شىنجاڭ تېلگىرافىنى مۇنداق جايلىدىم
6-ئاي ئەتىراپىدا ئۆيگە تېلگىرافنىڭ تورىنى بىريىللىق كۆتىرە مۇددەت بۇيىچە تارتقان ئىدىم، تور سۈرئىتى4Mئىدى، ئېھتىياجىم ئۈچۈن بازاردىن سىمسىز روتېردىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئۆيدە سىمسىز تور تارقىتىپ، ئايپاد، ئايفون قاتارلىق ئۈسكىنىلەردە تورغا چىقاتتىم ، بەزى-بەزىدە تور ئۈزىلىپ كىتەتتى، بۇ ۋاقىتتا سىمسىز روتېر بىلەن مودىمنى قايتا قوزغىتىۋەتسەم ئوڭشلىپ قالاتتى، بىراق بۈگۈن ئۆيگە كىلىپ تورنى ئاچسام ئۇدۇل تېلگىرافنىڭ بېتىگە ئۇلىنىپ <<سىزنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور ھېسابات نۇمۇرىڭىزدا خاتالىق بار>> دەپلا چىقىۋالدى، سىمسىز روتېر، مودېملارنى نەچچە رەت قايتا قوزغاتتىم، 10000غا ئۇرۇپ، كەڭ بەلباغ تور مەخپى نۇمۇرىنى قايتا ئۆزگەرتتىم، نەتىجە ئوخشاش، شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېرنىڭ تور سىمىنى روتېردىن ئاجىرتىپ مودىمغا بىۋاستە ئۇلاپ نۇمۇر بوراپ تورغا ئۇلىسام ئۇلاندى، بىراق توربەت زىيارەت قىلسام، <<سىزنىڭ تورغا ئۇلاش قېتىم سانىڭىز بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتتى، سىز كۆپ كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلىدىڭىز، ياكى كومپيۇتېرنى خاتا تاقىدىڭىز، ھەل قىلىش ئۇسۇلى، روتېرنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ، ئاندىن مەزكۇر مۇقىم تېلفوندا مانچىنى بېسىپ خاتالىقنى ئوڭشىغاندىن كىيىن سىناڭ>> دەپ چىقىۋاتمامدا؟ ئاللا كارامەت، ئەرۋايىم قىرق گەز ئۇچتى! ئەسلى بۇلار روتېرنىمۇ چەكلىيەلەيدىكەن ئەمەىسما! دىگىنى بويىچە خاتالىقنى ئوڭشاپ مودىم ئارقىلىقلا ئۇلىسام نورمال تورغا چىقتى، ئاندىن روتېرنى قايتا ئۇلىسام جاھاننامىدە يەنە شۇ دەسلەپكى خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى، نەچچە رەت قايتا سىناپ كەتتىم نەتىجە ئوخشاش.
ئاخىر ئامالسىز 10000غا تېلفۇن قىلىدىم(دىئالوگنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى)
مۇلازىم: ياخشىمۇ سىز؟ نىمە ياردەم كىرەك ئەپەندىم؟
مەن: يۇقارقى ئەھۋاللارنى بىر-مۇ بىر دەپ ئۆتتۈم.
مۇلازىم: ئەپەندىم بىز پەقەت تورنىڭ نورمال ئۇلىنىشىغىلا كاپالەتلىك قىلىمىز، سىز روتېر ئىشلەتسىڭىز، بىرىنجىدىن قوشنىلىرىڭىز مەخپى شىفىرىنى بىلىۋالسا تورىڭىزنى تەڭ ئىشلىتىۋالىدۇ، ئۇنداق-مۇنداق+.......n دەرىجسىى كەمچىلىكى بار شۇڭلاشقا روتېر ئىشلەتمەڭ !
مەن: روتېرغا شىفىر ئورنىتىپ قويدۇم، پات-پات شىفىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىمەن، باشقىلارنىڭ تورىمغا ئۇلىنىۋېلىشى مۈمكىن ئەمەس!
مۇلازىم: ئۇنى مەن ئۇقمايمەن، ئىشقىلىپ سىزنىڭ روتېر ئىشلەتكىنىڭىز بىزنڭ قائىدىمىزگە خىلاپ!(تەلەپپۇزى قوپاللاشقىلى تۇردى)
مەن:(تەلەپپۇزۇمنى يۇمشاق قىلىپ) ئۇنداق بولسا مەن سىمسىز روتېرنى ئېلىۋىتەي، بىراق مەن تور تارتقاندا تېلگىرافتىن ئايدا 200سائەت تېلگىرافنىڭ WIFIتورغا چىقىش ۋاقتى سوۋغا قىلغان، شۇنى ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىدىم، ماڭ ياردەم قىلىىپ ئۆيۈمگە شۇ تېلگىرافنىڭ سىمسىز روتىرىنى تارتىپ بىرڭلار، ئاندىنمەن قەتئى روتېر ئىشلەتمەيمەن!
مۇلازىم: ئەپەندىم ئۇ دىگەن سىزنىڭ خالىغان جايدا چىقىۋالىدىغان تورىڭىز ئەمەس، ئۇ دىگەن سىزگە ئېھتىياجلىق بولغاندا مۇھىم جايلارغا بېرىپ قالسىڭىز چىقىدىغان تور، شۇڭا سىزدىن ھەق تۇتمايدۇ!
مەن : ئەمىسە مەن ھەق تۇتىدىغان تۈرىنى ھەق تۆلەپ ئاچقۇزاي، زادى بىزنىڭ قوروغا تارتىپ بىرىڭلار! مىنىڭنمۇ روتېر ئىشلەتكۈم يوق!
مۇلازىم: ئەپەندىم ئۇ تېلگىرافنىڭ سىمسىز تورىنى پەقەت ج خ ئىدارىسى، بەزى مەكتەپ، دوختۇرخانا دىگەندەك ئالاھىدە ئورۇنلارغا تارتىدىغان گەپ، خالىغان ئورۇنلارغا تارتىشقا بولمايدۇ!
مەن: مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ قوروسىدىمۇ تېلگىرافنىڭ سىمسىز تورى بار(ئەمەلىيەتتىمۇ بار) ئۇنىڭ ئورنى خوتەن شەھەر پالىنى يولى، پالانى گۈللۈك ئولتۇراق رايونى، ئەجىپا ئۇنىڭ ئولتۇراق رايونىمۇ ئالاھىدە رايونمۇ؟
مۇلازىم:.....
مەن: ئەجىپا بىزنىڭ قورودىكى ئادەملەر ئادەتتىكى ئادەملارما؟
مۇلاازىم:(بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن) ئەپەندىم سىز بىلەن سوقۇشقۇق يوق، تورىڭىزدا مەسىلە بولسا شەھەر رايوىنى مانچە خىزمەت ۋاقتى، يېزا مانچە خىزمەت ۋاقتىدا ئوڭشاپ بىرىمىز! روتېرنى بىز ئۇقمايمىز، ئۇنى ئالغان يەردىن سوراڭ(ئانچە-مۇنچە يۇمشاپ قالغان چىراي)
مەن: مىنىڭمۇ سىز بىلەن سوقۇشقۇم يوق! مىنىڭ مەقسىتىم كومپيۇتېردا سىملىق، باشقا ئۈسكىنىلەردە سىمسىز تورغا چىقىش! شۇڭلاشقا ماڭا سىمسىز تور تارتىپ بىرىڭلار، بولمىسا تورۇمنى روتېردىنمۇ چىقالايدىغان قىلىپ بىرىڭلار، ئىچكىرلەردە سىمسىز روتېر ئىشلىتەمدۇ، بىر تورنى نەچچچە كومپيۇتېردائىشلىتەمدۇ ،تېلگىراف ئارلاشمايدىكەن!
مۇلازىم: شۇڭا ئۇ ئىچكىرى، بۇ شىنجاڭ!
مەن: ھەر ئىككىسى جوڭگونىڭ تۇپرىقى!
مۇلازىم: بۇ دىگەن ئايرىم شىركەت!
مەن: ئەجىپا شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى جوڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىكە قارىمامدا؟
مۇلازىم: ئىچكىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئوخشىمايدۇ، ئىچكىرى دىگەن ئۇنداق تەرەققىي قىلغان، شىنجاڭ دىگەن بۇنداق كەينىدە قالغان، شۇڭلاشقا قائىدە تۈزۈملىرىمىزمۇ ئوخشىمايدۇ(گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سەت ئاچچىقىم كەلدى)
مەن: سىلەر ئابونىتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئتىنى مۇشۇنداق خالىغانچە چەكلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان قائىدە تۈزسەڭلار تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ ئەجىپا شىنجاڭ خەلقى يۇقىرى يېڭى تېخىنىكىدىن پايدىلانسا، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇر-سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا، كەڭ تۈردە پايدىلانسا بولمامدىكەن؟
مۇلازىم: يەنە كونا گىپىنى تەكۋرالاۋەردى، تورىڭىز بۇزۇلسا خىزمەتچى خادىملىرىمىز مانچە خىزمەت كۈنىدە ئوڭشاپ بىرىدۇ، روتېر ئۇلاپ تورغا چىقالماسلىقىڭىز بىزنى خاتالىقىمىز ئەمەس!
مەن: سىلەر چەكلىگەچكە روتېردىن چىقالمايۋاتىمەن!
مۇلازىم: (كونا گەپنى تەكرالاۋەردى)
مەن: سوتقا ئەرز قىلىمەن
مۇلازىم: (سۈكۈت)
مەن: باشلىققا يوللاپ بىرىڭ!
مۇلازىم: باشلىق ئۆيىدە ئۇخلاۋاتىدۇ!
مەن: خىزمەت نۇمۇرىڭىزى دەڭ ، (دەپ بەردى) باشلىق بولمىسىمۇ سىزگە مەسئۇل خادىمغا ئۇلاپ بىرىڭ!
يېنىدىكى بىرسىىگە <<سىمسىز روتېردىن چىقالمىدىم دەپ تۇرۋالدى>>... دىدى. نەچچە سىكونتتىن كىيىن تېلفون ئۈزۈلۈپ كەتتىمۇ، ئىشقىلىپ ئاۋاز يوق، بىردەم تۇۇپ ئاۋاز كەلمىگەندىن كىيىن تۇرۇپكىنى قويىۋېتىپ، بەش مىنۇتلاردىن كىيىن روتېردىن قايتا ئۇلىدىم، نەتىجىسى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر، تور بۇرۇنقىدەكلا نورماللىشىپ كەتتى، (ئۆزىچە ئوڭشىلىپ قالغىنىغا ئىشەنمەيمەن، ئالدىدىمۇ شۇخىل مەشغۇلاتلارنى مەلۇم ۋاقىت ساقلاپ قايتا-قايتا سىنىسام بولمىغان، بىرنەچچە سائەت ئېتىشىپ كەتكەن ئىدىم، ئىنىقكى ئۇلار بىرنىمە قىلغان ئىدى) روتر، مودىمنى نەچچە قېتىم قايتا قوزغۇتۇپ ، روتېرنىڭ تور تەڭشەكلىرىنى قايتا لاھىيەلەش ئارقىلىق سىناق ئېلىپ باردىم، يەنىلا سىمسىز-سىملىق تور نورمال ! شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق كاشىلىغا يولۇققان باشقا دوسلۇرۇم باشقا دوسلىرىمغا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئىزدىنىشقا يوللاپ سالدىم!
تېلېگراف شىركەتلىرى گەپ چۈشەنمىسە ئەڭ ياخشى ئامال قائىدە سۆزلەپ ئولتاماي، ھەل قىلمىساڭلار بېيجىڭغا تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلىمەن دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىش، باش شىركەتتە ئەرز شەكىللىنىشتىن بەك قوقىدۇ ئۇلار قالتىس ياخشى قىپسىز .مەنمۇ بىرقېتىم كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ بىر خادىمىنى مۇلازىمەت ۋاقتىدا ئادەمنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىدا ئەزقىلىپ ئالدىمغا ئەكىلىپ كەچۈرۈم سوراتقۇزغانىدىم .ئاندىن كارتامدىكى مۇلازىمەت خاتالىقىمۇ ئوڭشىلىپ قالغانىدى .
مۇنداق نېمىلەرنىڭ مۇلازىمەتتىكى ساقتىلىقى بەك كۆپ ،سەللا بوشلىق قىلسا كىشىنى كوم-كوم سالىمەن دەيدۇ . ۋاي سىز تېلىگىرافتىن كىرىپ كۆچمە خەۋەرلىشىشكە چىكىتىپسىز ئەمەسمۇ...تورغا چىقمىغىنى بىكار ئەمەسكەن

3- قەۋەتتىكى urkeshنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاي سىز تېلىگىرافتىن كىرىپ كۆچمە خەۋەرلىشىشكە چىكىتىپسىز ئەمەسمۇ...تورغا چىقمىغىنى بىكار ئەمەسكەن![]()
ئۇندا ئىش يوق!، تېمىنى تولۇق ئوقىمىغان ئوخشايسىز! رەھمەت تىما ئىگىسى مەنمۇ نەچچە ئايدىن بىرى يوۋاش يۈرۈپتىكەنمەن بايا تىلفۇن قىلسام ۋاي ما يەردىن ئىتىلىپ قاپتۇ دەپ ئىچىپ بەردى ئۇ ئەسلى ھىچقانداق باپلىغىنىڭىز ئەمەس، ھەم ئۇلارنىڭ ئوڭشاپ بەرگىنىمۇ ئەمەس. pppoe كىلىشىمىنىڭ قائىدىسى بويىچە، تورنى ئۈزۈش بۇيرۇقى بەرمەيلا ئۆچۈرسىڭىز، مۇلازىمىتېردىكى سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز، قىسقا ۋاقىتقىچە «توردا بار» دىگەن ھالەتتە تۇرىدۇ. «توردا بار» ھالىتىدە تۇرۇپ يەنە بىر قىتىم باشقا ئۈسكىنىدە ئۇلاش بۇيرۇقى بەرسىڭىز، ئوخشىمىغان mac ئادىرسىدىن كىرىپتۇ دەپ مۇلازىمىتېردا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. سىز تورنى ئۈزۈپ، مۇلازىمىتېردىكى ھالىتىڭىز «توردا يوق» دىگەن ھالەتكە كەلگەندە، ئاندىن تورغا ئۇلاش بۇيرۇقى بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چەكلەش خىيالى بولسا، بەك ئاسان لىكىن چەكلىمەيدۇ، چۈنكى ئاسراش خىزمىتىگە ئاۋارىچىلىق تۇغۇلىدۇ.
تىلگىراف ئاپپارات ئالماشتۇرۇپ، خاتالىق ئەسكەرتىش ئۇسۇلى ئۆزگەردى، ئاشۇ سىرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بىتىدىكى ئۇچۇرغا دىققەت قىلسىڭىز، ھەر قانداق كاشىلا خاتالىقىنى، ئاپتوماتىك ياكى ئۆزىمىزلا ئوڭشىيالايمىز. خاتالىق بىتىدە، ئوڭشاش ئۇسۇلى يىزىقلىق بولىدۇ. تېما ئىگىسى ھاياجانلىنىپ قاپتۇ ، تىلگىراف سىمسىز روتېرنى چەكلىگىنى يوق ، مەشغۇلاتىڭىزدا مەسىلە باركەن .
بىر تېلىفون بىلەن جايلىنىپ كىتىدىغان تېلگىراف جۇڭگو تېلگىرافى بولالمايدۇ. @kokkaptar كەپتەباي تېلېگراپتىكىلەر كومپيۇتېر مودېمدىن تورغا ئۇلىنىدىغان لېكىن روتىردىن ئۇلىنالمايدىغان قىلىپمۇ تەڭشىيەلەمدا؟
6- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇ ئەسلى ھىچقانداق باپلىغىنىڭىز ئەمەس، ھەم ئۇلارنىڭ ئوڭشاپ بەرگىنىمۇ ئەمەس. pppoe كىلىشىمىنىڭ قائىدىسى بويىچە، تورنى ئۈزۈش بۇيرۇقى بەرمەيلا ئۆچۈرسىڭىز، مۇلازىمىتېردىكى سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز، قىسقا ۋاقىتقىچە «توردا بار» دىگەن ھالەتتە تۇرىدۇ. «توردا بار» ھالىتىدە تۇرۇپ يەنە بىر قىتىم باشقا ئۈسكىنىدە ئۇلاش بۇيرۇقى بەرسىڭىز، ئوخشىمىغان mac ئادىرسىدىن كىرىپتۇ دەپ مۇلازىمىتېردا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. سىز تورنى ئۈزۈپ، مۇلازىمىتېردىكى ھالىتىڭىز «توردا يوق» دىگەن ھالەتكە كەلگەندە، ئاندىن تورغا ئۇلاش بۇيرۇقى بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چەكلەش خىيالى بولسا، بەك ئاسان لىكىن چەكلىمەيدۇ، چۈنكى ئاسراش خىزمىتىگە ئاۋارىچىلىق تۇغۇلىدۇ.
تىلگىراف ئاپپارات ئالماشتۇرۇپ، خاتالىق ئەسكەرتىش ئۇسۇلى ئۆزگەردى، ئاشۇ سىرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بىتىدىكى ئۇچۇرغا دىققەت قىلسىڭىز، ھەر قانداق كاشىلا خاتالىقىنى، ئاپتوماتىك ياكى ئۆزىمىزلا ئوڭشىيالايمىز. خاتالىق بىتىدە، ئوڭشاش ئۇسۇلى يىزىقلىق بولىدۇ.
سىزنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىڭىزنىڭ يۇقۇرلىقىنى بىلىمەن، لېكىن مەنمۇ بۇ ساھەدە قارا ساۋات ئەمەس! 2000-يىل ئۇيغۇر سوفىتتتا نەچچە ئاي تەربىيلىنى باشتىن كەچۈرگەندىن باشلاپ ئىزچىل مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغىللىنىۋاتىمەن! ئەمەلىيەتتە سىز دىگەندەك تورنى تالاي قېتىم ئۈزۈپ سىناش ۋە باشقا باسقۇچلارنىڭ ھەممىنى قايتا-قايتا سىناپ ئاندىن 10000غا تېلفون ئۇرغانمەن! شۇڭلاشقا سىزنىڭ بۇ كومپيۇېترنى توردىن ئۈزمەسلىكنىڭ مەسىلىسى دىسىڭىز تازا ئاقمايدىغان گەپ! قالغىنىغا سىزگە مۇشۇنداق ئىش ئۇچىرغاندا ئاندىن يۇقارقى سۆزلىرىڭىزنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلارسىز!
@goodluck
8- قەۋەتتىكى freebirdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېما ئىگىسى ھاياجانلىنىپ قاپتۇ ، تىلگىراف سىمسىز روتېرنى چەكلىگىنى يوق ، مەشغۇلاتىڭىزدا مەسىلە باركەن .
بىر تېلىفون بىلەن جايلىنىپ كىتىدىغان تېلگىراف جۇڭگو تېلگىرافى بولالمايدۇ.
_________________________________________________________________
تېلگىراف سىمسىز روتېرنى بىۋاستە چەكلىمەيدىكەن، بىراق مودىمنىڭ تورغا ئۇلىنىش قېتىم سانىنى چەكلىيەلەيدىكەن! سىز روتېر ئىشلەتمەي بىۋاستە مۇدىمدىنلا چىقىڭىز بىركۈندە كومپيۇترنى قانچە قېتىم قوزغاتسىزڭى شۇنچە قېتىم تورغا ئۇلىنىدۇ. بىر كۈندە ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ كومپيۇتېرنى 100قېتىمدىن ئارتۇق ئۆچۈرۈپ ئاچمايسىز! بىراق روتېر ھەر نەچچە سىكۇنىتتا ئۇلىنىشنى بىر قېتىم يېڭىلايدىكەن، بىر سائەتتە نەچچە يۈز قېتىم تورغا ئۇلاندى دىگەن گەپ!
pppoe مۇلازىمىتېرىدا (宽带服务器) ھىسابات ئارقىلىق ئۇلانغان ئابونىتلارنىڭ، مودىمنىڭ تور ئىغىزىغا تور سىمى ئارقىلىق بىۋاستە ئۇلانغان ئۈسكۈنىنىڭ (مەيلى كومپيۇتېر بولسۇن ياكى روتېر بولسۇن) MAC ئادىرىسى خاتىرلىنىدۇ. بۇنىڭ كومپيۇتېر ياكى روتېرلىقىنى پەرىقلەندۈرمەيدۇ. پەقەت MAC ئادىرىسى چوقۇم خاتىرلىنىدۇ دەپلا بىلسەك بولىدۇ. (ئادەتتە MAC ئادىرىسىغا قاراپ، روتېر ياكى كومپيۇتېرلىقىنى ئايرىشقا بولىدۇ، لىكىن بەلگىلىك تەجىرىبە كىرەك.)
ئادەتتە بىز دائىم ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىنىڭ mac ئادىرىسىنى باغلاپ قويىدىغان ئىشلار بار، لىكىن بۇنى قىيىشىپ قىلمىسا، قىلمايدۇ. چۈنكى ئاسراشقا قاتتىق قولايسىزلىق ئىلىپ كىلىدۇ.
ھەر بىر ئۇلىنىش ئىلتىماسى بىرىلگەندە pppoe مۇلازىمىتىرىدىن بىر مەۋھۇم ئىغىز بىر ئابونىتقا ئاجىرىتىپ بىرىلىدۇ. ئادەتتە ئۆزىمىز pppoe مۇلازىمىتىرى قۇرغاندا ئابونىتنىڭ ئۇلىنىش سانىغا چەكلىمە قويمايمىز (شىركەت، ئىدارىدىكىلەر تورغا شۇنداق چىقىدۇ. بىزنىڭ ئىدارىغا كىلىپ، كومپيۇتېرنى ئىدارىنىڭ سىمىغا ئۇلىساڭلا بىۋاستە تورغا چىقالمايسىلا، سىمنى ئۇلاپ، 宽带连接 قۇرۇپ، ئىسىمغا kokkaptar دەپ يازساڭلا چىقالايسىلە.

داۋاملىق ئىشلەتكەن بىرلا ئۈسكۈنىنى (كومپيۇتېر ياكى روتېرنى) قانچە قىتىم تەكرار ئۇلاپ ئۈزسىڭىز يەنىلا شۇ بىر قۇرلا ئابونىتلار تىزىملىكى شەكىللىنىدۇ. بىردەم كومپيۇتېر، بىردەم روتېر ئۇلىسا تىزىملىك ئىككى قۇر بولىدۇ. (چۈنكى ئادەتتە ھىچكىم 宽带连接 نى قائىدە بويىچە ئۈزۈپ ئاندىن ئۈسكۈنە ئالماشتۇرمايدۇ.) ئادەتتىكى كۆپ قىسىم ئابونىتقا بىرلا قىتىم ئۇلىنىش چىكى بىرىلگەچكە، مۇلازىمىتېر، ئابونىتنى «ئىككى ئۈسكۈنە ئىشلىتۋاتىپتۇ، ھىساباتى ئوغۇرلانغان ئوخشايدۇ» دەپ قارايدۇ دە خاتالىق ئۇچۇرى ئەۋەتىدۇ. ئىشلەتكۈچى 10000 نىڭ ئاپتوماتىك مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاپتوماتىك 修复 مەشخۇلاتى قىلىشى كىرەك ياكى مۇلازىمىتېردىكى ئۇلىنىش تىزىملىكىنىڭ 刷新 بولۇپ، تازلىنىشىنى ساقلىشى كىرەك. (ئادەتتە ئاپتوماتىك يېڭىلىنىغان ۋاقىت ھەر كىچە بولىدۇ، ناۋادا يېڭى بىر كەڭ بەلباغ ئابونىتى قۇرۇلغان بولسا، شۇ ۋاقىتتىمۇ يېڭىلىنىدۇ.)
كومپيۇتېر بىلىش بىلەن تور بىلىشنى بىر قاتارغا قويۋالغىلى بولمايدۇ. ئىككىسى ئىككى چوڭ ساھە. مەن بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر تور ئىنژىنىر بار، قولىدە Cisco ۋە Huawei نىڭ ئىتراپنامىلىرى بار، جەنۇبى شىنجاڭ تەۋەسىدە، تور يولى قوراشتۇرۇشتا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، لىكىن كومپيۇتېرغا ناخشا قويغۇچ قاچىلاشنى بىلمەيدۇ. روتېرنىڭ تەڭشەيدىغان يېرىدە 克隆mac地址 ياكى 复制mac地址 دەيدىغان يېرى بار، شۇنى تاللاپ كومپىيوتېرىمىزنىڭ mac ئادېرسىنى روتېرغا كۆچۈرۈپ قويساق سىز دىگەندەك ئىشلار بولمايدۇ، ئۇلار سىز كومپىيوتېردا تورغا چىقتىڭىزمۇ، تېلفۇندىمۇ ئۇقۇپ بولامايدۇ. سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇل.... ئۆيدىكى تىلگىرافنىڭ سىمىز روتېرىنى ئىشلىمەس قىلىپ قوياپتۇ ئۇلار، بىز ئىشلەيدىغان قىلالمامدۇق ؟ خۇا ۋىي ئېدى. سىزنىڭ بانىڭىز بىلەن پۈتۈن بىنا سىمسىز تورغا چىقالايدىغاب بوپتۇدە،سىز ماڭا خوشنا بوسىڭىز بولامدۇ نىمە؟؟!

خوتەنچە جاھىللىق قىلمىسىڭىزلا چىقىشىپ قالىمەن،


17- قەۋەتتىكى harunbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كەسىپ ئىگىلىرى خېلى يىغىلىپ قالغان ئوخشايدۇ ، يانفۇن تور سىگىنالى بىلەن كومپىيۇتۇرنى تورغا ئۇلاش ھەققىدە بىلىدىغانلىرىڭلارنى سۆزلەپ بەرسەلار ... ئۇچۇر تورىدا مۇشۇنداق بىر ئۈسكىنىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم ، يانغۇننىڭ كۆك چىش ئىقىدارى بولۇشى كېرەك ، يەنە كومپىيۇتۇرنىڭ يۇ ئېس بى ئېغىزىغا ئەشۇ ئۈسكۈنىنى چاتىمىز دېگەندەك قىلغان...
كۆك چىش ئۇ بۇ جاننى قىينايدۇ. لەپتوپ بولسا، يانفوندىن بىۋاستە wifi تارقاتسىڭىز بولىدۇ. يانفۇن بولمىسا، ئىككى يىل بۇرۇن كەپتەرخانىدا ئىلان قىلىنغان بىر يازمىدا، 3G لىق روتېر تونۇشتۇرۇلغان. تاۋباۋدىن 3G 路由器 دەپ ئىزدىسىڭىزمۇ چىقىدۇ.
http://kokkaptar.com/540.html
14- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆيدىكى تىلگىرافنىڭ سىمىز روتېرىنى ئىشلىمەس قىلىپ قوياپتۇ ئۇلار، بىز ئىشلەيدىغان قىلالمامدۇق ؟ خۇا ۋىي ئېدى.
بۇنى تىلگېرافنىڭ چەكلىۋەتكەن، ئەگەر سىمسىز روتىر ئېقتىدارىنى ئېشلەتكىڭىز بولسا ،بەيدۇ غا چىقىپ ئېز دىسىڭىز سىمسېىز ئىقتىدارىنى ئاچىدىغان破解قىلىدىغان ئۇسۇل با، قىلالمىسىڭىز تاباۋ غا چىقىپ روتېر نىڭ تىپى بويىچە ئېز دىسىڭىز مەخسۇس ھەقلىق 破解مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن لەيدىغان تىخنىك خادىملار بار، باھاسى 10 سوم ئەتىراپىدا، مەنمۇ شۇنداق قىلغان.