Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ[كۆچۈرۈلمە]
Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ ياكى بېلەت تاشلاڭ
ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ.http://windowsphone.uservoice.com
ئاندىن سەل ئاستىغا سۈرۈپ، Please enter your feature suggestion (تەۋسىيەلىك تەكلىپلەرنى كىرگۈزۈڭ) دېگەن جايغا ئىنگلىزچە تەكلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئىدىيەيىڭىزنى كىرگۈزۈڭ (Enter your idea here) دېگەن جايغا Uyghur دەپ كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى باشقىلار بەرگەن تەكلىپلەرگە بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىر قېتىمدا كۆپ بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە Microsoft شىركىتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، Windows نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشقا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە بىزگە (ماڭا) بەرگەن ئېنىق ئىپادىسى بار. ئەمەلىيەتتە Windows Phone ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ھامان قوشىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇمكىن. بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەردە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
______________________________
مەنبە: ئالىم ئەھەت بىلوگى
باللا ھەي، ۋىندوۋس فون ئۇيغۇرچىنى جەزمەن قوللىشى كېرەك دېگەنگە ئاران سەككىز بېلەت چۈشۈپتۇ، مەن ئۈچنى تاشلاپ 11 قىلدىم، كۆپرەك بېسىپ قويۇڭلار، بېلەتنى پورتمالدىن چىقىرىپ تاشلىمىغاندىكىن.... بىر قېتىمدا 5 تۈرگە تاشلىغىلى بولىدىكەن . 15 بېلەت تاشلىۋەتتىم.ئەتىگىچە باشقا خەت ساندۇقلىرىمدا يەنە 15 دىن تاشلىسام بىرەر يۈز بېلەت تاشلىيالىغۇدەكمەن {:90:}
ھەر بىرىمىز ئون يىگىرمىدىن تالىساق بىرەر يۈزمىڭ بېلەت تاشلىنىپ قالغۇدەك مەنمۇ 15 نى تاشلىدىم. چ چ، ئۈندىدار توپلىرىغا يوللاپ قويدۇم، ئامال بار كۆپرەك تەشۋىق قىلايلى. http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions/suggestions/3715891-for-wp8-uyghur-uighur-keyboard
بۇ بىۋاستە كىرىش ئادىرسى , كۆپچىلىكنىڭ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بىلەت تاشلاپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئېسىل، تاللاپ تۇرۇپ تۆت بەش تەلەپنىڭ مەزمۇنى بەك ياخشىكەن، بىلەتلىرىمنى ئۈچتىن- ئۈچتىن بېرىپ تۈگەتتىم. ھازىر 1700بەت تەكلىپ پىكىر ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەكلىپ ئالتىنجى بەتكە ئۆتۈپتۇ , كۆپچىلىكنىڭ كۈچى بىلەن توختىماي
مۇشۇ سۈرئەت بىلەت تاشلىساق باش بەتكە
چىقىپ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتەلەيمىز دەپ قارايمەن .بىر نەچچە قېتىم تەكرار بىلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions/suggestions/3715891-for-wp8-uyghur-uighur-keyboard ھازىر 4- بەتنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۋاتىدۇ.
2550 بېلەت بولدى !!!
كۈندە ئەڭ ئۈستىدىكىگىلا 10 نەچچە بېلەت تاشلاۋاتىمەن . شۇ قاتاردا باشقىللىرىىمۇ قوشقاندا 50 چە بېلەت بولدىكەن !!!!!!!!
5 مىنۇت ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ قويارسىلەر ! ھازىرقى يۇقىرى بېلەت 3215 بوپتۇ ،تېمىمۇ ئاستىغا چۈشۈپ قالغىلى تۇرۇپتۇ ، ئىزدىنىشتىكى تورداشلار يەنە بىر كۈچىسەك بولەتتى 3,785 بېلەت بۇپتۇ . بېلەت سانى كۈندە 1000 دىن ئارۇق سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتىدۇ.
يەنە 2 ئاي تاشلىساق 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكۈدەك. بۇنداق 10-20 دىن بېلەت تاشلاۋەرسەك ئاي پى ئادېرسقا قاراپ ساختىلىق قىپتۇ دەپ ئويلىماسمۇ؟ بۇنى ساختىلىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ،مىكروسوفتمۇ ئۇنداق ئويلىمايدۇ،بۇ بىزنىڭ كۈچلۈك ئارزۇيىمىزنى بىلدۈرىلىدۇ.
10- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇنداق 10-20 دىن بېلەت تاشلاۋەرسەك ئاي پى ئادېرسقا قاراپ ساختىلىق قىپتۇ دەپ ئويلىماسمۇ؟
بۇنى ساختىلىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ،مىكروسوفتمۇ ئۇنداق ئويلىمايدۇ،بۇ بىزنىڭ كۈچلۈك ئارزۇيىمىزنى بىلدۈرىلىدۇ. بېلەت سانى 4,844 بۇلۇپ 47- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. غەيرەت قىلايلى !!! ماۋۇ تېما نىمىشقا جەۋھەرلەنمەيدۇ؟ ئى ئىزدىنىش ئەھلى، مۇشۇنداق تېمىغا ‹‹ئەلا››نى باسمىساڭلار يەنە قانداق تېمىغا باسماقچى ئۇ ‹‹ئەلا››نى؟ بولسا بىرىنچى بەتلەرگە ئاچىقىۋەتسەك بولاتتى، قارىسىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يەرگە قول قولدىن جەۋھەرلەپ تېمىنى چوققىلاپ قويساقمۇ بولاتتى ئاۋال ھازىر 5,905 بېلەت 40- ئورۇندا 2- بەتتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا .
ۋاقتىڭلار يەتسە بېلەت تاشلاپ قۇيۇڭلار!!! ھازىر 6913 - بېلەت بۇلۇپ 35- ئورۇندا .
ئۆزەمنىڭ ئېلخىتىم بىلەن تاشلاۋەرسەم كۆپ تاشلىغىلى بولماي باشقىچە ئامال تاپتىم {:92:}
كىيۇ كىيۇ توپىنى ئېچىپ قۇيۇپ خەنلەرنىڭىدىن شۇ توپتىكى ئەزالارنىڭ ئارخىۋىنى كۈرۈپ ئېلخەت ئادىرسى بارلارنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىنى كۈچۈرۈپ تاشلىدىم . ئار ئارقىدىن كىرگۈزۈپ تاشلىسام بىردەم بولغاندا قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى چىقىۋالىدىكەن. توركورگۈنى ئالماشتۇرۇپ يەنە داۋاملىق تاشلىسام بولىدىكەن {:90:}
سىناپ بېقىڭلار بېلەت سانىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى تىگىپ قالار.
ھەپتە بولدى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تاشلىنىۋاتقان بېلەت 7 مىڭگە باراي دىدى.
ماۋۇ تىما يا چوقىلانمىدى مەكبۇكتىكى ۋوردتا ئۇيغۇرچىنى ئوڭ تەرەپتىن قانداق باشلايمىز؟نۇر بەلگە ئوڭغا ئـۆتكەن بىلەن ھەرىپلەر باغلانمىدى،ياردەم قىلساڭلار بولۇپتىكەن....