nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 16:13:04

بان كىمون خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈشكە كىرىش

بان كىمون خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈشكە كىرىشىشىنى دەۋەت قىلدى


جۇڭگو بىلەن روسىيە سۈرىيە كىرىزىسىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دېدى


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى: بېيجىڭ، 18 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر 17– سېنتەبىر سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭىشىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە بىرلىكتە تۈزگەن سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈشكە كىرىشىشىنى دەۋەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو بىلەن روسىيە سۈرىيە دۇچ كەلگەن مەسىلىنى ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دېدى.


    ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە 16– سېنتەبىر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرى مەسىلىسى توغرىسىدا «كەسكىن، ئۈنۈملۈك ھەم چەكلەش كۈچىگە ئىگە» قارار لايىھەسى سۇنغانلىقىنى جاكارلىغان. قارار لايىھەسىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتى خىمىيەلىك قوراللارنى كۆيدۈرۈۋېتىش جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا، روسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 17– سېنتەبىر مەزكۇر قارار لايىھەسى توغرىسىدا كېڭەشتى ھەم 18– سېنتەبىر قايتا مۇزاكىرە قىلدى.


    سۈرىيە ھۆكۈمىتى 17– سېنتەبىر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيەنىڭ ئورتاق بېسىمىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، سۈرىيەنىڭ سىياسىتى ۋە ئاساسىي قانۇنىنىڭ قانۇنلۇق بولۇش– بولماسلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش سۈرىيە خەلقىنىڭ «خاس ھوقۇقى»، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۆزلىرىنى بۇ ھوقۇققا ئىگە دەۋالسا بولمايدۇ ھەم سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالسا بولمايدۇ، دېدى.


    ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 17– سېنتەبىر سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى يىغىش، نازارەت قىلىش ۋە كۆيدۈرۈۋېتىش ئىنتايىن قىيىن جەريانغا دۇچ كېلىدۇ. لېكىن سىياسىي ئىرادە، ئارقا سەپ ۋە كەسپىي تېخنىكا مەدىتى بولسىلا، بۇ مۇساپىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ، دېدى. ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ، سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈشكە كىرىشىشىنى دەۋەت قىلدى.


    روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 17– سېنتەبىر موسكۋادا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئوس بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ھازىر سۈرىيەگە قورال كۈچى ئىشلىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھازىر «ب د ت نىزامنامىسى» نىڭ 7– ماددىسىغا ئاساسەن بۇنداق قارارنى ماقۇللىمايدۇ، دېدى. ئۇ يەنە سۈرىيەگە قورال كۈچى ئىشلىتىش– ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلغاندا ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش قىلماي، ئەكسىچە ب د ت نىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئوبيېكتىپ دوكلاتىنى ئاساس قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.


    جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 17– سېنتەبىر كەچتە روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن تېلېفونلىشىپ، سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو روسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرى مەسىلىسىدە ھاسىل قىلغان رامكا كېلىشىمىنى ئالقىشلايدۇ، شۇنداقلا كېلىشىمنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو سۈرىيە دۇچ كەلگەن مەسىلىنى ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.


    ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى ئاشتون 17– سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ: ب د ت نىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغانلىقىنى ئالقىشلايمىز، دېدى ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى قوزغىغۇچىلارنى قانۇنىي جازاغا تارتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەدبىر قوللىنىپ، سۈرىيە زېمىنىدىكى خىمىيەلىك قوراللارنى تېز ھەم بىخەتەر كۆيدۈرۈۋېتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.


    ب د ت 16– سېنتەبىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا 21– ئاۋغۇست سۈرىيە پايتەختى دەمەشقنىڭ گۇتا شەرقىي رايونىدا كەڭ كۆلەمدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش قىلمىشىنىڭ بارلىقى دەلىللەنگەن، لېكىن دوكلاتتا قايسى تەرەپنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.


مەنبە: شىنخۇا تورى


orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 19:13:10

ھەي بۇ ئوبامانىڭ ئورنىغا كىچىك بوش بولسىمۇ بوپتىكەن .بۇ چاققا بەتبەشىر دىگەن مۇستەبتنى يا ئۇيان يابۇيان قىپ بولاتتى . \"\" \"\"

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 17:55:11

مۇشۇ بان كىموننى ئاتامنىڭ ئۇنى ھەر كۆرسە بىر دەيدىغان سۆزى بۇيىچە بىر تىللاپ قوياي :‹‹ پوققا ئەسقاتمايدىغان لامزەللى گۇي ››  {:92:}

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 21:06:13

http://www.nur.cn/news/2013/09/136704.shtml



\"\" \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 23:22:25

@azharbag

كىچىك بالىكەنسىلە رەسمى ،،مۇشۇنداق لاۋزا خەۋەرلەرگىمۇ ئىشنىپ مۇنبەرگە چاپلاپ يۈرۈپسىلە \"\"

يەنە كىلىپ نۇر تورىنىڭ خەۋەرلىرنى ،،،جوھۇتلار نىم دىمەيدۇ ،،،سۈريەدە جەڭ قىلۋاتقانلارنىڭ تەڭدىن كۆپرەكى مۇجاھىتلار

تۇرسا ئۇ يەردە ئاشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرشىگە مۇجاھىتلار يول قويارمۇ ،،ئەخمەق ئاداش  {:92:}
بەت: [1]
: بان كىمون خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈشكە كىرىش