nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 18:35:35

پالاتا ئەزاسىغا كاتىپ بولغان كەچۈرمىشىم

ئاپتورى: مارك تىۋېن



تەرجىمان: ئاسىمجان ئابلىمىت





مەن ئەمدى پالاتا ئەزاسىنىڭ كاتىپى ئەمەس. بۇ خىزمەتنى تولۇق ئىككى ئاي قىلدىم،
شۇنچىلىك ئەستايىدىل ۋە كۆڭۈللۈك ئىشلىگەن ئىدىم، بىراق ئاخىرىغا بېرىپ تېرىغان
چاتاقلىرىمنىڭ ھەممىسى ئاشكارىلاندى −− دېمەكچىمەنكى، مېنىڭ ئاشۇ نادىر ئەسەرلىرىم
ئەۋەتىلگەن جايلاردىن قايتۇرۇۋېتىلدى. ئىش ئاشكارىلاندى، ئەمدى ئىستېپا بەرمىسەم
بولمايتتى. ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق: بىر كۈنى ئەتىگەندە باشلىقىم مېنى چاقىردى، مەن
ئۇنىڭ يېقىندا سۆزلىمەكچى بولغان مالىيە نۇتقىغا بىرئاز مۈجمەل سۆزلەرنى
قوشۇۋەتكەندىن كېيىن دەرھال يېنىغا چىقتىم. ئۇنىڭ چىرايى تولىمۇ قورقۇنچلۇق تۈسكە
كىرگەن ئىدى، گالىستۇكى ياخشى چىگىلمىگەن، چاچلىرى قالايمىقان، قاپ−اق−لىرىدىن مۇز
يېغىپ تۇرات−تى، خۇددى ھازىرلا پارتلايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ قولىدا بىر تۇتام خەت -
چەكلەرنى چىڭ سىقىمداپ تۇتۇۋالغانىدى، شۇندىلا مېنى ۋەھىمىگە سالىدىغان تىنچ ئوكيان
تۆمۈريولى پوچتا يوللانمىسىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم.


−− مەن تېخى سىزنى
ئىشىنىشكە بولىدىغان ئادەم دەپ يۈرۈپتىمەن، −− دېدى ئۇ.


−− شۇنداق، ئەپەندىم، −−
دېدىم مەن.


−− سىزگە نېۋادا ئىشتاتىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ بىر پارچە خېتىنى
بەرگەن ئىدىم، ئۇلار بولدىۋىن چارۋىچىلىق مەيدانىغا بىر پوچتىخانا سېلىپ بېرىشنى
تەلەپ قىپتىكەن، سىزگە ئۇلارغا جاۋاب خەت يېزىۋېتىشىنى، خەتنى ئۇستىلىق بىلەن
يېزىشىڭىزنى، كۆپرەك باھانە - سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۇ يەرگە پوچتىخانا سېلىشنىڭ
زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى ئېيتقان ئىدىم.


بۇنى
ئاڭلاپ كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشتى:


−− ھە، سىز شۇ ئىشنى دېمەكچىمۇ ئەپەندىم، مەن
ھەممىنى تاپشۇرۇقىڭىز بويىچە بېجىرىۋەتكەن.


−− شۇنداق، سىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق
قىپسىز، مانا يازغان خېتىڭىزنى ئوقۇپ بېرەي، قېنى قانچىلىك خىجىل
بولىسىزكىن.


سىمىس، جونېس ۋە باشقا ئەپەندىلەر:

بولدىۋىن چارۋىچىلىق
مەيدانىدا بىر پوچتىخانا سېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىپسىلەر، چاقچاق قىلمايۋاتقانسىلەر -
ھە؟ بۇنىڭ سىلەرگە نېمە پايدىسى بولاتتى. سىلەرنىڭ ئۇ يەرگە خەت باردىمۇ دەيلى،
سىلەر ئۇنى ئوقۇيالامتىڭلار، شۇنداقمۇ؟ ئەگەر پۇل ئەۋەتىلدىمۇ دەيلى، سىلەرنىڭ ئۇ
يەردىن باشقا جايلارغا ئەۋەتىلسە بىخەتەر بولامدۇ، بۇنىڭ تېگىگە يېتىپ بولدۇڭلارغۇ
دەيمەن؛ نەتىجىدە ھەممىمىز بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىككە قالىدىغان گەپ. بولدى قىلىڭلار،
ھەرگىزمۇ ئۇ يەرگە پوچتىخانا سېلىشنى ئويلاشماڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى
دەپ شۇنداق دەۋاتىمەن، مېنىڭچە بۇ پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشىگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان
قاملاشمىغان بىر پىلان بوپتۇ. سىلەرگە كەم بولۇۋاتقىنى بىر تۈرمە،
چۈشىنىۋاتامسىلەر! تولىمۇ كۆركەم ۋە مۇستەھكەم بولغان بىر تۈرمە، شۇنداقلا يەنە
ھەقسىز ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپ. بۇ ئىككى قۇرۇلۇش سىلەرنىڭ كەلگۈسۈڭلارغا پايدىلىق،
ئۇ سىلەرگە ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە قانائەت ئاتا قىلىدۇ. بۇ تەكلىپنى دەرھال
پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويسام
بولىدۇ.


                                          
ھۆرمەت بىلەن پالاتا ئەزاسى جامۇس
xx


                                          
قەلەم تەۋرەتكۈچى: مارك
تىۋېن


                                                
24- نويابىر، ۋاشىنگتون


−− ئۇ خەتكە سىز مانا مۇشۇنداق جاۋاب بېرىپسىز. ئۇلار
ماڭا ئۇ يەرگە بېرىپ قالىدىغان بولسام، مېنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى
ئېيتىشتى، مەنمۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


−− كەچۈرۈڭ
ئەپەندىم، مەن شۇچاغدا بۇنداق بولۇشىنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن. مەن پەقەت ئۇلارنى
قايىل قىلاي دېگەن شۇ.


−− ھە شۇنداق! سىز ئۇلارنى بەكلا قايىل قىلىۋېتىپسىز،
بۇنىڭدىن قىلچە ئىككىلەنمەيمەن. بۇنىڭغا قاراڭ، بۇ يەردە يەنە بىر پارچە كۈلكىلىك
خەت بار. مەن سىزگە نېۋادا ئىشتاتىدىكى بىرقانچە ئەپەندى ئەۋەتكەن بىرپارچە
مۇراجىئەتنامىنى بەرگەن ئىدىم. ئۇلار خېتىدە مېنىڭ پارلامېنتتا، نېۋادا ئىشتاتىدىكى
دىنىي مەزھەپ ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنى قانۇنلۇق تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزۈش
تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمنى ئۆتۈنگەن ئىكەن. مەن سىزنى ئۇلارغا خەت يېزىپ،
بۇنداق لايىھە تۈزۈش پەقەت ئىشتاتلىق پارلامېنتنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە
بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ق−ويۇشىڭىزنى؛ شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ ئىشتاتىدا دىنىي
زاتلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقا رەسمىي يوسۇندا چېركاۋ قۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق
كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىزنى ئېيتقان ئىدىم. سىز قانداق يېزىپسىز
بىلەمسىز؟


باستېر جون خالفاكىس ۋە باشقا ئەپەندىلەر:

سىلەر ئەسلىدە بۇ
قاراملىق بىلەن ئويلاپ تاپقان تەكلىپىڭلارنى ئىشتاتلىق پارلامېنتقا يوللىشىڭلار
كېرەك ئىدى. دىنىي مەسىلىگە قارىتا دۆلەتلىك پارلامېنت ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ
كەتمەيدۇ. بىراق ئىشتاتلىق پارلامېنتقا بېرىشقا بەك ئالدىراپ كەتمەڭلار، چۈنكى
يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىشتاتتا بۇنداق ئىش قىلىمەن، دېگىنىڭلار تازا مۇۋاپىق بولماپتۇ.
راستىنى ئېيتقاندا، تازا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ. سىلەرنىڭ ئۇ يەردە دىنغا
ئىشىنىدىغانلارنىڭ ئاساسى تولىمۇ ئاجىز، مەيلى ئەق−لىي جەھەت−تىن بولسۇن، ئەخلاقىي
جەھەتتىن بولسۇن ياكى دىنغا ئىخلاس قىلىش جەھەتتىن بولسۇن تېخى يېتەرلىك سالاھىيەت
ھازىرلانمىدى، تەلەپتىن تېخى تولىمۇ يىراق. سىلەر ئەڭ ياخشىسى بۇ پىلانىڭلاردىن ۋاز
كېچىڭلار، بۇ مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ تەشكىلاتنى قۇرغان بىلەنمۇ بەرىبىر زايوم
تارقىتالمايسىلەر، تارقاتقان تەقدىردىمۇ ئۆزۈڭلارنى قىيناپ قويىسىلەر. باشقا دىنىي
تەشكىلاتلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار بازارنى بېسىپ تۇرۇۋېلىپ
ھايانكەشلىك قىلىپ، زايوملىرىڭلارنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئۇ يەردىكى
كۈمۈش كانلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندەك ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىلەرگە تاقابىل
تۇرىدۇ. ئۇلار ھەر خىل ئامال - چارىلەرنى ئىشلىتىپ سىلەرنى قارىغۇلارچە پىلان
تۈزگەنلىكىڭلارغا ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ. بۇ مۇقەددەس پىلانىڭلار ئاخىرقى ھېسابتا
يامان ئاتاققا قالىدۇ، بۇنداق ئىشنى ئەڭ ياخشىسى قىلماي قويۇڭلار. سىلەر بۇنىڭدىن
خىجىل بولۇشۇڭلار كېرەك. بۇ مېنىڭ سىلەرگە بولغان قارىشىم. سىلەر بۇ
مۇراجىئەتنامىنى »بىز مەڭگۈ دۇئا - تىلاۋەت قىلىمىز«، دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپسىلەر،
مەنمۇ شۇنداق قىلىشىڭلارنى توغرا دەپ قارايمەن. چوقۇم شۇنداق
قىلىڭلار.


                                 
ھۆرمەت بىلەن پالاتا ئەزاسى جامۇس
XX


                                    
قەلەم تەۋرەتكۈچى: مارك
تىۋېن


                                       
42 - نويابىر، ۋاشىنگتون


−− بۇ ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان خەت مېنىڭ
سايلىغۇچىلىرىم ئىچىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ ماڭا بولغان ھۆرمىتىنى پۈتۈنلەي يوققا
چىقاردى. شور پېشانىلىكىمنى دەيمەن، سىزنىڭ سىياسىي ھاياتىمنى مۇشۇنچىلىك دەپسەندە
قىلغىنىڭىز ئاز كەلگەندەك، مەن يەنە سان - فىرانسىسكو شەھىرى پارلامېنتىنىڭ ھېلىقى
سۈرلۈك مويسىپىتلىرى ئەۋەتكەن ئىلتىماسنى سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلار
پارلامېنتتىن قانۇن چىقىرىپ، سان - فىرانسىسكو شەھىرىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ
پاراخوت بېجىنى رايونلۇق ھۆكۈمەت يىغىدىغان قىلىپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىپتىكەن. مەن
سىزگە بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى
ئېيتقان. سىزنى ئۇلارغا باش - ئاخىرىنى چەك باسمايدىغان بىر پارچە جاۋاب خەت
يېزىشقا بۇيرۇغان، خەتتە ھەرگىزمۇ پاراخوت بېجى توغرىسىدىكى مۇلاھىزە، پىكىرلەرنىڭ
بولۇپ قالماسلىقىنى جېكىلىگەن ئىدىم. ئەگەر سىزنىڭ ھازىر كىچىككىنە بولسىمۇ
سەزگۈڭىز بولسا −− نومۇس قىلىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلسىڭىز −− مېنىڭ تاپشۇرۇقۇم بىلەن
يازغان مۇنۇ خېتىڭىزنى ئوقۇپ بېرىۋاتقىنىمدا يۈزىڭىز قىزىرىپ قالار:


شەھەرلىك
پارلامېنتتىكى ھۆرمەتلىك جانابلار:


ھۆرمەتكە سازاۋەر دۆلەت ئاتىمىز جورجى
ۋاشىنگتون ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئاشۇ پارلاق، شانلىق ھايات مۇساپىسىمۇ
بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى، بىزنى ئېغىر مۇسىبەتتە قالدۇردى. ئۇ بۇ ماكانىمىزدا
تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى، ئەپسۇس ئۇ ھەممىمىزنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ بەكلا تېز
كېتىپ قالدى. ئۇ 1799- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋاپات بولدى. ئۇ ھاياتىدا ئېرىشكەن
شان - شەرەپلەر ۋە ئۇلۇغۋار ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۈنسىز كەتتى. ئۇ، ۋاپاتى كىشىنى
ھەممىدىن بەك ئېچىندۈرىدىغان قەھرىمان، شۇنداقلا ئەزرائىل ئېلىپ كەتكەن دۇنيادىكى
ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى ئىدى. مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىلەر تېخى پاراخوت بېجىنىڭ مەسىلىسىنى
ئوتتۇرىغا قويۇۋاتامسىلەر؟ ئۇ سىلەر بۇنداق قىلغۇدەك نېمە قىلغان بولغىيتتى!


شان
- شەرەپ دېگەن قانچىلىك نېمە ئىدى! ئۇ پەقەت بىر تاسادىپىي ئۇدۇل كېلىپ قېلىشقۇ
خالاس. ئىساك نىيۇتون دەرەختىكى ئالمىنىڭ يەرگە چۈشكىنىنى بايقىغان. بۇ ئەمەلىيەتتە
بىر كىچىككىنە بايقاش ئىدى، يەنە كېلىپ مىڭلىغان ئىنسانلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن
بايقىغان. بىراق ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھوقۇق - ئىمتىيازى بولغاچقا، بۇ كىچىككىنە
ئىشنى باركۈچى بىلەن كۆپتۈرگەن، نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئادەملەر بۇ گەپكە
ئىشىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان. قېنى
بۇ خىل قاراشنى ئوبدان دەڭسەپ بېقىڭلار.


شېئىر، ئەي گۈزەل شېئىر، ئەلمىساقتىن
سېنىڭدىن قانچىلىغان نەپ ئېلىپ كەلدۇق. بۇلارنى كىممۇ باھالاپ
بېرەلەيتتى!


مارىنىڭ باردۇر بىر قوزىچىقى،

قاردەك ئاقتۇر ئۇنىڭ
يۇڭلىرى.


قەيەرگىلا بېرىشىدىن قەتئىينەزەر،

ئايرىلماس مارىدىن
ھەركۈنى.


جېك بىلەن جېل تاغقا چىقتى.

چىقتى ئۇلار بىر چېلەكتە سۇ
ئالغىلى؛


جېك تاغدىن دومىلاپ چۈشۈپ بېشىنى يېرىۋالدى،

جېلمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ
دومىلاپ چۈشتى.


بۇ ئىككى كۇپلېت شېئىر ناھايىتى ئاددىي تىلدا يېزىلغان، نەپىس
سۆزلەر ئىشلىتىلگەن، يەنە كېلىپ شېئىردا ئەخلاققا مۇخالىپ كېلىدىغان سۆزلەرنى
ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەن بۇلارنى قىممەتلىك ئەسەر دەپ قارايمەن. بۇنى
ھەرقانداق ئادەم چۈشىنەلەيدۇ، قانداقلا مۇھىتتىكى ئادەمگە بولسۇن ماس كېلىۋېرىدۇ −−
ئېتىز - دالىلارغا، يەسلىدىكى بوۋاقلارغا، سودىگەرلەرگە، بولۇپمۇ پالاتا ئەزالىرىغا
تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.


ھۆرمەتلىك جاھىل ئەپەندىلەر! داۋاملىق خەت يېزىپ تۇرارسىلەر.
دوستانە خەت ئالاقىسى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق، يەنە خەت يېزىڭلار. ئەگەر بۇ
ئىلتىماسىڭلاردا بىرەر مەسىلىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولساڭلار، ئەسكەرتىپ
قويساڭلار بولىۋېرىدۇ، تۈزۈت قىلىپ كېتىشىڭلارنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. بىز ھەرگىزمۇ
سىلەرنى ئارتۇقچە چالۋاقاپ كەتتى دەپ
قالمايمىز.


                                          
ھۆرمەت بىلەن پالاتا ئەزاسى جامۇس
xx


                                             
قەلەم تەۋرەتكۈچى: مارك
تىۋېن


                                             
42 - نويابىر، ۋاشىنگتون


−− بۇ ئۆلگۈر خەت ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغۇدەكلا
يېزىلىپتۇ، ھۇ كاللىسىنىڭ سۈيى بار!


−− ئەپەندى، ئەگەر بۇ خەتنىڭ قاملاشمىغان
يەرلىرى بولسا، بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن، بىراق خەتتە سىز تەلەپ قىلغاندەك پاراخوت
بېجى مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدىمغۇ؟


−− ئوبدان تىلغا ئالماپسىز! بولدى ! بۇنى
ھازىرچە قويۇپ تۇرايلى. ھازىر بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى بوپ بولدى، مۇنۇ ئاخىرقى نادىر
ئەسىرىڭىز بىلەن بۇنىڭمۇ ئاخىرى چىقىپ كەتسۇن. مانا ھازىرلا ئوقۇپ بېرىمەن. مەن
ئەمدى تۈگەشتىم. ھېمبولدىتتىن كەلگەن خەتنى سىزگە بەرگىنىمدىلا خاتىرجەم بولالمىغان
ئىدىم. ئۇنىڭدا ئىندىيان بوغۇزى بىلەن شېكېسپېر جىلغىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى
پوچتا يوللىرىنى ئىلگىرىكى مورمون يولىغا ئوخشاش ياساپ بېرىشنى تەلەپ قىپتىكەن. مەن
سىزگە بۇنىڭ بىر نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، سىزنىڭ بۇ ئىشنى ئەپچىللىك
بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، جاۋاب خەت يازغاندا سەل مۈجمەلرەك يېزىپ ئۇلارنى
قايمۇقتۇرۇۋېتىشىڭىزنى سەمىڭىزگە سالغان ئىدىم. بىراق سىزنىڭ بۇ قاپاق كاللىڭىز
مۇشۇنداق بىر ئۆلگۈر خەتنى يېزىشقا ئىشلەپتۇ ئەمەسمۇ. ئەگەر سىز يەنە ئار - نومۇسنى
بىلسىڭىز قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ:


پىركىن، ۋاگنېر ۋە باشقا
ئەپەندىلەر:


ئىندىيان يولى توغرىسىدىكى بۇ مەسىلە سەل نازۇك مەسىلە بولۇپ
ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەپچىللىك بىلەن مۈجمەلرەك بىر تەرەپ قىلىدىغان بولساق، چوقۇم
ئامال تېپىپ چىقالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل. چۈنكى ئۇ جاي لاسسىن يايلىقىنىڭ
يېنىدا، ئالدىنقى يىلى قىشتا، ئىندىيان شونى قەبىلىسىدىكى »خەتەرلىك قىساسكار« ۋە
»بۇلۇتنى بويسۇندۇرغۇچى« ناملىق ئىككى قەبىلە باشلىقىنىڭ باش تېرىسى دەل شۇ
ئەتراپتا سويۇۋېلىنغان. بەزىلەر بۇ يولنى ياقتۇرىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا مەلۇم
سەۋەبلەردىن باشقا يولنى ياخشى دەپ قارايدۇ. مورمون يولى بىلەن ماڭغاندا، ئەتىگەن
سائەت ئۈچ بىلەن موسبىي بازىرىدىن يولغا چىقىپ، جوۋبون تۈزلەڭلىكىدىن ئۆتۈپ
بىلاچىرغا بېرىشقا، ئاندىن يەنە تۆۋەنگە مېڭىپ، چەينەك تۇتقۇچى بازىرىدىن ئۆتۈشكە
توغرا كېلىدۇ. چوڭ يول بۇ بازارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، بۇ بازار ئوڭ
تەرەپتە قالىدۇ. ئاندىن داۋسىن بازىرىنىڭ سول تەرىپىدىكى يول بىلەن ئازراق ماڭساقلا
توماخوك بازىرىغا يېتىپ بارالايمىز، مۇشۇنداق ماڭساق پۇلنى تېجىگىلى بولىدۇ ھەم
قولايلىق بولىدۇ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭمۇ بارلىق ئارزۇ - ئارمانلىرى ئەمەلگە
ئاشىدۇ. بۇ ئىش ناھايىتى كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغان بولغاچقا
مەندە ئىشەنچ پەيدا بولدى. ئەگەر سىلەر بۇ ئىش ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى
بىلمەكچى بولساڭلار، پەقەت پوچتا مۇلازىمىتى بولسىلا سىلەرگە جاۋاب خەت يېزىشقا ھەر
ۋاقىت تەييارمەن.


                           
ھۆرمەت بىلەن پالاتا ئەزاسى جامۇس
xx


                              قەلەم
تەۋرەتكۈچى: مارك
تىۋېن


                                 42 -
نويابىر، ۋاشىنگتون


−− قېنى خوش، سىزنىڭچە بۇ خەت قانداقراق يېزىلىپتۇ؟

−−
ھەي ئەپەندى، مەن بىلمىدىم. بۇ ... ھەي، مېنىڭچە تازا مۈجمەل بولغاندەك
قىلىدۇ.


−− مۈجمەل؟ كۆزۈمدىن يوقال ! مەن ئەمدى تۈگەشتىم. ھېمبولدىتتىكى ئۇ
ياۋايىلار بۇ تولىمۇ قاملاشمىغان خەتنى ئوقۇپ مېڭىسى قوچۇلۇپ، مېنى ھەرگىزمۇ بوش
قويۇۋەتمەيدۇ. ئەمدى مىسسودىست چېركاۋى ۋە پارلامېنتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق
ئىناۋىتىم قالمىدى.


−− ھەي، مەن بۇنىڭغا يەنە نېمىمۇ دەي، بەلكىم ئۇ ئىككى جايغا
خەت يازغاندا سەل قاملاشتۇرالماي قالغاندىمەن، بىراق بولدىۋىن چارۋىچىلىق
مەيدانىدىكى كىشىلەرگە تازا قاملاشتۇرۇپ يازغان ئىدىم گېنېرال!


−− يوقال! تېز
چىقىپ كەت! ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمە!


ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭغا
ياردەملەشمىسەممۇ بولىدىغانلىقىمنى ئىنتايىن سىپايىلىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە
ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم - دە، دەرھال ئىستېپا بەردىم. مەن ئەمدى پالاتا
ئەزاسىغا كاتىپ بولمايمەن. بۇنداقلارنى رازى قىلماق بەك تەسكەن، ئۇلار سىزنىڭ
تارتقان جاپايىڭىزنىڭ قەدرىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەن.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 19:41:35

نىمىدىگەن يۇمۇرستىك \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 15:16:46

ئاپتورى: مارك تىۋېن

{:92:}

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 20:56:15

{:92:}   {:92:}
بەت: [1]
: پالاتا ئەزاسىغا كاتىپ بولغان كەچۈرمىشىم