mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 14:55:34

فرانسىيە ئەسەدنىڭ توڭلىتىلغان مۈلكىنى سۇرىيە خەلقىگە تارقاتماقچى[كۆچۈرۈلمە]

فرانسىيە ئەسەدنىڭ توڭلىتىلغان مۈلكىنى سۇرىيە خەلقىگە تارقاتماقچى

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتىپاقى دۆلەتلىرى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىرىدىكى پۇل ۋە مال-مۈلكىنى توڭلاتقان ئىدى.



    دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 24-سېنتەبر خەۋىرى: فرانسىيە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ توڭلىتىلغان پۇل ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى سۇرىيەگە يىمەكلىك ياردىمى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. فرانسىيە سودا مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتىكى خىزمەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتىپ فرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقى كومىتىتى ۋە ئەزا دۆلەتلەرگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتىپاقى دۆلەتلىرى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىرىدىكى پۇل ۋە مال-مۈلكىنى توڭلاتقان ئىدى. سۇرىيەدە 2011-يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەتتە بولۇپمۇ يىمەكلىك ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئېغىرلاشقان بولۇپ قىيىنچىلىقلار يۈز بەرگەن ئىدى.

    (جان پولات)




arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 08:14:45

ياخشى بوپتىغۇ !  \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 11:22:42

خەلق شۇ يەردىكى خەلقنى كۆرسىتىدۇ .

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 13:05:35

3- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەلق شۇ يەردىكى خەلقنى كۆرسىتىدۇ .



شۇ يەردىكى خەلق كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟


dada يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 13:45:15

ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم مەسىلە شۇكى ،بۇ نۇمۇسسىز فىرانسىيەلىكلەر ئۆتمەس ماتالىرىنى پۇلغا ھىساپلاپ سۈرىيەلىكلەرگە ساتماقچى خالاس. ۋاقتى كېلىپ بۇ بەشىر تەختى غۇلىسا ،ئۇنىڭ بايلىقى فىرانسىيەلىكلەرگە ئوڭچە قالىدۇ.

دۇنيا نىمەشكە قىيامەتكە قاراپ ماڭىدۇ- نۇمۇسسىزلىق ھامان ھەققانىيەتتىن كۆپ ۋە ئوچۇق ئاشكارىدۇر.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 11:58:56

مەيلى كىمگە بەرسۇن بېرىدىكەن ، بەرمىسىمۇ ھېچكىم بىرنىمە دېيەلمەيدۇ .

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 12:26:09

6- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەيلى كىمگە بەرسۇن بېرىدىكەن ، بەرمىسىمۇ ھېچكىم بىرنىمە دېيەلمەيدۇ .



توغرا دەيسىز. ئادۋوكاتمۇ پالانچى پىرسەنىت ھەق ئالىدۇ ھازىر، ھارام بولغان مۈلكىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرگەنگە.
بەت: [1]
: فرانسىيە ئەسەدنىڭ توڭلىتىلغان مۈلكىنى سۇرىيە خەلقىگە تارقاتماقچى[كۆچۈرۈلمە]