسان
سەۋەنلىكتىن ۋە خاتالىقتىن خالىي ئەمەس.
3. ئوقۇغۇچى دەرستىن كېيىن چوقۇم ماتېماتىكا دەرسلىكنى ئوقۇشى كېرەك. ئۇنى
ئوقۇپ چۈشەنمىسە قايتا ئوقۇش كېرەك. ماتېماتىكىدىكى بەزى ئېنىقلىمىلارنى
چۈشىنىش تەسكە توختايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى مەجبۇرى يادلاش كېرەك.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھېلىقى بىر چاغلاردا سىز يادلىلاپ چۈشەنگەن بىلىملەر
ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى بايلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ.ماتېماتىكا كىتابلىرىنى
ئوقۇغاندا ھەربىر خام سۆزگە دىققەت قىلىش كېرەك. ماتېماتىكىلىق كىتابلار
ئەدەبىي، تارىق ۋە ئۇنۇڭدىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن تۈپتىن
پەرقلىنىدۇ. ئۇ تېخنىكىلىق مەسىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، سىز
ئۇنى ئاستا، دىققەت بىلەن، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇشىڭىز كېرەك.
ھەرگىزمۇ ئالدىرىماڭ، قۇرلارنى تاشلاپ ئۆتۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ . بىر
قېتىمدا چۈشەنمىسىڭىز ئۇنى قايتا ئوقۇڭ. ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە ۋاقىت
كېتىدۇ. قايتا-قايتا ئوقۇپمۇ چۈشەنمىسىڭىز ئۇنى چوقۇم ئوقۇتقۇچىڭىزدىن
سوراپ بىلىۋېلىڭ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتكۈم كېلىۋاتىدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلار
دەرسلىكتىن سىرتقى قوشۇمچە ماتېرىياللارنى كوپ كۆرىدۇ ۋە ئۇنى سىنىپتا
ئۆتۈلگەن دەرسلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ . مېنىڭچە كوپ ماتېرىيال
كۆرگەندىن كۆرە سىنىپتا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئوز ۋاقتىدا چۈشىنىپ مېڭىش
بەكرەك مۇھىم. ئەمما دەرسلىكتىن سىرتقى كۆنۈكمە كىتابلاردىكى مەسىلىلەرنى
يەشسىڭىز بۇنىڭمۇ سىزگە ناھايىتى ياخشى ياردىمۇ بولىدۇ.
4. تاپشۇرۇق ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەش سىزنىڭ
دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى ئىگىلىشىڭىزگە ناھايىتى چوڭ رولى
بولىدۇ. مۇمكىن بولسا كىتابتىكى بارلىق مەشىقلەرنى قالدۇرماي ئىشلەش كېرەك.
مەن ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا دەرسلىكتىكى بارلىق مەشىقلەرنى ئىشلەشتىن سىرت
يەنە مەشىقلەر توپلاملىرىنىمۇ ئەكېلىپ ئۇنىڭدىكى مەشىقلەرنىمۇ ئىشلەيتتىم.
5. دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ياخشى چۈشەنمىگەن ھەم دەرستىن
كېيىن ئۇنى ئوقۇپمۇ چۈشەنمىگەن بولسىڭىز، دەرھال ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ
ئۇنىڭدىن بىلمىگەنلىرىڭىزنى سورىشىڭىز ياكى مەكتەپنىڭ ياردەم قىلىش
مەركەزلىرىگە بېرىپ سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بۈگۈن چۈشەنمىگەن
نەرسىلەرنى ئەتىگە قويۇپ قويماڭ.
6. كۈنىگە تەكرارلاش دېگىنىمىز ھەر كۈنكى دەرسلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇش ھەم
بۇرۇن ئۆتۈلۈپ كەتكەن دەرسلەرنى قايتا ئوقۇش دېگەنلىكتۇر. دەرسخانىغا
كىرىشتىن بۇرۇن كېلەر قېتىملىق دەرسلەرنى بىر قۇر كۆزدىن ئۆتكۈزۈپ چىقىش
كېرەك. بۇنداق بولغاندا يېڭى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى چۈشەڭىلى بولىدۇ.
7. ئاخىرقى سوز. بەزى ئوقۇغۇچىلار "مەن ھازىرغىچە ماتېماتىكىدا ياخشى
بولمىغان" ياكى "مەن ماتېماتىكىغا ئۆچ" دەپ ئۆز-ئۆزىگە ماتېماتىكىلىق
ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. بۇ قاراشلار ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ يولىنى ئەتىپ
تاشلاپ، ئوقۇغۇچىدا پاسسىپ روھىي ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى
ماتېماتىكا دەرسنى تاللىغانىكەن، چوقۇم ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى كېرەك.
مەسىلەن: مەن چوقۇم بۇ ماتېماتىكا دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىمەن، ئەگەر ياخشى
تىرىشسام چوقۇم ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيمەن، دېگەنلەردىن
ئىبارەت. مېنىڭچە ھەممە ئادەم ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. بۇنۇڭ
ئۈچۈن ئوقۇغۇچىدا ئالدىن بىلەن ماتېماتىكىنى ئۆگىنەلەيمەن دېگەن ئاڭ
تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك. ئوز –ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇستىدىن
غەلىبە قىلىشنىڭ دەسلەپكى ئاچقۇچىدۇر. ھەممىڭلارنىڭ ماتېماتىكىنى ياخشى
ئۆگىنىپ ئوز كەسىپلىرىڭلاردا دۇنياۋى شان- شەرەپلەرنى قولغا كەلۈرسىڭلارغا
چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.

لېكىن بەك روھسىزلىنىپمۇ كەتمىدىم،ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بىرىپ بۇلۇپ ،بۇ ئادىتىمنى قەتئى ئۆزگەرتىش قارارىغا كىلىپ،كۈندە ۋاقىت بەلگىلەپ مۇقىم ئۈگۈنۈش قىلدىم،ئۈنۈمى شۇنداق ياخشى بولدى.كىيىن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىمۇ ئۆزەمگە كۈندىلىك دەرىسلەرنى شۇ كۈنى ئۆزلەشتۇرۇپ مېڭىشنى ئادەت قىلدىم،شۇ چاغدىكى پىرىنسىپىم دەرىس ۋاقتىدا كۆڭۇل قۇيۇپ ئاڭلاش،دەرىسىتىن چۈشكەندە يەنە بىر پۇختىلاش بىلمىگەن يىرىمنى قايتا-قايتا كۆرۇپ چۈشىنىش ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا بالىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ كەتتىم،سېستىمىلىق ئۈگۈنۈش بەك مۇھىمكەن،ھازىرغىچە ئۈگۇنۇشنى ياخشى كۆرىمەن.
لېكىن بالامدا ھەرقانداق قىلىپمۇ ياخشى ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرەلمىدىم،بۇ ماقالىنى چوقۇم ئۇنىڭغا ئوقۇتىمەن.
بەك ياخشى ماقالە بوپتۇ. ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك.
مىنىڭچە ئۆگىنىش قىلىشتا ھەممىدىن چۈشىنىش ئاساس. ئىككىنچىسىگە ئەستە ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچىسىگە پىششىقلاش. مىنىڭ ئۆگىنىش پىرىنسىپىم مۇشۇ ئاددى ئۈچ باسقۇچ. مېنىڭچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ قىزىقىشى. ئەدەبىيات ياكى تارىخ دەرسلىرىنى قىزىقمىسىمۇ يادلاپ كەتكىلى بولىدۇ. ئەمما ماتېماتىكىنى مۇھىم ئەمەس. مەن ئورتا مەكتەپتە ماتېماتىكىدا دەسلەپ ئالاھىدە ياخشى ئىدىم. ئەينى چاغدا، ئۆزى فىزىكا ئوقۇغان، ھېكايە-پوۋېست ۋە بەزىدە شېئىر يازىدىغان، لەتىپە-چاقچاققا ئامراق بىر مۇئەللىم دەرس بېرەتتى، ئۇ دائىم قىزىقارلىق ۋە ئادەمنى چوڭقۇر چۆكتۈرىدىغان سوئاللارنى چىقىرىپ، بىزنى دەرسكە باشلايتتى. كېيىن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچى ئالمىشىپ، ئىچكىرىدە ئوقۇغان، دەرسنىڭ تېمىسى ۋە مىساللارنى دوسكىغا خەنسوچە يازىدىغان بىر مالىم كەلدى، كىتابتا يېزىلغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى، بىزمۇ يادلاپ يۈرۈپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بەردۇق....
ئويلاپ باقسام، ماتېماتىكغا ئىشتىياقى يوق، ئىزدەنمەيدىغان ئادەم ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلاردىن ھەرقانچە ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بىلەنمۇ چوڭ نەتىجە چىقىمۇدەك.