ibirlik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 09:43:04

تالانىتلىقلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۇتۇق قازىنىشى

بۇ ماقالىنى تۈركىيە رامسار ئەرەنچە
كىيملىرى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان.



30
نەچچە يىلدىن بۇيانقى
جوڭگۇ
ئىقتىسادىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆرلىشى نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئىلىپ كەلدى، ئا
خبارات ۋاستىلىرى ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر يەنە شەخسلەر ۋە كارخانىلارنىڭ مۆجىزلىرىنى
كۆپتۈرۈشكە باشلىدى، نۇرغۇنلىغان جوڭگۇلۇقلارنىڭ خىزمەتنى ھايات نىشانى قېلىۋىلىشى
ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. سابىق گوگۇل باش لىدىرى، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغۇچى لى كەيفۇ
يېقىندا ئۆزىنىڭ يۇلۇن ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى، كىسەللىكنىڭ ئۇزۇن
مۇددەت خىزمەت قېلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ج
وڭگۇدىكى
باشقۇرغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا يۆتكىدى.


خىزمىتىڭىز قانچىلىك خىرىسقا تولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر
بۇ خىل تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۈمكىن. مورگىن سىتەنلىي
Morgan Stanley ئاسىيا
رايونىنىڭ باش ئى
جرائىيە مۇدىرى سۈن
ۋىيخەلىقئارالىق مەبلەغسىلىش تۈرىدە ئورنى ئەڭيۇقىرى بولغان چوڭ قۇرۇقلۇقلۇق بانكىر
ھىسابلىنىدۇ. مۇۋەپىقىيەت قازانغان بۇ ئايال ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى. ئۇ ۋاقىتنى
ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋىلىش، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئىشنى تەڭ قېلىش بەك مۇھىم
دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، ئۇ ماشىنىدا يىغىن ئاچالايدۇ، ماتىرىيال كۆرەلەيدۇ،
ئويلىنىدۇ ھەتتا چېچىنى بۈدرە قىلالايدۇ. ئۇ بىيجېڭدىن شاڭخەيگە قاتنايدىغان
يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا تىلفۇن زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا
بىر قانچە ئىشنى تەڭ بىجىرگەندىلا ئاندىن ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ،
بولمىسا ئۇخلايدىغانغىمۇ ۋاقتىڭىز چىقماي قالىدۇ، دەيدۇ.


سۈن ۋىينىڭ يولدىشى جون
بولسا ۋول سېتىرت كوچىسىدىكى سىكەددىن ئادوۋكاتلىق ئورنىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى، ئۇمۇ
بەك ئالدىراش. ئۇنىڭ يولدىشىدىن ئۆگىنىۋالغان بىر ئىشى بولسا، خىزمەتتە ئائىلىنىڭ
ئىشلىرىنى ئويلىماسلىق، ئائىلىدە خىزمەتنى ئويلىماسلىق. بۇئۆيدە ئىلىكرونلۇق خەتساندۇقىڭىزنىمۇ ئاچماڭ دىگەنلىك ئەمەس، ئۇنداق
قىلمىسىڭىز مەڭگۈ ئىشتىن چۈشەلمەيسىز. مۇھىمى خىزمەت ۋە تۇرمۇشنى كۆڭلىڭزدىكى
ئوخشىمىغان «قۇتا»نىڭ ئىچىگە سىلىش، خىزمەتتىكى ناچار كەيپىيات، بېسىملارنى ئۆيگە
ئېلىپكەلمەسلىك. سۈنۋىي نىڭ دېيىشىچە، ئۇ
ناھايىتى ئاسانلا خىزمەتكە باش چۆكۈرۈپ كېرىپ كېتەلەيدىكەن، ئەمما مۇھىم بولغىنى
ئۆيگە قايتقاندا خىزمەتنى «ئېتىۋىتەلەيدىكەن».


خىزمەت بىلەن ئائىلىنىڭ تەڭپۇڭلىىنى ساقلاش راستىنلا بەك تەس.
2010- يىلى مورگىن سىتەنلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازار سودىسى- ج
وڭگۇ
يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تۇن
جى
ئىچىلىش مۇراسىمى پايچىكى
( IpO) دىكى سودىگەر ئورنىنى قولغا
كەلتۈرۈش ئۈچۈن
جىددىي ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا، يولدىشى بىلەن ئوغلى ئېغىر قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ
كۈنلەردە
جوڭگۇدىكى بىرىنچى قول بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈندۈزلىرى سودىنى قولغا كەلتۈرۈش
ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلىگەن بولسا، كەچلىرى دوختۇرخانىدا كىسەل باققان. سۈن
ۋېي: خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىنتايىن كۈچلۈك ئىرادە تەلەپ
قىلىدۇ، دەيدۇ. مورگىن سىتەنلى ئاخىرى
يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ سودىگەرلىرىنىڭ بىرى بولدى، سۈنۋېينىڭ ئوغلى بىلەن
يولدىشىمۇ دوختۇرخانىدىن ساق- سالامەت قايتىپ چېقتى.


دىيۇتىسچى بانكىسى Deutsche Bankباش لىدىرى
چىيەن
جىڭنىڭ ئېيىشىچە، ئۇ شىركەتتە ئىلاجى بار خىزمەتلەرنى قول
ئاستىدىكىلەرگە بۆلۈپ بىرىش، ئۆيدە ئىشلارنى ئىلاجى بار يولدىشىغا ھاۋالە قىلىش
ئارقىلىق، توختىماي كاماندىروپكىغا چىقىدىغان ئۆزىگە، ئۆزىگىلا   خاس ۋاقىتىنى ئۇتۇۋالالايدىكەن. مەسىلەن، ھەپتە ئاخىرى يۈزىنى ئاسراش دىگەندەك.
ئۇنىڭ يولدىشى شۋىتسىيە بانكىسىدا تىخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىدۇ،
ئادەتتە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.


گەرچە خوجايىنلار يالغۇز ئۆزىلا ھىرىپ- ھالىدىن كېتىشنى خالىمىسىمۇ، لىكىن
قول ئاستىدىكىلەرنىڭمۇ، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن چارچاپ كېتىشىنڭ ئالدىنى ئىلىشى
كىرەك. چىيەن جىڭ مۇنداق دەيدۇ: ھەر قىتىم «غەزەپلىنىش يوللانمىسى» يوللاشتىن
بۇرۇن ئىككى مىنىۇت توختىۋالىمەن. ئۆزۈمنى بىسىۋالغاندىن كىيىن، ئادەتتە بۇ
يوللانما ياكى چېقىرىۋىتىلىدۇ ياكى قوللىنىلغان سۆزلەر ئۆزگەرتىلىدۇ. سۈن ۋېي
بولسا، ئىلاجى بار يىرىم كېچىدە خىزمەتداشلارغا
تېلىفۇن ئۇرماسلىق ۋەيا پوچتا يوللانما يوللىماسلىق كىرەك، بولمىسا
خىزمەتداشلارجىددىي قايتۇرۇشۇم كىرەك
دىگەن بىسىمغا ئۇچرىشى مۈمكىن، دەيدۇ.


تەرجىمە قىلغۇچى:نۇرئىمانگۇل ئابدۇرەشد


تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:تاھىر ئىمىن


مەنبەسى:ئامېرىكا ۋول كوچىسى تورى


رامسار كىيملىرى ئادېرسى:ئۇرۇمچى خەلقئارا بازار ۋە دۆڭكۆۋرۈك
تۈركىيە تىجارەت مەركىزى 3-قەۋەت 0991-2850077


تور ئادېرسى:www.ozturk.cn/bbs


بەت: [1]
: تالانىتلىقلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۇتۇق قازىنىشى