irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 07:39:18

روھى كەيپىيات ۋە سالامەتلىك

1.نورمال روھى كەيپىيات مېڭىنىڭ سەزگۈ -ھەركەت پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ .

2.ساغلام بولغان روھى كەيپىيات يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ  .

3..ساغلام بولغان روھى كەيپىيات ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ھەر خىل كېسەللەرنىڭ  ئالدىنى ئالىدۇ .

4.نورمالسىز روھى كەيپىيات ، نېرۋا ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىپ  ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، دىققىتىنى يىغالماسلىقتەك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .

5.ئۇزۇن مەزگىللىك نورمالسىز  روھى كەيپىيات  ئادەملەردە  ئاسانلا يۇرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرنى پەيدا قىلىدۇ ھەم بۇخىل كېسەللەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .

6 .نورمالسىز روھى كەيپىيات  راك كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ . ئالىملارنىڭ بايقىشىچە 99% راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .دىمەك روھى ئامىل راك پەيدا قىلىشتا ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا  ھالقىلىق رول  ئوينايدۇ.

7 .نورمالسىز روھى كەيپىيات ھەزىم يولى يارا كېسەللىكلىرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھەم بۇ خىل كېسەللەرنىڭ قوزغىلىشىغا  سەۋەپ بولىدۇ .

8.ئۇزۇن مەزگىل روھى كەيپىيات جەھەتتە جىددىلىك بولسا  ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا  تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،شېكەر سىيىش ) دىئابىت ( كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ .

9نورمالسىز روھى كەيپىيات ئاياللاردا ئادەت قالايمىقان بۇلۇش ھامىلدار ئاياللاردا بالدۇر تۇغۇپ قۇيۇش ۋە ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدەك خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

تۇرمۇش رىتىمى تىز، رىقابەت كۈچلۈك، بولىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە روھى كەيپىياتنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم .  تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش ،كىشلەر ئارا مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ،كىشىلىك مۇناسىۋەتتە  كەڭ قورساق، ئەپۇچان بۇلۇش ، تۇرمۇش ئېھتىياجىدىكى تەلەپنى زىيادە يۇقىرى قىلىۋالماسلىق كېرەك  .يىمەك -ئىچمەك ،مۇھىت ۋە رەڭلەر بىلەنمۇ روھى كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. مەسلەن: كەيپىياتى تۆۋەن غەمكىن ۋاقىتتا ھەرگىز چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ،تاتلىق يىمەكلىك بىلەن كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. روھى كەيپىياتى ناچار ئەھۋالدا  مۇھىت ئالماشتۇرۇش ،سەيلە قىلىش .رەڭ ئارقىلىق كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش .قىزىل رەڭ كىشلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ .كۆك رەڭ كەيپىياتنى تىنچلاندۇرىدۇ .يېشىل رەڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ .

namalum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 14:27:30

چاچ نىمە ئۇچۇن بۇرۇن ئاقىردۇ ؟

\"\"

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 15:23:15

بۇنى بىرەر يەردىن كۆچۈردىڭىزمۇ نېمە؟ ( ئىملاسىغا قارىسام سىز يازغاندەك ئەمەس)

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 21:30:14

:lol
بەت: [1]
: روھى كەيپىيات ۋە سالامەتلىك