TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 08:33:48

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Jule-Henri Poincaré

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Jule-Henri Poincaré



تاشپولات روزى




Poincaré بولسا فىرانسىيەنىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكا ھەم فىزىكا ئالىمى بولۇپ،
ئۇ نەنسى (Nancy) شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1879-يىلى كېيىن (Caen)
ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، 1881-يىلىپارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ
پروفېسسورى، ھەم 1887-يىلى Académie des Sciences نىڭ، 1908-يىلى Academie
Françaiseنىڭ ئىزاسى بولۇپ، 1912-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى پارىسدا ۋاپات
بولىدۇ.



ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ئانالىتىك ئىلىم ھەم بۇ نەزەرىيىنىڭ فىزىكا ئىلمىگە
بولغان قوللىنىشى ئاساسلىق بولسىمۇ، ئەمما ماتېماتىكىنىڭ باشقا
ساھەلىرىگىمۇ ناھايىتى كۆپ نەتىجىلەرنى قوشىدۇ. 1880-يىلىدىن كېيىن، ئۇ
شەكىل ساقلاش فۇنكسىيە نەزەرىيىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئانالىتىك فۇنكسىيىنىڭ
بىردىن-بىرلىك مەسىلىسىنى يەشكەنلىكى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ 3
تەرەپلىمە مەسىلىسى ئۈستىدە يازغان ماقالىسى، 1887-يىلى سىۋەدىنىڭ (Sweden)
ئوسكار پادىشاھ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ 1892-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە 3
قىسىملىق كىتاب “Mécanique Céleste” يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدا قوللانغان
ئۇسۇللار ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ يېڭى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ
بۇنىڭدىن باشقا ئالگېبرالىق توپولوگىيە گېئومېتىرىيىسىنىڭ يېڭى يولىنى
ئېچىپ بېرىپ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەم زەرىجە نەزەرىيىسىگىمۇ تۆھپە
قوشىدۇ. ئۇ يەنە “ئىلىم-پەن ئۈچۈن ئىلىم” دېگەننى تەرغىب قىلىپ، تەبىئەت
ئىلمى ھەم ماتېماتىكىنىڭ ئاساسىنى ئىپادىلەيدىغان پەلەسەپەلىك بايانلارنى
ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ ماقاللىرىنى ئادەتتىكى ئاددىي بىر ئادەممۇ ئوقۇپ
ھۇزۇرلىناتتى.



ئۇ 1904-يىلى “Poincaré قىياسى” ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قىياس مۇنداق: 3
ئۆلچەمدىكى يەككە باغلىنىشلىق يېپىق كۆپ تەرەپلىك ھالقا بولسا 3 ئۆلچەمدىكى
شار يۈزى بىلەن ئوخشاش دېگەندىن ئىبارەت.



ئېينىشتېين ئۆزىنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى پەقەت ۋە پەقەتلا Poincaré
ئېلان قىلغان “On the Dynamics of the Electron” دېگەن ماقالىسى ئېلان
قىلىنىپ 3 ئايدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. بىراق ئېينىشتېين، Poincare نىڭ
ماقالىسىنى قوللانغان دېگەن بىر پاكىت بولمىغانلىقتىن بۇ نەتىجە
ئېينىشتېينغا مەنسۇپ بولىدۇ. Poincare ھايات ۋاقتىدا ئېينىشتېيننىڭ
نىسبىلىك نەزەرىيىسىنى قەتئىي ئەتراپ قىلمايدۇ. Poincaré ئۆلۈپ ئاز يىللار
ئوتكەن كېيىن، ئېينىشتېين Poincaré گە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ باشلامچىسى يەنى قۇرغۇچىسى.





بۇرۇن ئامېرىكانىڭ Clay تەتقىقات ئورنى بۇ قىياسنى ئىسپاتلىغانلارغا 100
مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بېرىلىدۇ دەپ ئېلانمۇ چىقارغان ئىدى. بۇ قىياس
سانائەت ساھەسىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىدۇ.



خەلقئارا ماتېماتىكا بىرلەشمىسى، 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ماتېماتىكا
ساھەسىدە ئەڭ داڭلىق “Fields ئالتۇن مېدال” مۇكاپاتىنى، ماتېماتىكىدا ئەڭ
قىيىن مەسىلە دەپ قارىلىۋاتقان “Poincaré قىياسى” نى ئىسپاتلىغان يەھۇدىي
قان تىپىدىكى رۇسىيەلىك ماتېماتىك Grigory Yakovlevich Perelman غا ھەم
بۇنىڭدىن باشقا Princetonئۇنۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى Andrei Okounkov،
كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى Terence Tao، پارىس-سۇد
ئۇنۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى Wendelin Werner قاتارلىق 4 كىشىگە بېرىلىدۇ دەپ
ئېلان قىلدى. بۇ مۇكاپاتقا پەقەت 40 ياشتىن تۆۋەن ماتېماتىكلار
ئېرىشەلەيدۇ.




بىراق، “Poincaré قىياسى” نى ئىسپاتلىغان يەھۇدىي قان تىپىدىكى رۇسىيەلىك
ماتېماتىك Grigory Yakovlevich Perelman بولسا “Fields ئالتۇن مېدال” نى
ئېلىشنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا مۇكاپات ھەم پۇل كېرەك ئەمەس.



feruq7 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 14:57:43

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تاشپۇلات ئاكا، يېقىندىن بۇيانقى يازمىلىرىڭىزدىن بىزگە جىق پايدىسى بولدى دەپ قارايمەن، يازمىلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي......

بۇ يازمىدىكى پارس دىگىنىڭىز پارىژ شۇنداققۇ؟ \"\"

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 10:25:57

1- قەۋەتتىكى feruq7نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تاشپۇلات ئاكا، يېقىندىن بۇيانقى يازمىلىرىڭىزدىن بىزگە جىق پايدىسى بولدى دەپ قارايمەن، يازمىلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي......

بۇ يازمىدىكى پارس دىگىنىڭىز پارىژ شۇنداققۇ؟ \"\"

سالام feruq7 ئۇكام،



يۇقىرىدىكى يازمامنى تەھرىرلەپ قويدۇم. پارىس شەھىرى دېگىنىم بىز بىلىدىغان پارىژ شەھىرى بولىدۇ. ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.


بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Jule-Henri Poincaré