bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 07:50:08

NASA: مارستا ھازىر ھاياتلىق بولماسلىقى مۇمكىن

NASA: مارستا ھازىر ھاياتلىق بولماسلىقى مۇمكىن




بىلىمخۇمار

2013-9-13




ناسا مەركىزى JPL دىكى مۇتەخەسسىسلەر دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ژورناللارنىڭ بىرى بولغان «ئىلىم-پەن» ژورنىلىدا 2013-يىلى 19-سىنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدە، ھازىر مارستا ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەس بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئۇلار بۇ ھۆكۈمنى «ھەۋەسكار» (Curiosity) ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى ھازىرغىچە ھېچ قانداق پاتقاق گېزى (methane) تاپالمىغانلىقىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان.  يەنى، پاتقاق گېزى مىكروپلارنىڭ ناماياندىسى بولۇپ، «ھەۋەسكار» ھازىرغىچە ئۇنداق گازنى زادىلا تاپالمىغان.  يەر شارىدا پاتقات گېزى چىقارمايدىغان مىكورپلارمۇ خېلە كۆپ بار بولسىمۇ، مارستا پاتقاق گېزىنىڭ تېخىچە تېپىلمىغانلىقى، «مارستا ھازىر ھاياتلىق بار» دەپ پەرەز قىلىۋاتقانلارنىڭ پەرىزىگە ئىسپات بولالايدىغان بىرەر نەرسە تېخىچە بايقالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  ناسا دىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، مارستا پاتقاق گېزىنىڭ تېپىلمىغانلىقى ئۇنىڭدا ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەيدۇ.  ئەمما، مارستا پاتقاق گېزىدا نەپەس ئالىدىغان مەخلۇقلارنىڭ بار بولىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.




ناسا نىڭ «ھەۋەسكار» ناملىق ماشىنىسىنىڭ مارسقا چىقىرىلغانلىقىغا ھازىر بىر يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت بولدى.  ئۇنىڭغا پاتقاق گېزىنىڭ بار يوقلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپلار ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە ئىزچىل تۈردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەر شارىدا، پاتقاق گېزىنى ئىنگلىزچە «methanogens» دەپ ئاتىلىدىغان مىكرو-ئورگانىزملار ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنگلىزچە «hydrothermal vents» دەپ ئاتىلىدىغان جانسىز نەرسىمۇ پاتقاق گېزىنى پەيد قىلالايدۇ.  ئەگەر مارستا پاتقاق گېزى تېپىلغان بولسا، ئۇ مەيلى مىكروپلاردىن كەلگەن بولسۇن ياكى باشقا نەرسىلەردىن كەلگەن بولسۇن، ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بىر چوڭ يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىناتتى.




تۆۋەندىكى رەسىملەرنى «ھەۋەسكار» غا ئورنىتىلغان ئاپاراتلار تارتقان.




پايدىلىنىش ماتېرىيالى: «Life on Mars? Well, Maybe Not»

<http://www.nytimes.com/2013/09/20/science/space/mars-rover-comes-up-empty-in-search-for-methane.html?_r=0>

3





2





3





4

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 11:18:26

‏‏تاشپولات ئاكىمىز بىلەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىزگە توختىماي يېڭىلىقلاردىن ئۇچۇر بېرىۋاتىدۇ،ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يوللىغان بىلدۈرگۈڭلەرگە كۆپ رەھمەت.بولسا سانائەت ،ئېلىكتىرون ۋە ياساش كەسپىگە ئالاقىدار بىلىملەرنىمۇ يوللىغان بولساڭلار،ھازىرچە بىزلەرگە كائىنات بىلىملىرىگە قارىغاندا سانائەت بىلىملىرى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن،گەرچە كائىنات بىلىملىرى ئۆز كەسپىڭلار بولسىمۇ،سانائەت بىلىملىرىگە بولغا ن نەزەر دائىرەڭلار يەنىلا بىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 12:24:00

بىلىمخۇمار ئاكا ، تۆۋەن سەۋىيەدە بولسىمۇ سوئال سوراپ باقسام ، يېقىندا ئۈندىداردا مارىستا كۈن شەرىقتىن غەرىبكە چىقماي ، غەرىبتىن شەرىققە چىقتى دەپ گەپ تارقالدى ، بۇنىڭ بىرەر ئىلمىي ئاساسى بارمۇ يا ؟ \"\"

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 12:40:34

2- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلىمخۇمار ئاكا ، تۆۋەن سەۋىيەدە بولسىمۇ سوئال سوراپ باقسام ، يېقىندا ئۈندىداردا مارىستا كۈن شەرىقتىن غەرىبكە چىقماي ، غەرىبتىن شەرىققە چىقتى دەپ گەپ تارقالدى ، بۇنىڭ بىرەر ئىلمىي ئاساسى بارمۇ يا ؟ \"\"

ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ بېقىڭ.  ئېھتىمال ئۇ سوئالنىڭ جاۋابى مۇشۇنىڭدىن چىقىپ قالار:


http://bbs.misranim.com/thread-108241-1-1.html

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 12:58:25

1958-يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان ف.زېگىل دېگەن كىشى تۈزگەن «مارسىنىڭ سىرلىرى» كىتاپتا ئاتاقلىق سوۋېت ئالىمى پروفېسسور ۋ.ۋ.شارونوۋنىڭ «بەلكى مارىستا بىزگە ئوخشاشلا كائىناتتىكى ئۆگۈنۈشكە قابىلىيەتلىك بولغان ئېقىللىق ۋە پىكر ژۇرگۇزەلەيدىغان جانلار باردۇر. بەلكى ئۇلار كاناللارنى كولايدىغاندۇر» دېگەن پىكىرى بېرىلگەن، يەنە ئالىم ن.پ.باراشوۋل«پلانېتىدا ئوسۇملۇكمۇ بولسا كېرەك، ئەنە شۇنداق پلانېتىدا ئېقىللىق جانلارنىڭ بارلىقىنى رەت قىلىشقا بىزدە ئاساس يوق» دېگەن سۆزلىرى بېرىلگەن. ھەتتا بۇ كىتاپتا مارىستا دېڭىزلار بار بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن...

ھالا بۈگۈنكى كۈندە كەلگەندە پەن-تېخىنىكىدا زور يۈكسىلىشلەر بولۇپ، ئىنسانلار ياسىغان قوراللار مارىسقا يېتىپ باردى، ئەمدى يىراقتىن كۆزەتكەنگە ئاساسەن يەكۈن چىقىرىشتىن مارىسقا قونۇپ، قىسمەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىشقا ئۆتتۇن، ئەمدى يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىتاپتىكى پەرەزلەرنىڭ ئاساسەن خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، بىراق شۇ پەرەزلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلار بۈگۈنكى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتلارنىڭ تېخىمۇ تېز بولۇشىغا تىلەكداشمەن....



مۇئەللىم، مەن يۇقىرىدا ئېيتقان كىتاپتا مارىنىڭ 1887-يىلىدىن تارتىپ 1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارتىلغان ئالتە پارچە سۈرەت بېرىلگەن بولۇپ، سۈرەتلەردىن قارىغاندا مارىستىكى «كۆل»لەر بارغانسېرى كىچىلەپ ماڭغان، سىزچە ئىككى يۈز يىل بۇرۇن مارىستا سۇ بولۇپ، ھازىر قۇرۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىنمۇ؟

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 19:59:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىنكا ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق،يولىڭىز ئوچۇق بولسۇن.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 20:03:44

4- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1958-يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان ف.زېگىل دېگەن كىشى تۈزگەن «مارسىنىڭ سىرلىرى» كىتاپتا ئاتاقلىق سوۋېت ئالىمى پروفېسسور ۋ.ۋ.شارونوۋنىڭ «بەلكى مارىستا بىزگە ئوخشاشلا كائىناتتىكى ئۆگۈنۈشكە قابىلىيەتلىك بولغان ئېقىللىق ۋە پىكر ژۇرگۇزەلەيدىغان جانلار باردۇر. بەلكى ئۇلار كاناللارنى كولايدىغاندۇر» دېگەن پىكىرى بېرىلگەن، يەنە ئالىم ن.پ.باراشوۋل«پلانېتىدا ئوسۇملۇكمۇ بولسا كېرەك، ئەنە شۇنداق پلانېتىدا ئېقىللىق جانلارنىڭ بارلىقىنى رەت قىلىشقا بىزدە ئاساس يوق» دېگەن سۆزلىرى بېرىلگەن. ھەتتا بۇ كىتاپتا مارىستا دېڭىزلار بار بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن...

ھالا بۈگۈنكى كۈندە كەلگەندە پەن-تېخىنىكىدا زور يۈكسىلىشلەر بولۇپ، ئىنسانلار ياسىغان قوراللار مارىسقا يېتىپ باردى، ئەمدى يىراقتىن كۆزەتكەنگە ئاساسەن يەكۈن چىقىرىشتىن مارىسقا قونۇپ، قىسمەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىشقا ئۆتتۇن، ئەمدى يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىتاپتىكى پەرەزلەرنىڭ ئاساسەن خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، بىراق شۇ پەرەزلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلار بۈگۈنكى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتلارنىڭ تېخىمۇ تېز بولۇشىغا تىلەكداشمەن....



مۇئەللىم، مەن يۇقىرىدا ئېيتقان كىتاپتا مارىنىڭ 1887-يىلىدىن تارتىپ 1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارتىلغان ئالتە پارچە سۈرەت بېرىلگەن بولۇپ، سۈرەتلەردىن قارىغاندا مارىستىكى «كۆل»لەر بارغانسېرى كىچىلەپ ماڭغان، سىزچە ئىككى يۈز يىل بۇرۇن مارىستا سۇ بولۇپ، ھازىر قۇرۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىنمۇ؟




قانچە يىل بۇرۇنلىقى ماڭا ئايدىڭ ئەمەس، لېكىن بۇرۇن مارستا دېڭىزمۇ مەۋجۇت بولغان.  ناسادىكىلەر بۇ يەكۈننى چىقارغىلى خېلە ئۇزۇن بولدى.  مارسنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى ماشىنا ئۇزۇن مۇددەت دېڭىز-دەريا ئاستىدا تۇرغان تاش قۇرۇلمىلىرىنى ھازىرمۇ توختىماي سۈرەتكە ئېلىۋاتىدۇ.




\"1\"





\"2\"





\"3\"







bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 20:27:37

1- قەۋەتتىكى atella0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏‏تاشپولات ئاكىمىز بىلەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىزگە توختىماي يېڭىلىقلاردىن ئۇچۇر بېرىۋاتىدۇ،ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يوللىغان بىلدۈرگۈڭلەرگە كۆپ رەھمەت.بولسا سانائەت ،ئېلىكتىرون ۋە ياساش كەسپىگە ئالاقىدار بىلىملەرنىمۇ يوللىغان بولساڭلار،ھازىرچە بىزلەرگە كائىنات بىلىملىرىگە قارىغاندا سانائەت بىلىملىرى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن،گەرچە كائىنات بىلىملىرى ئۆز كەسپىڭلار بولسىمۇ،سانائەت بىلىملىرىگە بولغا ن نەزەر دائىرەڭلار يەنىلا بىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.




سالام ئۇكام،




سىز بىر ناھايىتى ياخشى تەكلىبنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.  مېنىڭ ۋاقتىم ئىنتايىن قىس.  شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇنىڭدىن كېيىن يۇرتىمىزدا شىركەت قۇرۇش يولىدا تىرىشىۋاتقان ئۇكا-سىڭىللارغا پايدىسى تېگىدىغان يېڭى خەۋەرلەردىن ئۆزەم تاپالىغانلىرىنى يېزىپ يوللاپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن.  بۇنداق قىلىش بىلەن مېنىڭ ناسا توغۇرلۇق يازىدىغانلىرىمنىڭ قېتىم سانى سەل ئازلاپ قېلىشى مۇمكىن.  لېكىن ناسا ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى چوقۇپ تولۇق يوللاشقا تىرىشىمەن.  بۇ ياخشى تەكلىپىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!



arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 13:30:36

مارىستا قاشتېشى باركەن دەپ خەۋەر بولسا بىزنىڭ خوتەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى مارىسقا ئۇچاتتى ئەمەسمۇ ؟ \"\"
بەت: [1]
: NASA: مارستا ھازىر ھاياتلىق بولماسلىقى مۇمكىن