snake يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 22:12:09

قەشقەر ،خوتەن دىيارىدىكى قېرىنداشلار يول كۆرسەتسەڭلار.

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم ، ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر :


ئالدىمىزدا يېتىپ كەلمەكچى بولغان ئۆكتەبىر بايىرىمىدا توللۇق دەم ئالىدىغانلىقىمىز ھەققىدە مىش -مىش پاراڭ بار ،ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا خوتۇن باللىرىمنى ئېلىپ ئاقسۇنىڭ جەنۇبىگە ئۆتۈپ ساياھەت قىلىش پىلانىم بار ،مەقسەتكە كەلسەك ھەرقايسى ئەزىزلەر ماڭا ياخشى ساياھەت نۇقتىلىرى ،ياخشى تاماقخانا ،بىخەتەر ئازادە مېخمانخانا ، خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بازارلار بولسا ئاياشماي تەۋسىيە قىلساڭلار ، مەن ئاقسۇ --ئالار---خوتەن ----قەشقەر لىنىيىسى بويىچە ماڭماقچى .


ئاڭلىسام ئاقسۇنىڭ گازلىق ماشىنىسى ئۇ تەرەپكە ئۆتسە ئىشلىمەيدىكەن راستمۇ؟


رەھمەت .

tavlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 23:25:44

بايرامدا يېڭىلىپ تاتىپ تۇرپانغا كەپ قامماڭلار ، شەخسى ماشىناڭلار بولسا ھەق يىغىش پونكىتىدىن ئۆتەممەي كېتىسىلەر ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بولسا ئۇدۇل خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئاپىرىلىپ ، ئۆز جايىڭلارغا قايتۇرۇلىسىلەر .  {:136:}

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 23:44:20


1- قەۋەتتىكى tavlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايرامدا يېڭىلىپ تاتىپ تۇرپانغا كەپ قامماڭلار ، شەخسى ماشىناڭلار بولسا ھەق يىغىش پونكىتىدىن ئۆتەممەي كېتىسىلەر ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بولسا ئۇدۇل خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئاپىرىلىپ ، ئۆز جايىڭلارغا قايتۇرۇلىسىلەر . \"\"





نىمىشقا؟


enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 23:47:10

مەن ئائىلەم بويىچە يار يېزىسىغا چۈشۈشنى ئويلاشقان ،بايرامدا.

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 23:48:42

قەشقەرگە كەلگەندە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاڭ ،شۇ يەردە ئەسقەر ئەپەندىنىڭ لەغمىنىدىن يەۋىلىپ ئاتۇشقا چىقىپ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىنى يوقلاڭ.ئاندىن مومكىن بولسا تەۋپىق ئەپەندىنىڭ مەقبەرىسىگە بىرىڭ.ئاندىن قەشقەر شەھەر ئىچىگە قايتىپ قەسىر مىھمانخانىسىدا ئارام ئىلىڭ.

ئىككىنجى كۈنى ئەتىگەن ناشتا قىلىۋىلىپ چۈشتىن بۇرۇن يىڭى بازار ئەتراپى،شەرقى كۆل ئەتراپىنى ئايلىنىڭ ئاندىن چۈشتە ھىتگاغا كىلىپ تۇماق بازىرىدىن قازان كاۋىپى بىلەن قورسىڭىزنى توقلىۋىلىپ ھىيتگاھ مەسچىتىدە پىيشىن نامىزىڭىزنى ئوقوپ بولوپ چۈشتىن كىيىن ھىتگاھ ،ياۋاغ ئەتراپىنى ئايلىنىڭ...

خوتەندىكى ساياھىتىڭىزدە چۇقۇم چۇقۇ بازارنى ،تاش بازىرىنى ئايلانغاچ چۇقۇ بازاردىن گۆش گىردە ياكى كۆمەچ يەڭ.چۈشتىن كىيىن گۈلباغ ئەتراپىنى ئايلانغاچ يۇلغۇن كاۋىپى يەڭ .ئاندىن ئىزدىنىش كۈتۈپخانىسىغا بىرىڭ.ئاندىن رىۋايەت ئاشخانىسىدا تاماق يەۋىلىپ خەلىق مەيدانىنى ئايلانسىڭىز مىنىڭچە ھەر بىر ئوروننىڭ ئەۋزەللىكى ياكى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلنالايسىز دەپ قارايمەن...

ئەگەر يەنە ۋاقتىڭىز ئىشىپ قالغۇدەك بولسا ئاندىن دەپ بىرەمىز

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 00:07:34

2- قەۋەتتىكى enzerbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


1- قەۋەتتىكى tavlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايرامدا يېڭىلىپ تاتىپ تۇرپانغا كەپ قامماڭلار ، شەخسى ماشىناڭلار بولسا ھەق يىغىش پونكىتىدىن ئۆتەممەي كېتىسىلەر ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بولسا ئۇدۇل خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئاپىرىلىپ ، ئۆز جايىڭلارغا قايتۇرۇلىسىلەر . \"\"





نىمىشقا؟






ئۈچ ئاينىڭ ياقى تۇرپانغا كىرىشكە يوق چىقىشقا بار. بۇلۇپمۇ خوتەن ۋە ئاقسۇ تەرەپلەردىن كەلگەنلەر بىردەك يۇرتىغا قايتۇرۇلدى. چۈنكى 6-ئايدا پىچاندا يۈز بەرگەن تىرورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن تۇرپاندا يۈز بەرگەن بىر قانچە قىتىملىق قالايمىقانچىلىق سەۋەپلىك .... بەزى كىشىلەر پارتىيە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن تېنچ ئاسايىشلىق تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەچكە ھۆكۈمىتىمىز تۇرپاننىڭ تېنچ ئامانلىقى ئۈچۈن، ۋەتىمىز جوڭگونىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەقىقى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇنداق قارار چىقارغان. بايرامدا بەلكىم ئەسلىگە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن...

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 00:15:49

خۇتەنگە بارسىڭىز ۋاقتىڭىز چىقسا سەھۋالىم، ئۇلۇغ ئاتا قاتارلىق يەرلەرگە چىقىپ كېرىڭ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 13:36:16

6- قەۋەتتىكى kalamkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خۇتەنگە بارسىڭىز ۋاقتىڭىز چىقسا سەھۋالىم، ئۇلۇغ ئاتا قاتارلىق يەرلەرگە چىقىپ كېرىڭ.



سەھۋالىمدا ھازىرمۇ چىلىشىش مۇسابىقىسى بارمۇ؟  ئۇلۇغ ئاتىنىڭ كۆرۇپ قويغۇچىلىكى بار، لىكىن ئارلىق بەك يىراق .

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 14:10:24

8- قەۋەتتىكى begtashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى kalamkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خۇتەنگە بارسىڭىز ۋاقتىڭىز چىقسا سەھۋالىم، ئۇلۇغ ئاتا قاتارلىق يەرلەرگە چىقىپ كېرىڭ.



سەھۋالىمدا ھازىرمۇ چىلىشىش مۇسابىقىسى بارمۇ؟  ئۇلۇغ ئاتىنىڭ كۆرۇپ قويغۇچىلىكى بار، لىكىن ئارلىق بەك يىراق .

مەنمۇ ھىلغىچە بىرەر مەيدان چىلىشىشنى كۈرۈپ باقمىدىم، ھازىر بارمۇ يوقمۇ ئۇقمايدىكەنمەن

baburhan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 15:51:29

قەشقەرگە كەلسىڭىز ئىپارخان مازىرىغا ياكى ئاپپاق خوجا مازىرىغا بېرىشنى ئۇنۇتماڭ.

lata يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 15:52:04

تاپالمايسىز ھە قاچان ، بىز ئىسمىنى دەپ بەرسەك ،

ياخشىراقتۇر گۆشگىردە ، كۈمەچنى بىز ئەپبەرسەك ،

تېلفۇن قىلىڭ ناۋادا كەپ قالسىڭىز خوتەنگە ،

كۈتىۋالماستىن مىھماننى ، سەت تۈرىدۇ گەپ بەرسەك

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 16:09:20

ئۆز يېرىمىز بولغاچقا رايونىمىزدىن چىقىپ كەتمىگەچكە، مېنىڭچە بۇنچە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق..

ساياھەت ئەركىنرەك بولغان ياخشى. يول باشلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

ھەرقايسى شەھەرنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ساياھەت ئورنى ۋە ياكى مەشھۇر كىشىلەر مەقبەرىسىنى دەپ بەرسىمۇ مېنىڭچە بىلىدۇ دەيمەنغۇ ئەمدى.

ghalcha يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 16:52:11

خوتەنگە كەلسىڭىز قولىمىز كۆكسىمىزدە.......مىھمانخانىنىڭ چىقىمىنى تىجەپ قالىسىز .......ئەگەردە  كۆڭلىڭىز تارتمىسا ....ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ياكى مۇزتاغ مىھمانخانىسى ياخشىراق!~~ساياھەت نۇقتىسىغا كەلسەك ئۇلۇغ ئاتا دەي دىسەم ئارلىق يىراق ،لوپنىڭ بۇغرا قۇم ياخشىراق ،سەھۋالىممۇ بۇلىدۇ!~~قالغىنىنى باشقىلارمۇ دەپ بوپتۇ!~~

ghalcha يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 16:54:14

خوتەننىڭ زىخ كاۋىپى زوڭزاكو(باش توسما)دا بەك ئوخشايدۇ،يىراق كۆرسىڭىز،ئەتتىرگۈل كاۋاپخانىسىمۇ بۇلىدۇ!~~

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 17:03:44

1- قەۋەتتىكى tavlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايرامدا يېڭىلىپ تاتىپ تۇرپانغا كەپ قامماڭلار ، شەخسى ماشىناڭلار بولسا ھەق يىغىش پونكىتىدىن ئۆتەممەي كېتىسىلەر ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بولسا ئۇدۇل خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئاپىرىلىپ ، ئۆز جايىڭلارغا قايتۇرۇلىسىلەر . \"\"



مەن 7- ئايدا تۇرپانغا بارغان ، توخسۇندىن تۇرپانغا بارىدىغان بىر يېزا يولىدا تەكشۈرگۈچىلەر بار ئىكەن ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋەتكەن . ھەمراھىم كىملىكنىمۇ ئالماي مېڭىپتىكەن تىزىملىتىپ ئۆتۈپ كەتتۇق.


3-چىسىلا  تۇرپاندىكى بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە تويغا بارىمەن ئۆتكۈزمەي قويماس ھە؟

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 18:39:08

غۇلجىغا كەلمەڭ بولدى،،غۇلجىنىڭ يايلاق پەسلى كەتتى ،مۇزلاپ سۇغ ئۇتۇپ قالىدۇ ئايالىڭىز بىلەن بالىڭىزغا.......... \"\"

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 18:45:22

ياخشى ئويلاپسىز . مېنىڭچىمۇ يۇقارقى تورداشلار ياخشى مەسلىھەت بىرىپتۇ . شۇ بويىچە قىلسىڭىز زىيان تارتمايدىكەنسىز . \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 19:15:22

5- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى enzerbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


1- قەۋەتتىكى tavlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايرامدا يېڭىلىپ تاتىپ تۇرپانغا كەپ قامماڭلار ، شەخسى ماشىناڭلار بولسا ھەق يىغىش پونكىتىدىن ئۆتەممەي كېتىسىلەر ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بولسا ئۇدۇل خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئاپىرىلىپ ، ئۆز جايىڭلارغا قايتۇرۇلىسىلەر . \"\"





نىمىشقا؟






ئۈچ ئاينىڭ ياقى تۇرپانغا كىرىشكە يوق چىقىشقا بار. بۇلۇپمۇ خوتەن ۋە ئاقسۇ تەرەپلەردىن كەلگەنلەر بىردەك يۇرتىغا قايتۇرۇلدى. چۈنكى 6-ئايدا پىچاندا يۈز بەرگەن تىرورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن تۇرپاندا يۈز بەرگەن بىر قانچە قىتىملىق قالايمىقانچىلىق سەۋەپلىك .... بەزى كىشىلەر پارتىيە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن تېنچ ئاسايىشلىق تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەچكە ھۆكۈمىتىمىز تۇرپاننىڭ تېنچ ئامانلىقى ئۈچۈن، ۋەتىمىز جوڭگونىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەقىقى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇنداق قارار چىقارغان. بايرامدا بەلكىم ئەسلىگە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن...



ئۈلۈشكۈنلا بەش ماشىنا  ئادەم  بېرىپ  كەلدۇققۇ ،تەكشۈرۈشمۇ  يوققۇ \"\"

tavlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 19:44:19

15- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى tavlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايرامدا يېڭىلىپ تاتىپ تۇرپانغا كەپ قامماڭلار ، شەخسى ماشىناڭلار بولسا ھەق يىغىش پونكىتىدىن ئۆتەممەي كېتىسىلەر ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بولسا ئۇدۇل خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئاپىرىلىپ ، ئۆز جايىڭلارغا قايتۇرۇلىسىلەر . \"\"



مەن 7- ئايدا تۇرپانغا بارغان ، توخسۇندىن تۇرپانغا بارىدىغان بىر يېزا يولىدا تەكشۈرگۈچىلەر بار ئىكەن ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋەتكەن . ھەمراھىم كىملىكنىمۇ ئالماي مېڭىپتىكەن تىزىملىتىپ ئۆتۈپ كەتتۇق.


3-چىسىلا  تۇرپاندىكى بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە تويغا بارىمەن ئۆتكۈزمەي قويماس ھە؟



ھازىر تەكشۈرۈش 7-ئايدىكىگە ئوخشىمايدۇ . سىرتنىڭ ماشىنىسىنى ئاساسەن توسۇپ قايتۇرۋېتىدۇ . ئارلىقتا تاماق يىيىش ئۈچۈن تەكشۈرمەي دەم ئالغان ۋاقىتقا ئۇدۇل كەپ قاممىسىڭىزلا توسۇيدۇ . شەھەر ئىچىدىمۇ قاتناش ساقچىلىرى نەدە كۆرسە شۇ يەردە توسۇيدۇ . ساقچىخانىغا بارىسىزدە قوساقنى پىجو قىلىپ قايتىپ كېتىسىز . توغقان يوقلاش ، سودا-ساياھەت ھەممىسى ئوخشاش .

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 20:40:17

قەشقەرگە كەلسىڭىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى يوقلاشنى ئۇنتىماڭ .
بەت: [1] 2
: قەشقەر ،خوتەن دىيارىدىكى قېرىنداشلار يول كۆرسەتسەڭلار.