taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 15:53:53

خەتەر ئىچىدە ھاياتلىق يولى تېپىش

      يەھۇدىيلارنىڭ ئارام كۈنى ئىشلەشكە بولمايدۇ،پەقەت ئۆيدە ياخشى دەم ئېلىپ ئۆگنىش قىلىش كېرەك دەپ قارايدىغان بىر ئېسىل ئەنئەنىسى بار.ئەمما،بەزى دۇكاننىڭ خوجايىنلىرى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي،نورمال تىجارەت قىلىپ ،ئارام كۈنلىرىگە بىھۆرمەتلىك قىپتۇ.بىر ئەپەندى بىر قېتىم ۋەز ئېيىتقاندا بۇنداق دۇكان خوجيىنىنى قاتتىق قامچىلاپتۇ.بىراق،ئىبادەتتىن كېيىن ئارام كۈنىدە تىجارەت قىلغان خوجايىن ھېلىقى ئەپەندىگە بىر مۇنچە پۇل – مال بېرىپتۇ.     ئەپەندى بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ.


     ئىككىنچى ھەپتىسى ئىبادەتكە بارغاندا ئەپەندى ئارام كۈنىدە تىجارەت قىلغان ھېلىقى  خوجايىننى ئۇنچىۋالا بەك قاتتىق ئەيىبلەپ كەتمەپتۇ.ئۇ مۇشۇنداق قىلسام ھېلىقى خوجايىندىن تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئىرىشىمەن دەپ ئويلىغانىكەن،ئەپسۇسكى بۇنداق قىلغانغا تۇشلۇق ئۇ      ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەپتۇ.


     ئەپەندى بىر ھازا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ،ئۆزىگە مەددەت بېرىپ بۇ خوجايىننىڭ        ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭدىن ئىشنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ.


     -ئىشلار ئىنتايىن ئاددىي ،سىز مېنى قاتتىق ئەيىبلىگەندە،مېنىڭ رىقابەتچىم قورقۇپ        كېتىپ ئارام كۈنىدە تىجارەت قىلمىدى.


     يەھۇدىيلار تەقۋادارلىق جەھەتتە ئالەمگە مەشھۇر .ئەمما،لەتىپە سۆزلەشتە ئوتتەك قىزغىن ،ئىنتايىن ئۆزگىچە.ئۇلار سالاھىيەتلىك تەقۋادار رابى ئەپەندىنلا ئەمەس،ئىلاھنىڭ ئۆزىنىمۇ   كۈلدۈرۈپ تاشلايدۇ.ئەپەندى مەسخىرە قىلىنغان بۇ لەتىپىدىن بىر يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ    تىجارەت كوزىرىنى بايقىيالايمىز.


     بارلىق رىقابەتچىلىرىنى يوقىتىپ ، بازارنى تەلتۆكۈس مونوپول قىلىش،يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ ئىزچىل ئىدىيىۋى مەنزىلى بولۇپ كەلدى.سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت،تالاش- تارتىشلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى مونوپۇللۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.


     مونوپۇلنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاستىسىى ھەر خىل ،سىياسىي ۋاستىلەر ئارقىلىقمۇ،ئىقتىسادىي ۋاستىلەر ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.ئەمما،يەھۇدىيلاغا نىسبەتەن سىياسىي       ۋاستە ئەلۋەتتە رىئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.چۈنكى،ھوقۇق قاتلىمى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ قارشىلاشقان  ۋاقتى يەھۇدىيلار بىلەن تىنىچلىقتا بىللە ئۆتكەن ۋاقىتتىن خېلىلا ئۇزۇن بۇنى ئىقتىسادىي ۋاستىگە ئالماشتۇرۇپ باقساقمۇ رېئاللىققا تازا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى،ئىقتىسادىي   ئەمەلىي كۈچ،يەنى تاۋار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ھەم سۈپەت قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان   تەلەپ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى.يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ نەزىرىدە باشقىلارنىڭ خىلمۇخىل   غەيرىي ئىدراك نەتىجىلىرىگە باغلىنىپ قالغان ۋاقتى ياكى تەۋەككۈلچىلىك قاتارلىقلارغا جۈرئەت قىلالمىغان،ياكى ئۇنىڭغا يۈرەكىلىك كىرىشەلمىگەن پەيىتلەر ئۇلارغا ئەڭ پايدىلىق مونوپول پۇرسىتى ھېسابلىنىدىكەن.بۇنداق چاغدا بازارنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىمۇ ناھايتى يۇقىرى بولىدىكەن.ئانچە چوڭ تەننەرخ سەرپ قىلمايلا مونوپول ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن.لەتىپىدىكى دۇكان خوجايىنىنىڭ قوغلىشىشىدىغىنى مۇشۇ خىل پايدىلىق پۇرسەت.ئۇنىڭ ئەپەندىگە بەرگەن پۇلى ئارام كۈنىدە تاپقان پايدىسىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى.خېرىدارلارنى جەلىب     قىلىدىغان باشقا ئۇسۇللارنى ،يەنى ئېلان،ئىلتىپات،باھانى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندا ۋاقىت،كۈچ ۋە پۇلنى خېلىلا تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.


     ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ ھېچكىم رىقابەتلەشمىگەن ئەھۋالدا ئۆسۈملۈك    قەرز بېرىش ۋە سودىدىن ئىبارەت پايدىسى ئىنتايىن مول كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى سەۋەب،خېرىستىئان دىنىنىڭ پوپى ۋەز ئېيىتقاندا ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن .يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ خىرىستىئان دىنىي ئەقىدىلىرىگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق.ئۇنىڭدىن سىرت،     پەقەت قانۇنلىقلا بولسا ئۇلار ئىلاھىيەت ياكى ئەخلاق جەھەتتىكى ۋەز نەسىھەتلەرگە ئەزەلدىن پەرۋا قىلمايدۇ.پەقەت مەرد – مەردانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ پۇلىنى تاپىدۇ.شەك – شۈبھىسىزكى،يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ سودىگەرچىلىك كۆزىنى تارىخ ئاتا قىلغان.


     يەھۇدىي سودىگەرلىرى سىڭىپ قالغان خىلمۇخىل قاراش ياكى ئۆلۈك تەقلىدىي شەكىللەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ،يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ياكى ساھەلەردە باش كۆتۈرگەندە بۇنى ئەڭ تېز سېزىۋالىدۇ.چۈنكى،ئۇلار مۇشۇنداق بىر خىل پوزىتسىيىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.شۇڭا،مەسلەن ئويۇن قۇيۇش كەسپى ،كىنوچىلىق كەسپى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش كەسپى   نورمال كەسىپ دەپ قارالمىغاندا،يەھۇدىي سودىگەرلىرى بۇ ساھەگە تۈركۈملەپ كىرىپ كەلگەن.گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە پەقەت ئېستېتىكىلىق لەززەت بىلەن ئۇنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ    قېلىش دەپ بىلگەندە،يەھۇدىيلاردىن گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەر نىيۇيوركنىڭ 57- چوڭ كوچىسىدىكى دۇنيا گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى بازىرىنى     ئىلىكىگە ئېلىۋالغان.ئوخشاشلا باشقا ئادۋوكاتلار،بولۇپمۇ ۋال سىترىت كوچىسىنىڭ چوڭ ئادۋوكاتلار ئورنىدىكى ئادۋوكاتلار جىسمانىي زەخمە دەۋاسىنى پەرۋايىغا ئالماي،بۇ تۈردىكى دېلولارنى قۇبۇل قىلغان ئادۋوكاتلار«قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى قوغلىغانلار»دەپ ئاتالغاندا،يەھۇدىي ئادۋوكاتلار بۇنى پۇل تېپىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ساھە دەپ قارىغان.

بەت: [1]
: خەتەر ئىچىدە ھاياتلىق يولى تېپىش