tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 10:54:17

بۇۋاسىر (گىموروي ) ھەققىدە پاراڭلىشايلى

بۇۋاسىر كۆتەن ئۈچەينىڭ سوڭغا تۇتاشقان ئاخىرقى قىسمىدا پەيدا بولىدىغان
كېسەللىك بولۇپ، سوڭنىڭ ئىچكى شىللىك پەردىسىدە پەيدا بولىدىغىنى ئىچكى بۇۋاسىر؛
سىرتقى قىسمىدا پەيدا بولىدىغىنى سىرتقى بۇۋاسىر دەپ ئاتىلىدۇ. كىلاسسىك كىتابلاردا
بۇۋاسىر ھەققىدە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن: مەقئەتنىڭ ئەتراپىدا مۇنچاق گۆشلەر
پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئەگەر مۇنچاق گۆشلەردىن قان ياكى زەرداپ سۇ كەلسە
قانلىق بۇۋاسىر، قان كەلمىسە يەللىك بۇۋاسىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇۋاسىر
مۇنچاق گۆشلىرى قانداق نەرسىگە ئوخشىسا شۇ نەرسىنىڭ نامىغا ئاساسەن بۇۋاسىرغا نام
بېرىلىدۇ. مەسىلى: خورما دەرىخىسىمان بولسا نەقلى؛ ئۈزۈمسىمان بولسا ئىننەب ؛
ئەنجۈرسىمان بولسا تىينى؛ سۆگەلسىمان بولسا سەلولى، خورما مېۋىسى شەكلىدە بولسا
تەمرى، ئۈجمىسىمان بولسا تۇسى دېگەندەكلەرگە ئوخشاش. بۇ كېسەل قۇيۇلۇپ قالغان بۇزۇق
قاندىن بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا سەپرا خىلىتىدىنمۇ بولۇشى مۇمكىن. دىمەك بۇۋاسىردا
كۆيۈشۈش،ئاغرىش، ئېچىشىش سېزىمىنىڭ بولۇشى سەپرا ئارىلاشقان قاندىن بولغانلىقىنىڭ
ئالامىتى، سانجىلىش ئېغىرلىقنىڭ كۆپ بولۇشى ،قادىلىپ ئاغرىش، ئېچىشىش
قاتارلىقلارنىڭ ئاز بولۇشى قۇيۇق قان خىلىتىدىن بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.


مەجۈنى ئىتتىرىفىل مۇقەل، قۇرسى مۇقەل، ھەببى مۇقەل، بۇۋاسىر مەجۈنى ،
ئىتتىرىفىل كەبىر قاتارلىقلار بۇ كېسەلنىڭ مەخسۇس دورىلىرىدىن
ھېسابلىنىدۇ.

بۇۋاسىرغا سىرتتىن ئىشلىتىدىغان بەزى دورىلارنى تونۇشتۇرۇپ
ئۆتەيلى:

1.قەمبىل 5گرام، گۈل يېغى 50گرام، گۈليېغىنى قىزىتىپ قەمبىلنى
ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ ۋە كۈندە بىر ۋاق بۇۋاسىر دانچىسىنى مايلاپ بېرىدۇ.


2. تۆگە لوكىسىنىڭ يېغى50گرام، كالايىلىكى 25گرام، كۇچۇلا يېغى ، كىرپە يېغى
15گرامدىن، چايانيېغى 10گرام، ئېيىق يېغى 5گرام،ماي پىنتسىلىن 10گرام، ئاق مۇم 30
گرام، ۋازلىن 100گرام ، مەلھىمى داخىلىيۇن 20 گرام، يەل سىفلىس تالقىنى 15گرام
.

تەييارلىنىشى: دورىلارنى مىقدارى بويىچە ئېلىپ،ئىرىتىپ ، ئۈستىگە يەل سىفلىس
تالقىنىنى سېلىپ،ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. كۈندە بىر قېتىم مايلايدۇ.


3. ئۇچقۇن پاقا 2دانە، سۆرۈنجان،چايان 9گرام، دانىكار 6گرام، قۇغۇشۇن ئۇپىسى
8گرام، قوينىڭ بۆرەك يېغى 250گرام، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،بۆرەك يېغىنى ئېرىتىپ
ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.


4.موزا 30گرام، زەرچىۋە ، پىلپىل، 25گرام، زەنجىۋىل، ئاقمۇچ، كۆپۈكى دەريا
20گرام، كاۋاۋىچىن، كىرپە تالقىنى 18گرام، قارىمۇچ، كات ھىندى، ئۇچقۇن پاقا،
15گرامدىن، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ تەييارلاپ، چايلىق قىلىپ ئىچىدۇ ۋە قاينىتىپ
سۈيىدە بۇۋاسىرنى يۇيۇپ بېرىدۇ.


مەنبە: http://www.4tadu.com

namalum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 14:24:05

خۇدا ساقلىغاي بۇ كېسەلدىن .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 15:42:54

مەنپەئەتلىك تىمائىكەن ،،،رادىئو تىلۋۇزۇرلاردا بەك تولا ئىلان بىردۇ ،شۇنىڭغا قارغاندا بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىمار داۋالانسىمۇ

يىلتىزدىن سەللىمازا ساقىيالمايدىغان ئوخشىمامدۇ بۇرادەر ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 15:50:54

ئوپراتسىيە قىلدۇرسا يەنە كۆكلەش ئېھتىمال بار. شۇڭا پەرھىزنى چىڭ تۇتۇپ 4-6 ئاي مۇشۇ يەردە دېيىلگەن دورىلار بىلەن كۈتۈنسە يىلتىزىدىن ساقىيىش مۇمكىنچىلىقى بار.

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 16:16:39

خۇدايىم ساقلىسۇن بۇ كىسەلدىن ئادەمنى پەقەت ئولتۇرغىلى قويمايدۇ بۇ كىسەل

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 17:34:40

قايسى بىر تىلۋىزىيە قانىلىدا بىر ئېلان بۇلدىغان « ئون ئادەمنىڭ توققۇزى گىمروي ، ئون ئادەمنىڭ توققۇزى گىمروي . . . » .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 17:39:23

ئۇ دىگنى خەنلەرنى كۆرسىتەمدىكى{:92:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 18:11:29

بىر كىشى رىستۇرانغا كىرىپ ئولتۇرۇشىغا كۈتكۈچى ئۇنىڭغا تاماق تىزىملىكىنى سۇنۇپ بۇيرۇتمىلارنى يېزىشقا تۇتۇنۇپتۇ ، ئارلىقتا ئۇ ئادەم كۈتكۈچىنىڭ كاسسىسىنى قاشلاۋاتقىنىغا دىققەت قىلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆيۈمچانلىق بىلەن سوراپتۇ :

- گىمىروي بارما ؟

كۈتكۈچى:

- ئەپەندىمخاپا بولماي تىزىملىكتىكى تاماقلارنىلا بۇيرۇتسىڭىز بوپتىكەن . بۇ تاماق چىقمايدۇ .{:92:}



تېخى بايىلا بۇ يۇمۇرنى ئوقۇپتىكەنمەن، كەچۈرسىلەر .


qarluq يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 20:03:40

ئۇنداقتا بۇ كىسەلنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبى نىمە سەۋەبتىن بۇلىدۇ؟
ئاۋۇ سىز دىگەن دورىلارنى ئىزدەپ سوراپ تېپىپ بىر دورا قىلىشمۇ ئادەمگە بىر ئاز قىيىن مەسلە ، شۇنىڭ تەييار قىلىپ قويغانلىرى بارمۇ؟

DaveJones يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 09:29:50

بۇ كىسەل ئاساسلىقى تولا ئولتۇرۇپ كەسپ قىلىدىغانلاردا (شوپۇر،ئىشخانىدا،ئىكران ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇردىغانلار) ھەم يىمەك ئىچمەك ئادىتى نۇرمالسىز،تەستە ھەزىم قىلىدىغان يىمەكنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغانلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ!شۇڭا ئەڭ ياخشىىسى ئكران ئالدىغا كىلىپ بۇ كىسەل قاندا دۇ قاندا دورا باردۇ دىمەي ،بەش ۋاغ نامازنى ۋاختىدا ئوقۇپ ،يەنە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ دۇئالىرىدا تىلەپ تۇرسا گىرىپتار بولمايدۇ! \"\"

mustapa222 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 09:32:38

مۇشۇ ئۇيغۇر تىبابەت كىتابلىرىدا دورا تەييارلاشتا ئۇنىڭدىن 5گىرام،بۇنىڭدىن 10گىرام دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، لېكىن بۇنداق دورىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى بىز ئىزدەپمۇ تاپالمايدىكەنمىز، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 10:48:32

چوڭ خام دورا دۇكانلىرىدىن تاپالايسىز ئادەتتە.
بەت: [1]
: بۇۋاسىر (گىموروي ) ھەققىدە پاراڭلىشايلى