ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 09:42:02

لاشمور تېغى دۆلەت باغچىسى Mount Rushmore National Memorial

1987- يىلى ئاكام مېنى يۇرتىمىزدىكى قىشلىق كىنوخانىغا ( خاسىيەتلىك ئادەم ) فىلىمىنىڭ 2- قسىمىنى كۆرۈشكە ئېلىپ باردى . ئۇ چاغدا مەن 11 ياش ئىدىم . ئاكام 17 ياش ئىدى . ئۇ ماڭا بۈگۈن بىز شۇنداق بىر قالتىس كىنو كۆرىمىزكى ، سەن كۆرگەندە بىلىسەن ،-دىدى . ئاكام ئەسلى ئۇ كىنونىڭ بىرىنچى قىسىمىنى كۆرگەن ئىكەن . شۇڭا ئۇنىڭغا ئۇ كىنوغا نىسبەتەن ئازراق تونۇش باركەن . ئەمما مېنىڭ كاللامدا ھىچقانداق تونۇش يوق . شۇنىڭ بىلەن بىز كەچ گۇگۇم چۈشكەندە 3 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ ناھىيەمىزنىڭ قاراڭغۇ قارىياغاچلىق يولىدا مېڭىپ كىنوخانىغا باردۇق . ئۇ چاغلاردا كىنوخانىلاردا بىلەتلەرنى قىستىلىشىپ مىڭبىر تەستە ئالىدىغان چاغلار . مەن ئادەملەر توپىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ تۇردۇم . ئۇ قىستىلىپ سوقۇشۇپ ، ئىتتىرىشىپ دىگەندەك ئۇ قىممەتلىك ئىككى بېلەتنى ئېلىپ چىقتى . شۇ چاغدا ئاكام ماڭا قەھرىماندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . چۈنكى يەنە خېلى ئادەم بېلەت ئالالماي تىت- تىت بولۇپ كېتىپ باراتتى. بىز خوشال ھالدا كىنوخانىغا كىرىپ كەتتۇق . كىنو باشلاندى . بۇ شۇنداق بىر ئالامەت نوچى كىنو ئىكەنكى شۇ دەۋردە بۇنداق كىنو بىر دەۋر بۆلگۈچ فانتازىيەلىك كىنو ئىدى . ھازىرقى بالىلار ئۆمۈچۈك پالۋان ، شەپەرەڭ پالۋان، مۆشۈك پالۋان ، يېشىل گىگانىتلارنى كۆپ كۆرۈپ كەتكەچكە بۇ خاسىيەتلىك ئادەم فىلىمىنىڭ ئەينى چاغدا دۇنيادىكى كىنو مەستانىلىرىنى قانداق زىلزىلىگە سېلىۋەتكىنىنى پەقەتلا تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خاسىيەتلىك ئادەم فىلىمى مەن بايا تىلغا ئالغان فىلىملەرنى ئاتىسى ئىدى . بۇ فىلىمدە خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ دۈشمىنى قارا كىيىملىك تۆت ئۇچار ئادەم ئۇچۇپ كېتىپ بېرىپ مۇشۇ پىرەزىدىنىت تېغىنى سوقۇپ ئۆتىدىغان كۆرۈنۈش بارتى . مەن بەك ھەيران قالغانتىم . نىمىدىگەن ھەيۋەتلىك گىگانىت ھەيكەللەر ، زادى راست بارمىدۇ شۇنداق تاغ ؟ شۇ كۈنى ئاشۇ كىنونىڭ شۇ بۆلىكى بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن . مانا ئارىدىن 25 يىل ئۆتۈپتۇ . بۇ تۆت  پىرەزىدىنىت ھەيكىلىگە بولغان قىزىقىش تۈپەيلى توغرىلىق  بۇ پارچىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم .

-------------------------------------------

لاشمور تېغى دۆلەت باغچىسى Mount Rushmore National Memorial

ئامېرىكا جەنۇبى داكوتا شىىتاتىغا جايلاشقان . باغچە ئىچىدە ئىگىزلىكى 60 ئېنگىلىز چىسى (18مېتىر) كېلىدىغان تۆت ئامېرىكا پىرەزىدىنتىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلى بار.

ئۇلار ئايرىم ئايرىم جورج ۋاشىڭتون،George Washington توماس جىففىرسونThomas Jefferson ، تسىئودور روزۋىلىت Theodore Roosevelt، ئابراھام لىنكىنAbraham Lincoln قاتارلىق .

باغچىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 1278 ئېنگىلىز موسى كېلىدۇ . (5.17 كۇادىرات كىلومىتىر كېلىدۇ) . دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5725 ئنگىلىز چىسى (1745 مېتىر) كېلىدۇ.

1885 – يىلى ئامېرىكا نىيۇ-يوركتىكى داڭلىق ئادوۋكات Charles E. Rushmore ئىگىدارچىلىقىدىكى كان ئېچىش ھوقۇقى بار تاغنىڭ يېنىدىكى گىرانت تاغنىڭ نامى لاشمور دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ لاشمور دىگەن نامنىڭ كېلىش مەنبىئى .

ئون نەچچە يىللاردىن كېيىن لاشمور تېغى دۆلەتلىك باغچىسىنى قۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا شۇ چاغدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پىرەزىدىنت Calvin Coolidge بىلەن پارلامىنىت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان دەتالاش باشلىنىپ كېتىدۇ . ئەڭ ئاخىرى بۇ قۇرۇلۇش شۇ پارلامىنىت تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىلىپ تەستىقلىنىپ قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ . لاشمور ئەپەندى بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن 5000 ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ بېرىدۇ . بۇ قۇرۇلۇش 1927 – يىلى 10- 4- كۈنى باشلىنىپ 1941 – يىلى 10 – ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاياقلىشىدۇ . 400 ئىشچىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىسىدا نەق 14 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ پۈتۈپ چىقىدۇ .

بۇ تاغقا ئويۇلغان گىگانىت ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 60 ئېنگىلىز چىسى (18 مېتىر) .

  بۈگۈنكى كۈندە لاشمور تېغىدىكى بۇ تۆت پىرەزىدىنتنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلى ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى . ھەر يىلى مىليونلىغان ساياھەتچىلەر بۇ گىگانىت پىرەزىدىنىت ھەيكىلىنى تاماشە قىلغىلى لاشمور دۆلەتلىك باغچىسىغا قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ .

(قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى : ciao )

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 10:07:13

راشمور بولۇشى كېرەك . لاشمور دەپ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىكى ئاھاڭغا دەسسەپ كېتىپتىمەن .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 10:26:51

2- قەۋەتتىكى begir7نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەش مىڭ ئامرىكا دوللىرى ؟ سەل ئاز بولۇپ قالدىمۇ نىمە ؟

ئۇ پەقەت راشمور ئەپەندىنىڭ قاتقان پۇلى .

بۇ قۇرۇلۇشقا كەتكەن پۇل 989 مىڭ 992 ئامېرىكا دوللىرى . شۇ دەۋردىكى پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ھىسابلىغاندا بۇ پۇل ئاز ئەمەس .

  http://travel.mipang.com/bible/6914

function يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 10:28:52

يۇرتىمىزدا ئۇلۇغ، ئەقللىق، دانىشمەن، داھى، سىياسىئۇن، شائىر قاتارلىق بىرقاتار شەرەپلەرگە نائىل بولغان ماۋزېدونىڭ ھەيكىلى بار، ھەرقېتىم كۆرگىنىمدە ھاياجانلانغىنىمدىن، مىننەددارلىق بىلدۈرگىنىمدىن كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياش ئەگىيدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 11:35:19

1- قەۋەتتىكى ciao2013نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

راشمور بولۇشى كېرەك . لاشمور دەپ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىكى ئاھاڭغا دەسسەپ كېتىپتىمەن .

================

شۇ، بولسا تىما ئىچىدىمۇ ئۆزگەرتىپ قويۇڭە، لاشمور دىگەننى كۆرۈپ بىر خىللا بوپقالدىم...

بۇ يەرگە ئىككى قېتىم ساياھەتكە بىرىپتىمەن، بىر كۆرۈپ قويسا بولىدىغان جاي.

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 11:51:47

5- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى ciao2013نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

راشمور بولۇشى كېرەك . لاشمور دەپ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىكى ئاھاڭغا دەسسەپ كېتىپتىمەن .

================

شۇ، بولسا تىما ئىچىدىمۇ ئۆزگەرتىپ قويۇڭە، لاشمور دىگەننى كۆرۈپ بىر خىللا بوپقالدىم...

بۇ يەرگە ئىككى قېتىم ساياھەتكە بىرىپتىمەن، بىر كۆرۈپ قويسا بولىدىغان جاي.

---- ------------

شۇ ئۆزگەرتىپ تەھرىرلەپ قوياي دىسەم بىر چاتاق يېرى ئىزدىنىشنىڭ ئىشى ، يوللىغان تېما تەستىقلانغاندىن كېيىن تەھرىرلەپ ئۆزگەرتسەك ، مۇنبەر يۈزىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ . يەنە تەستىقلاشنى كۈتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن قايتا تەستىقلانماي يوقاپ كېتىدۇ . بۇرۇن يولۇققان ۋە ئەپسۇسلىنىپ قالغانتىم . شۇڭا ئىنكاستا ئوڭشاپ قويدۇم .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 13:18:22

خاتىرجەم تەھرىرلەڭ، دائىم قايتا تەستىقلايمىزغۇ..

DaveJones يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 14:18:42

قەشقەردىكى ئۆلىمالار ھەزىرتىلى موللامغا زىيارتكە چىقىپتۇ،چىققاندىن كىيىن كىرمەيلا يىنىپ كەينىگە مىڭىپتۇ،يول باشلىغۇچى چۈشەنمەي ئەزىزلىرىم مانا بۇ ھەزىرتى موللام -داڭلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ مەقبەرىسى دىيىشىگە بىر ساقاللىق ئادەم،قويغىنا ئۇكام ،ئا بۇتنى نىمىگە تىكلىۋالدىڭلا ،بۇندا يەرگە كىرمەيمىز دىيىشىپتۇ،بولمىسا ئۇلار خەلق باغچىسى ئالددىن ،ئەسكى سا شەھىرىدىن ،ھەرقايسى بانكىلار ئالدىدىن ئۆتكەندە لام جىم دىمەپتىكەن……

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 18:11:38

8- قەۋەتتىكى DaveJonesنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر گەپكەن ھا ماۋۇ...

قىززىقكەن...نەدىن تاپقانىسز...قانداق توقۇغانسىز....

ھېس قىلشىمچە ئۆلما موللىلارنىڭ ھەممسىى ھەزىرتى موللام مەقبەرىسنى خېلى چوڭ بىلدۇ...

Uyghur0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 20:45:52

قايسى لىكولىن؟ قايسى ۋاشىنگىتون ؟   ئىسىملىرىنى ئوڭدىن سولغا يازغانمۇ سولدىن ئوڭغىمۇ؟  بىلىۋالاي دېگەن

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 23:28:21

@DaveJones

سىز قايسى قەشقەردىن ؟ قەشقەردىكى ئۆلىمالار دەپ كىملەرنى كۆزدە تۇتۋاتسىز ،،،،مۇتئەسسىپ جاھىل كىشلەر كۆزىڭىزگە ئۆلمادەك

كۆرنۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ ،،،،،

DaveJones يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 09:35:50

مىنىڭ بىلىشىمچە يەرشارىدا بىر لا قەشقەر بار،مەن ئۇلارنى كۆرمىگەن،شۇڭا كۆزۈمگە قاندا كۆرۈنگىنىنى دىمىىم،ئاڭلىغىنىمنى دىدىم،

DaveJones يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 09:40:19

9- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى DaveJonesنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەشقەردىكى ئۆلىمالار ھەزىرتىلى موللامغا زىيارتكە چىقىپتۇ،چىققاندىن كىيىن كىرمەيلا يىنىپ كەينىگە مىڭىپتۇ،يول باشلىغۇچى چۈشەنمەي ئەزىزلىرىم مانا بۇ ھەزىرتى موللام -داڭلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ مەقبەرىسى دىيىشىگە بىر ساقاللىق ئادەم،قويغىنا ئۇكام ،ئا بۇتنى نىمىگە تىكلىۋالدىڭلا ،بۇندا يەرگە كىرمەيمىز دىيىشىپتۇ،بولمىسا ئۇلار خەلق باغچىسى ئالددىن ،ئەسكى سا شەھىرىدىن ،ھەرقايسى بانكىلار ئالدىدىن ئۆتكەندە لام جىم دىمەپتىكەن……

ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر گەپكەن ھا ماۋۇ...

قىززىقكەن...نەدىن تاپقانىسز...قانداق توقۇغانسىز....

ھېس قىلشىمچە ئۆلما موللىلارنىڭ ھەممسىى ھەزىرتى موللام مەقبەرىسنى خېلى چوڭ بىلدۇ...

ماڭىمۇ بەك ھەجۋى تۇيۇلغان ،لىكىن كەينىدە گەپ،دىگىچۈنىڭ ئىچىدە دەت باكەن،كۆمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ دەپتىكەن،ئاڭلىمىغان كۆمىگەن خىلى جىق!

ئۇلا كۆپرەك ئاپپا غوجامنى بىلەمدىكى!

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 14:01:16

@DaveJones

ھە مۇنداق دەڭ خىلى پاراڭچە ئوخشىمامسىز ،،ئاپپاق غوجامنى بىلسە نىم بوپتۇ ؟ \"\"

DaveJones يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 19:36:13

14- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@DaveJones

ھە مۇنداق دەڭ خىلى پاراڭچە ئوخشىمامسىز ،،ئاپپاق غوجامنى بىلسە نىم بوپتۇ ؟ \"\"

تازا ياخشى بوپتۇ !ئىككى قولدا باش مالتاق نىمە دەيتى ھىلىقى بوپتۇ!\"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 21:49:00

@DaveJones

ئوتتۇر بارمىقىمنى چىقىرىپ تۇرۇپ قايىللىقىمنى بۈلدۈرمەن سىزگە \"\" ،،،دەرۋەقە دىننى زاتكەنسىز
بەت: [1]
: لاشمور تېغى دۆلەت باغچىسى Mount Rushmore National Memorial