ھازىر كۆپ ئۇچراۋاتقان كېسەللىكلەر قايسى؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
ھازىر قايسى كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ؟ سەۋەبى نىمە دىگەنلەر ھەققىدە پاراڭلىشىپ باقساق.....
تاناسىل كىسەللىكى ھەممىدىن كۆپ ، سالام تادۇبەگ، بۇنى تىما قىلىپ يازغۇچە بىرەر مۇناسىۋەتلىك تىمىدىن سۇئال قىلىپ تاشلىسىڭىزلا بولاتتىكەن. بۇ يا مەسلىھەت خاراكتىدىكى تىما ئەمەسكەن، يا يازغانلىرىڭىزدىن ئوقۇرمەن ھىچنىمىگە ئېرىشمەيدىكەن، ئەڭ بولمىغاندا ئازراقمۇ مۇنازىرىنى يىتەكلەش خاراكتىرى يوقكەن. بىرەر سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بولمىسا ھەر كىم ھەر نىمە دىيىشى تۇرغانلا گەپ...تىما يازغان كىشى ھىچبولمىغاندا ئازراق ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى، ئويلىغىنىنى، ياكى بولمىسا ئازراق بولسىمۇ ئىزدەنگىنىنى يىزىپ بولۇپ ئاندىن باشقىلارنىڭ پىكىرى، بىلىمى بىلەن ئورتاقلاشسا چىرايلىقراق تۇرىدىكەن. بولۇپمۇ بۇنداق كەڭ دائىرىلىك تىمىنى سۇئال ھېسابىغا تاشلاپلا قويسا مۇنازىرىنىڭ فوكۇس نۇقتىسى چېچىلاڭغۇ، بىلىم خاراكتىرى تۆۋەن، تىما ماۋزۇسىنى ئوقۇپ بىرەر بىلىمگە ئېرىشەرمۇ دىگەن ئۈمىدتە تىمىنى چەككەنلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر ئىش بولىدىكەن.
ئىزدىنىشتىكى باشقۇرغۇچىلار تىمىلارنى تەستىقلىغاندا مەزمۇنىنى ئوقۇپ باقمامدىكىن؟! 布病دەپ بىر كېسەل باركەن ،布鲁氏菌 باكتىرىيەسى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ، يەرلىكتە قوي كېسىلى دەپمۇ قويىدىكەن ، شۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلمىي ئاتىلىشى نىمىدۇ ? ئادەتتە چارۋىچىلار ،ۋە مال دوختۇرىدا كۆپ كۆرىلىدېكەن ، قويدىن يۇقىدىكەن
بەزى ئادەملەردە يەپ تويماسلىق كېسىلى، بەزى ئادەملەردە تويغۇدەك يېيەلمەسلىك كېسىلى.
قاندا ماي جىق، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، يۈرەك قان تومۇر، يامان-ياخشى خاراكتىردىكى ئۆسمە مۇشۇلار مەن مۇشۇ كۈندە ئەڭ جىق ئاڭلايدىغان كېسەللىكلەر. مىنىڭچە مەزى بىزى كىسىلى جىقمىكىن دەيمەنغۇ6- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىنىڭچە مەزى بىزى كىسىلى جىقمىكىن دەيمەنغۇ
راست دەيسىز مۇشۇ مەزىبىزى كىسلى توغورلۇق رادىئو -تىلۋىيە ئىستانسىللىردا يامان توختىماي ئىلان بىرىدۇ ، شۇنىڭغا قاراپ مەزىبىزى كىسلى يوق ئادەملەر يوقمىكىن دەپ قالدىكەن ئۆپكە تۇبىركۇليۇز كىسىلى بەك كۆپكەن.
يەنە كىشىلەردىكى ئەخلاقسىزلىق كىسىلى بەك كۆپكەن. چۈشكەن بەزى ئىنكاسلار:
ئەيدىز
زۇكام
ئاق قان راكى
باشقا راكلار
بۇرۇن ياللۇغى
مەزى بېزى ياللۇغى
شىكەر سىيىش كىسىلى
ئۆت ياللۇغى
قان ئازلىق
قان قۇيۇلۇش
سېمىزلىك
روھى كىسەللىك
نىرۋا ئاجىزلىقى
ھەسەتخورلۇق كىسىلى
تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى
توي قىلىشتىن قورقۇش كېسىلى
بۇغۇم ياللۇغى
ئاياللار كېسىلى
ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ كۈرلۈۋاتقان كىسەل زىيادە ئەنسىزلىك كىسىلىمىكىن دەيمەن. ھەرخىل توبىركىلىيوزلارمۇ بار ئىكەن راسىت، توبىركىلىيوزنى غەرپچە داۋالاشقا بارسا قۇۋۋەت يېتىشمىگەنلىكتىن دەيدىكەن، بۇ سەۋەبكە تازا ئىشىنىپ كېتەلمىدىم. بىزنىڭ جەنۇب تەرەپتە ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ئەڭ كۆپ. كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىچىدە 10 نىڭ 6 سى مۇشۇ كېسەلدىن.
يېقىندىن بېرى يىرىڭلىق ئۆسمە بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەردىن بىر نەچچىنى كۆردۈم بىزنىڭ يۇرتتا. بۇ ياخشى تىما بوپتۇ،مەن 3يىل بولدى ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بوپ داۋالىنۋاتىمەن،مۇشۇ ئۆپكە تۇبېركۇليوزى دىن ساقىيالايمەنمۇ؟،ئۇيغۇر تىبابىتىدە قايسى دورئلارنى ئىشلىتىمىز؟غەرىپچە دورىلارنىڭ جىگەر ،بۆرەككە زىيىنى ئىغىركەن،مۇشۇ كىسەلدىن ساقايغانلارنىڭ تەجىربىسىنى ئورتاقلاساق يۇرتىمىز كىشىلىرىدە ئەڭ ئېغىر ۋە ئومۇميۈزلۈك بولغان كىسەل _ پىسخىك كىسەل، يۈرەك قان -تومۇر كىسىلى ۋە ئەخلاقسىزلىق كىسىلىدۇر... كىسەللىكلەرنى مۇشۇنداق ئوتتۇرىغا قويغاچ تۇرساڭلار بىلگەجان توردىشىمىز بىلەن بۇ كىسەللەر ھەققىدە چۈشەنچە بەرسەك.
13- قەۋەتتىكى ekram8100نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ ياخشى تىما بوپتۇ،مەن 3يىل بولدى ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بوپ داۋالىنۋاتىمەن،مۇشۇ ئۆپكە تۇبېركۇليوزى دىن ساقىيالايمەنمۇ؟،ئۇيغۇر تىبابىتىدە قايسى دورئلارنى ئىشلىتىمىز؟غەرىپچە دورىلارنىڭ جىگەر ،بۆرەككە زىيىنى ئىغىركەن،مۇشۇ كىسەلدىن ساقايغانلارنىڭ تەجىربىسىنى ئورتاقلاساق
كېسىلىڭىزگە ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.
ئاناممۇ مۇشۇنداق كېسەل ئىدى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈنىگە بىر پارچىدىن قوش گۆشى يەپ شورپىسىنى ئىچىپ، تۆگە سۈتى ئىستېمال قىلىپ ئىنشائاللا ياخشى بوپ كەتتى.
كۈز پەسلىنىڭ شەبنەملىك ۋاقىتلىرىدا ئېتىزدىكى چامغۇرنىڭ ئەتراپىدىكى توپىلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ، چامغۇرنىڭ يۈر ئۈستىدىكى كۆكىنى كېسىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئويۇپ قويۇلسا كېچىسى ۋە سەھەردە چۈشكەن شەبنەم ئاشۇ ئويمانغا يىغىلىدۇ. ئاندىن چامغۇرنى ئېھتىيات بىلەن يۇلۇپ بىر نەچچە چامغۇردىكى شەبنەم سۈيىنى ئىچىپ،چامغۇرنى مەلۇم مىقداردىكى قوي گۆشى بىلەن قاينىتىپ ئىسسىق پېتى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ھەر قانداق ئۆپكە كېسەللىكىگە ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئاق چامغۇر 2500 گرام،ياغ ۋە سۆڭەكلىرىدىن ئايرىلغان قارا پاقلان گۆشى 2500گرام ، كۈنجۈت 125گرام، سىيادان،بەدىيان،لاچىندانە،دارچىن 80گرامدىن؛ بۇلاردىن چامغۇرنى ئۇششاق توغراپ يېرىم چىلەك ئەتراپىدىكى سۇدا ئىزىلگىچە قاينىتىلىدۇ،ئاندىن داكىدا سىقىپ سۈيىنى سۈزۈپ ئېلىپ قازانغا قۇيۇلىدۇ؛ گۆشنى ئۇششاق چاناپ ئىككى قەۋەت داكىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ، ئۈستىدىن يىلمان سۇ قۇيۇپ تۇرۇپ گۆش تەمى پۈتۈنلەي تۈگىگىچە مىجىپ شىرىسى ئېلىنىدۇ ۋە ئۇ شىرە قازاندىكى چامغۇر شىرىسىغا قوشۇلىدۇ. قالغان دورىلارنى چالىراق سوقۇپ خالتىغا ئېلىپ گۆش ۋە چامغۇر سۇلىرى بىلەن دورا تەمى چىققۇچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن دورا تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ دورا سۈيىنى ساقلاپ قويۇپ كۈندە ئىككى ۋاق 3-4 قوشۇقتىن ئىسسىق پېتى ئىچىلىدۇ.
بۇ دورا يۈرەك ،ئۆپكە ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ قان كۆپەيتىپ ماغدۇر پەيدا قىلىدۇ. مېنىڭچە روھى ساغلامسىزلىققا ياتىدىغان دۇنياخورلۇق، قۇرۇق سۆلەتپەرەسلىك ۋە پۇلپەرەسلىك كېسەللىكلىرىدىن قالسا تەنگە تەۋە زۇكام كېسىلى كۆپمىكى. ئەيدىز قورقۇنۇچلۇق كېسەل بولغان بىلەن، بۇنى يۇقتۇرۋالغانلار ئۇنچە كۆپمۇ ئەمەس، ۋە ئۇنداق ئاسانمۇ يۇقىدىغان كېسەل ئەمەس. ئاندىن قالسا ئەخلەت يىمەكلىكلەر بىلەن روھى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر كۆپ. پىنھاندىكى باشقىلارنى تۈرمىگە سولاش كېسىلى.
بەت:
[1]
2