bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 05:57:02

NASA: بىر ئالەم ئۇچقۇرى ئىشلەشتىن توختاپ قالدى

NASA: بىر ئالەم ئۇچقۇرى ئىشلەشتىن توختاپ قالدى

بىلىمخۇمار

2013-9-27

ناسا نىڭ «قاتتىق سوقۇلغۇچى» (Deep Impact) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇم يەر شارىغا سىگنال ئىۋەرتىشتىن توختاپ قالغان بولۇپ، ناسا دىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر ئايدەك ھەپىلىشىپ، ئۇنى نورمال ئىشلەيدىغان ھالەتكە ئەكىلەلمىگەندىن كېيىن، 2013-يىلى 20-سىنتەبىر كۈنى ناسا بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئىشتىن توختىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

بۇ ئالەم ئۇچقۇرى 2005-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى ئىنگلىزچە «Tempel 1» دەپ ئاتىلىدىغان كومېتا (قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز) نىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بېرىپ، بىر كىچىك قاتتىق سۇقۇشقۇچى ئۇچقۇرىنى ھېلىقى كومېتىغا قارىتىپ ئېتىپ، ئۇ ئىككىسىنى قاتتىق سوقۇشتۇردى.  ئاندىن بۇ ئانا ئالەم ئۇچقۇرى ئۇ كومېتىدىن چېچىراپ چىققان جىسىملارنى تەكشۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇ جىسىملارنىڭ نېمىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.  مۇشۇ جەريان ئارقىلىق، ئالىملار كومېتانىڭ تۈزۈلىشى بۇرۇن قىياس قىلغاندىن كۆپ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، ھەمدە كومېتانى تەشكىل قىلغۇچى ماتېرىياللارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قۇياش سىستېمىسى شەكىللەنگەن ۋاقىتتا ئېشىپ قالغان ماددىلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.  

بۇ ئالەم ئۇچقۇرى «Temple 1» نى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە «Hartley 2 » بىلەن «Garradd» دەپ ئاتىلىدىغان كومېتالارنىمۇ زىيارەت قىلدى.  ھەمدە يەر شارىغا ئوخشاش جانلىقلار ياشىيالايدىغان تاشقىي پىلانېتىلارنىمۇ ئىزدىدى.  ئۇ ئۆتكەن ئايدا ئىشلەشتىن توختاپ قېلىشتىن بۇرۇن، ئىنگلىزچە «Ison» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر كومېتانى تەكشۈرىۋاتقان بولۇپ، بۇ كومېتا بۇ يىل نويابىر ئېيىدا يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، خۇددى ئايغا ئوخشاشلا يورۇق كۆرىنىدىكەن.

ئىنژېنېرلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇ ئالەم ئۇچقۇرى ئۆزىنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىدىغان ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى كۈنگە قارىتالماسلىق تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ كومپيۇتېرسىغا ئېلېكتىر بارماي، شۇنىڭ بىلەن «توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى» مۇمكىن ئىكەن.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

http://www.huffingtonpost.com/2013/09/20/deep-impact-comet-hunting-dead-nasa_n_3963111.html

قوشۇمچە:

ماڭا يېقىندا ئىدارىدىن بىر جىددىي ۋەزىپە چۈشۈپ قېلىپ، ھازىر كۈنىگە 12-15 سائەت ئىشلەۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى بىر ھەپتە مابەينىدە يازما تەييارلاشتىن توختاپ قالدىم.  ئەمما ناسا توغۇرلۇق بۇنىڭدىن باشقا چوڭ خەۋەرمۇ چىقمىدى.  پەقەتلا تۇرمۇش بويۇم تېخنىكىسىدىكى يېڭىلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ بىر نەرسە يازالمىدىم. قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن. رەھمەت!

1-resim

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 08:21:08

جاپالىق ئىشلەپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولىدىغان بوپتۇدە... ۋاي ئىسىت... نۇرغۇن دوللارغا پۈتكەن بولغىيتى بۇ ماشىنا،

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 08:57:02

ئۇچقۇنى يەرشارىغا قايتۇرۇپ كىلىپ رىمونىت قىلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەندە..... ھېلىقى كومىتا نويابىر ئايلىرىدا سەييارىمىزنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە بىزمۇ ئېنىق كۆرەلەرمىز ھە؟ بەك قىزىقىمەن ئاشۇنداق كۆرۈنۈشلەرگە.

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 08:57:16

ئۇچقۇنى يەرشارىغا قايتۇرۇپ كىلىپ رىمونىت قىلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەندە..... ھېلىقى كومىتا نويابىر ئايلىرىدا سەييارىمىزنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە بىزمۇ ئېنىق كۆرەلەرمىز ھە؟ بەك قىزىقىمەن ئاشۇنداق كۆرۈنۈشلەرگە.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 09:44:03

ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى كۈنگە قارىتالماسلىق تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ كومپيۇتېرسىغا ئېلېكتىر بارماي، شۇنىڭ بىلەن «توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى» مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنداقتا زىيادە سوغۇق مۇھىتتىمۇ ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەر ئىشلىمەيدىكەندە.

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 09:47:41

بىلىم خۇمار ئاكىمىزغا كۆپرەخمەت شۇنداق ئالدىراش بولسىمۇ بىزنى مۇشۇنداق ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئىزدىنىشقا سۇنىۋاتىدۇ رەخمەت سىزگە

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 11:26:36

4- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى كۈنگە قارىتالماسلىق تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ كومپيۇتېرسىغا ئېلېكتىر بارماي، شۇنىڭ بىلەن «توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى» مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنداقتا زىيادە سوغۇق مۇھىتتىمۇ ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەر ئىشلىمەيدىكەندە.

1- مەنچە بۇ يەردىكى گەپ كۆچمە مەنىدە ، بىلىمخۇمار ئەپەندى ئەسلىدە «ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن » دېمەكچى ، يەنى قوياش نۇرىنى قوبۇللاپ توك ھاسىل قىلىپ ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان قىسمى يىتەرلىك ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمىسە ، تۇك يولى نۇرمال ئىشلىمەيدۇ ، قورسىقى ئېچىپ ، قېتىپ قالىدۇ ، ھەركەت بولمىغاندىكىن توڭلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ...

2- زىيادە سوغۇق مۇھىت نۇرغۇنلىغان كىرىستال لامپىلارنىڭ نۇرمال ئىشلىشىگە چوڭ تەسىر قىلىدۇ ... تىمپىراتۇرنىڭ كىرىستال لامپىغا بولغان تەسىرى چوڭ ...

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 11:50:05

6- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇنداقتا قۇياشقا ئۇدۇللىنىپ قالسا توك ھاسىل بولۇپ يەنىلا نورمال ئىشلەش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەندە

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 13:39:47

7- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىسا ئويغىنىپ قېلىشى مۇمكن.

ئىنىرگىيە ئاز قالغاندىلا قۇياشقا توغرىلاش ئىمكانىتى بولماي قالغانمىدۇ. بۇرۇنراق ئويلاشسا بوپتۇكەن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 16:05:42

ھېلىمۇ توختاپ قالماي 8 يىل ئىشلەپتۇ

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 17:35:43

ئىنژېنېرلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇ ئالەم ئۇچقۇرى ئۆزىنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىدىغان ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى كۈنگە قارىتالماسلىق تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ كومپيۇتېرسىغا ئېلېكتىر بارماي، شۇنىڭ بىلەن «توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى» مۇمكىن ئىكەن

--------------------

بۇ ئالەم ئۇچقۇرى قۇياش سېستىمىسى ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىشمۇ؟ ياكى قۇياش  نۇرى بۇ سېستىمىنىڭ سېرتىغىمۇ نۇر ئارقىلىق ئېنىرگىيە يەتكۈزەمدىغاندۇ؟ قۇياشتىن يىراقلاپ كەتسە تېمپىراتۇرا بەك تۆۋەن بۇلامدىغاندۇ؟ شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ ئۇچقۇرلارنىڭ ئىسسىنىشى ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭدىكى ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى ئۈچۈن لازىملىق ئېنىرگيىنىڭ ھەممىسىنى پەقەت قۇياش نۇرىدىنلا ئالامدىغاندۇ؟ قۇياش سېستىمسىدىن يىراققا بارسا ئېنىرگىيىنى نەدىن ئالىدىغاندۇ؟

بىر ئالەم ئۇچقۇرى ئۈچۈن كېتىدىغان چىقىم بەلكىم ئاۋىياماتكىغا كېتىدىغان چىقىمدەك كۆپ بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن(بىرەر ئايرۇپىلان ياسىغاندەك ئاددىي ئىش ئەمەستۇ).

بىىرىنىڭ ئىشتىن تۇختاپ قالغىنى بەك ئەپسۇسلۇق ئىش بوپتۇ.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 22:44:10

2- قەۋەتتىكى uqkun28نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇچقۇنى يەرشارىغا قايتۇرۇپ كىلىپ رىمونىت قىلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەندە..... ھېلىقى كومىتا نويابىر ئايلىرىدا سەييارىمىزنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە بىزمۇ ئېنىق كۆرەلەرمىز ھە؟ بەك قىزىقىمەن ئاشۇنداق كۆرۈنۈشلەرگە.

نويابىردا يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىغان كومېتا يەر شارىغا بەك يېقىن كەلمەيدۇ.  ئۇنىڭ ئارىلىقى ئاي شارىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىدىن نەچچە ئون، نەچچە يۈز ھەسسە يىراقلىقتا بولىشى مۇمكىن.  ۋاقتى كەلگەدە مەن بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر يوللايمەن.  بولۇپمۇ ئۇ كومېتانىڭ بىزگە كۆرىنىدىغان كۈنلىرى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوللايمەن.

بەزى قېرىنداشلار ناسا نىڭ «قاتتىق سوقۇلغۇچى» ئالەم ئۇچقۇرىغا قانچىلىك پۇل كەتكەنلىكىنى سوراپتۇ.  ئۇنىڭغا 372 مىليون دوللار پۇل كەتكەن بولۇپ، ئۇنى ناسا مەركىزى JPL باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.  

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 23:06:13

ئىلمىي خىيالىي كىنولار كەلگۈسى پەننىڭ شولىسى ئىكەن. مىتورىتقا چىقىپ ئورەك تېشىدىغان بىر كىنو بار ئىدى 15 يىل بۇرۇن. ئەمدى مىتورىتنى تەكشۈرىدىغان زاماننى كۆرۈپتىمىز، ئۆلمىسەك كۆرىدىغان يېڭىلىق يەنە جىقكەن..

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 00:00:58

10- قەۋەتتىكى 86نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىنژېنېرلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇ ئالەم ئۇچقۇرى ئۆزىنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىدىغان ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى كۈنگە قارىتالماسلىق تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ كومپيۇتېرسىغا ئېلېكتىر بارماي، شۇنىڭ بىلەن «توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى» مۇمكىن ئىكەن

--------------------

بۇ ئالەم ئۇچقۇرى قۇياش سېستىمىسى ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىشمۇ؟ ياكى قۇياش نۇرى بۇ سېستىمىنىڭ سېرتىغىمۇ نۇر ئارقىلىق ئېنىرگىيە يەتكۈزەمدىغاندۇ؟ قۇياشتىن يىراقلاپ كەتسە تېمپىراتۇرا بەك تۆۋەن بۇلامدىغاندۇ؟ شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ ئۇچقۇرلارنىڭ ئىسسىنىشى ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭدىكى ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى ئۈچۈن لازىملىق ئېنىرگيىنىڭ ھەممىسىنى پەقەت قۇياش نۇرىدىنلا ئالامدىغاندۇ؟ قۇياش سېستىمسىدىن يىراققا بارسا ئېنىرگىيىنى نەدىن ئالىدىغاندۇ؟

بىر ئالەم ئۇچقۇرى ئۈچۈن كېتىدىغان چىقىم بەلكىم ئاۋىياماتكىغا كېتىدىغان چىقىمدەك كۆپ بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن(بىرەر ئايرۇپىلان ياسىغاندەك ئاددىي ئىش ئەمەستۇ).

بىىرىنىڭ ئىشتىن تۇختاپ قالغىنى بەك ئەپسۇسلۇق ئىش بوپتۇ.

ھازىر بىزنىڭ ئىدارە باشقۇرىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇرىلىدىن 21 ماشىنا بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرسى، يەنە «Seperchi 1» يېقىندا قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىدىن چىقىپ كەتتى.  قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە.  ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىلىرى ئېنېرگىيىنى قۇياشتىن ئالىدۇ.

orkax1974 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 09:20:18

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بىلىمخۇمار ئاكىنىڭ ئۈستىدىكى ئىنكاسىدا ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئىسمىنى سەپەرچى 1 Seperchi 1دەپ ئاپتۇ،ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلۇپتۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 09:41:07

«چىقىپ كەتتى» دىگەن ئىبارىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئۆزى كونتىروللۇقنى يوقىتىپ چىقىپ كىتەمدۇ ياكى شۇنداق چىقىرىش پىلانلانغانمۇ؟  {:136:}

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 09:58:22

15- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«چىقىپ كەتتى» دىگەن ئىبارىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئۆزى كونتىروللۇقنى يوقىتىپ چىقىپ كىتەمدۇ ياكى شۇنداق چىقىرىش پىلانلانغانمۇ؟ \"\"

ماۋۇ يازمىنى كۆرۈپ بېقىڭ:

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=54896

NASA بۈگۈن «سەپەرچى-1» نىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 10:02:50

قۇياش سىستىمىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتسىمۇ يەنىلا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ دەيلى.  \"\"

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 11:32:00

قۇياش سېستىمىسىدىن چىقىپ كېتەلىگەن بولسا، نۇرنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتىكى مۇساپىسىدىن يىراققا بارلىغان بولىدۇ؟ (قۇياش سېستىمىسىنىڭ رادىيوسى نەچچە نۇريىلىچىلىك بولىدۇ؟ ) خەنزۇچە توردىن سۈرۈشتۈرگەندە، قۇياش سېستىمىسىنىڭ رادىيۇسى تەخمىنەن بىر نۇر يىلىچىلىك كېلىدۇ دەپتۇ. سەپەرچى-1 شۇنچىلىك يىراققا نەچچىلىك ۋاقىتتا بارالىغاندۇ؟

ئەگەر بىر نۇر يىلى يىراققا بارسا، ئۇ ئۇچقۇر بىلەن ئالاقە قىلشقا، نۇر تېزلىكىدە ئۇچۇر ماڭسا، بىر يىلدا ئاندىن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ دىگەن بۇلامدۇ؟ شۇنداق بولسا ، ئالاقە قىلىشمۇ بىر قىيىنغا تۇختايدىغان ئىش بۇلامدۇ نىمە؟ ياكى ئۇچۇر نۇرنىڭ تېزلىكىدىنمۇ تېز ماڭىدىغان تېخنىكا چىقتىمۇ؟

بۇ گالاكسى دىگەنلەرنىڭ ئارىلىقىنى ئويلىسا، كائىنات نەقەدەر چوڭ! ھە!؟ دىگەن خىيالغا ئىختىيارسىز كېلىدىكەن ئادەم. چوڭ يۇلتۇزلارغا سېلىشتۇرۇغاندا، يەر شارى ئۇلار ئارىسىدىن تاپقىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە كىچىك بىر شار ئىكەنلىكى بىلىنىدىكەن.

بۇ ئۇچقۇرلار يىراقتىكى يۇلتۇزلارنى كۆرۈش سېزىمى بىلەن تەكشۈرىدىغاندۇ؟ كۆرۈش دىمەك، نۇر، ئېلىكتىر ماگنىت دۇلقۇنى دىگەنلەر ۋاستە قىلىنسا، 20مىڭ نۇر يىلى يىراقتىكى بىر يۇلتۇزنىڭ يۈزىنى كۆردى دىگەن گەپ، بۇ شۇ يۇلتۇز يۈزىنىڭ 20 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ھالىتىنى كۆردى دىگەن گەپ بۇلامدۇ؟

ياكى مەن بۇ ئۇقۇمدا خاتالاشتىممۇ؟ بىلمىدىم.

بۇ ئۇچقۇرلار ئەڭ تېز ماڭغاندا قانچىلىك تېزلىكتە يول يۈرەلەيدىغاندۇ؟

20 مىڭ نۇر يىلى يىراقتا بىر شاردا جانلىقلار بار ئىكەنلىكى بايقىلىپ، شۇ يەرگە بېرىپ بېقىشى ئۈچۈن بۇ ئۇچقۇرلار قانچىلىك ۋاقىتتا بارالايدىغاندۇ؟ ياكى شۇ شاردىكى جانلىقلار بىزدىنمۇ بەكرەك تارەققى تاپقان بولسا، ھەم بىزنىڭ بۇ شاردا جانلىقلار بارلىقىنى بايقاپ، بۇ يەرگە كېلىپ بىزنى تېپىۋالماقچى بولسا، ئۇلار ئەڭ تېز بولغاندا قانچىلىك ۋاقىتتا يەر شارىمىزغا يېتىپ كىلەلەيدۇ؟

yakupjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 16:30:41

ئىنسانلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن. ھازىردىن باشلاپ مۇشۇنداق تەرەققى قىلىشقا باشلىسا كېيىن بىزمۇ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ باشقا پىلانىتلارغىمۇ بېرىپ قالىمىزمۇ تېخى. \"\"
بەت: [1] 2
: NASA: بىر ئالەم ئۇچقۇرى ئىشلەشتىن توختاپ قالدى