taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 09:23:40

سەۋر قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش

      يەھۇدىيلار «سەۋر» ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىشقا ئىنتايىن ماھىر .ئۇلار 2000 يىلدىن ئارتۇق زىياشكەشلىككە ئۇچىراش جەريانىدا توپلىغان سەۋر قىلىش روھىنى بۈگۈنكى سودا ئىشلىرىغا ،ھەتتا جاھاندارچىلىق پەلسەپىسىگە تەدبىقلاپ،ئەڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.


   يەھۇدىيلار «سەۋر بىلەن كائىنات سۈزۈلۈپ ،ئاسمان – زېمىن تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىدۇ»دەپ قارايدۇ.يەھۇدىيلار داۋاملىق مۇنداق دەيدۇ:«ئادەمنىڭ ھۈجەيرىلىرى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ ،ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.تۈنۈگۈن ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى بۈگۈنكى يېڭى       ھۈجەيرىلەر ئىگىلەيدۇ.قورساق تويغاندا قىلغان تەپەككۇرنىڭ مەزمۇنى بىلەن قورساق ئاچ   چاغدا قىلغان تەپەككۇرنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ.مەن پەقەت ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمەن.»


   بىز مۇنداق بىر مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى .يەھۇدىي كاۋفوماننىڭ پايچى بازىرىدا «ئىلاھ»قا    ئايلىنىشى ئۇنىڭ قەيسەرلىك بىلەن سەۋر قىلىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىنجىسى. ئۇ 1937-يىلى گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. ناتسىتلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ 1946- يىلى ئاتا- ئانىسى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندە ئىنگىلىزچىنى بىلمەيدىكەن.مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغاندىمۇ ئىنتايىن قىينالغان.   ئەمما، ئۇ ناھايتى سەۋرچان بولۇپ،باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشلىرىدىن قورقمىغان.ئۇ ئامېرىكىلىق كىچىك دوسىتلار بىلەن يۈرەكلىك سۆزلىشىپ ئىنگىلىزچىنى ئۆگىنىۋالغان. ئۇنىڭ ئائىلە   ئىقتىسادىي شارائىتى ناھايتى ناچار بولغاچقا،يېرىم كۈن ئىشلەپ، يېرىم كۈن ئوقوپ ،ئالىي   مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ باكالاۋر،ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.خىزمەتتە ئۇ جاپا – مۇشەققەتتىن باش تارتماي ،بانكىدا ئەڭ تۆۋەن خىزمەت ئورنىدىن دۇنياغا داڭلىق سولومۇن قېرىنداشلار پاي چېكى شىركىتىنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلانغان، شۇنداقلا      ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدىكى نوپۇزلۇق شەخىسلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان.


   «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە»،سەۋر – مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئىشەنچىلىك ئىسپاتى .مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يوللىرى ئەگرى- توقاي بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرى،ئىلگىرىلەش يولىدىكى توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇپ،ئېگىلمەس – سۇنماس سەۋرچانلىققا ئىگە بۇلۇشتا. « مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەغلۇبىيەتنىڭ گەجگىسىدىن دەسسەپ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ»،«مەغلۇبىيەت – مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى»دېگەن ھېكمەتنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر. ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر ئالىم كىدالىن:«مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت كەشپىياتلىرىمنىڭ ھەر بىرى 99 قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كەلگەن » دەيدۇ.ئامېرىكا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ لېدىرى يافېير:«كىشىلىك ھايات خاتالىقلارغا ئۇرۇنۇش جەريانىدۇر،ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغان ئادەم مۇۋەپپەقىيەتكە ۋە شانلىق             نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ» دەيدۇ.

بەت: [1]
: سەۋر قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش