بىر يۇلتۇز يېقىندا پارتىلايدىكەن ....
ھاۋايدىكى مائۇنا كېئا رەسەتخانىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ئورىئون يۇلتۇزتۈركۈمىدىكى بېتېلگېئۇس ناملىق يۇلتۇز پات ئارىدا پارتىلايدىكەن . بۇ يۇلتۇزنىڭ رادىئوسى قىرىق يىلدا ئىككى ئۈچ ھەسسە ئارتقان بولۇپ ئون ئالتە يىلدىن بېرى قۇتۇپقا بۈلىنىشكە باشلاپ ھازىر شار شەكىلدە بولماي قاپتۇ ، بۇنىڭغا قاراپ تەھلىلچىلەر بۇ يۇلتۇزنى پارتىلايدۇ دەپ ھۈكۈم قىپتۇ . شۇنداق ھۈكۈم قىلغانلار ئارىسىدا ناسامۇ باركەن . ناسا خەۋرىدە قانداق بولىشى ئېنىق ئەمەس.ئەمما پارتىلاپ قالسا يەرشارىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ دەپتۇ . بۇ يۇلتۇز بىزدىن643يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بولۇپ ، قۇياشتىن مىڭ ھەسسە چوڭ ئىكەن . پارتىلىسا كىچىسىمۇ تۈزۈك قاراڭغۇ بولمايدىكەن . ئېغىراراق بولغىنىدا كىچىسىمۇ كۈندۈزدەك يۇرۇق بولىدىكەن ، پارتىلىغاندا چىقىدىغان گامما نۇرى يەرشارىغا تەھدىد سېلىش مۇمكىنچىلىكى باركەن . ئەمما ناسا تەرەپ گامما نۇرى يەر شارىغا كىلەلمەيدۇ دەپ پەرەز قىپتۇ . بۇ خىل ئەھۋال بىر يېرىم ئاي داۋام قىلىدىكەن . پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا ، كىچىسى ئاي تولغاندىكىدەك يۇرۇق بولىشى،ياكى كۈندۈزدەك بولىشى مومكىن . بۇ خىل ئەھۋال مىڭ يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلدىكەن .ئۇچۇرنى زىيالى ئولتۇرۇپ تۇرۇپ تەمىنلىدى ....
بۇ خەلىقارالىق خەۋەر ئەمەس كائىنات خەۋىرى {:92:} ئۇ يۇلتۇزنىڭ بىرەر پارچىسى پىنھاننىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپ قالسا بېيىپ كېتەتتى-دە
ئاسماندىن چۈشكەن يۇلتۇز پارچىلىرىدا ئالتۇن، ئالماس... لار بولىدۇ دەيدۇ. {:92:} دىققەت، 499 ئادەم كۆرۈپ بولغۇچە پارتلىمىسا ، ئۆچۈرۋىتەرسىز.

قوقمايمىز
شۇغىنىسى قاچان پارتىلاش توغرىسىدا ئۇچۇق پاراڭ قىلماپتۇ ھېچكىم
بەزىلەر بەلكىم ئەتە ۋە ياكى بەلكىم 100مىڭ يىلغىچە دەپتۇ
ئەمما پارتىلاش باسقۇچىغا كىرگەنلىكى ھەققىدە ئاساسەن پىكىر بىرلىكى بار ئوخشايدۇ بۇ يۇلتۇز بەك مازكەن

بىردەم چوڭلاپ بىردەم كىچىكلەپ تارقىتىدىغان نۇرىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىكەن
بەلكىم بۇ قېتىملىقىمۇ شۇنداق ئورۇقلاپ سەمىرىشىنىڭ نەتىجىسى بولىشى،پارتىلىماسلىقى مومكىن


ئاي بېشىدىكى پاراڭدا تېلىسكوپ بىلەن بىرنىمىلەرنى بىر نىمە قىلىپ رەسىمگە تارتتۇق دەپتىكەن
ئۇ يۇلتۇز پارتىلاپ بوغىچە ،سۈرىيەگە بولغان ئۇرۇش پارتىلاپ كەتسىچۇ؟ چاقچاك قىلماڭلا باللا,بۇ يۇلتۇز قۇشنىمىزنىڭ ئۇبۇرنىسى ئەمەس ,ئۇندا ئۇسۇرۇپ قويسىمۇ توزىغان تۇپىسىنى كۆرگىلى بۇلىدىغان 。643يورۇقلۇق يىلى دەيدۇ مۇندا。پارتىلىغاندىكى چىقارغان يورۇقلىقىمۇ يەرشارىغا كېلىپ بولغۇچە كامىدا 643يىل كېتىدۇ 。بىلىدىغاندىن بىرەرسى كۆرگەن بولسا كۆتىمۇ قۇشۇلۇپ كۈلىۋاتقاندۇ ھازىر بۇ پەرەزلىرىڭلارغا。 توۋۋا دەپ قالدىم، بىر يۇلتۇزنىڭ ھايات-ماماتىغا باغلىق پارتلاشكەن ئاۋۇ، بىز تېخى ئاشۇ ارتلاشنىڭ يۇرۇقىدا ئويناشنىڭ كويىدا {:90:} پارتىلاپ كېتىپ قالسا قايسى تەشكىلات ئۆزىنىڭ قىلغانلىقى ھەققىدە توردا بايانات ئېلان قىلار؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدە پارتلىغان بولسا 643 يىلدىن كىيىن كۆرەلەيمىز، لېكىن ئالىملارنىڭ ئۇنى تەكشۈرۈپ تارتقان سۈرىتى 643 يىل بۇرۇنقى سۈرەت ئۇ .
شۇڭا 643 يىلدىن بېرى پارتلاپ بولدىمۇ ياكى پاتلىمىدىمۇ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. قۇربان ھېيتقا ئۈلگۈرۈپ پارتىلاپ بەرسىغۇ ھېيتتا يېرىم كېچىدىمۇ ھېيتلايدىكەنمىز ، تونۇمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرىپ ، گۆش دىگەننى ھۆ بولغۇچە يەپ تازا . يەمسە ياق يەمسە ياق بولۇپ كەتسەك .
======================
@Pinhan، مۇنداق گەپلەر رىئاكسىيە قىلىدىغان، ئاڭلىماسلىققا تېرىشىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قاپسىز... سوقۇلىدىكەن، پارتلايدىكەن دېگەن گەپنى كۆپ ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتتۇق.