TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 06:48:16

تاشپولات: مارستا سۇ بار بار ئىكەن!

مارستا سۇ بار بار ئىكەن!



تاشپولات روزى




مارسنى تەكشۈرۈۋاتقان ھەۋەسكار (Curiosity) ماركىلىق ماشىنا مارس يۈزىدىكى تۇپراقنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تۇپراقتا سۇ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ خەۋەر بۈگۈن ئېلان قىلىندى. بۇ يىل 7-ئايلاردا ناسا مارس يۈزىدە سۇ ئېقىم يوللىرىنىڭ بارلىقنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن ئېلان قىلغان پاكىتقا ئاساسلانغاندا 0.03 كۈپ مېتىر تۇپراقتىن 1 لىتىر سۇ چىقىدىكەن. مارستىكى تۇپراقنى مەلۇم دەرىجىدە ئىسسىتسا بۇ سۇغا ئىگە بولغىلى بولىدىكەن. بۇ بايقاش قالتىس بايقاش دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بىلەن مارسقا چىققۇچىلار سۇ ئاچىقىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ شۇ يەردىكى سۇنى ئىشلەتسىلا بولىدۇ دېگەن گەپ.



كىم بىلىدۇ مارسنىڭ توۋەن قاتلاملىرىدا توڭلاپ كەتكەن مۇزلا بارمۇ تېخى؟ بۇ نەتىجىلەر بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتلارغا مۇناسىۋەتلىكتۇر.



يەنى كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكىنى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.


http://www.space.com/22949-mars-water-discovery-curiosity-rover.html



mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 08:41:31

0.03 كۈپ مېتىر تۇپراقتىن 1 لىتىر سۇ چىقىدىكەن.

مەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى مۇنداق چۈشەندىم: ھەربىر تەرىپى ئۈچ سانتىمىتىرلىق كۇپ شەكىللىك قاچىغا لىق قاچىلانغان مارىس تۇپرىقىنىڭ تەركىپىدە بىر لىتىر سۇ بار ئىكەن دەپ چۈشەندىم، ئەگەر چۈشەنگىنىم خاتا بولمىسىلا ئاۋۇ سانلىق مەلۇماتلار خاتا يېزىلىپ قالدى دەپ ئويلايمەن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 10:32:48

1- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

0.03 كۈپ مېتىر تۇپراقتىن 1 لىتىر سۇ چىقىدىكەن.

مەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى مۇنداق چۈشەندىم: ھەربىر تەرىپى ئۈچ سانتىمىتىرلىق كۇپ شەكىللىك قاچىغا لىق قاچىلانغان مارىس تۇپرىقىنىڭ تەركىپىدە بىر لىتىر سۇ بار ئىكەن دەپ چۈشەندىم، ئەگەر چۈشەنگىنىم خاتا بولمىسىلا ئاۋۇ سانلىق مەلۇماتلار خاتا يېزىلىپ قالدى دەپ ئويلايمەن.

سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزدە خاتالىق بار.


مۇنداق ئاددىيلاشتۇرايلى ھەر بىر تەرىپى 1 مېتىرلىق كۇپ شەكىللىك قاچىقا لىق قاچىلانغان تۇپراقنىڭ 33.3333333 دىن بىر قىسىمى دېگەن گەپ



بىر مېتر كۇپ=100سانتىمېتىر * 100سانتىمېتىر * 100سانتىمېتىر =1000000 سانتىمېتىر كۇپ بولىدۇ


دېمەك ئاۋۇ تۇپراق 30000 سانتىمېتر كۇپ بولىدۇدېگەن گەپ ئانداق ھېسابلىسىڭىز خاتا چىقىدۇ

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 10:35:15

1 سانتىمېتر كۇپ 1 مىللىلىتىرغا تەڭ، 1000 مىللىلىتىر 1 لىتىرغا تەڭ .

لىتىر بويىچە ئۆلچىگەندە 30 لىتىر تۇپراقتا 1 لىتىر سۇ دېگەن گەپ

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 10:52:47

ئۇنداقتا 0.03 كۇپ مىتىر قانچە كۇپ سانتىمىتىرغا توغرا كىلىدۇ؟

يەنى كەڭلىك ئىگىزلىكى قانچە سانتىمىتىردىن؟

كاللام ئېلىشىپلا كەتتى.

Relax1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 11:20:11

كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق ۋە ئىگىزلىكى تەخمىنەن 31 سانتىمىتىردىن بولىدۇ.

Relax1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 11:20:11

تەكرار ئىنكاس

Relax1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 11:20:11

تەكرار ئىنكاس.

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 11:20:11

0.3107*0.3107*0.3107=0.03

تەرەپ ئۇزۇنلىقى 31.07سانتىمېتىر كۇپ شەكىللىك تۇپراقتا بىر لېتىر سۇ باركەن.


توپىنىڭ زىچلىقىنى تەخمىنەن 1.2-1.5 g/cm3 دىسەك ، 0.3 كۇپ مېتىر توپا 36-45 كىلوگىرام ئەتراپىدا كېلىدىكەن، شۇ توپا تەركىبدە بىر كىلو سۇ بار دىگەن گەپ بولامدۇ .

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 11:50:15

دىيامىتىرى 30~40 سانتىمىرىلىق بىر گۈل تەشتىكىنىڭ تۇپىسىغا 2 بوتۇلكا مىنىرال سۇ قۇيۇپ قويغانچىلىك ھالەتتە نەم تۇپراقكەندە.

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 12:33:46

مارسقا سەپەر دېگەن خەتلىك كىنونى قايتا كۆرەي

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 12:35:04

دەۋېر بۆلگۈچ بايقاش بولۇپتۇ.

ھازىرقى تېخنىكىلار بىلەن سۇلا بولسا ھەر قانداق پلانتقا كۆچۈپ كەتكىلى بولىدۇ.

ھاياتلىقنىڭ ئەڭ موھىم ئۈچ كاپالىتىنىڭ بىرى ھازىرلىنىپتۇ. ھاۋا بىلەن تېمپراتۇرىنى ياسىۋالغىلى، تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ.

ئاللاھ خالىسا نەۋرىلەر مارىسقا كۆچۈپ كېتەمدۇ تېخى.

تاشپولات مۇئەللىمگە رەھمەت. ياخشى تېمىلىرىڭىزغا ئىنتىزارمەن.

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 12:36:31

مارسقا سەپەر دېگەن خەتلىك كىنونى قايتا كۆرەي

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 13:17:27

ئىنكاسلارنى تەھرىرلەپ قويايمۇ ؟{:92:}

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 13:20:47

ئىنكاسلارنى تەھرىرلەپ قويايمۇ ؟{:92:}

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 16:32:08

مارىستا سۇ بۇلۇشى خوشاللىنارلىق خەۋەر بولغان بىلەن بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك قىلىدۇ. شۇڭا تالشىپ ئولتۇرماي ھە دەپ قويۇپ فانتازىيەلىك خىيالنى باشلايلى. ئەگەر سۇ بايقالغان بولسا ئۇ يەردە ھاياتلىق بولۇشى مومكىنمۇ قانداق؟


86 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 17:19:56

مارسنىڭ يۈزىگە ئادەم نەپەس ئالغۇدەك ئوكسىگىن ھاسىل قىلىپ، زىرائەتلەر كۆكەرگىدەك تېمپىراتۇرا، گاز، سۇ ھاسىل قىلىپ، ئاشلىق بۇغداي، قۇناق تېرىپ، يەنە گۈرۈچمۇ تېرىپ، ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ، يوللارنى ياساپ، ماشىنىلارنى ماڭدۇرۇپ، بىنالارنى سېلىپ، مەھەللە ھاسىل قىلىپ، يەر شارىدا قېلىپ قالغان تۇققانلار بىلەن تېلىفۇنلىشىپ، مارسقىمۇ ماسلىشىپ كۈنۈپ قالارمىز ھە؟ يەر شارىدا 2 ياش كىرسە مارستا 1 ياش كىرىپ، .. راست ، سائەتنىمۇ باشقىدىن ياساپ ۋاقىت تەڭشىمسەك بولمامدۇ نىمە؟

نوپۇسىمىز مارستىمۇ كۆپەيگەندە، زىمىن، بايلىق تالىشىپ سوقۇشۇپ كېتەرمىزمۇ؟ مارسقا قوي كالىلارنىمۇ ئاپىرىپ باقمىسىاق تېخى بولمامدۇ نىمە؟


mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 19:09:48

نىمانچە جىق ئىشلار بۇ، ئۇنىڭدىن چىقمايلا قۇيايلى بولدى. \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 19:19:11

مەھەللىسىگە پاتمىغان ئادەملەردىن بىرەر-ئىككى مىلياردى مارىسقا چىقىپ كەتسىمۇ بوپتىكەن.{:92:}

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 19:21:07

مەھەللىسىگە پاتمىغان ئادەملەردىن بىرەر-ئىككى مىلياردى مارىسقا چىقىپ كەتسىمۇ بوپتىكەن.{:92:}
بەت: [1] 2
: تاشپولات: مارستا سۇ بار بار ئىكەن!