bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 09:59:26

چاشقاننى مەڭگۈ مۈشۈكتىن قورقماس قىلىۋىتىدىغان پارازىت

تەبىئەت ژورنىلى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى:





پ




ئاپتۇرى: Eliot Barford

PlosOneژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر كىشى يۇقۇملانغان بىر پارازىت چاشقاننى يۇقۇملاندۇرغاندا چاشقان مېڭىسىنىڭ مەلۇم فۇنكىسىيىسىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىدىكەن.

Toxoplasma gondii توكسوپلازما گوندى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ پارازىتنىڭ چاشقان تۈرىدىكىلەرنىڭ تۇغما مۈشۈكتىن قورقۇش تۇيغۇسىنى يوقىتىدىغانلىقى مەلۇم ئىدى. بۇ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، چاشقان بۇ پارازىت يۇققاندىن كيىن نەچچە ئايلاردىن كىيىن پارازىت تازىلىنىپ بولۇنغاندىمۇ يەنىلا بۇ چاشقانلار مۈشۈكتىن قورقمايدىغان پىتى تۇرىۋىرىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ مىكروبلارنىڭ مېڭە تۈزۈلۈشىنىڭ مەڭگۈگە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

بۇ مىكروب بولسا بىر خىل كۆپىنچە ئىنسانلارنى ۋە قۇشلارنى يۇقۇملاندۇرىدىغان ۋە توكسوپلازما كېسىلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەككە ھۆجەيرىلىك كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى پارازىت بولۇپ، پەقەت چاشقاندىكى تەسىرى ناھايتى ئۆزگىچە. يەنى چاشقانلار تۇغما ھالدا مۈشۈك پۇرىقىدىن قورقۇپ قاچىدۇ، لىكىن بۇ پارازىت بىلەن يۇقۇملانغلىرى ئەكسىچە مۈشۈكنىڭ پۇرىقىغا ئاجىز دەرىجىدە جەلىپ قىلىنىدىكەن.

بۇ مەزكۇر پارازىتنىڭ ھايات دەۋرىيلىكىنى تاماملىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ماسلىشىشنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارالغان: چۈنكى بۇ خىل پارازىت پەقەت مۈشۈك ئۈچىىيىدىلا كۆپىيەلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن يۇقۇملانغان پارازىت ئىگىسى بولغان چاشقان تۈرىدىكى ھايۋان چوقۇم مۈشۈك تەرىپىدىن يىيىلىشى كىرەك ئىكەن.

ئىنسانلارنىڭ بۇ پارازىتنىڭ يۇقۇشىغا بولغان ئىنكاسى باشقىچە بولۇپ، بۇ خىل يۇقۇملىنىش ئىنسان قىلمىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىلىشىپ قىلىش كېسىلىگە چېتىشلىقى بار ئىكەن. بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا بۇ پارازىت بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇش خەتىرى يۇقۇملانمىغانلاردىن يۇقىرىكەن.

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:

http://www.nature.com/news/parasite-makes-mice-lose-fear-of-cats-permanently-1.13777

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 10:08:36

بۇ پارازىت قۇرۇت ئىنسانلارغا تارقىلىپ كەتسە خوتۇندىن قورقىدىغان ئەرلەر سانى تىخمۇ كوپىيىپ كىتەرمۇ؟؟ \"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 13:42:08

@bilgejan ئەپەندىم، بەزى ئادەملەرنىڭ يىلاندىن ۋە يىلانغا ئوخشايدىغان مەخلۇقلاردىن قورقۇش پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟




jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 17:46:33

تەخسىكەشلەرگە يۇقۇپ قالغىيدى ئىلاھىم{:92:}

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 22:14:32

مۈشۈكنىڭ چاشقاننى تۇتىۋىلىپ قانداق ئوينايدىغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم، كاساپەت بىچارە چاشقاننى تۇتىۋىلىپ ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ قولى بىلەن ئۇيان- بۇيانغا ئىتتىرىپ دومىلىتىپ ئوينايدىكەن. قېچىپ كەتكۈدەك بولسا كاپلا قىلىپ تۇتىۋالىدىكەندە، ئېغىزىدا يىنىك بىرنى چىشلەپ قويۇپ يەرگە يەنە تاشلايدىكەن. ھېلىقى چاشقان غال- غال تىترەپ ئۇيان بۇيان پېتراپ كىسىلدايدىكەن. بۇ مۈشۈك دىگەن ھارامزادە چاشقان قانچە قورققانسىرى بەك خوش بوپ كىتەمدۇ ئىشقىلىپ، چاشقاننى ئالقىغا ئېلىپ ئىگىزگە ئېتىپمۇ قويىدىكەن. ئاشۇنداق ئويناپ قورقۇتۇپ چاشقاننىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قېلىشىغا ئاز قالغاندا كاپلا تۇتۇپ يەپ كىتىدىكەن. چاشقان زىيادە قورقۇپ كەتكەنلىكتىن جىددىيلىكتە نەپسى تېزلاپ يۈرىكى يېرىلىپ كىتەمدۇ ياكى باشقا سەۋەپتىن شۈك بولۇپ قالامدۇ؟ شۇنچە سەزگۈرلىكى بىردىنلا يوقىلىپ شۈكلەپ بەدەنلىرى غالىلداپ تىترەپ قورقۇپ كىتىشىدىكى سەۋەپ نىمىدۇ؟

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 22:46:26

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قايسىدۇر بىر ژۇرنالدىن«چاشقانلارنىڭ ئالىملارغا ھۇجۇم قۇلىشى»ناملىق بىر ماقالىنى ئوقۇغانتىم. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە سوۋېت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە مەلۇم بىر يادرو ئېلىكتىر ئىستانىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوننەچچە ئالىم ۋە ئەسكەرلەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا كىچىكى مۈشۈكتەك، چوڭى چوشقىدەك يوغىنىغان بىر مۇنچە چاشقان ئۇلارغا ھۇجۇم قىپتىكەن. قاتتىق ئېلىشىش ئارقىلىق ئۇلاردىن پەقەت بىر قانچىسىلا ماشىنا بىلەن قېچىشقا ئۈلگۈرەلەپتىكەن. قالغانلىرى چاشقانلارغا يەم بوپتىكەن. ئۇ چاشقانلارنىڭ شۇ دەرىجىدە يوغىناپ كېتىشگە ھېلىقى يادرو ئېلىكتىر ئىستانىسىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار سەۋەب بولغانكەن. دېمەك، ئاشۇ ۋەقە راستلا بولىدىغان بولسا چاشقانلارنىڭ تەبىئىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە تېمىدا دېيىلگەندىن باشقا ئىشلارمۇ سەۋەب بولالايدىغان ئوخشايدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 23:55:37

@ipar-ay، ناھايتى قىزىقارلىق سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. مەنمۇ مۈشۈكنىڭ چاشقاننى شۇنداق قېينىغىنىنى كۆرگەن ئىدىم، لىكىن سىز سورىغان سۇئالغا پەقەت تەربىيەلەنگەن پەرىزىمنى ئوتتۇرىغا قويالايمەن چۈنكى مەن ئۇ خىل بېسىمغا ئۇچرىغان چاشقاننى تەكشۈرۈپ باقمىغان. مەنچە مۇنداق بولۇشى مۇمكىن:

مۈشۈك چاشقاندىن تەبئىيلا قورقىدۇ چۈنكى مۈشۈكنىڭ پۇرىقى چاشقان مېڭىسىدا بېسىم سېگناللىرىنى قوزغىتىپ دەرھال «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى پەيدا قىلىدۇ (بۇنى مېنىڭ ھورمۇن ۋە سالامەتلىكىمىز دىگەن ماقالەمدىن تەپسىلىي چۈشىنەلەيسىز). مۈشۈككە تۇتۇلۇپ قالغان چاشقاندا قاچ ئىنكاسى ئەڭ يۇقىرى چەككە يىتىپ، بېسىم ھورمۇنى كورتىزول، ئېپىنېفرىن، نور-ئېپىنېفرىن قاتارلىق ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئېشىپ، قورقۇنچ تۇيغۇسىنى چەكسىز ئاشۇرىدۇ ۋە بۇ ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىدە يۈرەك رىتىمى جىددىي تىزلىشىپ بارىدۇ. مۈشۈكنىڭ چاشقاننى ئەخمەق قىلىپ ئوينىغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا بۇ خىل ئىنكاس شۇنچە ئۇزۇن ۋە شۇنچە يۇقىرى چەكتە داۋاملىشىدۇ. بەدەننى بارلىق گلۇكوز تىپىرلاش، قېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. پەرىزىمچە، چاشقاننىڭ ئەڭ ئاخىرى شۈك بوپ قىلىشى بەلكىم بىرى يۈرەك سوقۇشنىڭ تىزلەپ ئاخىرىدا ئېلىكتىر ھەرىكىتى قالايمىقانلاشقانلىقتىن يۈرەكنىڭ توختاپ قىلىشى سەۋەبىدىن، يەنە بىرى بەدەندىكى ئېنىرگىيە پۈتۈنلەي تۈگەپ مۇسكۇللارنى ھەرىكەت قىلىشقا ئازراقمۇ ماجالى قالمىغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 11:01:43

2- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@bilgejan ئەپەندىم، بەزى ئادەملەرنىڭ يىلاندىن ۋە يىلانغا ئوخشايدىغان مەخلۇقلاردىن قورقۇش پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟






========================


شاھسەنەم خانىم، يىلاندىن مەنمۇ ئازراق قورقىمەن. بۇ بىزنىڭ يىلاننى بىر قورقۇنچلۇق مەخلۇق دەپ ئويلىغىنىمىزدىن بولغان. ئادەتتە دائىم يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر يىلاندىن قىلچە قورقمايدۇ. ئەگەر پۇرسەت بولسا يىلاننى تەتقىق قىلىدىغان زوئولوگلار بىلەن يىلان ياشايدىغان جايلاردا بىللە يۈرۈش نېسىپ بولسا يىلاننى ئوبدانراق چۈشىنىپ ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغاندا بەلكىم بۇ تۇيغۇ يوقىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئاسانراق ئۇسۇلنى مەن ھازىرچە تاپالمىدىم، ئەگەر كىيىن سىز تىپىپ قالسىڭىز ماڭىمۇ خەۋەر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. \"\"

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 11:42:56

@bilgejan شۇ قارىسام بىر مۇنچە تاقا- تۇقا پاراڭ قىلىپ كىتىپتىمەن، مۇشۇ ئاغزىمنىزە، لىكىنغۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىقلىق زادى. \"\" چۈشەندۈرىشىڭىزدىن رازى بولدۇم، لىكىن مۇنۇ ئىزاھاتتا: «مۈشۈكنىڭ پۇرىقى چاشقان مېڭىسىدا بېسىم سېگناللىرىنى قوزغىتىپ دەرھال «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى پەيدا قىلىدۇ» ئازراق سەۋەنلىك باردەك ھېس قىلدىمما. چاشقان مىڭىسىدە قانداق بولۇپ ئۇر ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ؟ ئۇ تەبىئىتىدىكى قورقۇش سىگنالى بىلەن قېچىشقىلا بۇيرۇق بىرەلەيدىغاندۇ؟ چاشقان مىڭىسىدە ئۇر ئىنكاسى پەيدا بولسا قېچىپ يۈرمەي مۈشۈكنى بولىشىغا ئۇرىۋالمامدۇ؟ ئاۋۇ ئىزاھاتنى ئۇر ئىنكاسنى مۈشۈككە قاچ ئىنكاسنى چاشقانغا ئىزاھلىدى ھەقىچان دەپ ئويلاي دىسەممۇ ئويلىيالمىدىم.. \"\" \"\"

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 11:57:24

مېنىڭچە ئادەمنىڭ قورقۇشقا بولغان ئىنكاس -ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدىكەن ، مەسىلەن بەزىلەر ئىتىتن قورقسا بەدەر قاچىدىكەن، قورقۇنچتىن ئتتىنمۇ تېز يۈگۈرۈپ قېچىپ كەتكەنلەرنى تېلىۋوزۇردىن كۆرگەن ئىدى، لېكىن مەندە قايسى كۈنى ئەكسچە بولدى ، بىر لالما ئىت شۇنداق سەت قاۋاپ ئېتىلىپ كەلگەن ئىدى ،قېچىشنى ئۇنتۇپ جايىمدا قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم ،ئىت يۈگۈرۈپ يېنىمدىنلا ئۆتۈپ كەتكەن بولسمۇ ماڭاي دېسەم پۇتۇم كاللامغا بويسۇنماي ،بىر ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن ماڭدىم ،لېكىن پۇتۇمدا جان يوق

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 12:00:19

@shah_senem سىڭلىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىمۇ بىر نۇقتا بولغان كەڭ دائىرىلىك سۇئال بوپتۇ. كونىلار دەيدىغان بىر قېتىم يىلان چېقىۋالسا ئون يىلغىچە ئارغامچىدىن قورقۇپتۇ دەپ...

ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتساممۇ مىنىڭ ئىگىزلىكتىن قورقىدىغان كېسىلىم بار، ئىگىز يەرگە شۇنداقلا چىقتىممۇ نېرىپلىرىم جىددىيلىشىپ يۈرەك سوقۇشۇم تېزلاپ كۆز ئالدىمغا ھەر خىل فانتازىيەلەر پەيدا بولىدۇ. نەچچە يىل ئاۋۋالقى مەشىقتىمۇ مەشقاۋۇل شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ لىكىن بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتەلمىدىم، ھەممە تۈردە ئەلا ياكى ياخشى باھالانساممۇ لىكىن شۇ بىر تۈر نەتىجەمگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. بۇلتۇر كۈزدە زادى ئۆزۈمنى مۇشۇ ئىگىزلىك دىگەن نەرسىگە مەجبۇر يۈزلەندۈرۈپ باقاي دەپ كورلىنىڭ چىمەن تاغ دىگەن ساياھەت مەنزىرە رايونىغا بېرىپ دوستلىرىم بىلەن بىرگە چىقما دىسە ئۇنىماي ئويۇنچۇقلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ قاتىلىغا چىقىۋاپتىمەن. ئادەمنى بىر ئېتىپ ئاسماننىڭ قەرىگە ئاچىقىدىكەن، شۇنداق قارىسام پەستىكى ئادەملەر كىچىكلا تۇرىدۇ، بېشىمنى شۇنداق كۆتۈرۈپ قارىسام ئىگىز تاغنىڭ چوققىسىدىن شەھەر خۇددى مىتىر كەلمەيدىغان دائىرىدە قالغاندەك كۆرىنىپ كەتتى، ئارقىدىنلا شۇ ئىگىزدىن بىراقلا تۆۋەنگە تاشلىشىغا پۇتۇم يەرگە تىگىپ قالغىلى تاسلا قالدى. مۇشۇنداق ئىككى قېتىملا ئىگىز-پەس قىلىشىغا قۇرقۇپ كەتكىنىمدە جايىمدىلا ئايلىنىپ قالسام بولىدۇ. شۇنىڭدىن بېرى ئىگىز يەردىن تېخىمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. يەنە بىر ئىش، ئۆتكەن كۈنلەردە ئۈرۈمچىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆيدە ئىدىم، تىترەشتىن ئۆي يانتۇلاپ كىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ كاللامدا پەيدا بولدىدە، پۇتۇم كەينىمگە سەل داجىغاندەك ھېس قىلدىم، ئۆيدىكى خېلى كۆپ نەرسىلەر جايىدىن تىترىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تۇرۇپ تۇرۇپلا ئۆيدە ياكى ئىشخانىدا بولاي ھەممە يەر تىترەۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىمەن، كاللامدا سىرتقا چىقىپ كەت دىگەن سىگنال توختىماي بىرىكلىك، جىددىيلىكمۇ شۇ ۋاقىت ئۆزىدە خېلىلا ئەۋجىگە چىقىدۇ.

زىيادە سەزگۈرلۈككە ئىگە كىشىلەردە ئومۇمەن بۇنداق كېسەللىك بارمىكىن دەيمەن، سەزگۈرلۈكنىڭ تۈرتكىسىدە مىڭىگە يەتكۈزىدىغان سىگنال ئۇچۇرلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تېز ۋە جىددىي بولىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ پىسىخىكا جەھەتتىكى بىر خىل ئەھۋال ئۇنى شۇ پىرىنسىپقا سېلىپ داۋالاش كېرەكمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن... \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 12:03:02

8- قەۋەتتىكى ipar-ayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@bilgejan شۇ قارىسام بىر مۇنچە تاقا- تۇقا پاراڭ قىلىپ كىتىپتىمەن، مۇشۇ ئاغزىمنىزە، لىكىنغۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىقلىق زادى. \"\" چۈشەندۈرىشىڭىزدىن رازى بولدۇم، لىكىن مۇنۇ ئىزاھاتتا: «مۈشۈكنىڭ پۇرىقى چاشقان مېڭىسىدا بېسىم سېگناللىرىنى قوزغىتىپ دەرھال «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى پەيدا قىلىدۇ» ئازراق سەۋەنلىك باردەك ھېس قىلدىمما. چاشقان مىڭىسىدە قانداق بولۇپ ئۇر ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ؟ ئۇ تەبىئىتىدىكى قورقۇش سىگنالى بىلەن قېچىشقىلا بۇيرۇق بىرەلەيدىغاندۇ؟ چاشقان مىڭىسىدە ئۇر ئىنكاسى پەيدا بولسا قېچىپ يۈرمەي مۈشۈكنى بولىشىغا ئۇرىۋالمامدۇ؟ ئاۋۇ ئىزاھاتنى ئۇر ئىنكاسنى مۈشۈككە قاچ ئىنكاسنى چاشقانغا ئىزاھلىدى ھەقىچان دەپ ئويلاي دىسەممۇ ئويلىيالمىدىم.. \"\" \"\"

================


مەن تەۋسىيە قىلغان تىمىنى ئوقۇڭ. ئۇر ياكى قاچ دىگەن بىر ئومۇمىي ئۇقۇم، ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ...

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 12:07:30

11- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى ipar-ayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@bilgejan شۇ قارىسام بىر مۇنچە تاقا- تۇقا پاراڭ قىلىپ كىتىپتىمەن، مۇشۇ ئاغزىمنىزە، لىكىنغۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىقلىق زادى. \"\" چۈشەندۈرىشىڭىزدىن رازى بولدۇم، لىكىن مۇنۇ ئىزاھاتتا: «مۈشۈكنىڭ پۇرىقى چاشقان مېڭىسىدا بېسىم سېگناللىرىنى قوزغىتىپ دەرھال «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى پەيدا قىلىدۇ» ئازراق سەۋەنلىك باردەك ھېس قىلدىمما. چاشقان مىڭىسىدە قانداق بولۇپ ئۇر ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ؟ ئۇ تەبىئىتىدىكى قورقۇش سىگنالى بىلەن قېچىشقىلا بۇيرۇق بىرەلەيدىغاندۇ؟ چاشقان مىڭىسىدە ئۇر ئىنكاسى پەيدا بولسا قېچىپ يۈرمەي مۈشۈكنى بولىشىغا ئۇرىۋالمامدۇ؟ ئاۋۇ ئىزاھاتنى ئۇر ئىنكاسنى مۈشۈككە قاچ ئىنكاسنى چاشقانغا ئىزاھلىدى ھەقىچان دەپ ئويلاي دىسەممۇ ئويلىيالمىدىم.. \"\" \"\"

================


مەن تەۋسىيە قىلغان تىمىنى ئوقۇڭ. ئۇر ياكى قاچ دىگەن بىر ئومۇمىي ئۇقۇم، ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ...



ماقۇل.\"\"

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 13:30:26

7- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@bilgejan ئەپەندىم، بەزى ئادەملەرنىڭ يىلاندىن ۋە يىلانغا ئوخشايدىغان مەخلۇقلاردىن قورقۇش پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟






========================


شاھسەنەم خانىم، يىلاندىن مەنمۇ ئازراق قورقىمەن. بۇ بىزنىڭ يىلاننى بىر قورقۇنچلۇق مەخلۇق دەپ ئويلىغىنىمىزدىن بولغان. ئادەتتە دائىم يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر يىلاندىن قىلچە قورقمايدۇ. ئەگەر پۇرسەت بولسا يىلاننى تەتقىق قىلىدىغان زوئولوگلار بىلەن يىلان ياشايدىغان جايلاردا بىللە يۈرۈش نېسىپ بولسا يىلاننى ئوبدانراق چۈشىنىپ ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغاندا بەلكىم بۇ تۇيغۇ يوقىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئاسانراق ئۇسۇلنى مەن ھازىرچە تاپالمىدىم، ئەگەر كىيىن سىز تىپىپ قالسىڭىز ماڭىمۇ خەۋەر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. \"\"



مەنمۇ پاقىدىن ئەشەددى قورقىمەن . بۇمەخلۇققۇ ئادەم چىشلىمەيدۇ ياكى زەھرىمۇ يوق بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق ئەمەس . لىكىن بەكلا مەرى سوغۇقدە بۇجانىۋارنىڭ .


بەلكىم نىمە ئۈچۈن شۇنداق قورقۇدىغانلىقىم شۇخىل ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ .


tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 13:54:06

يىلاندىنمۇ ،پاقىدىنمۇ قورقمايدىكەنمەن، لېكىن مېنىڭمۇ ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلىم بار.

يىلاندىن قورقىدىغانلار بىرەر يىلاننى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپباقسا قورقمايدىغان بولامدىكى....

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 16:19:43

14- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يىلاندىنمۇ ،پاقىدىنمۇ قورقمايدىكەنمەن، لېكىن مېنىڭمۇ ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلىم بار.

يىلاندىن قورقىدىغانلار بىرەر يىلاننى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپباقسا قورقمايدىغان بولامدىكى....



ئاداششۇ ژىلاننى تۇتۇپ ئۆلتۈرەلىگۈدەك جۈرئەت بولسا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقتى.


ئا سىلىنىڭ ئېگىزلىكتىن قورقۇدىغان كېسىلىڭلىگە ئېگىز تامنىڭ ئۈستىدىن كۆپرەك مېڭىپ بېرىڭلار دېسەم قانداق بولار\"\"


dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 16:56:32

ئەرمەك ھايۋانلار بازىرىدا ئەرمەك يىلان بار ،شۇنى سېتىۋىلىپ بىرەر يېرىم يىل باقسا قەتئىي قورقمايدىغان بولىدۇ ،باشتىن ئۆتكەن رېتىسىپ ماۋۇ{:92:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 18:13:21

ئاۋال چاقمايدىغان يىلاندىن بىرەنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ بېقىڭلا ...

ماڭا كەلسەڭلا ئېگىز تامدىن يېقىلىپ كىتەمەنمىكى{:92:}
بەت: [1]
: چاشقاننى مەڭگۈ مۈشۈكتىن قورقماس قىلىۋىتىدىغان پارازىت