nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 19:00:10

تۈرك يازغۇچىسى ئەزىز نەسىن


ئەزىز نەسىن 20- ئەسر تەرەققىيپەرۋەر تۈرك
ئەدەبىياتىنىڭ پېشقەدەم ۋەكىللىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ 1915- يىلى 20- دېكابردا ئىستامبۇل
ئەتراپىدىكى يەر- سۇسىز دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى- مەھمۇد نۇسرەت
بولۇپ، ئاددىي مېھنەتكەش ئادەملەر ئارىسىدا چوڭ بولغان. ئۇ كىچىگىدىنلا سەنئەتگە
قىزىقاتتى،10 ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا يازغۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇ ماددىي
مۇھتاجلىق تۇپەيلىدىن ئوفىتسېر بولۇپ يىتىشتى.

ئەزىز نەسىن دەسلەپكى بەدىئىي ئىجادىيتىنى
شېئر يېزىشتىن باشلىغان (1939-1943)، ئۇنىڭ ھىكايىلىرى 1943- يىلىدىن
باشلاپلا«مىللەت»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. مۇئەللىپ بۇ ئەسەرلىرىگە
نۇرۇنقى ۋادىيە نېسىيە(VediaNesiya)دېگەن تەخەللۇسىنىڭ
ئورنىغا ئەزىز نەسىن دېگەن ئىمزا قويۇشقا باشلايدۇ، ئۇ 1944- يىلى ئارمىيەدىن بوشاپ
ئاخپارات ساھەسىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ سېپى ئۆزىدىن بالا تەبىئەتلىك ئادەم بولغا چقا، ئۇ
بالىلار ھاياتىغا دائىر نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭدىن قالسا، ئەزىز نەسىنگە
ئىجادىيەت جەريانىدا ئەڭ كاتتا شۇھرەت ئاتا قىلغان ساھە- ھەجۋىي ھىكايىچىلىك
بولدى. «مېنىڭ ھەجۋىي ھېكايلەرنى يېزىشتىكى مەقسىدىم- ئۆزەم ياشاۋاتقان جەمئيەت ۋە
دەۋىرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشتىن، ئىنسان بالىسىنىڭ ھېس-ھاياجانسىز ھېچقانداق
خاتىرلىنەلمەيدىغان تەڭداشسىز يۇرەك سوقۇشلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت» دەپ
يازغان ئىدى ئەدىپ. تۈركلەرنىڭ داڭلىق ئەدىبى ياشار كامال ئەزىز نەسىننىڭ 60ياشقا
تولغانلىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا ئۇنى«زامانىمىزنىڭ بۈيۈك
ھەجۋيچىسى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ھالبۇكى داڭلىق رۇس ھەجۋيچىسى ل.لېنچ:«سىز بېشىڭىزدىن
تا تىرنىقىڭىزنىڭ ئۇچىغا قەدەر تۈركسىز،دەل مۇشۇ مىللىي خەلقچىللىق سىزنىڭ ئۆزىگە
خاس تالانتىڭىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك جەھىتىدۇر»،-دېگەن ئىدى ئەزىز نەسىنگە.

ئەزىز نەسىن؛ «پۇتبول شاھى»، «تامدىكى
ساراڭ»، «پەرزەنت»، «مۇشت ئاتىدۇ»، «پۇلۇمغا تۇشلۇق يەر بېرىڭ»، «ئېلىپبەنىڭ بىرىنچى
ھەرپى»، «قۇتۇلدۇرغۇچى ئىت»، «ئات تەربىيەسى»، «ئېيىقنىڭ تەشەككۇرى»، «خوتۇن كىشى
بولغان بولسام ...»، «ئوركېستر ئادەم»، «غارايىپ بالىلار» (بۇ ھېكايە
ئۇيغۇرچىغا «بۈگۈنكى بالىلار كارامەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان) قاتارلىق ھېكايە،
پوۋېستلار توپلاملىرىنى، «دېمو كراتىيە شۇ ڭقارى» (بۇنىڭدا بىر سودىگەر يىگىتنىڭ
ئاتا مىراس كەسپىنى تاشلاپ ئەدەبىيات، ئاخپارات ساھەسىگە كىرگەنلىگى ۋە قانداق
قىلىپ بۇ ساھەدە داڭ قازانغانلىقى شۇنداقلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى ھىكايە
قىلىنىدۇ. ئەسەردە گېزېت تەھرىرىيىتىنىڭ «ئاجايىپ خەۋەرلەر» نى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ
قىلىپ «...يەتمىش ياشلىق چال توساتتىن ئايال كىشىگە ئايلىنىپ قېلىپ بەش بالا
تۇغدى، دېگەندەك ئاجايىپ، ھېچكىمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ھادىسىلەرگە بەك
مۇھتاجمىز...»دېگەن «تەۋسىيەلىرى»دىن كېيىن، يالغان -ياۋداق خەۋەرلەرنى يېزىپ
شۇھرەت قازانغان، ئەمما بىر قېتىم ھەقىقى ئەھۋالنى يازغاندا، ھالبۇكى تەقىپگە ئۇچراپ قامالغان ھەۋەسكار قەلەمكەشنىڭ سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەن)، «دەھشەتلىك
چۈش» (بۇنىڭدا بىر شەخسنىڭ مۇناپىقلىغى، جۇرئەتسىزلىگى ئۈستىدە سۆزلىنىدۇ، ئۇنىڭ«دەھشەتلىك چۇش» كۆرۈشىدىكى مەقسىتى ھېكايە يېزىش ئارزۇسى ئىدى)، «مىڭ مەرتە
شۇكۇرى» (ئۇنىڭدا ئاۋامغا خاس ئاجىزلىق، مۇناپىقلىق كۈلكە ئاستىغا ئېلىنىدۇ. ھېكايە
قەھرىمانى چەرم كەمزۇللىنىڭ كەسپى شوپۇر ئىدى. ئۇ «ھازىر ھەممىسى مېنى
تىللىشىۋاتىدۇ. «مىڭ مەرتە شۇكۇرى» دەۋاتقاندىلا بۇنى سەزگەن ئىدىم. بۇلارنى قاياققا
سۆرىسەڭ، ئاشۇ ياققا كېتىۋېرىدۇ. پەقەت سۆرەشنى بىلسەڭ بو لدى»،- دەيدۇ، چەرم
كەمزۇللى) قاتارلىق رومانلارنى يازغان.

مەلۇم بولىشىچە تۈركىيىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر
ھەجۋىي ھېكايىچىسى ئەزىز نەسىن كومۇنىست بولۇپ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا پىنھاندا
يۇشۇرنۇپ ياشاپ يېزىقچىلق قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ھەتتا ئۇ ۋەسىيەتنامىسىدە ئوغلىغا
ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق قەبرە قاتۇرماسلىق ۋە ئۆزىنىڭ تۇپراق بېشىنى
ئوغلىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلمەسلىگىنى يازغان ئىكەن.

Googleدا ئەزىز نەسىن ۋە ئۇنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىگە
مۇناسىۋەتلىك 500پارچىغا يېقىن سۈرەت تەمىنلەنگەن.

رەسىم ۋە باشقا تەپسىلاتلار ئامبىرى: چىكىڭ

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 22:38:18

ئەزىز نەسىيىن جوڭگودا ياشىغان بولسا يەنە كومۇنىسىت بولۇشنى قوبۇل قىلارمىدى ؟

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 05:26:23

ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن قارىغاندا،ئەزىز نەسىن ئاتىست ئىكەن ۋە بۇنى ئاشكارا ئىتراپ قىلغان ئىكەن.بۇ ئادەمنىڭ ساتىرك ھىكايىلىرى بەكمۇ ئىسىل.

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 10:43:02

توۋا ئاتىسىت ئىكەن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ بىر قسىمىلا بوپ قالدا ئادەم . خۇددى تۈرمىدىن قېچىش دىگەن فىلىمدىكى باش قەھرىمان يىگىت گېي ئىكەن دىگەن گەپتەكلا ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 17:50:49

شۇڭا ھەردائىم ......

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 09:20:41

بۇ كىشىنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇردىغان ۋە ئەڭ تەسىر قىلغان ئەسىرى « ئابىدە تىكلەنگەن چىۋىن» .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 18:18:16

3- قەۋەتتىكى ciao2013نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توۋا ئاتىسىت ئىكەن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ بىر قسىمىلا بوپ قالدا ئادەم . خۇددى تۈرمىدىن قېچىش دىگەن فىلىمدىكى باش قەھرىمان يىگىت گېي ئىكەن دىگەن گەپتەكلا ...


غەرىپكە ساياھەتنىڭ ئاپتۇرى ۋۇ چېڭئېننىڭ بۇتپەرەس ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كىيىن مەنمۇ سىزدەك بىر قىسىملا بۇلۇپ قالغان،


تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدە رول ئالغان ئارتىس، فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقانلارنىڭ خىرىستىئان ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە دەھشەت بىر قىسما بۇلۇپ قالغان،


ھازىر خەت بېسىۋاتقان كۇنۇپكا تاختىسىنى كىمنىڭ ياسىغانلىقنى ئويلاپ بىر قىسما بۇلۇپ قېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن.

بەت: [1]
: تۈرك يازغۇچىسى ئەزىز نەسىن