تاشپولات: ئىنسانلار يەر شارىدىن 1.75 مىليارد يىلدىن كېيىن يوقاپ كېتىدىكەن
ئەنگلىيەنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۈگۈن يەنى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
يەرشارىدىكى ئىنسانلارنىڭ 1.75 مىليارد يىلدىن كېيىن يەر شارىدىن پۈتۈنلەي
يوقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 1.75 مىليارد يىلدىن كېيىن قۇياش نۇرىنىڭ
ئىسسىقىدا يەر شارىدا ھېچقانداق سۇيۇقلۇق قالمايدىكەن. يەر شارىنىڭ
تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ دېڭىز سۇلىرى قايناقسۇغا ئوخشاش قايناپ پۈتۈنلەي
پارغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن.
ئاشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئىنسانلارنىڭ قېچىشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان يېرى مارس
ئىكەن. بىراق مارسنىڭ ئاتموسفېراسى بەك ئاجىز بولغاچقا ئىنسانلار ئۇ يەردە
ياشاش ئۈچۈن ھاۋا كىلىماتىنى كونترول قىلىدىغان شارائىتنى قۇرۇپ چىقمىسا
بولمايدىكەن. بۇ خەۋەردىن قورقۇپ كېتىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق! ئامېرىكا
ناسا بۇلتۇر 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ھەۋەس ماركىلىق ماشىنىنى مارسقا
قوندۇرۇپ ھازىر مارسنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ھەۋەس ئەۋەرتىپ بەرگەن ئۇچۇرلار
ئارقىلىق بۇ بىر يىل ئىچىدە ئاجايىپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى.يەنە بىر
پىلان بولۇپ 2022-يىلى ئادەملەرنى مارسقا ئېلىپ چىقىپ شۇ يەردە
ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىدىكەن. 1.75 مىليارد يىل كوپ
ئۇزۇن بولۇپ، مېنىڭچە ئالىملار ئىلىم-پەننىڭ كۈچىدە ئىنسانلار
ياشىيالايدىغان بىر مۇھىتنى مارستا قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن.
يەنىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.
http://motherboard.vice.com/blog/life-on-earth-probably-has-about-175-billion-years-left
غەرىپلىكلەر مىليارت يىل كىيىنكى ئىشلار ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتسا ، بىزلەر ئەتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئەستايتىدىل ئويلۇنۇپ باقمايمىز !
ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت يازمىلىرىڭىز ئۆزۈلمىگەي ! بۇ بىر پەقەت پەرەز خالاس. ئارىلىقتا قانداق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلىپ بولۇش تەس. ھەر ھالدا ھازىرقى يەر شارى شارائىتى بويىچە پىكىر يۈرگۈزۈپ باققاننىڭ زېيىنى يوق. كىينچە بىرەرسى يا بۇنى جەزىملەشتۈرىدۇ ياكى خاتالىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىلمىي پەرەزگە ئىلمىي نۇقتىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ توغرىلىقىغا گۇمانىي نەزەردە قاراش كىرەك، دەپ ئويلايمەن.
ھەتتا باكتېرىيەمۇ ئەتىسى ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ، بىز ئىنسانلار ئەلۋەتتە يىراقتىكى ئىشلار ئۈچۈن باش قاتۇرساق بولىدۇ، دە. بىر ئۇستازىم باكتېرىيەچىلىكمۇ بولالمايدىغان كىشىلەردىن ھەيرانمەن دەيدىغىنى ئېسىمگە كەپ قالدى. يەرشارىنىڭ تەدرىجى سۇۋۇپ كىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ماقالە ئوقۇغۇنۇم ئىسىمدە. ماقالىنىڭ ئاپتورىAndrew Rushby يازغان ئەسلى ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز
http://online.liebertpub.com/doi/pdfplus/10.1089/ast.2012.0938 ۋاي-ۋاي بەك ئوزاق ۋاقىت باركەنغۇ،،نەچچە مىڭ ئەۋلات ياشايمىزكەن تىخى بەلكىم ئۇ چاققىچە نەۋرە -چەۋرىلەر مەندەك بىر ‹كۇۋرۇك› ئىسىملىك بوۋىسىنىڭ بارلىغىنىمۇ ئونتۇپ كىتەر..{:106:}

بۇنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلمىدىم. 科学家预测地球生命终结 人类或进化成不同形态
http://wap.huanqiu.com/view.html?id=457808&v=3&f=opera
يۇقارقى ئادىرىس خەنزوچە مەنبەدىكى تەرجىمىسى ئىكەن. ئۇنىڭدا ئەگەر شۇچاغدا ئىنسانلار مەھجۇت بولسا ئادەملەر تۇرقىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ دىيىلىپتۇ.
ئەگەر چوڭ موھىت ئۆزگىرىشىدىن ئادەملەر باشقا مەقلۇققا ئۆزگىرىشى راست بولسا، بۇنىڭدىن تۆۋەندىكىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولامدۇ:
قەدىمقى يەنى ھازىر خوراپاتلىق دەپ قارالىۋاتقان 12 مۆچەل، 12بۇرۇچ، يۇلتۇزلار تۈركىمىگە قاراپ پال سالىدىغان، مۇنەججىملىك قىلىدىغان قاراشلارنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. چۈنكى كائىناتتىكى يۇلتۇزلارنىڭ دەۋرىيلىكى ھەرقانداق جانلىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەتتە سۈئى ھەمراغا ئەچىققان ئۈسۈملۈك ئۇرۇقلىرىدىمۇ گېن ئۆزگىرىشى بولىدىكەن. ھېلىھەم شۇ گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئاشلىقنى ئادەملەر بىۋاستە ئىستىمال قىلسا زىيانلىقمۇ؟ دىگەن توغىرىسىدا تالاش–تارتىش بولماقتا.
بۇنىڭدىن موھىت گېننى بەلگىلەيدۇ دەپ مۇتلەق ھۆكىم قىلىشقا بولامدۇ؟ يەنى موھىت ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ؟
ئەگەر مارىسقا چىققان ئادەملەر مەقلۇققا ئايلىنىپ قالسا ئىنسانلار ئىدولىگىيسىدە بۇلۇپمۇ دىننى ئۈممەتلەردە چوڭ داۋالغۇش بولامدۇ؟
6- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تاشپولات ئاكا، ھەر يىلى ئالىملار نۇرغۇنلىغان يىڭى گالىكسىيلارنى تىپىۋاتىدۇ ۋە يىڭى پىلانىتلارنى بايقاۋاتىدۇ. سىزچە يەر شارىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان مۇھىتقا ئىگە پىلانىتلار تىپىلىپ قالارمۇ؟ مارىستىن باشقا كاندىدات پىلانىتلارمۇ بارمۇ؟
سالام Bilgejan ئۇكام، يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئىنكاسىڭىزدىكى مۇنۇ سۆزلىرىڭىز “ھەتتا باكتېرىيىمۇ ئەتىسى ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ، بىز ئىنسانلار ئەلۋەتتە يىراقتىكى ئىشلار ئۈچۈن باش قاتۇرساق بولىدۇ، دە. بىر ئۇستازىم باكتېرىيەچىلىكمۇ بولالمايدىغان كىشىلەردىن ھەيرانمەن دەيدىغىنى ئېسىمگە كەپ قالدى.” ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ھەربىر ئۇيغۇر مانا مۇشۇ سىز دېگەن گەپلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە چۈشىنىپ يەتكەندە ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممە ساھەسىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.
ئەمدى ئىككىنچى ئىنكاسىڭىزغا كەلسەم، ھازىر يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇھىتقا ئىگە پىلانلار بار بولۇپ، ئۇ يېڭى پىلانلار مۇشۇ يىلى 4-ئايدا بايقالغان ئىدى. مېنىڭچە مارستىن باشقا كاندىداتلارمۇ بۆلىشى مۇمكىن، ئۇ بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات ھەم بايقاشلىرىمىزغا موھتاجدۇر. كىم بىلىدۇ يۇقىرىدىكى يېڭى تېپىلغان پىلانتلار كاندىدات بولۇپ قالامدۇ تېخى.
بۈگۈن يۇقىرىدا مەن دېگەن يېڭ پىلانلار توغرىلىق بىر يازما تەييارلاپ ئىزدىنىشتە ئېلان قىلاي.
زاماننىڭ ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېنىق.
مېنىڭچە ھېچقانداق ئىنساق بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بىر چىلەك سۇ كۈننىڭ نۇرىدا، ئسسىق -سوغۇقتا پارغا ئايلىنىپ چىلەك قۇرۇپ كېتىشى ئۈچۈن(مەسىلەن 2 ئاي )ۋاقىت كەتكۈدەك دەپ مۆلچەرلىگەن بىلەن، چىلەكنىڭ تېشىلىپ قېلىشى، يەنە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى سۈيى چىلەكتىن چىقىپ كېتىپ سۇ تۈگەپ كېتىشى ئۈچۈن ۋاقىت مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك زامان ئاخىرىقاچان بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.