irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 07:37:47

روك مۇزىكا ئېقىمىنىڭ بارلىققا كېلىشى

روك مۇزىكىسى-ئېنگلىزچە Rock Music دەپ ئاتىلىغان بولۇپ، ھازىرقى ياشلار ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئاڭلايغان مۇزىكا ئېقىمىنىڭ بىرى. بۇ مۇزىكا ئېقىمىنىڭ دەسلەپ قايسى دۆلەتتە بارلىققا كەلگەنلىكى توغۇرلۇق ئېنىق جاۋاپ يوق، بەزىلەر ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن دېسە، بەزىلەر گېرمانىيەدە بارلىققا كەلگەن دەيدۇ، يەنە بەزىلەر ئامېرىكىدا بارلىققا كېلىپ، گېرمانىيەدە كەڭ ئومۇملىشىپ، تەرەققىي قىلغان، دەيدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر بۇ مۇزىكا ئېقىمىنىڭ ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگىنىگە ئىشىنىدۇ.





20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، ئامېرىكىنىڭ مۇزىكا بازىرىدا ئۈچ ئاساسى ئېقىم شەكىللەنگەن. قارا تەنلىكلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بىروكىس ئېقىمى، ئوتتۇرا يۇقىرى تەبىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئاستا رىتىمدىكى مۇزىكىلار، غەربى قىسىمدىكىلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان سەھرا مۇزىكىلىرى. ئۇنداقتا بىر قاراپ باقايلى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا نېمە ئىشلار يۈز بەردىكىن؟





20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئامېرىكا نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈردى، 20-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 30-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغىچە ياۋروپا، ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەردى. 30-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىدى. 1941-يىلى ياپونىيە پىئارىل خاربورغا ھۇجۇم قىلىپ پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىنى چۆچۈتتى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ كەتتى، بۇ دۇنياۋى ئۇرۇش 1945-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئاخىرلاشتى. ئەمدى 50-يىللاردىن كېيىن نېمە ئىشلار بولدىكىن بىر قاراپ باقايلى، 50-يىللارنى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر ئالتۇن مەزگىل دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا مۇقىم تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى. پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۈرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇلار بۇ تىنچ دەۋردە پۈتۈن زېھنىنى ئائىلىگە قاراتقاچقا، ئامېرىكىدا ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان پەرزەنتلىك بولۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بالىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ، تۇيۇقسىز پۈتكۈل جەمئىيەت كىچىك بالىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازىغا توشتى. بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن تېلېۋىزور كۆرەتتى، مۇزىكا ئاڭلايتى، ئۇ چاغلاردىكى مۇزىكىلار شۇنچىلىك لىرىك بولۇپ، كىشىنىڭ مېڭىسىگە ئارام بېرەتتى، تېكىستلىرىمۇ ساغلام بولۇپ، كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتى. ئامېرىكىلىقلار بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەۋرنى تەڭرىنىڭ سوۋغىتى دەپ بىلىپ، تىنچ تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن ھوزۇرنى قانغۇچە سۈردى. لېكىن بۇمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، 50-يىللار ئاخىرلىشىپ، 60-يىللار كىرىشى بىلەنلا ئامېرىكا يەنە بىر تارىخى مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئامېرىكا ۋىيېتنامغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىنىڭ بېشىغا چىقتى، پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكىلىقلار ئۆزىمۇ ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتاتتى. پۈتۈن جەمئىيەت، سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇش ئىچىدە قالدى.




بۇ مەزگىلدە ياشلاردا ئومۇميۈزلۈك جەمىيەتتى ئاغرىنىش، ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك، ئاتا ئانىلىرىنىڭ دەۋرىدىكى ھەر قانداق قاراشقا قارشى چىقىش كەيپىياتى شەكىللەندى، بۇ ياشلار دەل 50-يىللاردىكى ئىقتىساد گۈللەنگەن مەزگىلدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم، ماددىي جەھەتتىن تويۇنۇپ چوڭ بولغان، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق سوغۇقلار، ئۇرۇش مەزگىللىرىدىكى قىيىن تۇرمۇشلار ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتمىگەن. ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەن مەزگىلى دەل ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ تەۋرىنىۋاتقان ۋاقتىغا دەل كېلىپ قالدى، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەركىلىتىشى ئاستىدا چوڭ بولغان بۇ ياشلار، بۇ ھەممە نەرسە داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان دەۋردە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، ئوي، خىياللىرىنى قوبۇل قىلالمىدى، ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن يوللاردا ماڭغۇسى كەلمەيتتى، ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى، ئۇلۇغ ئارزۇ ئارمانلىرى بار ئىدى. 50-يىللاردا بۇ بالىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى پۈتۈن جەمئىيەتنى قاپلىغان بولسا، مانا ئەمدى بۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پۈتۈن ئامېرىكىنى قاپلىدى. بۇ ياشلار ئاتا-ئانىلىرى ئاڭلاۋاتقان ئاڭلىسا-ئاڭلىسا كىشىنى مۇڭلاندۇرىدىغان، كۆڭۈلنى ئىزىدىغان مۇزىكىلارنى بىراقلا رەت قىلدى. بۇلار مانا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي مۇھىت، مانا مۇشۇنداق كەيپىيات ئىچىدە ئىچىگە پاتمايۋاتقان، قايناپ تاشقان ياشلىق ھېسسىياتىنى، جەمىيەتتىن ئاغرىنىشىنى بىراقلا روك مۇزىكىسىدىن ئىبارەت يېڭى مۇزىكا ئېقىمىغا سىڭدۈردى، روك مۇزىكىلىرىدىكى بىر خىل ياۋايىلىق، يۈرەكنى تىترىتىدىغان مۇزىكا ئاۋازى، تېكىستىدىكى بىۋاسىتە ئىپادىلەنگەن ياشلارنىڭ كەيپىياتى دەل بۇ دەۋر ياشلىرىنىڭ جۇشقۇن، كەپسىز، ھەممىگە قارشى چىقالايدىغان تىپىك ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان. ناخشا تېكىستلىرىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر دەل بۇ ياشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئىدى. بۇ ياشلار كەچلىرى يىغىلىشىپ، روك مۇزىكىلىرى بىلەن ئۆزىنى مەست قىلسا، كۈندۈزلىرى ئۇرۇشقا قارشى نامايىش قىلاتتى.





ئاشۇ تەۋرىنىپ تۇرغان، ئەنسىز يىللار بولمىغان بولسا بەلكىم ياشلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان روك مۇزىكىسىمۇ مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى، قارىغاندا «خاپىلىق بىلەن خوشاللىق بىر بىرىگە ھەمراھ» دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك.

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 08:34:31

قۇرۇق گەپتىن بىر تاغار تۆكىۋەتتىڭىز .مەنبەسى نە؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 10:50:03

1- قەۋەتتىكى ilim@nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇرۇق گەپتىن بىر تاغار تۆكىۋەتتىڭىز .مەنبەسى نە؟



ھۆل گەپنى ئەمىسە سىلىدىن ئاڭلايلى خەلپىتىم

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 11:00:09

pop مۇزىكىلىرى توغرىلىقمۇ بىر مەلۇمات بېرىۋەتسىڭىز بولارمۇ؟ مەن بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن

metal ئۇسلۇبى دىگەنلەرمۇ بار

function يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 18:04:47

خەق بىرمۇنچە ئەجىر قىلىپ ئۆزى يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان نېمىنى نۇمۇس قىلماي «قۇرۇق گەپ» دەيدىكەن.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 19:16:16

ئەسقەر كۆك بۆرەنىڭ قايسىغا تەۋەدۇ، ؟
بەت: [1]
: روك مۇزىكا ئېقىمىنىڭ بارلىققا كېلىشى