blackking يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 11:20:15

قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئىسسىقلىق ساقلاش ئايىقغا مەبلەغ سېلىپ ھەمكار...

يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئىسسىقلىق ساقلاش
ئايىقى(太阳能暖鞋)غا مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلاشقۇچى ياكى پاتېنىت ھوقۇقىنى
سېتىۋالغۇچى ئىزدەيمەن.



ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار مەن بۇ تۈر ئىجادىيىتىنى خېلە
بۇرۇنلا تاماملىغان بولساممۇ ئىقتىساد يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن باشقىلارغا
ئۆتكۈزۈۋېتىش ھالىتىگە كېلىپ قالدىم،كۆپىنچىلرىمىز بىلمەسلىكى مۇمكىن سىز
مىڭبىر جاپادا بىرنەرسە لاھىيىلەپ ئىجات قىلىپ دۆلەتلىك پاتېنىت ھوقۇقىنى
قوغداش ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنسىڭىز يەنە شۇ ئالدى بىلەن دەيدىغىنى
ئىلتىماس قىلىش ھەققى ئىكەن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك چىقىملارنى بار
ئەلۋەتتە،مەن ئامالنىڭ يۇقىدىن ئوقۇش پۇلۇمنى سەرپ قىلىپ بۇنىڭغا ئىلتىماس
قىلدىم،لېكىن مەن ئويلىغاندەك ئۇلار ماڭا پۇل بەرمەكتە يوق،ھىچ بولمىغاندا
ئاز بولسىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ دەپ ئۈمىد قىلغان بولساممۇ
ئىلتىماسىغا بىرمۇنچە ھەق ئالىدىكەن،ئىلتىماسمۇ تەستىقلىنىپ كىنىشكا
چىقتى. بىراق ھەر يىلى شوپۇرلۇق
كىنىشكىسىنى  审验قىلغانغا ئوخشاش بۇ كىنىشكىنىمۇ يىلدا بىركۈن
ئۆتكۈزىۋەتمەستىن يەنە بىرمۇنچە پۇلغا قايتا تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىكەن .بۇ
كىنىشكىنى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق كىيىنكى تۈر كەشپىياتلىرىمغا ۋە ئوقۇش
پۇلۇمغا ئازراق بولسىمۇ پۇل غەملىيەلەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان بولساممۇ
ئارزۇلىرىم كۆپۈككە ئايلاندى،ئامالسىز تەتىلدە ئۆيگە قايتماي ئىشلەش ۋە
ئۈرۈمچىدىكى مىللى كارخانا شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ قوللىشىنى كەلتۈرۈش
ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى مىللىي شىركەتلەر ھەتتا خەلقىمىز ياخشى كۆرگەن داڭلىق
چولپان ناخشىچىلىرىمىز بىلەن مىڭبىر جاپادا كۆرۈشكەن بولساممۇ ئۇلارنىڭ
گېپى ‹‹ۋاقتىم يوق›› بۇلۇپ چىقتى،ئامالسىز ھازىرقى مۇشۇ ھالەتتە
تۇرۇۋاتىمەن،مىللەت قۇرۇق شوئار، سەنئەت بىلەن تەرەققي قىلمايدۇ پەن
تېخنىكا بىلەن تەرەققي قىلىدۇ،لېكىن مىللى كارخانا شىركەتلىرىمىزنىڭ
قوللىماسلىقى كەلگۈسىدىكى سودا پۇرسىتىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزىۋىتشكە مەجبۇر
قىلىدىكەن.شۇڭا بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

ئاياقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:



1.ئاياقنىڭ ئىسسىتىش تىمپىراتورسىنى ئاپتوماتتىك ۋە ئاپتۇماتىسىز ئىككى خىل
كونترول قىلىندىغان قىلىپ لاھىيەلەنگەن بۇلۇپ ئاپتوماتتىك ھالەتتە℃30 قا
يەتكەن ھامان ئاپتوماتتىك ئىسسىتىشتىن توختايدۇ ياكى قولدا ئىتىۋىتىشكىمۇ
بولىدۇ،ئەسلىدىكى ئىسسىقلىق ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئاپتۇماتسىز ھالەتتە ئۆز
سىزىمىڭىزغا ئاساسەن ئىسىتىش گىرادۇسىنى قولدا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ،ھەمدە
تىمپىراتۇر گىرادۇسىنى كۆرسىتىش سائىتى ئورنىتىلغان بۇلۇپ ھەرۋاقىت
نۆۋەتتىكى تېمپېراتۇرا گىرادۇسنى كۆرەلەيسىز.بۇ سائەت ئاياقنىڭ سىرتقى
قىياپىتى ۋە كۆركەملىكىگە قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

2.ئاياقنىڭ خىزمەت پرىنسىپى بىخەتەر يېشىل بولغان قۇياش نۇرى ئىسسىقلىقىنى
ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ لازىنۇرلۇق بىخەتەر ئىسسىتىش مەقسىتىگە يەتكەن،
قۇياش نۇرىدىن ھاسىلى بولغان ئىنرگىيەنى باتارېيىگە زاپاس ساقلاپ قۇياش
نۇرى ئاجىز ياكى كېچىلەردە زاپاس ساقلانغان ئېنىرگىيىنى ئىشلىتىپ ئەسلىدىكى
ئىسسىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.ئاساسەن باتارېيىگە تايانمايدۇ.
ھەرقانداق شارائىتتا ئىسسىش ئۈنۈمىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ،

3.ئاياققا تەرسۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى پېتەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ پۇت
تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە پۇتى ئىسسىمايدىغان رېماتىزىم كىشىلەرگە ۋە
ساغلام ئەر-ئايال،چوڭ-كىچىك ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.

ئەگەر ئاياق توغرىسىدا تىخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئالاقىلىشش ئۇسۇلى بۇيىچە بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ.



پاتېنىت ئىگىسى: ئادىل. تۇنىياز

تېلېفون :18699226928

Email:

865808584@qq.com

ۋاكالىتەن ئالاقىلاشقۇچى : قاراخان


Email:


120213995@qq.com



oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 00:24:34

مەن ئالدىن بىرنى زاكاز قىلاي

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 09:25:45

بۇ تېمىنى جەۋھەرلەي ھەم كۆتۈرۈپ قوياي.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 13:48:30

قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ شۇنداق ئىسسىتالىسا ھەقىقەتەن ئىسىل كەشپىياتكەن \"\"

rixtam يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 16:05:07

بۇ كەشپ قىلىنغان ئاياغ قونجۇلۇقمۇ ياكى قونجىسىزمۇ، كۆرۈلۈشكە قىشلىق ئاياغدەك كۆرۈلەمدۇ ياكى يازلىقمۇ، باشقا ئادەتتىكى ئاياغنىڭ ئاجىزلىقى بۇ خىلدىكى ئاياغنىڭ ئالاھىدە تەرپىگە زىيانسلىق ئامىللار بارمۇ ،

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 21:22:18

http://www.sipo.gov.cn/zljs/


توردىن تەكشۈرۈپ كۆردۈم، مەخسۇس پايدا كېنىشكىڭىز راست ئىكەن.


مەخسۇس پايدا ئىدارىسى تور بېتىگە چىققان ماتىرىيالىڭىزغا يازغان خەنزۇچە خەتتە، «加热器» دەپ يېزىپتىكەنسىزغۇ، شۇڭا، «لازىنۇرلۇق» دەپ يېزىشىڭىزنى خاتا دېيىشكە بولىدۇ، ئەسلى دېمەكچى بولغىنىڭىز  ئىنفىرا قىزىل نۇر، بۇ ئىككىسى ئايرىم ئوقۇم، ئارىلاشتۇرماڭ.


---


سىز، ئەمەلىي بۇيۇمنى ياساپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئېيتقان كارخانا ۋە ناخشىچىلارغا، ئەمەلىي بۇيۇمنى سىناتقۇزۇپ باقتىڭىزمۇ؟


مەھسۇلات لايىھلەش مەقسىتى ئىنتايىن مۇۋاپىق، لېكىن...



سىز لايىھىلىگەن ئاياقنىڭ كۈن تاختىسىنىڭ قۇۋۋىتى نەچچە؟


قۇۋۋىتى ئاز دېگەندىمۇ 2~3 ۋاتتىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك.


بېسىمى 6 ۋولت، قۇۋۋىتى 3 ۋاتلىق كۈن نۇرلۇق تاختىنىڭ چوڭلۇقى ئەڭ كىچىكلىرىنىڭ 15*15 سانتىمېتىر بولىدۇ، بۇ يانفون يۈزىنىڭ 4 ھەسسىسىگە تەڭ.

يانفۇن چوڭلۇقىدىكى كۈن نۇر تاختىنىڭ توك ئېقىمى 0.1 ئامپىردىن سەللا چوڭ. قۇۋۋىتى 0.5 ۋات ئەتىراپىدا كېلىدۇ.



سىزنىڭ ئاياق لايىھە سۈرىتىڭىزنى كۆرۈپ باقتىم، 6 قىسىمدىن تۈزۈلۈپتۇ. 1- سى كۈن نۇرلۇق تاختا بولۇپ، رەسىمدە ئاياقنىڭ يان تەرىپىگە سىزىپسىز، چوڭلۇقى يانفۇننىڭ 3 تىن بىرىچىلىك چوڭلۇقتا ئىكەن.  مەنچە، ئۇنىڭ چوڭلۇقى تەلەپنىڭ 10 دىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ، ئىككى پارچىسى تەلەپنىڭ 5 تىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ. پەقەت. لايىھىڭىزدىكى 2- بۆلەك باتارىيەگە توك قاچىلانغان ئەھۋالدا، 2 سائەتتىن 5 سائەتكىچە ئىسسىتالايدۇ. لېكىن پاتىنىتتىكى لايىھىڭىزدە سىرتقى توك مەنبەدىن توك قاچىلاش بۆلىكى يوقكەن. سىزنىڭ پاتىنتىڭىز بىلەن ئوخشاش ئىسىملىك، سىزدىن بىر يىل بۇرۇن ئالغان بىرىنىڭ ماتىرىيالىدا، ئاياغنىڭ پۈتۈن يۈزى كۈن نۇر تاختىسى بىلەن قاپلىنىدۇ، دەپ يېزىپتۇ.


شۇڭا، ئىككىلىك چوڭلۇقتىكى كۈن نۇر تاختىسىدىن چىققان توكقا قارىغاندا،  ئاياقنى كۈن نۇرىغا بىۋاستە تۇتسا بەكرەك ئىسسىقلىق ئېلىشى مۇمكىن. بۇنداق دېيىشىمنى كەچۈرۈڭ، كۈن نۇرلۇق تاختىڭىز ئەسلى بىر ژورنالچىلىك چوڭلۇقتا بولسا، ئاياق ئەگەر ئۆتۈك بولۇپ قالسا، كۈن نۇرلۇق تاختىڭىز بىر گېزىتچىلىك چوڭلۇقتا بولسا ئاندىن كۈن نۇرىدا پۇتنى ئىسسىتىش قۇۋۋىتىنى چىقىرالىشىدىن ئۈمىد بار. ئاياغنىڭ ئىككى يېنىغا قويغان كىچىككىنە كۈن نۇرلۇق تاختىنى ئۆزگەرتىپ، ئىشتاننىڭ پۇشقىقىغا چوڭ يۈزلۈك چاپلىسا، ئاندىن تەلەپتىكى ئېنېرگىيىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ياكى، قۇۋۋىتى ئاز دېگەندە 5 ئامپىر سائەت ياكى 10 ئامپىر سائەتلىك باتارىيىنى ئۆيدە زەرەتلەپ سىرتتا چېتىش ئارقىلىق، مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.



شۇڭا، سىز بۇنى لايىھىلەپ، پاتىنىتقا سۇنۇپ گۇۋاھنامە ئالغان بىلەن،  بىر يۈرۈشنى ياساپ سىناپ باقمىدى دەپ قارايمەن.  پاتىنت تەستىقلاشتا ھەقىقەتەن تېخنىكىلىق ئاساسىغا مەسئۇل بولمايدىغان يۇچۇق بار. ئېلان قىلىنغان ئوخشاش نەرسە بولمىسىلا، پەرقلىق بولسىلا بېرىۋېرىدۇ.


لايىھىڭىزنىڭ زاپچاس تەننەرخى 45~90 يۈەن ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر، ئۆزىڭىز تېخى بىرنى ياساپ باقمىغان بولسىڭىز، ئاۋال ياساپ، سىناپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تاۋباۋدىن ھەممە زاپچاسنى تاپالايسىزغۇ. سىز 200 يۈەن خەجلەپ زاپچاس سېتىۋالسىڭىز، بىر يۈرۈشنى ياسىيالايسىز.


تىمپراتۇرا سەزگۈچ، تىمپراتورا كۆرسەتكۈچ دەيدىغان ئىككى زاپچاسقا يەنە بىر باھاسى 2 يۈەن ئەتىراپىدا مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ خىزمەت قىلمىسا بولمايدۇ، لېكىن مەنچە، لايىھىڭىزدىكى تىمپراتورا سەزگۈچ ۋە تىمپراتورا كۆرسەتكۈچنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق، پۇت ئىسسىسىلا بولدى، ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭ بولدى. مۇھىمى، باتارىيىنىڭ توكىنى قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى كونترول قىلىش (بۇمۇ 220 دىن ئالدىن توك قاچىلىۋالغان ئەھۋالدا).


يەنە بىر نۇقتا، «ئاپتوماتىك كونترول قىلىدۇ»...، پاتىنت لايىھىىڭىزدە «تىمپىراتورا كۆرسەتكۈچ» نى كونترول توك يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارايلى،  تۈۋەن قۇۋۋەتلىك باتارىيە ۋە كۈن تاختا تەمىنلىگەن ئېنېرگىيىدىن چىقىرىلغان ئىسسىقلىققا نىسبەتەن، «ھالەتتە℃30 قا يەتكەن ھامان ئاپتوماتتىك ئىسسىتىشتىن توختايدۇ ..» ئىقتىدارى ئورۇنسىز، ھاۋادا تەبئىي سوۋۇش ۋە بەدەن قان ئايلىنىشى ئارقىلىق بۇ ئىسسىقلىق تارقىلىپ كېتەلەيدۇ. ئەسلى «تىمپىراتورا 30 گىرادوستا مۇقىم ساقلىنىدۇ»  دەپ لايىھىلىشىڭىز كېرەك، توختاپ قالسا پۇت قايتا مۇزلاپ كەتمەمدۇ؟


ھەمكارلاشقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچى ئىزدىسىڭىز، چوقۇم ئەمەلىي بۇيۇم ئارقىلىق قايىل قىلىشىڭىز كېرەك.



---


مەن بۇرۇن پاتىنت ئالغان نەرسەمنى ياساپ چىققاندا، سۈركىلىش كۈچى راۋان ئىشلەتكىلى بولۇش مەسىلىسىنى بەربات قىلغىلى تاس قالغان. 10 يىلدىن كېين ھازىر قايتا ئويلاپ بېقىپ، ئۇنىمۇ ھەل قىلىشنىڭ باشقا ئوبدان ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقىۋالدىم. شۇڭا، مودىلنى چوقۇم ياساپ سىناش كېرەك، بۇ ئىقتىسادقا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىردىن- بىر دەرۋازىسى، سېتىۋالغۇچىغا ئۆزەڭ ھەل قىلىۋال دەپ تاشلاپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس.


---


ئالقانچىلىك يان توكدىنىمنى ئاپتاپقا ئۈچ كۈن قاقلاپ قويسام، يانفۇنۇمغا ئاران 20 پىرسەنتچىلىكلا توك قاچىلىغان، شۇڭا، يان توكدانغا 220 دىن توك قاچىلىۋالىمەن. تاختا چوڭ بولمىسا ئاپتاپنىڭ ئېنېرگىيىسى جىق پايلىمايدىكەن.


freebird يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 12:46:33

باچكا ئەتراپلىق پىكىر قىلىپتۇ ، مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندىمۇ مەھسۇلاتنى ئاۋال ئۆزىڭىز چوقۇم ياساپ چىقىشىڭىز كېرەك .

实用新型专利 دىگەننى خېلىلا مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن تەستىقلايدىكەن ، مېنىڭمۇ ئىدارىدىن ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن بەش ئالتە ئەخلەت پاتنىتلىرىم تۇرۇپتۇ،

ئەھمىيەتسىز بىرنەرسىنىمۇ تەستىقلاۋىرىدىكەن .

پاتنىت بىر گەپ ، مەھسۇلاتنى ياساپ چىقىش ۋە بازارغا يۈزلەندۈرۈش يەنە بىرگەپ ، بۇ ئاسان جەريان ئەمەس .

مۇشۇ مەھسۇلاتنى ئەمەلىي ياساپ چىقىش ئۈچۈنمۇ ئاز زېھىن سەرىپ قىلمايسىز .


بەت: [1]
: قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئىسسىقلىق ساقلاش ئايىقغا مەبلەغ سېلىپ ھەمكار...