begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 15:08:46

ئۇرۇمچىدىكى تورداشلاردىن ياردەم سورايمەن؟

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىگە بىرىپ يىزا ئىگىلىك بانكىسىدا ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئىشلەتكەن كارتىلارنى كۆزۈمدىن يوقتاي دىگەن ئىدىم،ئوقۇۋاتقاندا ئىشلەتكەن بىرىنجى ئەۋلات كىملىك ئارقىلىق بىجىرگەن كارتىلارنىڭ سەۋەبىدىن ھازىر يۇرتۇمدا كارتا بىجىرگىلى بولمىدى. چوقۇم ئاشۇ كارتىلاردىكى ئىسمىمنى ھازىرقى يىڭى كىملىك بويىچە ئۆزگەرتمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ، ئەمدى شۇ ئۈرۈمچىدە يىزا ئىگىلىك بانكىسىدا ئىشلەۋاتقانلار ياكى شۇ يەردىكى تورداشلار بولسا ئۇقۇشۇپ باقساڭلار بوپتىكەن، بايرام مەزگىلىدە كەسىپ بىجىرگىلى بولامدىكەن،؟ باشقا ۋاقىتتا باراي دىسەمئىدارىدىن رۇخسەت ئالماق تەس بوپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۇستىگە خىزمەتمۇ ئالدىراش.


ھە راس پويىزدا ماڭىدىغانغا 10- ئاينىڭ 2-كۇندىكى بىلەتتىن زاكاس قىلىپ بولدۇم. ئەگەر بايرامدا ئىشلىمىسە ئۇچ -تۆت كۇن رۇخسەت ئىلىشىمغا توغرا كەلگۇدەك.


تورداشلارغا ئالدىنئالا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 16:25:04

ئۈرۈمچىدىكى بانكىغا بارماي تۇرۇپمۇ ئۆزگەرتكىلى بولدىغۇ ؟

ئاۋال نوپۇس تۇرۇشلۇق ساقچىخانغا بارىسىز، بانكا سىزگە تەمنلەپ بەرگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بىرنجى ئەۋلاد كىملىك بلەن ئككىنچى ئەۋلاد كىملىكتكى ئادەم بىر دېگەن ئىسپات جەدىۋىلنى تولدۇرۇپ ساقچىخاننىڭ تامغىسنى ئۇردۇرۇپ بانكىغا ئاپارسىڭىزلا ئۇلار ئوڭشاپ بېرىدۇ...

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 16:38:48

كارتىنى تاشلىۋەتكەن، كارتا قولۇمدا بولغان بولسا مەخپىي نومۇرىنى بولسىلا تۇرۇشلۇق جايدا بىجىرگىلى بولىدىكەندۇق، ھازىر قولۇمدا كارتا يوق، چوقۇم ئاۋال كارتىنىڭ ئىسمىنى توغىرلاپ كارتىنى تولۇقلاپ بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن كارتىنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدىكەنمەن.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 17:07:11

مەن ئۇچۇرىغان ئشىقا سىزمۇ ئۇچىراپسىز....دىققەت قىلدىغان ئشىلار:

1.تۇرۇشلۇق ساقچىخاندىن بىرىنجى ئەۋلات كىملىك بىلەن ھازىرقى كىملىكىڭىزنىڭ ئوخشمايدىغان يىرىنى ئەسكەرتىپ بۇ ئىككى كىملىكنىڭ ئىگىسىنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىسپات برىدۇ....شۇ ئىسپاتنى ئالغاچ بارىمىز

2.بۇرۇنقى كارتىنى قايسى بانىكىدا ،نەدەبىجىرگەن بولسىڭىز شۇ بانىكىغا بارىسىز..

3.كارتا ئىىچدە پۇل بولسا مەخپى نومۇرىنى بىلسىڭىزلار نەچچە يىل بۇرۇنقى يۈتكەن كارتىنىڭ ئىچىدىكى پۇلىنى سىزگە قايتۇرۇپ بىرىدۇ...شۇئىسپاتلارنى كۆرمەي تۇرۇپ سىزگە كارتىنى ئۆزگەرتىپ بەرمەيدۇ،چۇقۇم كارتا ئىگىسىنى كۆرۈش كېرەك..مەنچە بايرامدا جىق بانىكىلار ئارام ئالىدۇ...بايرامدىن بىركۈن بورۇن ياكى كىيىن بارسىڭىز ياخشى بولاتتى...شۇنچىلىق قىلالىدىم.

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 17:54:44

بىر نومۇرغا ئىككى خىل ئىسىم توغرا كېلىپ قاپتۇ- دە.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 18:02:35

داۋالىنىش كارتىسىنى بىجىرىش ئۇچۇن چوقۇم يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ بارلىق كارتىسىدىكى ئىسىملار بىردەك بولۇشى كىرەككەن، يەنى يىڭى كىملىكتىكى ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەممىنى بىردەك قىلىشىمىز كىرەككەن. ھازىر داۋالىنىش كارتىسىنى يىزا ئىگىلىك بانكىسى بىلەن بىرلەشتۇرۋەتكەن بولغاچقا بۇنى ئۆزگەرتمەي ئامالىم يوق.

ماڭا ھازىر زۆرۈر بولغىنى بايرامدا نۆۋەت ئالمىشىپ ئىشلەمدۇ يوق؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 18:03:52

4- قەۋەتتىكى katipimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر نومۇرغا ئىككى خىل ئىسىم توغرا كېلىپ قاپتۇ- دە.





شۇنداق بولدى، بۇرۇنقىسىدا ئىسمىمنىلا يىزىپ قويۇپتىكەن، ھازىرقىسىدا ئىسىم بىلەن فامىلەمنى تولۇق يىزىپتۇ.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 19:05:41

114 كە ياكى مەزگۇر بانكىنىڭ مۇلەزىمەت قىزق لىنىيەسىگە تىلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 19:47:34

مەنمۇ تېما ئىگىسى بىلەن ئوخشاش ئەھۋالدا ، قولۇمدا كارتا ياكى ئۇنىڭ مەخپى نۇمۇرى بولمىغاچ ئۆزگەرتەلمىدىم ، مېنىڭ تىخى بىڭتۇەن يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسى ئېكەن ....

يىزا ئېگىلىك بانكىسىنىڭ بىر تۇتاش مۇلازىمەت نۇمۇرىغا تېلىفۇن قىلىپمۇ ئامال قىلالمىدىم ، كەچۇرۇڭ ئەپەنىدىم ، ئامال يوق دەپ تۇرىۋالدى ...



مەنمۇ ئەمدى ۋاقتىم يەتسە ئۇرۇمچىگە بارارمەن ...

مەن ئىككىنچى ئەۋلاد داۋالىنىش كىنىشكىسى بىجىرىشتىن ۋاقتىنچە ۋاز كىچىپ تۇردۇم . كىيىن بىر گەپ بولا ...

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 22:52:21

بانكا مۇلازىمەت لىنىيىسگە تىلفۇن قىلسا سورىغان سوئالغا جاۋاپ بەرمەيدىكەن ياكى مەن مەقسەتنى ئۇقتۇرالمىدىممۇ.

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 23:35:55

قايسى كۈنى مەركىزى تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قانىلىدا ھەر قايسى بانكىلارنىڭ سېستىما يېڭىلايدىغانلقى ،كەسىپ بېجىردىغانلارنىڭ ۋاقتىنچە بىر قانچە تۈرلۈك كەسىپنى بىجىرمەي تۇرىشىنى خەۋەر قىلىۋاتقان،قېنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ.

nezeri يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 09:27:04

http://app.abchina.com/branch/

ماۋۇ يەردىن بىجىرگەن بانكىڭىزنى تېىپىپ تېىلىفوندىلا سوراڭ

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 13:03:28

يەنە بىر گەپ بەزىدە مۇشۇ كىملىك، داۋالىنىش كارتىسى، بانكا كارتىلىرى ئۇ بۇ بولۇپ بەش ئالتە كارتىنى ئېلىپ يۈرۈش توغرا كېلىدۇ، ھەممىنى بىر پورتمال (يانچۇق) قا سالغاننىڭ زىيىنى بارمۇ؟

بولۇپمۇ كىملىكنىڭ ئاسانلا ماگىنىتلىقى يوقاپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەي قالىدىكەن...

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 13:29:09

10- ئاينىڭ 2-4-6- كۇنلىرى ئىشلەيدىكەن، بىجىرگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ، لىكىن خەۋەرلەردە بانكا سىستىمىسىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتىرلىدۇ دەپ خەۋر قىلغان.
بەت: [1]
: ئۇرۇمچىدىكى تورداشلاردىن ياردەم سورايمەن؟