taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 10:38:18

تەتۈر پايدىلىنىش قائىدىسى

بىر يەھۇدىي نىيۇيوركتىكى بىر بانكىغا كىرىپ،پۇل مۇئامىلە پوكىيىنىڭ ئالدىغا كىرىپ
بەخىرامان ئولتۇرۇپتۇ.

-ئەپەندى ،مەن ياردەملىشىدىغان ئىش بارمۇ،-دەپ سوراپتۇپۇل
مۇئامىلە ئورنىنىڭ دېرىكتورى ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئېسىل كاستۇم – بۇرۇلكا،پۇتىدىكى
ئالىي دەرىجىلىك ئاياغ ۋە قولىدىكى قىممەت باھالىق سائىتىگە قاراپ.

- مەن پۇل
قەرز ئالاي دېگەنىدىم.

-بولىدۇ،قانچىلىك قەرز ئالماقچى؟

-بىر دوللار.

-بىر
دوللار دەمسىز؟

-شۇنداق،پەقەت بىر دوللار قەرز ئالىمەن.بولامدۇ؟

-ئەلۋەتتە
بولىدۇ.كېپىل بولىدىغان ئادەم بولسا جىقراق ئالسىڭىزمۇ
بولىۋېرىدۇ.

-بەللى،بۇلارنى كېپىلگە قويسام بولامدۇ؟

بۇ يەھۇدىي شۇنداق
دېگىنىچە قىممەت باھالىق سومكىسىدىن بىر تۇتام پاي چېكى ، ھايوم قاتارلىقلارنى
ئېلىپ دىرېكتورنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.

-جەمئىي 500 مىڭ دوللار
،يېتەمدۇ؟

-يېتىدۇ،يېتىدۇ،سىز راستىنلا بىر دوللار قەرز ئالامسىز؟

-شۇنداق،ئۇ
شۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭ قولىدىن بىر دوللارنى ئاپتۇ.

-يىللىق ئۆسۈمى%6 ،سىز
پەقەت% 6 لىك ئۆسۈمنى تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ.بۇ زايوم،پاي چېكىڭىزنى بىر يىلدىن كېيىن
قايتۇرۇپ بېرىمىز.

-رەھمەت.

يەھۇدىي پۇلنى ئېلىپلا ئارقىسىغا
ئۆرۈلۈپتۇ.

بانكا باشلىقى بىر چەتتە قاراپ تۇرۇپ بۇنىڭ زادى نېمە ئىش
ئىكەنلىكىنى ئاڭقىراىلماپتۇ. 500 مىڭ دوللىرى بار ئادەم قانداقسىگە بانكىدىن بىر
دوللار قەرز ئالىدۇ دەپ ئويلاپتۇ ۋە دەرھال ھېلىقى يەھۇدىينىڭ ئالدىغا
بېرىپ:

-ھە،ئەپەندى...

-بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ؟

-مەن زادى چۈشەنمىدىم ،500
مىڭ دوللىرىڭىز تۇرۇپ ،نېمە ئۈچۈن بىر دوللار قەرز ئالىسىز؟300-400 مىڭ دوللار قەرز
ئالىمەن دېسىڭىزمۇ بېرەتتۇق ئەمەسمۇ...

- مەن ئۈچۈن ئارتۇقچە غەم يېمەڭ .مەن
سىلەرنىڭ بانكىغا كېلىشتىن ئىلگىرى بىر قانچە ئۇرۇنلارنىڭ خەزىنىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ
باقتىم .ئۇلارنىڭ پولات ساندۇقىنىڭ ئىجارە ھەققى بەك قىممەت ئىكەن.شۇڭا،مەن
زايوم،پاي چېكىنى،سىلەرنىڭ بانكاڭلارغا ئامانەت قويدۇم،ئىجارە ھەققىڭلار بەك ئەرزان
ئىكەن.

بۇ بىر لەتىپە،پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرلا ئەقىللىق كىشىلەر ھەققىدە لەتىپە
تۇقۇپ چىقالايدۇ.بۇنداق زېرەكلىكنى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆگىنىمەن دەپمۇ ئۆگىنىپ
بولالمايدۇ.چۈنكى،نوقۇل ھېسابات جەھەتتىكى زېرەكلىك كۇپايە قىلمايدۇ.ئالدى بىلەن
تەپەككۇر جەھەتتىكى زېرەكلىك بۇلۇش كېرەك.

ئادەتتە،قىممەتلىك بۇيۇملار
خەزىنىدىكى پولات ساندۇقتا ساقلىنىدۇ.بۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن بىردىنبىر
تاللاشتۇر.بىراق،يەھۇدىيلار ئادەتتىكى قائىدە-يۇسۇن بىلەن چەكلەنمەي،زايوملارنى
بانكىنىڭ پولات ساندۇقىغا سالىدىغان ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققان .ئىشەنچلىك،بىخەتەرلىك
نۇقتەسىدىن ئېيىتقاندا،بۇ ئىككىسى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئوخشىمىغاندىن سىرت ھېچقانچە
چوڭ پەرقلەنمەيدۇ.بۇ بەلكىم پولات ساندۇقتىن تېخىمۇ بىخەتەر بۇلىشى
مۇمكىن.چۈنكى،پولات ساندۇقنىمۇ ئوغرى ئالىدۇ ياكى مەخپىي نۇمۇرىنى باشقىلار
بىلىۋالالايدۇ.ئەمما ،بانكىنىڭ پولات ساندۇقىغا قۇيۇش مۇتلەق
بىخەتەردۇر.چۈنكى،مەسلە كۆرۈلسە بانكا مەسئۇل بولىدۇ.

بۇنىڭدىكى يەھۇدىي
سودىگىرىنىڭ تەپەككۇر شەكلى يەنىلا«توغرا يۆنىلىشلىك تەپەككۇر»دۇر.ئەمما،قانداق
قىلغاندا زايومنى بانكىنىڭ پولات ساندۇقىغا قۇيۇپ ھەق تۆلىمەسلىكنى قولغا
كەلتۈرۈشتە «تەتۈر يۆنىلىشلىك تەپەككۇر»نى ئىشقا سالالىغان.

بۇ ئەلۋەتتە بىر
لەتىپە ئەمما 500 مىڭ دوللار مەبلىغى بار يەھۇدىي سودىگەرنىڭ پۇل ساقلىشىتىدىكى
ئىنچىكە ھېسابات ئۇسۇلى ھەرگىز چاقچاق ئەمەس،ئۇلارنىڭ «تەتۈر يۆنىلىشلىك تەپەككۇر»
ئارقىلىق تەتۈر پايدىلىنىش قائىدىسىگە ئوخشاش بىر يۈرۈش تەپەككۇر ئۇسۇلى تېخىمۇ
چاقچاق ئەمەس.20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى
بانكا باشلىقى يولۇققان قىسمەتنى باشتىن كەچۈرگەن .

1968-يىلىنىڭ ئالدى –
كەينىدە ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىپ، غەرب پۇل مۇئامىلە
بازىرىدا كۈنسىرى باش كۆتۈرگەن.ئەمما ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ كەتكەن.

1970-يىلى
8-ئايدا ياپونىيىنىڭ تاشقى پېرىۋوت ئامانەت پۇلى ئاران 3 مىليارد 500 مىليون
دوللارغا يەتكەن،ئەمما شۇ يىلى 10-ئايدىن باشلاپ تاشىقى پېرىۋوت ئامانەت پۇلى
شىددەت بىلەن يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان.بىر يىل ئىچىدە 3 مىليارد 500 مىليوندىن 12
مىليارد 900 مىليون ،ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا 15 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

بۇنىڭدىن
گەرچە بىر مۇنچە كىشىلەر تاسادىپىيلىق ھېس قىلغان بولسمۇ،ئەمما ياپونىيىنىڭ سىياسىي
،ئاخبارات ۋە سودا ساھەسىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىدىن مەست بۇلۇشۇپ:«بۇ ياپونىيە
خەلقىنىڭ ئىشچانلىقىنىڭ ،تېجەشلىك ياشىغانلىقىنىڭ سىمۋولى»دەپ قاراپ ،پەقەت
ئىشلارنىڭ ياخشى تىرىپىنىلا ئويلاشقان.

بۇنىڭدىن يەھۇدىي سودىگەرلىرى ئىچىدە
كۈلگەن، ئۇلار ھەدەپ مەبلەغ توپلاپ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ياپونىيىگە كۆپلەپ دوللار
ساتقان .ئۇلار ياپۇنىيە پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى بەرىبىر بولىدىغان ئىش ،پەقەت
ياپۇنىيىنىڭ تاشقى پېرىۋوت پۇل ئامانىتى 10 مىليارد دوللار ئۆتكىلىدىن ئېشىپ
كەتسىلا بولاتتى، بۇ پەيت ھامان كېلىدۇ،دەپ بىلگەن.

ئىنكاس ناھايتى ئاستا
ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قەتئىي پەرۋا قىلمىغان.بەزى
پارلامىېنىت ئەزالىرى مەردانىلىك بىلەن:«چەت ئەللىكلەر مەبلەغ سالغان بىلەن ھەرگىز
پۇل تاپالمايدۇ،پۇل تاپقان تاقدىردىمۇ ئۇنىڭغا باج تۆلەيدۇ» دېگەن
.

چۈنكى،ياپۇنىيىنىڭ تاشقى پېرىۋوتنى باشقۇرۇش تۈرۈمى ناھايتى قاتتىق ئىدى
.بىراق،ياپونىيىلىكلەر ئۆزلىرنىڭ تاشقى پېرىۋوتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ قاتتىقلىقىدىن
پەخىرلەنگەن بىلەن، يەھۇدىيلارنىڭ بۇ يەردە چوڭ بىر يوچۇق بار دېگەنلىكىدىن
پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان. مانا بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى «تاشقى پېرىۋوت ئاۋانىس تۈزۈمى»
ئىدى.

ئۇرۇشتىن كېيىن تاشقى پېرىۋوتقا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغان
مەزگىلدە،ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى «تاشقى پېرىۋوت ئاۋانىس تۈزۈمى» نى ئېلان قىلغان.بۇ
نىزامغا ئاساسەن ئېكىسپورت توختامىغا ئىمزا قويغان زاۋۇتقا ھۆكۈمەت ئالدىنئالا
تاشقى پېرىۋورت تۆلەپ ئىلھام بەرگەن .بۇ نىزامدا توختامنى بىكار قىلىشقا
بولىدۇ،دېگەن بىر تۈرلۈك بەلگىلىمە بار ئىدى.

يەھۇدىي سودىگەرلىرى تاشقى پېرىۋوت
ئاۋانىسى ۋە توختامنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ۋاستىدىن ئۇنىۋېرسال
پايدىلىنىپ،ئامېرىكا دوللىرىنى قامال قىلىۋەتكەن ياپونىيىنىڭ تاشقى تاشقى پېرىۋوت
بازىرىغا ئاشكارا كىرگۈزگەن .ئۇلار مۇنداق ئۇسۇل قوللانغان :يەھۇدىي سودىگەرلىرى
ئاۋۋال ياپونىيىنىڭ ئېكىسپورتچىلىرى بىلەن سودا توختامى ئىمزالاپ ،تاشقى پېرېۋوت
ئاۋانىس پۇلى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ،ئامېرىكا دوللىرىنى ياپونىيە
يېنىغا سۇندۇرۇپ،ياپونىيە سودىگەرلىرىگە تۆلىگەن .بۇ چاغدا يەھۇدىي سودىگەرلىرى پۇل
تېپىشتىن سۆز ئاچالمايىتتى.ئۇلار پۇرسەت كۈتۈپ ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتى
ئۆرلىگەندە،توختامنى بىكار قىلىش شەكلى ئارقىلىق ، ئاندىن ياپونىيە سودىگەرلىرىگە
ياپونىيە يېنىنى دوللارغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىتىپ،ئاندىن ئۇلارغا قايتۇرغان .بۇنداق
بىر كىرگۈزۈپ ،بىر چىقىرىپ ئىككى قېتىم سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا ياپونىيە يېنىنىڭ
ئۆرلەش قىممىتىدىكى پەرقىدىن پايدىلىنىپ زور پايدا ئالغان .

تاشقى پېرېۋوت
ئامانەت پۇلى 12 مىليارد 900 مىليونغا يەتكەندىلا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئاندىن
ئويغىنىپ،ئۆزىنىڭ قاپقانغا دەىسسىگەنلىكىنى ھېس قىلغان.8-ئاينىڭ 31-كۈنى «تاشقى
پېرىۋوت ئاۋانىسى » نى توختىتىشنى ئېلان قىلغان.ئەمما،بۇنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلمەي،ھەر
كۈنى 10 مىڭ دوللار ئالماشتۇرۇشقا يول قويغان .بۇ چاغدا يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ
قولىدىكى تۇراقسىز مەبلەغمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان.

ئەڭ ئاخىرىدا تاشقى پېرېۋوت
پۇل ئامانىتى 15 مىليارد دوللارغا يەتكەندە،ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە يېنىنىڭ
قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.360 ياپونىيە يېنىغا بىر دوللار
ئالماشتۇرۇشنى 308 يېنىغا بىر دوللار ئالماشتۇرۇشقا ئۆزگەرتكەن.

بۇ يەھۇدىي
سودىگەرلىرىنىڭ ياپونىيىگە ھەر قېتىم بىر دوللار ساتقان ۋە سېتىۋالغاندا ھېچقانچە
كۈچ سەرپ قىلمايلا 52 ياپونىيە يېنى پايدا پاپىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.يەھۇدىي
سودىگەرلىرىنىڭ مۆلچەرى قەتئىي خاتا چىقمىغان .

مۆلچەرلىشىچە،ياپونىيە ھۆكۈمىتى
450 مىليارد ياپونىيە يېنى زىيان تارتقان، بۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ياپونىيە
پۇقراسىغا 5000 ياپونىيە يېنىدىن توغرا كەلگەن.بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمىنى
يەھۇدىي سودىگەرلىرى ئېلىپ كەتكەن.چۈنكى،خۇددى ياپونىيە سودىگەرلىرى
ئېيىتقاندەك،دۇنيا مىقياسىدا بۇنىڭدەك كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ يۆتكەش پەقەت
يەھۇدىيلارنىڭلا قولىدىن كېلەتتى.

«ياپونىيىلىكلەرنىڭ زىيان تارتىشى»دېگەن
مىسالدىن بىز يەھۇدىيلارنىڭ تىجارەتتىكى تەپەككۇرىنىڭ يۇقىرىقى لەتىپىدىكى ئەھۋال
بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ناھايتى ئاسانلا
كۆرۈۋالالايمىز.يەھۇدىيلارنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى دەل ياپونىيىلىكلەرنىڭ قائىدىسىدىن
«تەتۈر پايدىلانغان»لىقتىن كەلگەن. يەھۇدىيلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سودىنى ئىلگىرى
سۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان ئاۋانىس پۇلىغا رۇخسەت قىلىش ۋە توختامنى بىكار قىلىش
بەلگىلىمىسنى تەتۈر ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوت ئاۋانىسىنى قولغا كەلتۈرۈش
ۋە توختامنى بىكار قىلىش بىلەن بىر مەيدان يالغان سودىنى تاماملىغان. ياپونىيە
ھۆكۈمىتىدە «تەتۈر پايدىلنىش قائىدىسى»توغرىسىدىكى ئاڭ ۋە تەپەككۇر كەمچىل
بولغاچقا،ئۇلار يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ جەھەتتە ،يەنى شەكىل جەھەتتە
مۇتلەق قانۇنلۇق ھالدا ئۇلارنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتە ھەرگىز قانۇنلۇق ئەمەس دەپ
قارىغان پايدىسىنى شىلىپ كەتكەندە ھېچقانداق ئامال قىلالمىغان.

بىز بۇنىڭدىن
كۆرۈۋالالايمىزكى ، يەھۇدىي سودىگەرلىرى ئىنتايىن ئىدراكلىق ،ئىنتايىن ئەمەلىيەتچىل
بىر مىللەت بۇلۇش سۈپىتىدە،ئۇلارنىڭ سودا – تىجارەت توغرىسىدىكى لەتىپىلىرىمۇ
«تىجارەت دەستۇرى»لىق خاراكتېرىنى ئالغان.

بەت: [1]
: تەتۈر پايدىلىنىش قائىدىسى