zordun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 17:13:17

سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە[كۆچۈرۈلمە]

مىلادى 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەندىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى جەنۇبقا كۆچتى، يەنە بىر قىسمى غەربكە كۆچتى. شۇ ئاساستا ئۇلار باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا قوشۇلۇپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب -شىمالىدا ۋە خېشى كارىدورىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شىمالدىن كۈچۈپ كەلگەن زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى بىر ئۇيغۇرلار توپىنى ھاسىل قىلدى. ھەمدە كىيىن گۈللىنىپ تېخىمۇ زور بولغان ئۆچ چوڭ خانلىقنى بەرپا قىلدى. يەنى قاراخانىيلار خانلىقى، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت. سېرىق ئۇيغۇرلار بولسا بۇ ئۈچ خانلىق ئىچىدىكى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر . تارىخى كىتابلاردا يەنە خېشى ئۇيغۇرلىرى، لىياڭجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەپمۇ ئۇچرايدۇ. ئاساسلىق پائالىيەت دائىرىسى خېشى رايونىدا بولغاچقا كۆپىنچە ھاللاردا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ خېشى ئۇيغۇرلىرى دېيىلىدۇ . بۇلارخېشى رايونىدىكى گەنجۇ(ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيى شەھىرى)، لىياڭجۇ (ھازىرقى ۋۇۋېي شەھىرى)، گۇاجۇ (ھازىرقى ئەنشى ناھىيىسى)، شاجۇ (ھازىرقى دۇنخۇاڭ شەھىرى)، خېلۇچۇەن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئېچىنا دەرياسى)، خېلەنشەن (نىڭشىيا دائىرىسىدە)، چىنجۇ (ھازىرقى گەنسۇنىڭ تىيەنشۈي شەھىرى) قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، گەنجۇنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىر كۈچى زور بولغان. ئۇيغۇرلار دەسلەپتە تۈبۈتلەرگە بېقىنغان، كىيىن بەيئەتچىلەر قوشۇنىغا (جاڭيىچاۋ باشچىلىقىدىكى ئالتۇن تاغ پادىشاھلىقى) بېقىنغان، ئاخىرىدا بەيئەتچىلەر قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ گەنجۇنى ئىشغال قىلغان. گەنجۇنى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ نىسبىي مۇقىملىقى ئىشقا ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن گەنجۇ خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان. شۇندىن باشلاپ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى دېگەن ئۇقۇم كەڭ تارقالغان ۋە قوللىنىلغان. ئەمما كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە گەنجۇ تاڭغۇتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن خېشى ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ سىياسىي قوماندانلىق مەركىزىدىن ئايرىلىپ قالدى. ھەمدە بىر يېرىم ئەسىردەك داۋام قىلغان خېشى ئۇيغۇرلار ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى.


ئۇنداقتا ئۇلار نېمە ئۈچۈن سېرىق ئۇيغۇرلار دېيىلىدۇ ؟ خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كىيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سەيدام ئويمانلىقىنىڭ غەربى چېتىگە بېرىپ چارۋىچىلىق قىلدى. بۇلار سوڭ سۇلالىسى ۋە جىن سۇلالىسى تارىخى كىتابلىرىدا شاجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپ ئېلىنغان. 11- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئودۇن ۋە سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ئەلچىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەلگىچە شاجۇ ئۇيغۇرلىرى چارۋىچىلىق قىلغان رايونلاردىن ئۆتكەن. سوڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى كىتابلىرىدا ئاشۇ ئەلچىلەرنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ”سېرىق باش ئۇيغۇرلار“ دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئورنى ھازىرقى گەنسۇ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭنىڭ چىگىرلىنىدىغان جايغا توغرا كەلگەن.


سېرىق باش ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق قىلغان جايلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ”سۇرى“ يەنى ”كەڭ“ دەپ ئاتالغان. خەنزۇچە تارىخى كىتابلاردا بۇ سۆزنى بەزىدە 锡勒) شىلې) دەپ ياكى 撒里 )سالى) دەپ تەرجىمە قىلغان. ئىكىسپىدىتسىيەچى سىتەيىن ئۇنى 疏勒盆地 )سۇلى ئويمانلىقى) دېگەن . سوڭ دەۋرىدىكى تەرجىمە ئۇسۇلى بويىچە ئۇنى ”شىلې ئۇيغۇر “ دەپ 锡勒回鹘)) تەرجىمە قىلىش، ھازىرقى زامان تەرجىمە ئۇسۇلى بويىچە ”سۇلې ئۇيغۇر“ دەپ (疏勒回鹘) تەرجىمە قىلىش كېرەك . بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ”سارىغ“ (سېرىق) دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغا بەكمۇ يېقىن كېلىدۇ . شۇڭا سوڭ سۇلالىسى تارىخىدا ئۇنى ”سېرىق“ (黄) دەپ خاتا تەرجىمە قىلغان. سوڭ سۇلالىسى تارىخىدا مەنە تەرجىمىسى بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، يەر نامىنى ”سېرىق“ دەپ، مىللەت نامىنى ”ئۇيغۇر“ دەپ تەرجىمە قىلغان. نەتىجىدە ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان ”سېرىق باش ئۇيغۇر“ دېگەن بىر ئاتالغۇ كېلىپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ”سارى“ كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ ، ئادەتتە ”سېرىق“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ يەنە ”كەڭ“ دېگەن مەنىسىمۇ بار. سوڭ سۇلالىسى تارىخىدا ئۇنىڭ ئادەتتىكى ”سېرىق“ دېگەن مەنىسىنىلا ئالغان، ھەمدە يەر نامىنى خاتا ھالدا ”سېرىق باش“ دەپ چۈشەنگەن. قىسقىسى ”سېرىقباش“ دېگەن سۆزنى يەر نامىدىن كەلگەن دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ . بۇ ”سېرىقباش“ ئۇيغۇرلار كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، يەنى 13- ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ زور قوشۇنى غەربكە يۈرۈش قىلغاندا ”سېرىقباش“ ئۇيغۇرلار موڭغۇللارغا بەيئەت قىلىپ، ”سارى ئۇيغۇر“ (سېرىق ئۇيغۇر) دەپ ئاتالدى.


يۇقىرىدىكى بۇ ئەھۋالدىن سارى ئۇيغۇرلار ”سېرىقباش“ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . لېكىن :سېرىقباش“ بىلەن ”سارى“ نىڭ نېمە مەنىسى بار دېگەن بۇ مەسىلىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بىرىنچى خىلى: ئىرق، كىيىم-كېچەك ، ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتىن ئاساس ئىزدەش. مەسىلەن: سېرىق كىيىم، سېرىق چاچ دېگەنگە ئوخشاش. بۇ مىللەتتە بۇنداق ئالاھىدىلىك بولمىغاچقا بۇ خىل قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمىغان، ھەم بۇ قاراشنى قوللايدىغانلار كۆپ بولمىغان. ئىككىنچى خىلى: باشقا مىللەتلەردىن ئاساس تېپىش. مەسىلەن: ”سېرىقباش شىرۋىلار“ ، ”سېرىقباش تۈركەشلەر“ دېگەن قاراش. لېكىن بۇ قاراشتىكى كىشىلەرمۇ كۆپ ئەمەس. ئۈچىنچى خىلى: ”ئاقسۆڭەك قەبىلىلەر“ نىڭ ھەممىسى ”سېرىق“ دەپ ئاتىلىدۇ دېگەن قاراش. بۇنىڭ ئاساسى::سېرىقباش ئۇيغۇرلار“ ۋە ”سارى ئۇيغۇرلار“ نىڭ ئىچىدە تاڭ سۇلالىسى ۋە بەش دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ”ياغلاقار“ قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بار. ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى تىل تۈركۈملىرى ئىچىدە ، ئومۇمەن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئاقسۆڭەك قەبىلىلەر ”سېرىق“ دەپ ئاتىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. تۆتىنچى خىلى: يەر نامى توغرىسىدىكى قاراش. ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ ئۈچ چوڭ تىل ئائىلىسىدىكى تىللارنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ماتېرىياللىرىدىن تەكشۈرۈپ قارىغاندا، ئومۇمەن يەر شەكلى كەڭ كەتكەن، چۆل- جەزىرلىرى ۋە ئارىلىقلىرىدا كىچىك ئېقىن سۇلار بىلەن سۇغىرىلىدىغان كىچىك بوستانلىقلىرى بار رايونلار ”سۇرى“ دەپ ئاتىلىدۇ. سۇرى دېگەن سۆز ”سۇر“ دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ ، خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى 撒里 ،苏勒 ، 疏勒 ، 素尔 دىگەنگە ئوخشاش خەتلەر بىلەن يېزىلىدۇ. بۇ ئېگىز تاغ – داۋانلىرى، بۈك- باراقسان ئورمانلىرى، دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرۇدىغان چوڭ دەريالىرى بار جايلارنىڭ ”قارا“ دەپ ئاتىلىدىغانلىقىغا ماس كەلگەن ھالدىكى ئاتىلىشىدۇر. شۇڭا ئاسىيادا ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ”قارا“ ياكى ”سارى“ دېگەن يەر ناملىرىنى قالدۇرغان. ”سارى ئۇيغۇر“ دېگەن سۆزدىكى ”سارى“ پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىردىنلا ئىبارەت. ”سۇرى“ دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى ”سېرىق“ دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغا بەك يېقىن بولغاچقا، كۆپلىگەن كىشىلەر يەر نامىنى خاتا ھالدا ”سېرىق“ دەپ چۈشەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ”سېرىقباش ئۇيغۇر“ دېگەن ئاتالغۇ كېلىپ چىققان. ھەمدە خەنزۇچە 撒里 (سالى) دېگەن سۆزنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ”سېرىق“ نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ خاتا قارىغان. لېكىن بۇ قاراشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ”سېرىق“ دەپ ئاتايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن.


موڭغۇللار غەربكە قىلغان يۈرۈشىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كىيىن باش سانغۇن سۇبۇتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوشۇنىنى باشلاپ شەرققە قايتىشىدا ”سېرىقباش ئۇيغۇرلار“ تۇرۇشلۇق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن ئۆتكەندە، ”سېرىقباش ئۇيغۇرلار“ نى ئۆزىگە قاراتقان. شۇندىن ئېتىبارەن ”سېرىقباش ئۇيغۇر“ دېگەن نامنىڭ ئورنىنى ”سارى ئۇيغۇر“ دېگەن نام ئالغان.ئاخىرىدا بارا-بارا موڭغۇللار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يۈەن سۇلالىسى سارى ئۇيغۇرلار رايونىغا مۇھىم ۋەزىرلەر باشچىلىقىدا قوشۇن ئىبەرتىپ تۇرغۇزدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزاقراق تۇرغان ھەم تەسىرى چوڭراق بولغىنى ئەلەمدە مەشھۇر شىنىڭ بېگى چۆبە ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. بۇلارنىڭ سارى ئۇيغۇرلار رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بىلەن بەكمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئوخشاشلىق شۇنىڭدىن ئىبارەتكى ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رەھبەرلىك قىلغان ھەربىي قوشۇن ۋە قەبىلىلەر تەدرىجىي ھالدا سارى ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ ، ئاخىر سارى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. موڭغۇللارنىڭ سارى ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇلارغا موڭغۇل خان جەمەتلىرى باشچىلىق قىلغانلىقى ھەمدە چۆبە يۈەن سۇلالىسىنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، چاغاتاي ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش بۆلۈنۈپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، سارى ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ نىسبىي ئەمىنلىكى ساقلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن يۈەن سۇلالىسى دەۋرى سارى ئۇيغۇرلار راۋاج تېپىپ زورايغان مۇھىم تارىخى مەزگىل بولۇپ قالغان .


مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، سارى ئۇيغۇرلار يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سارى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان يۈنۈلۈشكە قاراپ راۋاجلانغان. مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى غەربكە قاراپ ئىلگىرلىگەندە، سارى ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى بۇيان تېمۇر ھەممىدىن ئاۋۋال مىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان. شۇندىن كىيىن مىڭ سۇلالىسى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، سارى ئۇيغۇرلارنى يۆلىگەن. بىرىنچىدىن، مىڭ سۇلالىسى سارى ئۇيغۇرلار قەۋمىنى تۆت قىسىمغا ئايرىغان. ھەمدە ھەر قايسىسىغا تامغا ئويدۇرۇپ بېرىپ، ئۆز قەۋمىنى ئۈنۈملىك ئىدارە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئىككىنچىدىن، سارى ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى بۇيان تېمۇرنى ئەن دىڭ ۋاڭ (安定王) قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۈچىنچىدىن ، سارى ئۇيغۇرلار رايونىدا يېرىم ھەربى خەرەكتىرلىك ياساۋۇلخانىلارنى تەسىس قىلغان. يەنى ئەن دىڭ، ئودۇن، كۈسەندىن ئىبارەت. بۇلار سارى ئۇيغۇرلار رايونىدا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ئۈچ ياساۋۇلخانا بولۇپ ، ئادەتتە غەربى قىسىمدىكى ئۈچ ياساۋۇلخانا دەپ ئاتىلىدۇ. سارى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆت قىسمى مۇشۇ ئۈچ قاراۋۇلخانىغا تەۋە بولغان.


سارى ئۇيغۇرلار رايونى غەربتە گەنسۇغىچە بارىدىغان 1500 چاقىرىملىق جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقتە خەندۇڭ (ھازىرقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ غەربى قىسمىدىكى داڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى) غىچە بارىدۇ. غەربتە تەڭرى تېغىغا ئۇلىشىدۇ. شىمال تەرىپى گۇاجۇ (ھازىرقى گەنسۇنىڭ ئەنشى ناھىيىسى)، شاجۇ (ھازىرقى گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى) غا تۇتۇشىدۇ. جەنۇب تەرىپى تۈبۈت (ھازىرقى شىزاڭ) بىلەن چىگىرلىنىدۇ. سارى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ياساۋۇلخانىلار مۇشۇ جايلاردا قۇرۇلغان.


يۇقىرىدىكى تۆت قىسىم سارى ئۇيغۇرلىرىدىن باشقا، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا بۇيان تېمۇرنىڭ يەنە بەزى پۇقرالىرى گەنسۇنىڭ غەربى قىسمىدا تارقاق جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى غەربكە ئىلگىرلىگەندە ئۇلار تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. بۇيان تېمۇر مىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئەمدىڭ ۋاڭ بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كىيىن، قېچىپ كەتكەن پۇقرالار ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىپ، مىڭ سۇلالىسىگە ئەل بولغان. مىڭ سۇلالىسىمۇ بۇ پۇقرالارغا تۆت جايدا يېرىم ھەربى خەرەكتىرلىك ياساۋۇلخانا قۇرۇپ بەرگەن. يەنى، شاجۇ ياساۋۇلخانىسى (ھازىرقى گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى)، چىجىن موڭغۇل ياساۋۇلخانىسى (ھازىرقى گەنسۇنىڭ يۈمىن شەھىرى دائىرىسىدە)، خەندۇڭ ياساۋۇلخانىسى (ھازىرقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭو غەربى قىسمىدىكى داڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى)، خەندۇڭ سول قانات ياساۋۇلخانىسى (شاجۇ ئايمىقىنىڭ قەدىمكى قەلئەسىدە) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ياساۋۇلخانىلار ئادەتتە شەرقى قىسىمدىكى تۆت ياساۋۇلخانا دېيىلىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا شەرقى قىسىمدىكى تۆت ياساۋۇلخانا بىلەن غەربى قىسىمدىكى ئۈچ ياساۋۇلخانا ۋە قۇمۇل ياساۋۇلخانىسى قوشۇلۇپ ، ”سەددىچىننىڭ غەربىدىكى ياساۋۇلخانىلار“ دەپ .ئاتالغان.


ئەمما كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە بۇ ياساۋۇلخانىلارنىڭ ئەھۋالى ئوبدان بولمىدى. يەنى ھەرقايسى ياساۋۇلخانىلاردىكى قەبىلە سەردارلىرىنىڭ ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىشىشى، يۈەن سۇلالىسى ئەۋلادلىرىنىڭ بۆلۈنمە كۈچلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى، ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئاخىر مىڭ سۇلالىسى ئۆزىنى قوغداش بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ياساۋۇلخانىلار بىلەن كارى بولمىغان. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى، سارى ئۇيغۇرلار تەنھا، ياردەمچىسىز قېلىپ، غەربتە شەرقى چاغاتاي خانلىقى بىلەن يەكەن خانلىقىنىڭ قەدەممۇ- قەدەم قىستاپ كېلىشى ، شىمالدا ئويراتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پاراكەندە قىلىشى جەنۇبتا ئىبرانىڭ داۋاملىق زىيان- زەخمەت سېلىشىدەك ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن جىيايۈگۇەن (سەددىچىن سېپىلى) قوۋۇقىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە مەجبۇر بولغان. يەنى شەرققە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. كۆچۈش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولۇپ ، 16 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. شەرققە كۆچكەن سارى ئۇيغۇرلار جىيايۈگۇەندىن ئۆتكەندە، مىڭ سۇلالىسى ئۇلارنى بار ئامالى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان . ھەمدە مىڭ سۇلالىسىنىڭ لەشكىرى پىرقە دۇۋانبېگى ۋاڭ چۇڭ ئۆزى گەنسۇغا بېرىپ، تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە بىر قىسىم سارى ئۇيغۇرلارنى گەنجۇ (ھازىرقى جاڭيى شەھىرى) نىڭ جەنۇبى تېغىغا ئورۇنلاشتۇرغان . بۇلار كېيىنكى چاغلاردا ئاۋۇپ، ھازىرقى شەرقى يۇغۇرلار بولۇپ شەكىللەنگەن. يەنە بىر قىسمى سۇجۇ (ھازىرقى جيۇچۇەن شەھىرى) نىڭ قورۇل ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . بۇلار كېيىنكى چاغلاردا ئاۋۇپ، ھازىرقى غەربى يۇغۇرلار بولۇپ شەكىللەنگەن.


شەرققە كۆچۈش سارى ئۇيغۇرلارغا ناھىيىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. شەرققە كۆچكەندىن كىيىن، ئەسلىدىكى غەربى قىسىمنىڭ ئۈچ قاراۋۇلخانىسى بىلەن شەرقى قىسىمنىڭ تۆت قاراۋۇلخانىسى بىر جايدا بىللە ئولتۇراقلىشىپ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، تۇرمۇش، تىل جەھەتلەردە تەدرىجىي بىردەكلىككە يۈزلىنىپ، ھەممىسى ئۆزلىرىنى ”يۇغۇر“ دەپ ئاتايدىغان بولغان. شۇڭا شەرققە كۆچۈش – ھازىرقى يۇغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. دېمەك ، موڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا سىڭىشىشى نەتىجىسىدە، بىر يېڭى مىللەتنىڭ ئورتاق گەۋدىسى شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي پسىخىك خۇسۇسىيىتى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ، ھەم ئىلىمىزنىڭ شىمالىدىكى موڭغۇل مىللىتىدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ . مانا بۇ – بۈگۈنكى يۇغۇر مىللىتىدۇر.


بۈگۈنكى كۈندە يۇغۇر دەپ ئاتالغا بۇ سېرىق (سارى) ئۇيغۇرلار گەنسۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق جاڭيى ۋىلايىتىنىڭ سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ( سارى) ئاپتونوم ناھىيىسىدە ۋە جىيۇچۇەن شەھىرىنىڭ خۇاڭنىپۇ سېرىق ئۇيغۇر ئاپتونوم يېزىسىدا توپلىشىپ ياشايدۇ. 1990- يىلدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىي سانى12مىڭ 297 كىشى بولۇپ ، بۇ جەمئىي نوپۇسنىڭ 1800 ى خۇڭنىپۇ سېرىق ئۇيغۇر ئاپتونوم يېزىسىدا، 8820 ى سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىدە ياشايدۇ. ئاپتونوم ناھىيىدە ياشايدىغانلار پۈتۈن سېرىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %71.77 نى تەشكىل قىلغان. قالغان 1677 نەپەر كىشى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە، ئاز بىر قىسمى مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغان. كېيىنكى يىللاردا مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ يەرلىشىش دولقۇنىغا ماسلاشقان سېرىق ئۇيغۇرلاردىن 278 كىشىنىڭ قۇمۇل شەھىرى ۋە ماناس ناھىيىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئېنىقلانغان. سېرىق ئۇيغۇرلار 1990- يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە مىللەتلەرنى جەمئىي سانىغا قاراپ رەتكە تۇرغۇزغاندا 47- رەتتىن ئورۇن ئالغان.


موڭغۇلچە سۆزلىشىدىغان شەرقى سېرىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا يۇغۇر، شېرا(شېرا- موڭغۇلچە سۆز بولۇپ ، سارىق، سېرىق دېگەن مەنىدە) يۇغۇر دەپ ئاتايدۇ. (ئۆزلىرىنى تۈركى تىلدا سۆزلەيدىغان غەربى سېرىق ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا)؛ ئۇلار يەنە تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان غەربى سېرىق ئۇيغۇرلارنى ”قارا يۇغۇر“ دەپ ئاتايدۇ. تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان غەربى سېرىق ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنى ئومۇمەن ”يۇغۇر“ ، ”سارىغ يۇغۇر“ ، يەنى موڭغۇلچە سۆزلىشىدىغان شەرقى سېرىق ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا ”سارىغ يۇغۇر“ دەپ ئاتايدۇ.


سېرىق ئۇيغۇرلار تۈركى تىللىق خەلقلەر ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر خەلق بولۇپ ، ئىككى خىل تىل ئىشلىتىدۇ. يەنى شەرقى سېرىق ئۇيغۇرلار موڭغۇل تىلى گۇرۇپپىسىغا ئائىت بولغان نىسبەتەن قەدىمكى موڭغۇلچىغا يېقىن بىر تىلنى ئىشلەتسە، تۈركى تىل گۇرۇپپىسىدا سۆزلىشىدىغان غەربى سېرىق ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن يېقىنلىشىدىغان يەنە بىر خىل تىلنى ئىشلىتىدۇ.


سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇلمىسى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ياكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرگە ئوخشاش قەبىلە، ئۇرۇق ئاساسىغا تايىنىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلار ئادەتتە قەبىلىنى ”ئوتوق“ دەپ ئاتايدۇ. چىڭ سۇلالىسى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتە ئوتوق شەكلىدە ياشايدىغانلىقىغا ئاساسەن ئۇلارنى بۆلۈپ باشقۇرغان. بۇ ئوتوقلار: شىكى ئوتوق، كورېكى ئوتوق، نەيمان ئوتوق، ياڭكې ئوتوق، خورونغۇت ئوتوق، باياتتاۋىن ئوتوق ۋە ياغلاقار ئوتوقتىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياغلاقار قەبىلىسى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىرى تەۋە بولغان قەبىلە بولۇپ ، بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاساسلىق قەبىلىدۇر. ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تامامەن دېگۈدەك خەنزۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بولماقتا. لېكىن بەزى زىيالىيلارنىڭ ئۆزى ۋە ياكى بالىلىرىدىن باشلاپ ساپ يۇغۇرچە ياكى ئۇيغۇرچە ئىسىم ئادىتىگە قايتقانلىقىمۇ كۈرۈلمەكتە. مەسىلەن، تىمۇر، مارجان، ئاي قادىن ۋە باشقىلار. ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي يېزىقى يوق. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار ئۇقۇ- ئوقۇتۇش ۋە كۈندىلىك ئالاقە ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلەتمەكتە.


ئازادلىقتىن كېيىنكى ”فىيۇدالىزىمغا قارشى تۇرۇش“، ”تۆت كونىنى يۇقۇتۇش“، ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى “ دېگەندەك سولچىل سىياسەتلەر نەتىجىسىدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئىبادەت سورۇنلىرى تاقالغان ياكى كۆيدۈرۈلۈپ، راھىبلار خەلق ئىچىگە قايتۇرۇلغان. خەلقنىڭ مىللىي كىيىم- كېچەكلىرى چەكلىنىپ، ئۇزۇن چاچلىرى قىسقارتىلغان. قىسقىسى، ئىلگىر – كىيىن بولۇپ 20 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان سولچىل سىياسەت نەتىجىسىدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىدا بۇرۇلما خەرەكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىققان. 1980- يىللاردىن كىيىن سىياسەت ياخشىلىنىپ، قانۇن جەھەتتىكى كاپالەت نىسبەتەن ئومۇملىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ ئەمما سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاز بۇلىشى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۇلاردا ئۇيغۇر، تىبەت مىللەتلىرىدىكىدەك جىددىي ئۆزىگە قايتىش ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىقمىغان. پەقەت 1990- يىلدىن كىيىن سېرىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا نىسبەتەن ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىدىكى پەرقلەرنى داۋاملاشتۇرۇش، يوقالغانلارنى ئىلمى نۇقتىدىن قېدىرىش ئىستىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن . ھازىرقى ئەھۋالدا، سېرىق ئۇيغۇر رايونىدىكى غەربى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىغا نىسبەتەن قىزغىن مۇھەببەتتە بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تېلېۋىزورلاردا بېرىلىدىغان ئۇيغۇرلار ياكى شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمىلەرنى ناھايىتى زوق ئىشتىياق بىلەن كۆرۈدىغانلىقى ، ئۇيغۇرچە لېنتا ۋە VCD پىلاستىنكىللىرىنى ئۆيمۇ-ئۆي ئايلاندۇرۇپ كۆرۈدىغانلىقىى مەلۇم.







无觅相关文章插件,快速提升流量


تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن


مەنبە: ئالىم بىز بىلوگى

atarut يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 22:56:06

غەربى سېرىق ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى خۇاڭنىباۋ يىزىسىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلار شۇمىدۇ؟ نوپوسى ۋە مەدەنىيەت، ئىتىقاد، ئۆرپ ئادەت، تىل فولىكلور بايلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقات ئەھۋاللىرى قانچىلىكتۇ؟

موڭغۇلىيە، رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئىسلاملاشمىغان تۈركى قەۋملەرنىڭ تىلى جەھەتتىكى ئەھۋالىغا ناھايىتى قىزىقىپ قالدىم. ئۆتكەندە بىر مۇزىيدا بىر تۈركىيىلىك تۈك ئىنژىنىر بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان، 15مىنۇتتەك پاراڭلاشقان بولدۇق، 30% گىپىنى چۈشىنەلىدىممىكىن، بىر بىرىمىزگە گەپ ئۇقتۇرالماي بەك قىينالدۇق.

تۈركى تىللار دىۋانىدىكى مەزمۇنلار بىلەن شۇ مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى تىل ئەھۋالىنى سىلىشتۇرسا مۇۋاپىق بولامدىغاندۇ؟

namalum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 16:35:11

\"\"

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 16:51:45

ئەمدى ئۇلار يەبىرقېتىم غەرپكە كۆچۈپ شىمالى جەنۇبى شىجاڭغا كەلسە بولغىدەك .
بەت: [1]
: سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە[كۆچۈرۈلمە]