TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 06:15:38

تاشپولات: نۇر چاچىدىغان گۈل

نۇر چاچىدىغان گۈل



تاشپولات روزى




ياپونىيەنىڭ داڭلىق(NEC) ئېلېكتر شىركىتى،9-ئاينىڭ 5-كۈنى نۇر
چاچىدىغان گۈلنى، ئۇنۇڭ گېنىنى ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا
كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.تەتقىقاتچىلار دېڭىز ئاستىدىكى لەيلىمە
جانلىقلاردىكى نۇر چىقىرىدىغان ئاقسىل گېن ئۇچۇرلىرىنى، ئاق تورەنىيا
(torenia) گۈلىگە ئالماشتۇرغان. قاراڭغۇ ئىچىدە ئۇ گۈلگە كۆك نۇر چاسسا
سارغۇچ يېشىل نۇر ئېنىق كۆرۈنىدىكەن. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. بۇ گۈل
ھەقىقەتەن گۈزەل كۆرۈنىدىكەن. ئۇلار بۇ ئىجات قىلغان مەھسۇلاتنى ئىككى يىل
ئىچىدە بازارغا سالىدىكەن. مەن ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مۇشۇ
شىركەتتىن ئىككى يىلدەك تەتقىقات مۇكاپات پۇلى ئالغان ئىدىم.



يۇقىرىدىكى خەۋەرنىڭ ئۇچۇر مەنبەسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:




http://jp.wsj.com/article/JJ10338668935658643453317882079393280909662.html





arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 08:29:28

گۈللەرنىڭمۇ گېنىنى ئالماشتۇرۇدىغان ئىش باركەندە ؟

ئەتە ئۆگۈن جانلىقلارنىڭ گېنىنى ئالماشتۇرمايدۇ دىگىلى قەتئېي بولمايدىكەن ئۇنداقتا !

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 08:52:32

بۇ خىل بىنەپشە نۇر ئاستىدا يېشل يالتىراق نۇر چىقىرىدىغان ئاقسىل تۇنجى بولۇپ مېدوزا تېنىدە بايقالغان بولۇپ، «يېشل يالتىراق نۇر ئاقسىلى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئاقسىلنى كودلىغۇچى گېننى تىپىپ چىقىپ بۇ خىل ئاقسىلنى جانلىق تىنىدىكى گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشنى بىۋاستە كۆزىتىشتە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان Martin Chalfie, Osamu Shimomura, Roger Y. Tsien قاتارلىق ئالىملارغا 2008-يىلى «نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى» بىرىلگەن.


بۇ خىل تېخنىكا ھازىر بىئولوگىيەنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە دىگۈدەك كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ، مەنمۇ بۇ خىل گېننى ئىشلىتىپ يىپچە قۇرت بەدىنىدىكى گېنلارغا بەلگە سالغان ئىدىم. تۆۋەندىكىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل گېننى كىرگۈزگەن جانلىقلار، بۇنىڭ تەتقىقات ئۈچۈن غايەت زور رولى بار، يامان يېرى يوق.


\"\"






\"\"




\"\"


\"\"




\"\"





bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 09:05:34

ھازىر بۇ خىل يېشل نۇر چىقىرىدىغانلىرىدىن بۆلەك يەنە سېرىق ۋە قىزىل نۇر چىقىرىدىغان يالتىراق ئاقسىللارمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاقسىللارنى ئىشلىتىش شۇنچىلىك ئومۇملاشتىكى، ئۇلار بولمىسا بىز ھەتتا تەتقىقات ئىلىپ بارالمىغۇدەك دەرىجىدە. مەن بۇلارنىڭ ئىچىدە يېشىل ۋە قىزىللىرىنى تەتقىقاتىمدا ئىشلىتىپ باققان. تۆۋەندىكىسى مەن مۇشۇ خىل ئاقسىل بىلەن بەلگە سېلىنغان ئاقسىلنىڭ ياردىمىدە يالتىراق نۇرلۇق مىكروسكوپتا تارتقان ھىپوفىز بېزىدىكى لېپتىن (leptin) قوبۇللىغۇچى ئاقسىلى (قىزىل ) ۋە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئاقسىلنى (يېشىل) ئىپادىلىگۈچى ھۆجەيرىلەر:





\"\"







shirbala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 09:15:51

تاغا بۇنى ئادەمگە ئىشلەتكىلى بولامدۇ

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 09:21:17

4- قەۋەتتىكى shirbalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تاغا بۇنى ئادەمگە ئىشلەتكىلى بولامدۇ

==================


بۇنى ئادەمنىڭ ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىپ تەن سىرتىدا ئشلەتسە بولىدۇ، لىكىن تەن ئىچىدە ئەمەس.

namalum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 10:52:51

{:136:}

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 11:00:05

تاشپولاتكا ، بېلگەجان ئىككىڭلار بۇ تېمىنى نۇرلاندۇرىۋەتتىڭلار . ئەقىللىق ۋە ساپالىق ياپونلارغا ھەقىقەتەن قول قويماي بولمايدۇ . مەنمۇ تېما مەزمۇنىنى بېيىتىپ قوياي .

ماۋۇ ياپونلارنىڭ مۇزىكا چىقىدىغان تاشيولى :






http://www.chinahighway.com/news/2011/533252.php




melek يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 11:31:27

كىچىدە ماۋۇ چاشقانلار فوسفورلۇق بوپ يورۇپ بەرسە مۈشۈكلەرلا ئەمەس ئادەملەرمۇ قورقۇپ قېچىپ كەتكۈدەك

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 13:26:04

3- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىر بۇ خىل يېشل نۇر چىقىرىدىغانلىرىدىن بۆلەك يەنە سېرىق ۋە قىزىل نۇر چىقىرىدىغان يالتىراق ئاقسىللارمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاقسىللارنى ئىشلىتىش شۇنچىلىك ئومۇملاشتىكى، ئۇلار بولمىسا بىز ھەتتا تەتقىقات ئىلىپ بارالمىغۇدەك دەرىجىدە. مەن بۇلارنىڭ ئىچىدە يېشىل ۋە قىزىللىرىنى تەتقىقاتىمدا ئىشلىتىپ باققان. تۆۋەندىكىسى مەن مۇشۇ خىل ئاقسىل بىلەن بەلگە سېلىنغان ئاقسىلنىڭ ياردىمىدە يالتىراق نۇرلۇق مىكروسكوپتا تارتقان ھىپوفىز بېزىدىكى لېپتىن (leptin) قوبۇللىغۇچى ئاقسىلى (قىزىل ) ۋە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئاقسىلنى (يېشىل) ئىپادىلىگۈچى ھۆجەيرىلەر:





\"\"









مۇشۇ نۇر چىقىرىدىغان ئاقسىللارنىڭ ئىنگىزلىزچە ئىسمى نىمە بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانغانمۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 20:01:41

9- قەۋەتتىكى facebookنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىر بۇ خىل يېشل نۇر چىقىرىدىغانلىرىدىن بۆلەك يەنە سېرىق ۋە قىزىل نۇر چىقىرىدىغان يالتىراق ئاقسىللارمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاقسىللارنى ئىشلىتىش شۇنچىلىك ئومۇملاشتىكى، ئۇلار بولمىسا بىز ھەتتا تەتقىقات ئىلىپ بارالمىغۇدەك دەرىجىدە. مەن بۇلارنىڭ ئىچىدە يېشىل ۋە قىزىللىرىنى تەتقىقاتىمدا ئىشلىتىپ باققان. تۆۋەندىكىسى مەن مۇشۇ خىل ئاقسىل بىلەن بەلگە سېلىنغان ئاقسىلنىڭ ياردىمىدە يالتىراق نۇرلۇق مىكروسكوپتا تارتقان ھىپوفىز بېزىدىكى لېپتىن (leptin) قوبۇللىغۇچى ئاقسىلى (قىزىل ) ۋە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئاقسىلنى (يېشىل) ئىپادىلىگۈچى ھۆجەيرىلەر:





\"\"









مۇشۇ نۇر چىقىرىدىغان ئاقسىللارنىڭ ئىنگىزلىزچە ئىسمى نىمە بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانغانمۇ؟

===============


fluorescence protein

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 21:11:51

ئون يىلنىڭ ئالدىدا NEC دەپ ئەبجەق كومپىيوتۇرۇم بار ئىدى، ھازىر ئاسار ئەتىقىگە ئايلىنىپ كەتتى \"\"



كىيىن شۇ ۋاقىتلاردا بۇ شىركەت جوڭگو بازىرىدا كومپىيوتۇر ساھەسىدىن چىكىنىپتىكەن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 10:33:15

بىلگەجان ،تاشپۇلات سىلەرگە رەخمەت ، ھەممە داڭلىقلار قىچۋاتقاندا سىلەر يەنلا تۇريۇزدە بىزگە نىمىنىڭ مەسئۇليەت ئىكەنلىكىنىبىلدۇرۇپ قۇيدىڭلار.
بەت: [1]
: تاشپولات: نۇر چاچىدىغان گۈل