namalum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 14:29:56

چاچ نىمە ئۇچۇن بۇرۇن ئاقىردۇ ؟

نىمە ئۇچۇن چاچ بالدۇر ئاقىردۇ ؟  بەزىلەرنىڭ يېشى 50 كە  بېرىپمۇ  يەنە قارا ،يەنە  بەزىلەرنىڭ  20لەرگە كىرىپلا چاچ ئەقىرىشقا باشلايدۇ ؟


بۇ  توغرىسدا  بىلدىغانلار  مەسلىھەت بەرسە ؟

YAWUZBAG يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 15:48:39

مۇنبەردىكى تېۋىپ ھەكىملەر بىلىدىغانلىرىنى ئايىمىغاي،مىنىڭمۇ يېشىم قېرىققا بارماي تۇرۇپ «بېشىمغا قار يېغىپ»كەتتى.

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 18:21:13

1. ئېرسىيەت ئاملى

2. نېرۋىدىكى زىيادە چارچاش

3. ئوزۇقلۇقتكى تەڭپۇڭسىزلىق

4. چاچ ئاسراشتكى نامۇۋاپىق ئۇسۇل

----------------------مىكى دەيمەن...

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 18:44:57

مېنىڭمۇ چېچىم چارلىشىشقا باشلىدى، ئاق چاشلار خېلى كۆپ، ئازراق سەپرا مىجەزىم بار، يېرىم كېچىىدىن كېيىن ئۇخلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن، شۇڭا ئاقىرىپ كەتتىمىكىن دەيمەن. چاچ ياساتقىلى كىرسەم ساتىراچ ئاق چاچلىرىمنى قايچىدا كېسىۋېتىدۇ. \"\" بۇرۇنلاردا ئەقىلسىزلىق قىلىپ قاپقارا پارقىرىتىپ يۈرەتتۇق، بىر تورداش چاچ بويىقىنىڭ زىينى بار دېگەندىن كېيىن ئۇزۇقلۇق دېسىمۇ ئۇنىماي ھېچنىمە سۇۋىمايدىغان بولدۇم چاچقا ...

artuq999 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 20:25:46

تىۋىپلار بولسا سەۋەبىنى ھەم قانداق داۋا قىلسا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى يېزىپ قويساڭلار ...........پايدىلىنىپ قالساق ....رەھمەت

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 21:26:59

تاماقلىنىش ھەممىدىن مۇھىم،كاۋاپ دىگەندەك گۆشلۈك نەرسىنى جىق يىسىمۇ قان قىززىپ چاچ بالدۇر ئاقىرىدۇ.

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 07:39:54

3- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭمۇ چېچىم چارلىشىشقا باشلىدى، ئاق چاشلار خېلى كۆپ، ئازراق سەپرا مىجەزىم بار،


مىنىڭچىمۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىگە بىرى ھازىر يەۋاتقان يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيىلىك مادىلارنىڭ كۆپ بولۇشى،ئىرسىيەت ئامىلى،ئەڭ مۇھىمى سەپرا،چۇس مىجەزلىك بولۇشمىكىن دەيمەن،ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ چېچىغا ئاسان ئاق كېرەمدىكىن دەيمەن.




taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 16:20:22

ئاق چاچ كۆپىيىشنىڭ سەۋەبى كۆپ .ئېرسىيەتتىن بولىشىمۇ ،بەدەننىڭ بىنورماللىغى ۋە سېرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولىشىمۇ مۇمكىن بولسا ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇققانلارنى كۇزۇتۇپ بېقىڭ بۇ كۇزىتىشتىن ئوخشاشلىقنى تاپالمىغېنىڭىزدا ئاندىن قالغان ئىككى ئەھۋال ۋە داۋانى ئويلاشساق بولىدۇ.



ئادەتتە ئاقسىلغا تويۇنالماسلىق،ھاياتىن يىتەرسىزلىگى،مىس دىگەندەك ئېلىمىنتلارنىڭ كەم بولىشى ئاق چاچ پەيدا قىلىدۇ.بۇنىڭدا خېلتلارنىڭ نورمالسىزلىغى،ماددىدىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىشتە داۋا ئېلىپ بېرىلىدۇ يەنى دەسلەپى قەدەمدە ئارتۇق بەلغەمنى سۇرۇپ خېلت تەڭپۇڭلىغىنى ئورنىتىمىز بۇنىڭ ئۇچۇن كۆكنۇر شىركىتىنىڭ يەل كەسكە كاپسۇلى 20كۇنلەر ئىچىلسە بولىدۇ.ئاندىن كوپقان ئامپۇلى بىلەن قان كۆپەيتىلىدۇ ۋە ئاخىرىدا ھېلىلە مۇرابباسى ,گوش ئەرەقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 16:22:53

بۇ كۆپ كۇرۇلدىغان ئالامەت .ھازىر 10 ياشلىق بالىلارنىڭمۇ بېشىدا ئاق چاچ باركەن .بەلكىم مۇھىتنىڭ تەسىرمۇ بۇلىشى مۇمكىن

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 20:35:33

يېقىنقى زاماندا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى ئەرزان ھەم كۆپ بولغاندىكىن چاچنى يۇيۇۋېرىپ ئاقىرىپ كېتەمدىكىن دەيمەن. \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 21:47:00

مەنغۇ تېۋىپ ئەمەس، لىكىن مەن كۆرگەن ئىلمىي ماقالىلەردە چاچ ئاقىرىشنىڭ سەۋەبى مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن:

چاچنىڭ ئەسلى رەڭگىنىڭ قانداق بولۇشى ئېرسىيەتكە باغلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قايسى خىل گېنلارنى ئىلىپ يۈرىشىگە ئاساسەن، چاچ رەڭگى كۆپىنچە قارا، قوڭۇر، سېرىق، ئاز ساندا قېزىل بولىدۇ. مەيلى قايسى خىل چاچ رەڭگى بولسۇن ھەممىسى چاچنىڭ تۈۋىدىكى مېلانىن ئىشلەپچىقارغۇچى ھۆجەيرىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز شۇ رەڭدىكى مېلانىنلارنى ئىشلەپچقىرىشى بىلەن چاچ رەڭگى ئۆز رەڭگىنى ساقلايدۇ. مېلانىن ئىشلەپچىقىرىدىغان گېنلىرى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن كىشىلەر ئالبانىزىم كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ چېچى تۇغۇلىشىدىلا ئاپئاق بولىدۇ. ئەمما نورمال ئەھۋالدا غەربلىكلەردە ئەرلەرنىڭ چېچى 20 نەچچە ياشلار، ئاياللارنىڭ چېچى 30 ياشلاردىن باشلاپ، ئاسيالىقلاردا ئەر-ئاياللارنىڭ چېچى 30 نەچچە ياشنڭ ئاخرىلىرىدىن باشلاپ، ئافرىقىلىقلاردا بولسا 40 نەچچە ياشتىن باشلاپ چاچ كۈلرەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئاخىرىدا ئاقىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مېلانىنىڭ مىقدارىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۈلرەڭ مەزگىلدە مېلاننىڭ مىقدارى تۆۋەنرەك بولغانلىقتىن بولىدۇ، ئاقارغاندا بولسا مېلانىن پۈتۈنلەي ئىشلەپچىقىرىلمايدۇ.

2009-يىلى داڭلىق بىئولوگىيە ژورنىلى FASEB دە ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مېلانىنىڭ مىقدارىنىڭ ياشقا ئەگىشىپ تەدرىجىي تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى مېلانىن ئىشلەپچىقارغۇچى ھۆجەيرىلەردە ئۈزلۈكسىز ھېدروگېىن پېرئوكسىد (H2O2) نىڭ يىغىلىپ قىلىشىدىن ئىكەن.



http://www.fasebj.org/content/23/7/2065.short



ھېدروگېن پېرئوكسىد كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى ماددا بولۇپ، ئۇ مېلانىن خېمىيىلىك سېنتىزلىنىش جەريانىدا مۇھىم بولغان ئېنزىملارنى ئوكسىدلاپ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتكەنلىكتىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مېلانىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ ماڭىدىكەن.

بىر قىسىم كىشىلەردە چاچقا مۇددەتتىن بۇرۇن ئاق كىرىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى تېخى ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، بەزى ماتىرىياللاردا كۆرستىلىشىچە بۇ ئاساسلىقى ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆۋەندىكى ئامىللارمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئىكەن:

1. قىسقا مۇددەتلىك جىددى ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي بېسىم.

2. ناچار ئوزۇقلۇق. ئەگەر بۇ سەۋەبتىن بولسا نورمال ياخشى ئوزۇقلانغاندىن كىيىن چاچ رەڭگى ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

3. تاماك چېكىش. تاماك چەككۈچىلەرنىڭ مۇدەتتىن ئىلگىرى چاچقا ئاق چۈشۈش نېسبىتى چەكمىگۈچىلەردىن 4 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

4. بەزى كىلىمات، خېمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش...قاتارلىق ئامىللارمۇ نامەلۇم مىخانىزىملار بىلەن تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.



ئوزۇقلۇقتىن باشقا سەۋەبتىن بولغانلىرىنى كېچىكتۈرۈش ياكى داۋالاش تېخنىكىسى تېخى بارلىققا كەلمەپتۇ. بەلكىم، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇنىڭمۇ داۋاسى چىقىپ قالار.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-26 16:01:23

\"\"
بەت: [1]
: چاچ نىمە ئۇچۇن بۇرۇن ئاقىردۇ ؟