TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 10:31:09

تاشپولات: ماتېماتىكىدىكى گائۇس (Carl Friedrich Gauss) مۇكاپاتى

ماتېماتىكىدىكى گائۇس (Carl Friedrich Gauss) مۇكاپاتى



تاشپولات روزى




2002-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى يەنى گائۇسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، خەلقئارا
ماتېماتىكا جەمئىيىتى ئۇنۇڭ ئىلىم-پەنگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن گائۇس
مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ مۇكاپات ھەر 4 يىلدا بىر
قېتىم تارقىتىلىدۇ. 2006-يىلى ياپونلۇق ماتېماتىك كىيوشى ئىتو بۇ مۇكاپاتنى
ئالىدۇ. 2010-يىلى فىرانسىيەلىك ماتېماتىك Yves Meyer ئالىدۇ.



گائۇس مۇكاپاتى بولسا قوللىنىش ماتېماتىكىسىغا قارىتىلغان بولۇپ يەنى
تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ھەم كىشىلىك تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئالاھىدە تۆھپە
قوشقان ماتېماتىكلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر. بۇ مۇكاپاتنىڭ ماتېماتىكىدا
نوبېل مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىۋاتقان Fields مۇكاپاتىغا ئوخشىمايدىغان يېرى
ياش چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمايدۇ.




بۇ مۇكاپاتنىڭ گائۇس نامىدا ھەم قوللىنىش ماتېماتىكىسىغا بېرىلىشىنىڭ يەنە
بىر چوڭ ئاساسى 1801-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىتالىيەنىڭ ئاسترونومىيە،
ماتېماتىكا ھەم ئىلاھىيەتشۇناس ئالىمى Giuseppe Piazz، ئىلتالىيەنىڭ
Sicilia ئارىلىدا تارىقتا بىرىنچى بولۇپ كىچىك بىر پلانتنى بايقايدۇ. بىراق
بۇ پىلان كۈن نۇرىغا يېقىنلاشقانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ھەرىكەت ئىزىنى
يوقىتىپ قويىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا گائۇس ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ كىچىك
2-دەرىجىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ پىلاننىڭ ھەرىكەت ئىزىنى شۇ يىلى 12-ئاينىڭ
31-كۈنى قايتىدىن تېپىپ چىقىدۇ.



بەت: [1]
: تاشپولات: ماتېماتىكىدىكى گائۇس (Carl Friedrich Gauss) مۇكاپاتى