قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش دوكىلاتى ئېلان قىلىندى[تەرجىمە]
قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش دوكىلاتى ئېلان قىلىندى. 16-سىنتەبىر مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دوكىلاتتا قوش تىللىق يەسلىدىكى بالىلارنىڭ 40% نىڭ خەنزۇتىلىدا ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاساسەن ھازىرلىغانلىقى، خەنزۇتىلىدىن پايدىلىنىپ كۈندىلىك ئادەتتىكى دىئالوگلارنى ئېلىپ بارالايدىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتەپۈتۈن شىنجاڭدىكى 19 شەھەر ناھىيىدىن 70 يەسلى 3879 نەپەر بالىنى تاللاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. بالىلارنىڭ خەنزۇتىلىدا ئېغىزاكى سۆزلىشىش ئىقتىدارى ئاساس قىلىنىپ، سانلارنى تونۇش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى قوشۇمچە قىلىنىپ تەكشۈرۈلگەن.
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ھازىر %9.5 بالا 3-دەرىجىدە (دەسلەپكى سەۋىيىدىكى خەنزۇتىلى ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان) ،% 28.1بالا 2-دەرىجىدە (خەنزۇتىلى ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاساسەن ھازىرلىغان) ئىكەن. كۆپ سانلىق بالا بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشكە ماسلاشقان، تەكشۈرگۈچى خادىم تەكشۈرۈشنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، بالىلار بىر خىل يېقىنچىلىقنى ئىپادىلىگەن، بۇ بالىلارنىڭ خەنزۇتىلىدىن پايدىلىنىپ باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، يەسلىدىكى خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى بىلەن بالىلارنىڭ خەنزۇتىلىدا سۆزلەش، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئوڭ تاناسىپ بولغان؛ شىمالى شىنجاڭدىكى بالىلارنىڭ نۇمۇرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بالىلاردىن يۇقىرى بولغان، لېكىن پەرق بەك چوڭ ئەمەس.
نۆۋەتتە رايونىمىزدا قوش تىللىق يەسلى 2500 ئەتراپىدا بولۇپ، قوش تىللىق ۋە خەن زۇۋانلىق يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 42.61 تۈمەن، بۇ سان مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى ئاز سانلىق مىللەت باللىرىنىڭ %92.01 نى ئىگەللەيدۇ.
مەنبەسى: http://www.xinjiang.gov.cn/xxgk/zwdt/2013/225723.htm
بۇنى تۈنۈگۈن مىكروبىلوگدا كۆرگەن قارىسام ئۇيغۇرچە خەۋەر تور بەتلىرىدە بۇ توغرىلىق خەۋەر يوقكەن، شۇنىڭ بىلەن مۇنداقلا تەرجىمە قىلىپ باقتىم، سىلەرمۇ كۆرۈپ باقاسىلە. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم خەۋەر تەرجىمە قىلىپ بېقىشىم شۇڭا كەمچىلىكلەر بولسا كۆرسىتىپ قوياسىلە.
![\"\"](\"images/face/qq/041.gif\"/)
5- قەۋەتتىكى functionنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تاڭ ئاتماس كېچە، ئاياغلاشماس چۈش يوق.
ئەگەشتىم. ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ تەييارلانغان ساختا نەقمەيداننى تەكشۈرسە ھېلىمۇ 100 پىرسەنت چىقمىغىنىدىن ھەيران قالسا بولىدۇ.
شۇ نەتىجىگە ئىشىنىپ يۈرىدىغان دەلتىلەر باشلىق بولىدۇ دېسە ئىشەنمەيمەن، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۇلار چوقۇم بىلىدۇ… ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ تەييارلانغان ساختا نەقمەيداننى تەكشۈرسە ھېلىمۇ 100 پىرسەنت چىقمىغىنىدىن ھەيران قالسا بولىدۇ.
شۇ نەتىجىگە ئىشىنىپ يۈرىدىغان دەلتىلەر باشلىق بولىدۇ دېسە ئىشەنمەيمەن، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۇلار چوقۇم بىلىدۇ…