‹‹قارلۇق›› نىڭ تۇنجى قەدىمى قۇتلۇق بولدى[كۆچۈرۈلمە]
ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن چوڭ- كىچىك كارخانىلار ۋە تىجارەتچىلەر تۈنۈگۈن (9.3) دىن باشلاپ، 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشقا باشلىدى. شىنجاڭ قارلۇق مىدىئا پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۈگۈن (9.3) ئىران ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 120 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
شىنجاڭ قارلۇق مىدىئا پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى سىترولۇق كارتون فىلىم ئىشلەش ۋە يۇمشاق دېتال ئىچىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا تارماق ئاپپاراتلارنى قۇردى. بۇ شىركەت بۇ قېتىم ئېران بىلەن كېلىشىم سوممىسى 560 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان «مىڭبىر كېچە» ناملىق يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى كۆپ قىسىملىق سىترولۇق كارتۇن فىلىم، 120 مىنۇتلۇق كارتۇن فىلىم، ئېلېكترونلۇق ئويۇن، ھاسىلىۋى مەھسۇلات ئىشلەش ھەمدە ئاساسىي تېما باغچىسى قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە؛ قازاقىستان بىلەن كېلىشىم سوممىسى 460 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان «بالا ئاباي» ناملىق يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى كۆپ قىسىملىق سىترولۇق كارتۇن فىلىم، «1000- بالا» ناملىق ئېلېكترونلۇق ئويۇن، ھاسىلىۋى مەھسۇلات ھەمدە ئاساسىي تېما باغچىسى قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى.
قارلۇق شىركىتى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئېران ۋە قازاقىستانلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورنىتىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىڭى يولىنى ئاچتى.
پائالىيەتتىن كۈرنۈشلەر :
مەنبە : شەۋقى مۇنبىرى
http://shewqiy.com/thread-2039-1-1.html
ۋوي مۇبارەك بولسۇنپەخرىدىننى مىللىي كارخانىچىلا دەپ بىلمەيمەن
گېتلىردەك ناتىق بۇ بالا
ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن قارلۇقلۇقلار قارلۇق شىركىتىنىڭ ئىشلىرى ئۇيۇقلۇق بولغاي. بارىكاللا! خۇددى ئۆزۈم مۇشۇ نەتىجەلەرنى قولغا كەلتۇرگەندەك خوش بولدۇم دېسە! مۇبارەك بولسۇن.. قازاقىستانغا كارتۇن ئىشلەپ بەرمەكچى بولغىنى ئالامەت ئىش بوپتۇ..! قارلۇقنىڭ بۇ نەتىجىسى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.
قازاقىستان ۋە ئېراننىڭ دىيارىمىزغا كېلىپ قارلۇق بىلەن بۇ توختامنى تۈزىشىگە قاراپ، شۇ تەرەپلەردە سەۋىيىسى قارلۇققا يېتىشكەن شىركەت-كارخانىلارنىڭ يوقلىقىدىن دەپ چۈشەندىم، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىنىڭ بىزدىن خېلىلا كېيىن تۇرىدىغانلىقىنى ئىشتكەنتۇق، شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە مېدىيا ساھەرىمىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بولىدىكەن.
مۇشۇ شارائىتتا(شارائىتنى سۈپەتلەيدىغان بىر ئابزاس قىسقارتىلدى) بۇ ئاسان ئەمەس باللا، ئۇيغۇر ئېلېكترون دەۋرىدە 80نىڭ باللىرى تارىخ ياراتتۇق دەپ ماختانساق، ماختانچاق بولغان بولمايمىز مەنچە. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرىقتە ھېندىستاندىن باشقىسىنىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بىر قەدەر ئارقىدا . قارلۇق شېركىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ! ئەكەك!!! ئاپىرىن!!! ھاياجانلانماي دىگەنسىرى ھاياجان بولۇپ كېتىۋاتىمەن مۇشۇ كۈنلەردە... ھاياجانلانما ئۇيغۇرچە يېزىۋەتكەن بولسا گۈل ئۈستىگە گۈل كىلىپ كېتەركەن. كىلەر قېتىم ئوڭشىلىپ كېتەر ئىنشائاللاھ {:136:} يارايسىلەر ، تىخى مىليارد سۇملۇق تۇختام تۇزگەن ئۇيغۇر شىركىتى يۇقتۇر، ئۇرۇمچى يەرمەنكىسىدە، تارخ يارتېپسىلەر. قارلۇق شىركىتىنىڭ نەتىجىسىدىن ھەممىمىز پەخىلەندۇق ، ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ بەرىكەت تاپسۇن ! خۇشخەۋەر! شۇنداق، بۇ خوشخەۋەر پەخرىدىننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان كىشى ھېلقى قولىدا تاش چاقالايدىغان ئۆمەرجانغا ھەجەپ ئوخشايدىكەن.شۇمۇيا ئۆزى؟
15- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پەخرىدىننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان كىشى ھېلقى قولىدا تاش چاقالايدىغان ئۆمەرجانغا ھەجەپ ئوخشايدىكەن.شۇمۇيا ئۆزى؟
مەنمۇ دىققەت قىلدىم قارىسام شۇ ئۆمەرجان ئوخشايدۇ.
قارلۇقتا تاش چېقۋاتقان ئوخشىمامدۇ
16- قەۋەتتىكى loitumaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
15- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پەخرىدىننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان كىشى ھېلقى قولىدا تاش چاقالايدىغان ئۆمەرجانغا ھەجەپ ئوخشايدىكەن.شۇمۇيا ئۆزى؟
مەنمۇ دىققەت قىلدىم قارىسام شۇ ئۆمەرجان ئوخشايدۇ.
قارلۇقتا تاش چېقۋاتقان ئوخشىمامدۇ
تاش چاقماي، پۇل چېقىۋاتىغاندۇ
16- قەۋەتتىكى loitumaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
15- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پەخرىدىننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان كىشى ھېلقى قولىدا تاش چاقالايدىغان ئۆمەرجانغا ھەجەپ ئوخشايدىكەن.شۇمۇيا ئۆزى؟
مەنمۇ دىققەت قىلدىم قارىسام شۇ ئۆمەرجان ئوخشايدۇ.
قارلۇقتا تاش چېقۋاتقان ئوخشىمامدۇ
بەلكىم قوغدىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىندىمۇ تېىخى؟ بىر نېمە دىمەك تەس...