كىتاب كۆرۈش ۋە مىجەز - خاراكتىر
كىتاب كۆرۈش ۋە مىجەز - خاراكتىر
پىسخىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي ،يەنە مەلۇم دەرىجىدە، شۇ كىشىنىڭ خاراكتىرىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن:
مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار-ئىنتايىن ھىسياتچان بولۇپ ، سەزگۈر ۋە ئۈمۈدۋار كېلىدۇ ، ئادەتتە تېزلا ئۈمۈتسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ ، قايتىدىن ئىش باشلايدۇ .
رازۋېتكا ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار -ئىدىيە جەھەتتىكى رىقابەتنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلار بولۇپ ، مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ .باشقىلار ھەل قىلالمىغان قىيىن مەسىللەرگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ .
فانتازىيە ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار -خىيالى ئارزۇسى كۈچلۈك ، ئىجاتچانلىققا باي بولۇپ ،پەن - تېخنىكىغا ھەۋەس قىلىپ كەلگۈسى ئۈچۈن ، پىلان تۈزىدۇ .
مالىيە - ئىقساتقا دائىر كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - رىقابەتلىشىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ.
ئاياللارغا دائىر كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ‹ دەرىيجىدىن تاشقىرى › ( قابىل ئايال ) بولۇشنى ۋە ھەممەئىشقا ماھىر بولۇشنى ئۈمۈت قىلدىغانلار
مودا كىيىم -كېچەكلەرگە دائىر كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئۆزىنىڭ سالاپىتىگەناھايىتى دىققەت قىلدىغانلار بولۇپ ،ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى قىياپىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدىغانلار.
تارىخى كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئىجادچانلىققا ئىگە ، قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى خالىمايدۇ .ۋاقىت چىقىرىپ بىرە ئىجادىي خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىشنى خالايدۇ . ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ .
تەرجىمىھال خاراكتىردىكى كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك ، ئېھتىياتچان، ئىرادىلىك كېلىدۇ .بىرەر قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ، چوقۇم ئالدى بىلەن ھەر خىل پايدا - زىياننى ۋە شۇ ئىشنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغان - بەرمەيدىغانلىقىنى ھېساپلايدۇ .
ھەجۋى سۈرەتلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئويۇن - تاماشا قىلىشنى ۋە ئەركىن ئازادە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ .ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بەكمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەتمەيدۇ .
گىزىت -ئاخبارات تۈرىدىكى كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئىرادىسى مۇستەھكەم كېلىدۇ .رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ ، بۇلار يېڭى ئىدىيەنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولىدۇ .
ئىزدىنىشنىڭ كۈندىلىك ئاۋات تېمىلىرىنىلا كۆرۈدىغانلارچۇ؟
1- قەۋەتتىكى nezeriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىزدىنىشنىڭ كۈندىلىك ئاۋات تېمىلىرىنىلا كۆرۈدىغانلارچۇ؟
ئەملىيەتچىل ،كۆز ئالدىدىكىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان كېلىدۇ .
1- قەۋەتتىكى nezeriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىزدىنىشنىڭ كۈندىلىك ئاۋات تېمىلىرىنىلا كۆرۈدىغانلارچۇ؟
ئەملىيەتچىل ،كۆز ئالدىدىكىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان كېلىدۇ . مەن تارىخى تەرجىمىھال ،گىزىت -ئاخبارات تۈرىدىكى كىتاپ -ژورناللارنى، ھەجۋى سۈرەتلەرنى ياخشى كورىمەن ئەمدى ئوزەمنىڭ قانداق مىجەز -خارەكتىرىدىكى ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھىساپلاپ چىقالارمەنمۇ؟؟ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇشلۇقلارنى رەتكە تىزسام
فانتازىيە ۋە رازۋېتكا
تارىخ ۋە تەرجمىھال
ھەجىۋې رەسىم
بۇ ئۈچىدىن قالسا باشقىلىرى.
تېمىدىكى تەبىر بىلەن ئۆزەمنى باھالىسام، پەقەت تونىيالماي قالدىم ئۆزەمنى.
4- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن تارىخى تەرجىمىھال ،گىزىت -ئاخبارات تۈرىدىكى كىتاپ -ژورناللارنى، ھەجۋى سۈرەتلەرنى ياخشى كورىمەن ئەمدى ئوزەمنىڭ قانداق مىجەز -خارەكتىرىدىكى ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھىساپلاپ چىقالارمەنمۇ؟؟
@kuwruk ئىنى ئۇنداقتا سەن:
ئىجادچانلىققا ئىگە ، قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى خالىمايدىغان .ۋاقىت چىقىرىپ بىرە ئىجادىي خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىشنى خالايدىغان . ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان .شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك ، ئېھتىياتچان، ئىرادىلىك .بىرەر قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ، چوقۇم ئالدى بىلەن ھەر خىل پايدا - زىياننى ۋە شۇ ئىشنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغان - بەرمەيدىغانلىقىنى ھېساپلايدىغان .ئويۇن - تاماشا قىلىشنى ۋە ئەركىن ئازادە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان .ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بەكمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەتمەيدىغان . ئىرادىسى مۇستەھكەم .رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، يېڭى ئىدىيەنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر ئادەم .
ھەجەپ بىر زىددىيەتلىك چىقىپ قالدا.
6- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

---شۇ ،،شۇنىڭغا سىزنى ھىساپلىشىپ بەرسۇن دىگەنتىم،،،تاشپولاتكامنى چاقىرامدۇق يا؟؟^+^ھە راس بۇ ماتىماتىكا ئەمەستە،،ھى،،
مەن بۇنىڭ ئىچىدە يوقكەنمەن.
مەن شېئىر بىلەن مىستىك كىتابلارنى ياخشى كۆرىمەن، بولۇپمۇ سوقراتتىن ئاۋالقى گېرىك پەلسەپىسى ۋە قەدىمقى ھىندىستان پەلسەپىسىنى. ئۇيغۇر داخانچىلىقىمۇ مېنى بەك مەپتۇن قىلىدۇ.
شۇنىڭغا قارىغاندا مېنىڭ خاراكتىرىم يوقكەن دە! رازۋېتكا ۋە جاسۇسلۇققا ئائىت ماتىريال كىتاپ كىنولارنى ياخشى كۆرىمەن.