taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 16:53:26

خېرىدارلارنى قانداق قىلغاندا تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ؟

   كونا خېرىدارلار شۇ قەدەر مۇھىم ئىكەن ،كونا خېرىدارلارنى قانداق تۇتۇپ تۇرۇش تېخىمۇمۇھىمدۇر.


   ئۇنداقتا خېرىدارلارنى قانداق تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ؟ئالدى بىلەن خېرىدارلاردىن نېمە      ئۈچۈن داۋاملىق ئۆز كارخانىسىنىڭ مېلىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىش كېرەك.ئەگەرئالدىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بولسا،خېرىدارلارنىڭ قەيەردىن مال سېتىۋېلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق.ئۇنىڭ بۇ ئىرادىسى مۇنۇ ئامىللارغا باغلىق:بىرىنچى،مۇۋاپىق تاۋارلار خېرىدارلارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ئىككىنچى،مۇۋاپىق باھا خېرىدارلارنىڭ پىخسىكىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ؛ئۈچىنچى ،مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە ئورۇن خېرىدارلارنىڭ مال سېتىۋېلىشىغا   قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛تۆتىنچى،مۇكەممەل مۇلازىمەت خېرىدارلارنى ئالاھىدە رازى قىلىدۇ.      بەشىنچى،كۇرسلۇق مەھسۇلات،ئورىلىشى ۋە باشقا مەدەنىيەت سىمۋوللىرى خېرىدارلارنى روھىي جەھەتتىن خۇش قىلىدۇ.يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى چۇقۇم ئۈنۈم بېرىپ كېتىشى ناتايىن .       چۈنكى،خېرىدارلارنىڭ يۇقىرىقى خىلمۇخىل ئامىللارغا بولغان تۇيغۇسى ئوخشىمايدۇ،ئۇنىڭ   ئۈستىگە خېرىدارلار ھەر خىل كارخانىلار تەمىنلىگەن ئامىللارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدۇ.ئۇلار   پەقەت بۇ كارخانىدىن باشتىن – ئاخىر ئەڭ زور دەرىجىدە قانائەت ھاسىل قىلسا ،ئاندىن       ئۇلار بۇ كارخانىنىڭ سادىق خېرىدارىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.


   يەھۇدىي سودىگەرلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك سودا – تىجارەت ئەمەلىيىتىدە نۇرغۇن تەسىراتلارنى خۇلاسىلەپ چىققان.بۇ يەردە بۇنىڭ بىر قىسمىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:


   1.كونا خېرىدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى دائىملىق ساقلاپ قېلىش.مال ساتقۇچىلار      چۇقۇم قەرەللىك ھالدا خېرىدارلارنى يوقلاپ تۇرۇشى ھەمدە شۇنى ئىنىق تۇنۇپ يېتىشى كېرەك.تەكرار سېتىشقا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى خېرىدارلار بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇش ،      مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مال ساتقۇچىلارنىڭ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئورۇندىغان ئىشلىرىنىڭ       ھەممىسى چۆپقەتلەر بىلەن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش.چۈنكى،بازار تازا جانلانغاندا بۇ خىل مۇناسىۋەت سودىنى تازا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ؛بازار پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندا،ئۇ ھاياتىي مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.مەشھۇر مال ساتقۇچى ۋانجوئې،       گىرارد ھەر ئايدا ئۆزىنىڭ 13 مىڭ خېرىدارىغا شەكلى،رەڭگى ،چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان خەت سېلىپ ،ئالاقىلىشىپ تۇرغان.


   تۇنجى قېتىم سودىلاشقان خېرىدارغا ئەتىسى قىسقا بىر پارچە ئۇچۇر ئەۋەتىپ رەھمەت ئېيتىش،خېرىدارغا ئۆزىڭىزنىڭ مال سالىدىغان كۈنىڭىزنى بېكىتىپ،ئۇنىڭ سىزنى قوللىغانلىقىىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش،ئۇنىڭغا مال سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان – ئالمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش،خېرىدارلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ بىر پارچە ئاتكىرتكا ئەۋەتىش ئۇلار بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئالاقە قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.


   ئۇمۇمەن،مال ساتقۇچىلار مەڭگۈ خېرىدارلارنى ئۇنتۇپ قالمىسا ،خېرىدارلارمۇ مال            ساتقۇچىلارنى ئۇنتۇپ كەتمەيدۇ.


   2.خېرىدارلارنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش – مال سېتىشتىكى ياخشى ئۇسۇلدۇر.      پەقەت مال ساتقۇچىلار خېرىدارلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلسە،خېرىدارلار بىلەن    ئىناق،يېقىن ئۆتەلەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن دوستانە كەيپىياتنى يارىتالايدۇ.بۇ خىل كەيپىيات ھەر قانداق سېتىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇقۇررەر تەلپى.ئامېرىكىدىكى بىر مال سېتىش پادىشاھى ناھايتى مۇپەسسەل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەر سىز ئۆمرىڭىزنى خېرىدارلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا بېغىشلىسىڭىز،ئۇنداقتا سىزنىڭ مال سېتىش خىزمىتىدىكى80 نەتىجىڭىز كونا خېرىدارلارنىڭ ياردىمىدىن ۋە قايتا پۈتۈشۈشتىن كېلىدۇ....


سىىزدىن رازى بولغان خېرىدارلار تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى باشلاپ كېلىدۇ.بۇ خۇددى قار      دومىلاتقانغا ئوخشايدۇ،ئەگەر سىز ئىستىمالچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم ئاساس سالسىڭىز،بۇ ھەر يىلى قايلاممۇقاتلام كېڭىيىدۇ.»


   3.خېىرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش.مال ساتقۇچىلار ھەمىشە ئاغرىنىدىغان خېرىدارلارغا يۇلۇقۇپ تۇرىدۇ.ھەتتا سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ ،قۇسۇر ئىزدەيدىغان خېرىدارلارغا ئۇچىراپ تۇرىسىز.ئاغرىنىدىغان خېرىدارلارغا قوپاللىق قىلماڭ،   چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ مەڭگۈلۈك مال سېتىۋالغۇچىڭىزدۇر.


   ئاغرىنىدىغان خېرىدارلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى:


   ‹1›خېرىدارلارغا «سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىڭىزگە رەھمەت،بىز ئەزەلدىن ئۆزىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە ناھايتى ئەھمىيەت بېرىمىز ،سىز ئېيىتقان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز.بىز چۇقۇم ئەھۋاللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ،تۈزىتىمىز»دەڭ.مال ساتقۇچىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى ،ئالدى بىلەن خېرىدارلاردىن ئەپۇ سوراش،ئەمما ئۇ ئەيىبلەپكونكىرېت ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلارنى ئاۋۋال ئېنىقلاپ،ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن قوبۇل   قىلىشى كېرەك.


   ‹2›قارشى تەرەپ ئاغرىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ،مۇھىم      نۇقتىلارنى خاتىرىلەپ قۇيۇش،بۇ مال ساتقۇچىلارنىڭ خېرىدارلارنىڭ پىكرىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.بولۇپمۇ   ئاسان ھاياجانلىنىدىغان خېرىدارلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئېيىتقان سۆزلىرىنى خاتىرىلەپ    قويۇش ئۇلارنى پەسكويغا چۈشۈرۈشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلىدۇر.


   ‹3›مال ساتقۇچىلار خېرىدارلارنىڭ پىكرى ئاياغلاشقىچە سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىشى ،ئۇلارنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتمەسلىكى ،ھەرگىز ئالدىراپ – تېنەپ ئۆزىنى ئاقلىماسلىقى كېرەك. خېرىدارلار بىلەن مۇنازىرلىشىش ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەكئوتتۇردىكى كەيپىياتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ.خېرىدارلار ئىچ – قارنىنى تۆكۈپ يېنىكلىتىۋالغاندىن كېيىن ،ئاندىن   ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش كېرەك.


   ‹4›دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ،خېرىدارلار ئاغرىنىدىغان سەۋەبنى تۈگىتىش.خېرىدارلارنىڭ   ئاغرىنىدىغان سەۋەبلىرىنى بىر تەرەپ قىلماي،كەينىگە سۈرۈۋېتىش خېرىدارلاردا يېڭى ئاغرىنىش پەيدا قىلىشنىڭ تۈپ يىلتىزىدۇر.ئىلگىرىكى خىزمەتتىكى بىپەرۋالىقتىن خېرىدارلارغا ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلاش-خېرىدارلارنىڭئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن               خوجايىنىڭىزغا دەپ خېرىدارغا بىر پارچە رەھمەت ئېيتىش خېتى قويسىڭىز،خېرىدارنى          تېخىمۇ تەسىرلەندۈرەلەيسىز.

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 12:34:57

1- دۇكان ئالدى ئازادە بولسۇن، قاتناش ۋاستىلىرىنى قويۇدىغان ئورۇن بولسا تېخىمۇ ياخشى.

2- دۇكانغا كىرگەن خېرىدارغا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىڭ.

3- راستچىل، سەمىمىي بولۇڭ. بەك يۇقۇرى باھا قويماڭ.

4- تاۋارلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن باشقا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي دەپ بېرىڭ.
بەت: [1]
: خېرىدارلارنى قانداق قىلغاندا تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ؟