zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 20:42:34

زور ئالقىشلارغا ئىرىشكەن ئۇيغۇر پۇتبولچى بارى!





بارى مۇھەممەتئېلى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى،2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ داڭق چىقارغان،ھازىر جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسىنىڭ ئەزاسى.





بارى مۇھەممەتئېلىنىڭ كىشىلىك ئارخىبى


ئىسم فامىلىسى:بارى مۇھەممەتئەلى


بوي ئېگىزلىكى:176 CM


ئېغىرلىقى:70كلوگرام


تۇغۇلغان ۋاقتى:1989-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى


يۇرتى:كۆكتوقاي بازىرى


مىللىتى:ئۇيغۇر


كەسپى:پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى


كەسپىي ئالاھىدىلىكى:سۈرئىتى تېز،كۈچلۈك،ئىرادىلىك،توپ ئېلىپ مېڭىشقا ماھىر.


قان تىپى:AB







قىسقىچە تونۇشتۇرىلىشى


بارى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ۋۇجىنگۈي تەرىپىدىن بايقالغان كەلگۈسى پارلاق پۇتبولچى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن مىروسراف بۇلازىۋىچ تەرىپىدىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان.بارى ئىلگىرى شىنجاڭ ئۆكتەبىر پۇتبول كولۇبىنىڭ ئەزاسى بولۇپ دۆلەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى تۈگىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قايسى كوماندىدا توپ تېپىش توغرىسىدا قاتتىق ئويلىنىۋاتقان مەزگىللىرى ئىدى.دەل بۇ چاغدا ئۇ ۋۇجىنگۈي تەرىپىدىن خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ،بارىمۇ بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.ئەمما دىيارىمىز خاڭجۇ كۇلۇبىدىن بارىنى تەربىيىلەش ھەققى ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ،يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ چىڭ تۇرىشى ئارقىسىدا بارى يېشىل كوماندىسىغا ھەقسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.شۇ چاغدا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى مۇخبىرغا :پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇلارنى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە كوماندىلىرىغا ھەقسىز بولسىمۇ بېرىمىز،چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ كەلگۈسى چىقىش يولىنى كۆزلەيمىز.»دەل بۇ پۇرسەت بارىنىڭ يېشىل شەھەر كوماندىسىدا تۇنجى توپنى كىرگۈزۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ھەمدە ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بارلىققا كەلگەن.ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەتتا دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى بۇلازىۋىچنىمۇ ھەيران قالدۇرغان.





بارىنىڭ توپ تىپىش سەنئىتىنى بىر سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا ئۇ پۇتبولنى تولىمۇ «شىددەت»بىلەن تىپىدۇ،ئالدى ۋە كەينى مەيداندا توختىماستىن يۈگۈرۈشى ئۇنىڭ چىدامچانلىقى،قەيسەرلىكى،ئالغا ئىنتىلىشچان روھىنى نامايان قىلغان.ئۇ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى فۇرۇيا كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان.




16ياشقا كىرگەن يىلى شىنجاڭ كوماندىسى بارىنىڭ ماھارىتىگە تايىنىپ بىر توپ كىرگۈزگەن ھەمدە 46يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق دۆلەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان،شىنجاڭ پۇتبول بىرلەشمىسى ئىككى قېتىم بارىنى دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تەۋسىيە قىلغان،ئەمما ئىككىلا قېتىمدا قارشى تەرەپنىڭ رەت قىلىنىشغا ئۇچرىغان.ئۆتكەن مەزگىللىك دۆلەتلىك ئولىمپىك مەشقىدە بۇلازىۋىچ بارىنى كوماندىغا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.2009-يىلىدىن بۇرۇن ئۇ شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى كوماندىسىدا توپ ئوينىغان،2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىدا توپ ئوينىغان،ھازىر ئۇ جىياڭسۇ شۈنتىيەندە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.







شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قەدەر،بارى كۆپلىگەن ئەگىر توقايلارنى باشتىن كەچۈرگەن.14ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ تېلىۋىزوردىن سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول كوماندىسىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن تۇغقىنىنىڭ ياردىمىدە ئۈرۈمچىگە سىناققا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدۇ،ھەمدە تۇغما تالانتى بىلەن شىنجاڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ.16ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ 10-نۆۋەتلىك دۆلەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پارلاق يۇلتۇزىغا ئايلىنىدۇ،دەل ئۇ كىرگۈزگەن بىر توپ سەۋەپلىك شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 46يىللىق ئارزۇسى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن 18ياشلىق بارى شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولىدۇ ھەم ئىككى پەسىللىك جۇڭگو ب دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.2010-يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ بازارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ۋە ۋۇجىنگۈي تەرىپىدىن يېشىل شەھەر كوماندىسىغا تاللىنىپ بارىدۇ.لۇنىڭ كوماندىسىدىكى مەمەتجاندىن كېيىنكى ئىككىنجى بولۇپ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ تېپىش پۇرسىتىگە نائىل بولغان بارى ئۆز قان تەرى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى پۈتۈن دۆلەت ئەھلىگە ھەتتا دۇنياغا تونۇتقان.




بارىنىڭ قىز دوستى ۋە بارىنىڭ ئاپىسى





بارى قىز دوستى


بىلەن بىللە!





...........



مەنبەسى:ئىنتىرنىت تورى،ماتىرىيال.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 23:51:38

بىر چاقناپلا ئۆچتى.
ناگوياغا سالغان توپى ھەقىقەتەن چىرايلىق چىققان. ناگويانىڭ مىھمان مەيدانىدا ۋارتانىڭ لىمىنى چىنىگەن توپىمۇ نوچى چىققان.كىرىپ كەتكەن بولسا بىرلەشمىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بولالىشىغا شەرتى توشۇپ قالاتتى.ئەپسۇس……بىرىنچى مەيداندا سالغان توپىنى تەلەي دىمەكتىن باشقا ئامال يوق……

ئىش تېرىماي تۇرۇپ بەرسىلا،ئۇندىن كىيىن چىقىدىغان ئىنىلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ قويمىسىلا يىتىدۇ ئەمدى.ئۇنىڭدىن باشقا جىق ئۈمىد كۈتكىدەكمۇ يېرى قالمىدى.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 08:20:13

‹ زور ›ھىچ بولمىغاندا ماۋۇ گەپ ئېشىپ كەتتى.قانداق زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسا قىلغان ساپاسىز ئىشى شۈنچە زور كىشلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى.

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 09:45:21

ئېغىر بېسىق بولۇشنى بىلمەمسىلەر باللا؟ كېيىنكى ئىشىنى ئۆزىگە تاپشۇرايلى ! بارىنىڭ ساپاسىز ئىش قىلغىنى راست، ئەمما كۆپتۈرگىدەك ئەمەس ،خۇددى بارىنى ماختاپ كۆپتۈرۈش ئارتۇقچىدەك ،ئۇنىڭدىن زورىغا قۇسۇر تېپىش ۋە ئۈمۈدسىز ئىنكاسلارنى يېزىش ھەم بىھۇدە.

ئۇ ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا تىرىشىۋاتقان باللارنىڭ بىرى - بۇ تەرىپى يارايدۇ!

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 10:06:38

بارىنىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇق قازىنىشىغا تىلەكداشمىز!

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 10:58:57

بەدەنلىرىگە نىمانداق رەسىملەرنى چەكتۈرۋالغاندۇ بۇ ئاداش؟  {:107:}

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 11:10:10

24 ياشلارغا كىرىپ قاپتۇ.

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 11:11:40

6- قەۋەتتىكى juxkunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەدەنلىرىگە نىمانداق رەسىملەرنى چەكتۈرۋالغاندۇ بۇ ئاداش؟ \"\"



قىز دوستىنىڭ سۈرىتىنى چەكتۈرۋالغان چېغى بار

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 12:35:32

بەدىنىگە ھەر خىل نەرسىلەرنى چەكسە قاتتىق يامان بولىدىغاندۇ  {:107:}

Mushawir يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 14:03:11

5- قەۋەتتىكى temsilciنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەلكۈيى تورىدىن قانداقمۇ كۆچۈرەلىگەنسىز؟مەخپىي شىفىر يېشىشنى بىلىدىكەنسىزدە قارىغاندا \"\"


تۆۋەندىكى ئادىرېستا جاۋابى بار:


http://www.torhumar.com/mezmun-kochurush-bookmarklet.html

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 20:31:07

مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ پەخىرىمىز ،ئۇ ئەسكى ئىشنى بىكاردىن بىكار قىلمىغاندۇ ،خەقنىڭ ئۇششۇقلىقىغا چىدىماي قىلغاندۇ بەلكىم ،ئۇ تېخى كىچىك بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلىدۇ ،بىز ئۇنىڭ يەنىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىشىنى ،ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 20:50:47

http://sports.qq.com/a/20130927/016839.htm?pgv_ref=aio2012&ptlang=2052


جۈرئەت ئىسىملىك بۇ بېرليارد ماھىرى بۇ يىللىق جاڭجىياگاڭ خەلقئارا تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بوپتۇ بۈگۈن.


تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يوللاپ قوياي. بىلىپ قىلىڭلار.

بەت: [1]
: زور ئالقىشلارغا ئىرىشكەن ئۇيغۇر پۇتبولچى بارى!