ئالى بابا شىركىتى تىڭشۈن ئۈندىدارغا جەڭ ئېلان قىلدى
ئالى بابا شىركىتى ياساپ چىققان
يېڭى پاراڭلىشىش دىتالى
来往
تۈنۈگۈن ئالى بابا شىركىتى يېڭى پاراڭلىشىش دېتالى 来往 نى ئىلان قىلدى . بۇخىل دېتالدا «ئۇچۇرنى كۆرۈپ بولۇپلا يۇيۇۋېتىش» ، «ئاۋازلىق رەسىم» قاتارلىق ئىقتىدارلار بار بولۇپ ، ئالى بابا شىركىتى بۇ يېڭىچە تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ھازىر جەمئىيەتتە مۇتلەق ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئۈندىدارغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولدى .
بۇخىل دىتالدا دوست قوشۇشنىڭ پەقەت ئۈچ خىللا ئۇسۇلى بار بولۇپ ، بىرىنچىسى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ قاچىلاش ، ئىككىنچى خىلى تېلىفۇن دەپتىرىدىن قاچىلاش ، ئۈچىنچى خىلى بولسا چوقۇم ئىككى تەرەپ يۈزمۇيۈز تۇرغاندا ئاندىن ئىشلىتەلەيدىغان ئاۋاز ئارقىلىق قاچىلاش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت . مەخپىيەتلىكنى قوغداش جەھەتتا بۇ دىتال «ئۇچۇرنى كۆرۈپ بولۇپلا يۇيۇۋېتىش» ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ ، ئابونت دىتالنىڭ بۇخىل ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتسىلا قارشى تەرەپ ئەۋەتكەنئۇچۇرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنلا سېستىما بۇنى ئاپتۇماتىك يۇيۇۋېتىدۇ ھەم ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ .بۇ دىتال ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتىمۇ يېڭىلىق ياراتقان بولۇپ ، ئابونتلار دىتالدىكى «توپلىشىش» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل كىچىك ھەۋەسكارلار گۇرۇپپىسىنى قۇرالايدۇ ھەم بۇ گۇرۇپپىدا رەسىم ، يازما ، ئاۋاز ۋە ۋېدىئو قاتارلىقلارنى ھەمبەھرلىنەلەيدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا دىتالدا يەنە ئاۋازلىق پاراڭلىشىش شەكىلدىكى 500كىشىلىك توپ قۇرغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە «ئاۋازلىق رەسىم» ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ ، ئابونتلار رەسىمگە بىر بۆلەك ئاۋازنى قوشۇپ ئەۋەتەلەيدۇ . ئۇنىڭدا يەنە رەسىملەرگە ھەرخىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ .
ئالى بابا يېڭى پاراڭلىشىش دىتالى
来往 نى ئىلان قىلدى.
ئالى بابانىڭ يېڭى پاراڭلىشىش دىتالى
来往 نى بۇ يەردىن
چۈشۈرۈڭ
http://as.baidu.com/a/item?docid=4344635&pre=web_am_se
来往 نىڭ كومپىيۇتىر نوسخىسىغا بۇ
يەردىن كىرىڭ !
مەنبە:ئالى بابا ۋە بەيدۇ تور بىكىتى.
قايسىسى ياخشى بولسا شۇنى ئىشلىتىمىز. جۇڭگو تېلگىرافى يىشىننى ئوتتۇرغا چىقارغان، ئەمدى ماۋۇ چىقىپتىمۇ ھەممە گۈللەر بەس - بەستە سايراش !ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش ! ۋاقىت زايا قىلماقتىن باشقا ئىشى بەك ئاز ، ھەرقانچە ئىسلامى بۇلۇپ كەتتى دىگەندىمۇ ؟ يازمىلار گاڭگىرىتىپ ساراڭ قىلىۋاتىدۇ ، مۇسۇلمان بولسىڭىز چۇقۇم ئۇقۇڭ ، ئەركەك مۇسۇلمانلار دىققەت ، مۇسۇلمان بولسىڭىز چۇقۇم كۈرۈڭ ، بۇلار تېخى ياخشى دىگەنلىرى ،،،
ناچار ئەخلەت يازمىلار ۋە رەسىملەر ، ئىشىنەيمۇ ئىشەنمەيمۇ دەپ قالغان خەۋەرلەر ،،،
لىكىن پايدىلىق ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلماق تۇلىمۇ تەس ، ئەتىدىن كەچكىچە ئۈن دىدار ئوينايدىغانلارنى 50.00 يۈەندىن چىقىرىپ بىرە كىمگە ياردەم قىلايلى دىسە ، شۇئان ئىككى ئۈچ كۈن جىمىپ كىتىدۇ .....
4- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاقىت زايا قىلماقتىن باشقا ئىشى بەك ئاز ، ھەرقانچە ئىسلامى بۇلۇپ كەتتى دىگەندىمۇ ؟ يازمىلار گاڭگىرىتىپ ساراڭ قىلىۋاتىدۇ ، مۇسۇلمان بولسىڭىز چۇقۇم ئۇقۇڭ ، ئەركەك مۇسۇلمانلار دىققەت ، مۇسۇلمان بولسىڭىز چۇقۇم كۈرۈڭ ، بۇلار تېخى ياخشى دىگەنلىرى ،،،
ناچار ئەخلەت يازمىلار ۋە رەسىملەر ، ئىشىنەيمۇ ئىشەنمەيمۇ دەپ قالغان خەۋەرلەر ،،،
لىكىن پايدىلىق ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلماق تۇلىمۇ تەس ، ئەتىدىن كەچكىچە ئۈن دىدار ئوينايدىغانلارنى 50.00 يۈەندىن چىقىرىپ بىرە كىمگە ياردەم قىلايلى دىسە ، شۇئان ئىككى ئۈچ كۈن جىمىپ كىتىدۇ .....
توغرا دەيسىز... نەدە دەبدەبىلىك گەپ قىلىپ خەقنى قۇرۇق ھاياجانلاندۇردىغانلارنىڭ قولىدىن قۇرۇق گەپ قىلىشتىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ...
چۈنكى دىننىڭ ۋە مىللەتنىڭ غېمىنى ھەقىيقى يەيدىغان ئادەم دىگەن شۇ قەۋمنىڭ ئەقلىگە خىتاب قىلىدۇ، قۇرۇق داۋراڭچى، گەپچىلىكتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ھەم قىلالمايدىغانلار بولسا كىشلەرنىڭ ھىسياتىنى قوزغاپ ئاسان ھاياجانلىندىغان گەپلەرنى داۋراڭ سالىدۇ...
مېنىڭ يانفونۇمغا ھەممىسى قاچىلاقلىق، لازىم بولسا ئېچىپ ئىشلىتىمەن، تولا ئەخلەت ئۇچۇر كېلىدىغان توپلارنى قارا تىزىملىككە تارتىۋېتىمەن، دوستلار چەمبىرىكىدىمۇ خالىمىغان كىشىلەرنىڭ رەسىملىرى كۆرۈنمەيدۇ. ھېچقاچان ئەخلەت ئۇچۇرلار بىزار قىلىپ باقمىدى. ئۇيغۇرچە ئىسمىنى كەلدى كەتتى دەمدۇق، لەيۋاڭ ؟ ئەلىبابا ھەرھالدا تېڭشۈندىن تۈزۈك ۋاقىت ، پۇل بەكالىق بالىلار نىمە چىقسا شۇنى ئىشلىتمىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئارتۇق باش قاتۇرغۇدەك نىمسى بار ،ئىتنىڭ قۇرتىدەك ياساپ چىقىرىۋەدى بۇ خەق ،،تىخى مەخپىيەتلىكنى قوغدايدۇ دەپ قويغىنغا
7- قەۋەتتىكى tawlan5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرچە ئىسمىنى كەلدى كەتتى دەمدۇق، لەيۋاڭ ؟
ما تەرجىمە ئالامەت كەپتۇ ، شۇ كەلدى كەتتى دىسە نەق چۈشكىدەك ... ئۈندىدار بىر تالاي مەسىلە پەيدا قىلغان ، ئەمدى بۇ \" كەلدى كەتتى \" نى ئىشلىتىپ ، تولا ئىشلەتكەنلەر\" كەلدى كەتتىدەك \" بوپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ ....
نىمدىسەك بولار ئەمدى ،،،ئامرىكىچىلىقتا مۇمكىن بولمىغان يەردە جۇڭگۇچىلىقتا بەك تەس جۇما بىلگىياردىكلەر ئۇيغۇرچىسنى ياساۋاتىمىز دەۋاتقىلى نەۋاخ...ھېچبىر شەپە يوققۇ ؟ ئالى بابا شىركىتى تولا گەپ قىلماي ئى ئالىۋاڭۋاڭ دەپ بىر نېمىسى بولىدىغان شۇنىڭ ۋىنفون نۇسخىسىنى چىقارسۇنا ئالدى بىلەن.
قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنلا سېستىما بۇنى ئاپتۇماتىك يۇيۇۋېتىدۇ ھەم ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ ، ما گەپكە كۈلگۈم كەپكەتتى، بۇنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمۇ؟ تېلفوندا سۆزلەشكەن ئاۋازمۇ ھېچيەرگە خاتىرلەنمەيدۇيۇ، ۋاقتانى ۋاق كېلىپ تېلفوندا جۆيلىشىپ قالغانلار بولسا ھەجەپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ-يا؟ ياكى بولمىسا گەپلەرنى بوشلۇقتىن قايتۇرۇپ كېلەمدىغاندۇ؟ ھە دەپ قويساق بولدى. مىكرو خەتنىڭ بازىرىنى تارتىۋېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، «قولاي پاراڭ»دا ئاۋاز مىكرو خەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە سۈزۈك ھەم باشقا يېڭى ئىقتىدارلىرىمۇ جىقكەنتۇق،ۋاي كۆچەيلى دېيىشىپ كېتىپ،كۆچكىنى قانچىلىك؟ماۋۇمۇ مىكرو خەتنىڭ چاپىنىنى كىيىۋاپتۇ.ئوخشىتىپ ياساپ كەتكەن بەلگىلىرىدىن ئايلىناي.گەپ قىل دېسە،پۈتۈن جۇڭخۇانى قايىل قىلىۋېتىدىغاندەك سۆزلەيدۇ،ئەمدى تېڭشۇننىڭ مىكرو خېتىگە كۆزىنى قىزارتىپ،چاپىنىنى ئالماشتۇرۇپ،زوتال بوپتۇ مايۈن. ۋاي رىقابەت،ياخشىسى ئۈزۈپ چىقىدۇ دېگەنلەر بۇ مىسالغا ماس كەلمەيدۇ.
ئەلۋەتتە،مۇشۇنداق ئىشلار مۇشۇ مەملىكەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ.
13- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالى بابا شىركىتى تولا گەپ قىلماي ئى ئالىۋاڭۋاڭ دەپ بىر نېمىسى بولىدىغان شۇنىڭ ۋىنفون نۇسخىسىنى چىقارسۇنا ئالدى بىلەن.
قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنلا سېستىما بۇنى ئاپتۇماتىك يۇيۇۋېتىدۇ ھەم ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ ، ما گەپكە كۈلگۈم كەپكەتتى، بۇنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمۇ؟ تېلفوندا سۆزلەشكەن ئاۋازمۇ ھېچيەرگە خاتىرلەنمەيدۇيۇ، ۋاقتانى ۋاق كېلىپ تېلفوندا جۆيلىشىپ قالغانلار بولسا ھەجەپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ-يا؟ ياكى بولمىسا گەپلەرنى بوشلۇقتىن قايتۇرۇپ كېلەمدىغاندۇ؟
ئۈندىداردىكى سۆزلىشىش خاتىرسى تېلىفۇنىڭىزنىڭ مەلۇم قىسمىدا ساقلىنىپ قالىدىكەن.مەنمۇ باشتا .ۆچۈرۋەتسىلا تۈگەيدۇ دەپ قارىغان.تېلىفونۇمدا كاشلا كۆرۈلۈپ ئوڭشاش جەريانىدا تەساددىبىيلا سۆزلىشىش خاتىرسىنى بايقاپ قالدىم.ھەتتا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋاتكەن،تىزىملىكتىن چىقىرۋەتكەنلەرنىڭمۇ شۇ پېتى ساقلىنىپ قاپتۇ.شۇڭا ئۈندىدارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلەيدىغان سىغىمى 24 بولغان بىلەن شۇڭا ئەخلەتلىرى بىلەن خېلىلا چوڭ سىغىمنى زايا قىلىدىكەن.ۋاقىت ئۆتكەنچە ئۈندىداردا سۈرەت دىگەندەك نەرسىلەر نورمال ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.ئالما تېلىفونى ئىشلىتىۋاتقان دوستۇممۇ مۇشۇنداق ئەھۋالنى بايقاپتۇ.بىر يىللىق سۆزلىشىش خاتىرسىنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن.

دەرھال ئىسىم قويايلى
بولمىسا ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمىز يىڭى كەلدىياكى كەلدى كەتتىدىسە قاملاشقىدەك بۇلار ھەقىچان، ئۇچۇر كۆرۈلۈپ بولغان ھامان يۇيۇۋەتتۇق دەپ قويغان بىلەن، يۇيۇۋەتمەي ساقچى ئىدارىسىگە يوللاپ بېرىدۇ.