ناخشا ئىزدەشتىن ياردەم سورايمەن
بۇرۇن نىمىلا ناخشا ئىزدىمەكچى بولسام بەيدۇغا يۈگۈرەيتىم، خېلى بولدى بەيدۇدىن بۇ ياردەمگە ئېرىشەلمەيۋاتىمەن، ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزسەم بىر پاتمان يات ناخشىلارنى چىقىرىپ بېرىپ بېزىرىپ تۇرىدۇ. لېكىن ماڭا لازىملىق ناخشىنىڭ پۈچىقىمۇ يوق، شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، يا مەن ئىزدەشنى بىلمەيۋاتىمەنمۇ ياكى بۇ بەيدۇ دىگەن ئەبلەخ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى تازلىۋەتتىمۇ بىلمىدىم.
سىلەر قانداق ئىزدەۋاتىسىلەر؟
بەيدۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەڭ ناچار، ئەڭ كېرەكسىز ئىزدەش ماتورى بولۇپ، ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىېريال ئىزدەشتە google.com غا يېتىدىغان تور بەت يوق. مەن ناخشىنى مۇنداق ئىزدەيمەن.
1.google.com نى ئاچىمەن(ئەگەر google.com خەنزۇچە ئېچىلسا ئاستىدىكى «English» دېگەن خەتنى بىسىپ ئىنگىلزچىگە ئالماشتۇرىمەن. چۈنكى ئىككىسىنىڭ ئىزدەش پەرقى بار).
2. ئىزدەش رامكىسىغا ئىزدىمەكچى بولغان ناخسىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە يازىمەن. مەسىلەن: «مىراجىخان mp3» دەپ كىرگۈزىمەن. ئاندىن ئىزدەش كونۇپكىسىنى باسىمەن.
مەنمۇ بايقىدىم ، بۇرۇن ئىزدەپ تېپىپ بېرەلىگەن ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى پۈتۈنلەيلا بايقۇت قىلدىمىكىن دىسەم چەتئەلنىڭ بەزى مۇزىكىلىرىنىمۇ ئوخشاش ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن ئىزدىتىپ كۆرسەم ئۇمۇ چىقمىدى .uyghur دىگەن سۆزلەرغۇ نەۋاق سۈزۈۋىتىلگىلى . http://www.izda.com/بۇ تورغا كىرىپ ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن چەتئەلنىڭ ئىزدەش ماتورلىرى دېگەن سويىۋېتىدۇ ئۇيغۇرچە ماتېرىيالنى مەنغۇبەك ناخشائاڭلاپ كەتمەيمەن،شۇنداقتىمۇماۋۇنى سىزگەتەۋسيىەقىلاي.ئىزدەش رامكىسىغاناخشائىسمىنى ياكى ھالقىلىق سۆزنى يېزىپ ئىزدەش كونۇپىسىنى باسساقلاتېپىپ بېرىدىكەن.http://www.udun1.com/. udun.biz بەسەيچە ئۇچۇرغا بەيدۇ ياخشى، قالغىنىغا گوگول ياخشى. QQ نىڭ http://www.soso.com تورى ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى يامان ئەمەس ئىزدەپ قۇيىدۇ رەھمەت، ئەمدى مەن بىر باشتىن بىر سىناپ باقاي!

www.udun1.com
ئاشۇ توربىكەتكە كىرىپ بىقىڭە شەھلا خانىم ،،،مەنمۇ باشقا تور بىكەتلەردىن ئىزدەپ تاپالمىغان خىلى كۆپ ناخشىلارنى شۇ يەردىن تىپىۋالدىم
