TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 11:58:35

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Leonhard Euler

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Leonhard Euler



تاشپولات روزى




ئەيلىر ( Euler) بولسا شۋېتسارىيىنىڭ بېسىل رايونىدا، 1707-يىلى 4-ئاينىڭ
15- كۈنى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى رۇسىيە بىلەن گېرمانىيەدە
ئۆتىدۇ. ئۇ 1720-يىلى بېسىل ئۇنىۋېرسىتېتقا 14- يېشىدا ئوقۇشقا كىرىدۇ. بۇ
يەردە ئۇ ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىم بېرنۇللىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ
1726-يىلى رۇسىيە Petersburg ئاكادېمىكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن Petersburg
كۆچۈپ بېرىپ، 1741-يىلىغىچە بۇ يەردە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. مۇشۇ يىلى ئۇ
Friedrich پادىشاھىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بېرلىڭە بېرىپ، 1766-يىلىغىچە
بېرلىن ئاكادېمىيىسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ جەرياندا يەنى 1735-
يىلى ئۇ ئوڭ كۆزىدىن ئايرىلىدۇ. 1766-يىلى ئۇ يەنە Petersburg گە قايتىدۇ.
ئۇ بۇ يەرگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سوڭ كۆزىدىنمۇ ئايرىلىدۇ. ئەيلىر
ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ تەتقىقاتىنى ھەرگىز توختاتماستىن داۋاملىق
تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. بەختكە قارشى ئۇ 1783-يىلى 9 ئاينىڭ 18- كۈنى بۇ
ئالەمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ.



ئەيلىر بولسا 18-ئەسىرنىڭ ئۇتتۇرلىرىدىكى ئاتاقلىق ماتېماتىكا ھەم فىزىكا
ئالىمىدۇر. ئۇ ماتېماتىكىنىڭ بارلىق ساھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماقاللارنى
ئوتتۇرىغا قويغان. بولۇپمۇ ئۇ بېرنۇللى تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىغا قويغان
“Leibniz” نىڭ ماتېماتىكا ئانالىز چۈشەنچىسىنى رەتكە سېلىپ 19- ئەسىرنىڭ
ماتېماتىكىلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ماتېماتىكىلىق
چۈشەنچىلەرنى فىزىكا ھەم مېخانىكىغا قوللانغانلىقى ئالاھىدە ئورۇندا
تۇرىدۇ. ئۇنىڭ دىففېرېنسىئال ئىنتېگرال ئۇسۇلىنى تەرەقى قىلدۇرۇپ مەۋھۇم
سانلارنى شەكىل جەھەتتىن قوللىنىپ، خۇسۇسىي ھاسىلە تەڭلىمىسى، ئېللىپسلىق
فۇنكسىيە نەزەرىيىسى، قىممەت ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىكى نەتىجىلىرىمۇ ئالاھىدە
ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما ئەيلىر 19- ئەسىردە باشلانغان “يېشىمنىڭ ئېنىقلىققا
ئىگە خۇسۇسىيىتى” گە بولغان قىزىقىشى ئاز بولىدۇ.




مېنىڭ دوكتورلۇق ماقالەم ئەيلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئاقار جىسىملارنى
ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئەيلىر تەڭلىمە يېشىمى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە پارتلايدۇ
دېگەن تېمىدا يېزىلغان.


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 21:00:01

بىر قىسىم فورمۇلالارغا بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمرى سەرپ قىلىنغان ئىكەن.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 22:24:06



    ماتىماتكا كىتاپتا بۇ ئادەمنىڭ ھىكايىسى بارتى ، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان ماتىماتكا ئالىمى . لىكىن ماتىماتىكلارغا نوبىل مۇكاپاتى بەرمەسلىك ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش !



   دىففېرېنسىئال ، ئىنتېگرال دىگەن ئاتالغۇلارنى يىغىنچاقلاش ، تەقسىملەش دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىمەن ، بۇنداق بولغاندا ئاتالغۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلىشىدۇ ھەم ماتىماتكىلىق مەنىسىگە ئيغۇن كىلىدۇ ھەم بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بۇلىدۇ ............
بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Leonhard Euler