تاشپولات: ھاياتلىق مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىككى پلانېت Kepler-62 سىستېمىدا تېپىلدى
Kepler-62سىستېمىدا ھاياتلىق مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىككى پلانېت تېپىلدى
تاشپولات روزى
ناسا 4-ئاينىڭ 18-كۈنىكەپلەر ئالەم تېلېسكوپ ئارقىلىق، يەر شارى بىلەن
ئوخشاپ كېتىدىغان 2 پلانېتىنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن سىرتىدىكى Kepler-62
سىستېمىداتېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ پلانېتلاردا ھاياتلىق ئۈچۈن
كېرەكلىك بولىدىغان سۇنىڭ بۆلىشى ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
Kepler-62بولسا بىر يۇلتۇز بولۇپ قۇياشتىن سەل كىچىكرەك.
ئۇنۇڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1200يورۇقلۇق يىلى، ئۆمىرى
تەخمىنەن 7 مىليارد يىل. ھازىرقى قۇياشنىڭ ئۆمرى 4.57 مىليارد يىل.
بۇنداقK تىپلىق يۇلتۇزلا كوپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ پلانېلىرى بار.
مەسىلەن Kepler-69يۇلتۇزنىڭ 2 پلانېتى بار.
بۇ قېتىم تېپىلغان پلانېت 62e بولسا يەرشارىنىڭ 1.6 ھەسسى، 62f بولسا يەر
شارىنىڭ 1.4 ھەسسى ئىكەن. ھەم بۇ پلانېلار Kepler-62 يۇلتۇزدىن مۇۋاپىق
ھالدا ئارىلىق تاشلاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەر مۆتىدىل بولۇپ ھاياتلىق
بۆلىشى مۇمكىن ئىكەن. تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرسىڭىز ئۇلارنىڭ قانداق
ئورۇنلاشقانلىقىنى ئاسان چۈشىنەلەيسىز.
بۇ پلانېلار بەلكىم يەر شارىمىز ۋەيرانغا ئۇچۇرغاندا مارسقا قارىغاندىمۇ
ياخشىراق قېچىش كاندىداتى بۆلىشى مۇمكىن. بىزلەر يارالغان ئىكەنمىز
دۇنيانىڭ سىرىنى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئىلىم-پەننىڭ كۈچىدە بىلىشىمىز
ھەم ئۇنى ئېچىشىمىز كېرەك.
ھەممىڭلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلىرىڭلار ئوبدان ئۆتكەي!
يەنىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.
http://www.space.com/20720-earth ... nets-discovery.html
1200يورۇقلۇق يىلى يىراقلىتىكى يۇلتۇز بولسا ھازىر يەر شارىدا بار كىشىلەرگە ئۇ يەرگە چىقىپ ياشاشمۇ نېسىپ بولمىغۇدەك..... تاشپولات ئاكىمىز بىلەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىزگە توختىماي يېڭىلىقلاردىن ئۇچۇر بېرىۋاتىدۇ،ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يوللىغان بىلدۈرگۈڭلەرگە كۆپ رەھمەت.بولسا سانائەت ،ئېلىكتىرون ۋە ياساش كەسپىگە ئالاقىدار بىلىملەرنىمۇ يوللىغان بولساڭلار،ھازىرچە بىزلەرگە كائىنات بىلىملىرىگە قارىغاندا سانائەت بىلىملىرى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن،گەرچە كائىنات بىلىملىرى ئۆز كەسپىڭلار بولسىمۇ،سانائەت بىلىملىرىگە بولغا ن نەزەر دائىرەڭلار يەنىلا بىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇپىلانىتلاردىن ئۆيلۈك ئىلتىماس قىلساق بىرەرمۇ. دىيارىمىزدا ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ بېشىمنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ قېتىپ كىتىۋاتىدۇ. يەرشارىدىن كۆچمىسەم بولمىغۇدەك. («ئۇنۇڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1200 يورۇقلۇق يىلى»بۇ پلانېلار بەلكىم يەر شارىمىز ۋەيرانغا ئۇچۇرغاندا مارسقا قارىغاندىمۇ ياخشىراق قېچىش كاندىداتى بۆلىشى مۇمكىن)


بىز نەرسىلەرنى نۇر ئارقىلىق كۆرىمىز. ئۇنى مۇشۇ دەقىقىدە كۆرسەم، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ 1200يىل ئىلگىركى ھالىتىنى كۆرگەن بولىمەنمۇ؟ دىگەن سۇئاللار كاللامغا كەلدى.