taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 16:21:19

ئەپلاتون ۋە «غايىۋى دۆلەت»[1][كۆچۈرۈلمە]

ئەپلاتون ۋە «غايىۋى دۆلەت»



نايجىل ۋاربورتون (ئەنگلىيە)



ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمىسى



بۇ ماقالە «ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان


ئەپلاتۇننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ناملىق بۇ كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن پات ئارىدا نەشردىن چىقىدۇ


تەرجىماندىن: ئەپلاتۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 427-347-يىللاردا ياشاپ ئۆتكەن) قەدىمكى يۇناننىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى. ئۇنىڭ ئىسىمى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا «ئەپلاتۇن»، «پىلاتون» قاتارلىق ۋارىيانتلاردا ئۇچرايدۇ، خەنزۇچە  柏拉图دەپ يېزىلىدۇ، ئىنگلىزچە  Platoدەپ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭ «غايىۋى دۆلەت» (خەنزۇچە «理想国»، ئىنگلىزچە «The Republic» دەپ ئېلىنىدۇ)، «بەزمىنامە»، «كېرىتو»، «پايدون»، «ئاقلاش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئەپلاتۇن گەرچە قەدىمكى دەۋر پەيلاسوپى بولسىمۇ، ھازىرمۇ ئوقۇرمەنلىرى كۆپ. ئۇنىڭ دېئالوگلىرى، جۈملىدىن، «غايىۋى دۆلەت» ناملىق ئەسىرى دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئىزچىل نەشر قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەر ھەر قايسى ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنبەرلىرىدە پەلسەپە، ئەخلاق، سىياسىي، ئەدەبىيات- سەنئەت دەرسلىكى سۈپىتىدە تەلقىن قىلىنىپ تۇرىدۇ.


ئەپلاتۇننىڭ نامى ئۇيغۇر كىلاسسىك مەنبەلىرىدە ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ. مەشھۇر مۇتەپەككۇر فارابىمۇ ئەپلاتۇن ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ غايىۋى دۆلىتى ھەققىدە شەرھىلەرنى يازغان. بىز دەۋاتقان «ئەپلاتۇن» دېگەن ئىسىممۇ ئەرەبچە قايىناقلاردىن ئۆزلەشكەن. ناۋادا بىز ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپىنىڭ مەنبەلىرىنى ئېنىقلاشقا ئۇرۇنساق، مەنىۋىيتىمىزنىڭ ئەپلاتوننىڭ تەسىرىدىن خالىي ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيەسىدە تەسەۋۋۇپ چوڭ بىر تېما، بۇ تېمىنىڭ ئىچىدە ئەپلاتۇن تاشلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان مۇھىم تارماق تېما. ئۇيغۇر پەلسەپە ئىدىيەسىدىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان بۇ يىرىك ئوبراز يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىمىزدا تامامەن سۇسلاشتى.


ئەپلاتۇننى بىلمىگەندە، غەرب ئىدىئولوگىيە تارىخىنى ۋە تەپەككۇر تارىخىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئۇسلۇبىنى ھازىرمۇ ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئەپلاتۇننىڭ دېئالوگ سەنئىتى، مۇئەييەن بىر نۇقتىنەزەرنى چوڭ كۆلەمگە قويۇپ يورۇتۇشتىكى لوگىكىلىق ئىزچىللىقى، پىكىر قىلىش مېتودى ئۇيغۇر يازارمەنلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا سەلتەنەتلىك دەرس بولالايدۇ. ئەپلاتۇن پىكىرلەرنى ھېكايەت، تەمسىل، دېداكتىكا شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئادەتلەنگەن، ئوتتۇرا ئاسىيا دانىشمەنلىرىگە كەسكىن ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇ دەل ئىسپاتلاش، يەكۈنلەش ۋە قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش. گىرىك پەلسەپىسىدىن تەسىرلەنگەن ئۇيغۇر پەلسەپىسى ئەپلاتۇندىكى ئۇ تەرەپلەرنى ئاجىز بىر رەۋىشتە ئەكىس ئەتتۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئەپلاتۇن بىلەن ئارىستوتېلنى فارابى ھالقىسى ئارقىلىق ياۋرۇپادىكى ئەدەبىي گۈللىنىش ھەرىكىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن فارابى ئەپلاتۇن پەلسەپىسىنىڭ غەربكە بولغان تەسىرىنىمۇ يايغان، ئەپلاتۇن ۋە ئارىستوتېللارنىڭ مەنتىقىلىق پىكىر ئۇسلۇبى كېيىنكى غەرب مۇتەپەككۇرلىرى تەرىپىدىن بەكرەك راۋاجلاندۇرۇلغان. ئەپلاتۇننىڭ ئەسەرلىرى غەرب ئىدىئولوگىيە تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن تۈرلۈك سىياسىي مەزھەپلەرگە يىپ ئۇچى بولغان. مەسىلەن، كوممۇنىزم، فاشىزم، ماكىياۋىللىزم، پىلاتونىزم، سوتسىيال دارۋېنىزم دېگەنلەردەك. «غايىۋى دۆلەت» كە ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئالىملار شەرھىي يېزىپ كەلدى، نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلار تەنقىد ئېلىپ باردى، بۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنىگە ئايلاندى. ئەپلاتۇننىڭ كىشىلىك دۇنياسىغا بولغان چوڭقۇر تەسىرى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن. بۇ ھەقتە ئەنگلىيە پەيلاسوپى ۋايىتخىد (Alfred North Whitehead): «پەلسەپە تارىخى ئەپلاتۇن ئەسەرلىرىگە بولغان شەرھىيدۇر» دېگەن ئىدى. ئامېرىكىلىق پەيلاسوف ئېمېرسون (Emerson): «ئەپلاتۇن دېمەك – پەلسەپە دېمەكتۇر، پەلسەپە دېمەك ئەپلاتۇن دېمەكتۇر» دېگەن ئىدى.


ئەپلاتۇن ئەسەرلىرىنى زامانىمىز ئۇيغۇرچىسىغا تەرجىمە قىلىش كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما، مەن بۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم. بۇ مېنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا قابىلىيەتلىكىمدىن ئەمەس، شارائىتىمنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىم ھەم جۈرئىتىمدىن بولدى. بىر قارىسام، ئارىمىزدا قابىل ئادەملەر جىقتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما تۈرلۈك ئىشلار ھامان ئاز بولىدۇ. ئاخىرى مەن مەيدانغا چىقىپ قالدىم. بەلكىم مېنىڭ بۇ ئەمگىكىم سورۇن مۇتەپەككۇرلىرى ۋە تور مافىيەلىرىنىڭ پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالار، بۇمۇ بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەسىردۇر، خالاس.


بۇ كىتاب قىيىن، چۈشىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىلمىي دەسمايە كېتىدۇ. گەرچە تىرىكچىلىك قايغۇسىدا قالغان كىشىلىرىمىز بىلەن بۇ كىتابنىڭ ئارىلىقى خېلى يېراق بولسىمۇ، تەپەككۇرنىڭ ئىنچىكە، نازۇك، تەسىرچان قاتلاملىرى بىلەن كىرىشىپ، ئۆزىنى دۇنيا بىلەن باشلاپ كۆزىتىدىغان ئازغىنە ئىلىم ئادەملىرىمىزگە ئەرزىسە كېرەك، دەپ قارايمەن. ئۇلار بىزنىڭ تەپەككۇر قۇۋۋىتىمىزنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. «غايىۋى دۆلەت» دەل ئاشۇلار تەرىپىدىن قېتىرقىنىپ ئوقۇلىدىغان كىتابتۇر. بۇ كىتاب ئالىملىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز ئارقىلىق ئەدەبىيات تارىخىمىز، ئىدىيە تارىخىمىز ۋە سىياسى، ئىجتىمائىي رېئاللىقىمىزغا تەدبىقلىنىدۇ، بارا-بارا ئۆز-ئۆزىمىز ھەققىدىكى تونۇشنىڭ دائىرىسىنى دۇنياۋى كەڭلىككە تۇتاشتۇرىدۇ. جۈملىدىن، «غايىۋى دۆلەت» نىڭ تەرجىمىسىمۇ كەلگۈسىدىكى مۇھاكىمىلەر ئارقىلىق يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ پىشقان، مۇكەممەل تەرجىمىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ.


مەن غايىۋى دۆلەتنىڭ تەرجىمىسىگە 2001- يىلى كىرىشكەن ئىدىم. بۇنىڭ تەرجىمان بولۇش ئىدىيىسى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى، مېنىڭ ئۆزۈم قىزىققان داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە كەچۈرمىشى ئارقىلىق ھېس قىلىدىغان ئادىتىم بار. بۇرۇن قىسقا بىر پارچە شېئىر ياكى ئەقلىيە سۆزنىمۇ تەرجىمە قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرەتتىم. يەنە بىرى، مەن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يېتىلدۈرىدۇ، بۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ زىيالىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. گەرچە تۈرلۈك ئىشلار تۈپۈيلى تەرجىمە ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى ئاخىرىغا يەتكۈزۈش نىيىتىمدىن ئەسلا ۋاز كەچمىدىم. تەرجىمە ئاخىرى 2012- يىلى 6- ئايدا قولۇمدىن چىقتى. مېنى مۇشۇ پەللىگە ئۇلاشتۇرغان قۇدرەت ۋە ھېكمەت ئىگىسىگە شۈكۈرلەر بولسۇن!


بۇ تەرجىمە زامانداشلىرىمغا بولغان ئاددىي سوۋغام، پىكىر ئەھلىگە بولغان ھاۋالەم، تەپەككۇر خامىنىمىزغا  تاشلانغان بىر تۇتام باشاق. كىتابتىكى ئىدىيەلەر مېنىڭ ئىدىيەمگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. كۆزدە تۇتقۇنۇم كىتابقا، تارىخقا، بىزگە تەسىر قىلغان ھەر خىل مەسلەكلەرگە، ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزغا، پىكىر قۇۋۋىتىمىزگە تەنقىدىي سوئاللارنى قويۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مەۋقەسىنى شەكىللەندۈرۈش. ۋەھالەنكى، بۇمۇ بىر مۈشكۈل جەريان. كىتابقا تەپسىلىي بىر تونۇشتۇرۇش يازغۇم بار ئىدى، ئەمما، يېتەرلىك ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بۇ ئەمگەكنى ئاللاھ خالىسا كېيىنگە قالدۇرۇشقا توغرا كەلدى.


ئاخىرىدا مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلغان ئائىلەمدىكىلەرگە، ماڭا ئىلھام بەرگەن دوستلارغا، تۈرتكە ئاتا قىلغان قەدىرلىك كىشىلىرىمىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن.



                                           2012- يىل، نويابىر. ئۈرۈمچى


1.    1.    ئۆڭكۈر


شۇنداق بىر ئۆڭكۈر بار، ئۇنىڭدا پۇت- قوللىرى بەنت قىلىنغان مەھبۇسلار يىراقتىكى تامغا يۈزلىنىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلار ئۆمۈربويى شۇنداق ئۆتكەن بولۇپ، بېشىنى قىمىرلىتالمايىتتى، تامدىن بۆلەك ھېچنېمىنى كۆرەلمەيىتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە ئوت يالقۇنى، ئوت بىلەن ئۇلارنىڭ كەينى تەرىپى ئوتتۇرىسىدا بىر يول بار ئىدى، ئادەملەر ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۆتۈپ تۇراتتى، ئوتنىڭ شولىسى ئۇ ئۆتكۈنچىلەرنىڭ كۆلەڭگىسىنى تامغا چۈشۈرۈپ تۇراتتى، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى ھايۋانلارنڭ مودېللىرىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، تامغا بۇ مودېللارنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ چۈشۈپ تۇراتتى. مەھبۇسلار پەقەت ئاشۇ كۆلەڭگىلەرنىلا كۆرەلەيتتى ۋە بۇ كۆلەڭگىلەرنى رېئاللىقنىڭ نەق ئۆزى دەپ ئىشىنەتتى. چۈنكى ئۇلار كۆلەڭگىدىن باشقىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان، نەق ئادەملەرنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.


كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى- دە، كەينىدىكى يالقۇننىڭ ئۆزىنى كۆردى. باشتا كۆزلىرى تورلىشىپ ھېچنىمىنى ئىلغا قىلالمىدى، كېيىن ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تونۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۆڭكۈردىن چىقىپ، قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنە ئالا- چەكمەن بولدى. ئۇ ئاستا- ئاستا بۇرۇنقى تۇرمۇشىدىكى مەھرۇملۇقنى چۈشەندى: ئۇ كۆلەڭگىلەرنى كۆرۈشتىن قانائەتلىنىپ، رېئال دۇنيانىڭ نەقەدەر نۇرانە ۋە رەڭدار ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرى يارقىن ئاپتاپقا كۆندى- دە، بۇرۇنقى مەھكۇمىيەتداشلىرىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى. ئۇ ئاخىرى يورۇققا كۆنۈپ، قۇياشقا تىكىلىپ قارىيالايدىغان بولدى.


ئۇ مەھبۇس ئۆڭكۈرگە قايتۇرۇپ كېلىندى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۆڭكۈردىكى كۆلەڭگىلەرگە كۆنەلمىدى. ئۆڭكۈردىكى تەقدىرداشلىرى ئاسانلا كۆرەلىگەن كۆلەڭگىلەرنى ئۇ كۆرەلمەيىتتى. ھەپسىداشلار: «ئۇ تالاغا چىقىپ كىرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ» دەپ ئويلاشتى. مەھبۇس ھەقىقىي دۇنيانى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ئىدى. لىكىن، ئۇنىڭ مەھكۇمىيەتداشلىرى سايىدىن پۈتكەن دۇنيادىن رازى بولۇپ يۈرۈشەتتى، ئۇلار ئۆڭكۈردىن چىقىپ كېتىش مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز چىقىپ كېتىشمەيتتى.


«ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس» دېگەن بۇ ئوخشىتىش ئەپلاتۇننىڭ «غايىۋى دۆلەت» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ئوخشىتىش ئەپلاتۇننىڭ ئۇقۇد تەلىماتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ماھىيىتى كۆلەڭگىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ قارىشىچە بولغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئەشۇ مەھبۇسلارغا ئوخشاش ھادىسىلەر دۇنياسىدىنلا قانائەتلىنىپ يۈرىدۇ. پەقەت پەيلاسوپلارلا ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ھەقىقىي دۇنيانى ئۆز تەجىرىبىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. دېمەك، پەيلاسوپلارلا ھەقىقىي بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى ئۆزگىرىۋاتقان، تاكاممۇل بولمىغان نەرسىلەردۇر. پەيلاسوپلارنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى مۇقىم ھەم تاكاممۇل نەرسىلەردۇر. دۇنيانى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن مۇئەييەن تەپەككۇر شەكلى لازىم بولىدۇ. ئىنسان دۇنيانىڭ مەنبەسىنى تەپەككۇر ئارقىلىق بايقايدۇ.


2. ئەپلاتۇن ۋە سوقرات


ئۇستازى سوقراتنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى ئەپلاتۇننىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. سوقرات ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە ئادەم بولۇپ، بىر تۈركۈم باي ئافىنا ياشلىرىنى ئەتراپىغا يىغقان ئىدى. ئۇ ھېچنەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان. بىراق، مەيدان ۋە دوقمۇشلاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ئۇنىڭ تەسىرىنى يىراقلارغا يايغان. ئۇ: «مەندە سۆزلىگۈدەك تەلىمات يوق» دەيتتى. بىراق، ئەتراپتىكى ئادەملەرگە ئۆتكۈر سوئاللارنى قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋاپا، ئادالەت ياكى ئەخلاق جەھەتتىكى نادانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. ئەپلاتۇن ياش ۋاقتىدىلا، سوقرات شەھەردىكى ياشلارنى زەھەرلىگەن، شەھەرنىڭ ئىلاھىغا ئېتقاد قىلمىغان دەپ قارىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. سوقرات ئافىنانىڭ جازا ئادىتى بويىچە ئوغا ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈلگەن.


ئەپلاتۇن سوقراتنى بىر سۆھبەتچى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق گويا سوقراتنى تىرىلدۈردى. بىراق، ئەپلاتۇننىڭ قەلىمىدىكى سوقرات پىكىر جەھەتتىن ئەسلىدىكى سوقراتقا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەپلاتۇننىڭ ئەسەرلىرىدىكى دىئالوگلار بەئەينى ئەمەلىي سۆھبەت خاتىرىسىگە ئوخشاپ كېتەتتى. ئەپلاتۇن «غايىۋى دۆلەت» نى يازغاندا، سوقرات ئەپلاتۇن ئىدىيەسىنىڭ ۋەكالەتچىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.


«غايىۋى دۆلەت» تە ئەپلاتۇننىڭ ئىككى خىل يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئەكس ئەتكەن ئىدى. كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە، سوقراتنىڭ دوستلىرى بىلەن قىلغان پاراڭلىرى بېرىلگەن، خۇددى سەھنە ئەسىرىنىڭ  بىرىنچى پەردىسىدىكىدەك بىزگە ھېكايىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرىدۇ. كىتابنىڭ كىيىنكى بۆلەكلىرىدە، دىئالوگ شەكلى ئىزچىللاشقان بولۇپ، بىز پەقەت ئەپلاتۇننىڭلا ئاۋازىنى ھېس قىلىمىز، باشقىلار پەقەت ئىنكاسچى خالاس.



3. سىراسماخوس بىلەن گىلاۋكون


«غايىۋى دۆلەت» نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى سىراسماخوس (Thrasymakhos) ۋە گىلاۋكون (Glaucon) ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللار بويىچە قانات يايغان. سىراسماخوسنىڭ قارىشىچە، ئادالەت بىر نىقاب بولۇپ، كۈچلۈكلەرنىڭ مەنپەئەتىنى پاناھىغا ئالىدۇ، ھوقۇق ھەممىنى توغرىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئادالەت كۈچلۈكلەر بېكىتكەن مەنپەئەت پىرىنسىپىغا بويسۇنىدۇ. خۇسۇسىي پائالىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادالەتسىزلىك ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، بۇ خىل تىپتىكى ئادەملەر ئومۇمەن خۇشال ئۆتىدۇ.


گىلاۋكون تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭچە، ئادىل ئىش قىلغانلار پەقەت ئۆزلىرنى نىقابلاش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. رىۋايەتلەردىكى گوگىس (Gyges) تىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنى يۇشۇرۇپ قالالايدىغان ئۈزۈككە ئېرىشسە، ئۇ ئۆزىنى ئادىل ئىش قىلىشقا ئۈندەيدىغان تۈرتكىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۈزۈك ئۇنىڭ جىنايىتىنى يۇشۇرۇپ، جازادىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. گىلاۋكون مۇنداق بىر تەسەۋۇرنى قىلىدۇ: بىر ئادىل ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن ئادالەتسىز دەپ قارالدى، ئۇ بىچارە نۇرغۇن جاپا تارتىپ، ئاخىرى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدى، ھاياتىدىن تىلغا ئالغۇدەك ئىش قالمىدى. يەنە بىر مەككار ئادەم باركى، ھەمىشە ئۆزىنى ئادىل قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. بىراق، پۇرسەت تاپقان ھامان رەزىللىك قىلىدۇ. ئۇ شادىمان ياشاپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. دېمەك، ئادىل ئادەم مۇناسىپ جاۋابقا ئىرىشەلمەيدۇ. سوقرات ئادىل ئادەملەرنى ئاقلىماقچى بولىدىكەن، ئۇ مەككارلارنىڭ ئىشىنىڭ رېئاللىقنىڭ تولۇق تەرىپى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرەلىشى كېرەك، بولىدۇ. سوقرات كىتابنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا ئادىللىقنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتى ۋە ئۆرنەكلەرنى كۆرسەتتى. ئۇ دېدىكى، ئادالەت ماھىيەت جەھەتتىن ئەرزىيدىغان ئىش، ئاقىۋەت جەھەتتىن ياخشى ئىش

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 17:36:55

ئاخىرى چىقىپتۇدە،تەرجىمە قىلغۇچىغا تەشەككۈر.قىلغان ئىشلىرى بەركەتلىك بولسۇن.
بەت: [1]
: ئەپلاتون ۋە «غايىۋى دۆلەت»[1][كۆچۈرۈلمە]