taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 15:44:33

قوش جەھەتتىن مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۇزۇن مەزگىل بېيىشنىڭ يولى

    يەھۇدىي سودىگەرلىرى ھەرگىز «بىر قېتىملىق ئېلىپ – سېتىش»بىلەن داڭىق چىقارغان ئەمەس،«پەقەت ھەربىر ئادەم مېنىڭ دامىمغا بىر قېتىم دەسسىسە بېيىپ كېتەتتىم»دېگەن بۇنداق مەخپىي  سىىرمۇ ھەرگىز يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ تىجارەت دەستۇرى ئەمەس.ئەكسىچە،ئۇلار كىشىلەر مەڭگۈ سېنىڭ دامىڭغا چۈشمەيدۇ،ئۇلارنى سېنىڭ دامىڭغا چۈشۈرۈشمۇ مۇمكىن ئەمەس،دەپ قارايدۇ.


     قائىدە بويىچە ئېيىتساق ،يەھۇدىيلارغا ئوخشاش بۇنداق ئۈزلۈكسىز چەتكە قېقىشقا ئۇچىراپ   تۇرغان، ئەتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان مىللەتكە نىسبەتەن تىجارەت سەھنىسىدە «بىر  تىجارەتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكىلىش»تەك قىسقا مۇددەتلىك تەدبىر ۋە      يۆتكىلىپ تۇرۇپ جەڭ قىلش تاكتىكىسىنى «قوللىنىش كېرەك».بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەندە ،يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىگە مەسلەن،«تەڭرى تەرىپىدىن تاللىۋېلىنغان قۇۋم»،«بىر قېتىملىق»ئېلىپ – سېتىش بىلەن بولدى قىلماي،ئىشەنچ ۋە توختامغا قاتتىق ئەمەل قىلىش قاتارلىق ئادەتلەرگە ئىگە بولغاندىن سىرت ،مىللەتنىڭ توختىماي يۆتكىلپ    يۈرۈپ ياشاش روھىي ھالىتى بىلەن سودا پائالىيىتىدىكى قانۇنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن ،نېمىنىڭ ھەققىي تىجارەت يولى ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىققانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.


     تارىختا يەھۇدىيلارنىڭ ئىجتىمائىي توپىنىڭ مەنىۋىيەت داھىيسى رابى قېرىنداشلىرىغا ئۆچمەنلىك  ئۇرۇقىنى تېرىماسلىق ھەققىدە قايتا – قايتا ئاگاھلاندۇرغان .مۇشۇنداق بىر خىل ياشاش ئىستىكىدىن جۇغلىنىپ چىققان تىجارەت پىرىنسىپى تىجارەت دەستۇرىنىڭ چېتىلىدىغان تەرەپلىرىنى ئۆزگىچە خاراكتىرىگە ئىگە قىلغان،يەنى يەھۇدىي سودىگەرلىرى خېرىدارلار ،ئىشچى – خىزمەتچىلەر،ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەت يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىش!


ئەنگلىيىدە«ماكىس ۋە سپېنسىر تۈرلۈك ماللار شىركىتى»ئەڭ داڭلىق تۈرلۈك ماللار شىركىتىدۇر.بۇ   تۈرلۈك ماللار شىركىتىنى قۇدا-باجا قېرىنداشلاردىن سىمون،ماكىس ۋە ئىسرائىل،سىيېۋلار قۇرغان.


     ماكىس ۋە سپېنسىر تۈرلۈك ماللار شىركىتى مالنىڭ باھاسىنى ئەرزان قىلىشنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرسىمۇ،ئەمماسۈپەتكە ناھايتى ئەھمىيەت بېرىپ ،«ئەرزان ھەم ئېسىل»بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.  


بەزى گېزىتلەردە ئېيتىلغان گەپ بويىچە ئېيىتساق،بۇ تۈرلۈك ماللار شىركىتى بىرمەيدان ئىجتىمائىي   ئىنقىلاب قوزغىغان.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 08:44:18

ھازىرقى بازار ئىگىلىگى،پۇل - مۇئامىلە قائىدىلىرى پۈتۈنلەي موشۇ يەھۇدىيلارنىڭ سودا پىرىنسىپلىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلۈپ ،شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ .ھەي دۇنيا ...........
بەت: [1]
: قوش جەھەتتىن مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۇزۇن مەزگىل بېيىشنىڭ يولى