TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 10:42:19

تاشپولات: ماتېماتىكا ئالىمى ئاندرەۋ ۋىلىس Andrew J. Wiles

ماتېماتىكا ئالىمى ئاندرەۋ ۋىلىس Andrew J. Wiles



تاشپولات روزى




ماتېماتىكا ئالىمى ئاندرەۋ ۋىلىس، 7 يىل زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆكۈنۈش
ھەم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دۇنيادا ئەڭ داڭلىق ماتېماتىكىلىق مەسىلە
“فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسى”غا خاتىمە بەردى. فەرمات بولسا فىرانسىيەلىك
بولۇپ، ئۇنۇڭ تولۇق ئىسمى Pierre de Fermat . فەرمات ئوتتۇرىغا قويغان بۇ
ماتېماتىكىلىق مەسىلىگە ناھايىتى كۆپ ماتېماتىكلار(ئۇيغۇرلارمۇ بار)
ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ مەسىلە تولۇق ھەل بولماي 300 يىل
داۋاملاشتى. داڭلىق كىشىلەر ھەم كۆپلىگەن مۇكاپاتلارنى ئالغان كىشىلەرنىڭ
ئاندرەۋ ۋىلىسنى ماختىشى، ئۇنىڭ ئاجايىپ تېخنىكىلىق ئۇسۇلنى بۇ مەسىلىنى
يېشىشكە قوللانغانلىقىدىن بولغان.



ئاندرەۋ ۋىلەسنىڭ بالىلىق ھاياتى



ئاندرەۋ ۋىلەس بولسا ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج (Cambridge)دە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ
دادىسى ئىلاھىيەتشۇناس ھەم دىن كەسپىدىن ئوكۇسفور ئۇنىۋېرسىتېت(Oxford
University)دا دەرس بېرەتتى.

ئاندرەۋ ۋىلەسنىڭ بۇ ۋاقتىدا ماتېماتىكىدا قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقى
تۇغۇرلۇق ھېچقانداق خاتىرە مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئۇ 10 يېشىدىلا فەرمات
ئاخىرقى تېئورېمىسىغا قىزىققان ئىكەن. ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردىكى بىر
كىتابخانىدا فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسى بىلەن بىرىنچى قېتىم ئۇچراشقان.
ئاندرەۋ ۋىلەس مۇنداق ئەسلەيدۇ: “بۇ مەسىلە كۆرۈنۈشتە بەكمۇ ئاددىي بولسىمۇ
بىراق داڭلىق ماتېماتىكا ئالىملىرى بۇ مەسىلىنى يېشەلمىگەن. بۇ يەردىكى
مەسىلە 10 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئۇنى چۈشەڭەنلىگى، مەن مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ
بۇ مەسىلىنى قەتئىي قويۇپ بەرمەسلىكنى ئويلىدىم” ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
مېنىڭ كۆپلىگەن ياشلىق ۋاقتىم مۇشۇ مەسىلىنى ئىسپاتلاش بىلەن ئۆتتى.



ئۇ 1974 يىلى ئوكۇسفور ئۇنىۋېرسىتېتتا باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن
كېيىن، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چلارە مەكتىپىگە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش
ئۈچۈن كىرىدۇ. Clare مەكتىپىدە ئۇ ئېلىپىسلىق ئەگرى سىزىقلارنى ئۆگىنىدۇ.
ئۇ 1977-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، 1980-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا
ئېرىشىدۇ. 1982-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ نەۋ جەرسەيدىكى Princeton
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولىدۇ.



فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسى



ئەگەر “n” بولسا 2 دىن چوڭ بولغان تەبىئىي سان(n=3، 4، 5،…) بولغاندا،



y^n + x^n =z^n



نى قانائەتلەندۈرىدىغان پۈتۈن سانلار يېشىمى x, y, z لار مەۋجۇت ئەمەس.



ئەگەر n=2 بولسا يەنى x^2 +y^2 = z^2بولسا بۇ پىفاگور(Pythagoras)
تېئورېمىسى بولدى. بۇ چاغدا تەڭلىمە پۈتۈن سانلار يېشىمىگە ئىگە بولىدۇ.



مەسىلە ھەل بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى



1980-يىلىدىن باشلاپ ئاندرەۋ ۋىلەسدا بۇ قىيىن مەسىلىنى يېڭى ئۇسۇل بىلەن
يېشىشنىڭ ئېھتىمالى پەيدا بولۇشقا باشلىنىدۇ. بۇنداق بۆلىشى، گىرمانلىق
ماتېماتىكا ئالىم Gerhar Frey ئېلىپىسلىق ئەگرى سىزىقلارنىڭ(تۇخۇمنى پەرەز
قىلىڭ) فەرمات تەڭلىمىسىگە قوللىنىش پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ
ئېلىپىسلىق ئەگرى سىزىقلارنى تەڭلىمىگە باغلاش پەرىزىنى 1954-يىلى ياپونلۇق
2ئى ماتېماتىكا ئالىمى تانىياما ھەم شىمۇرا ئوتتۇرىغا قويغان. 1986-يىلى
ئامېرىكىلىق ماتېماتىك Kenneth A. Ribertبولسا Gerhar Freyپەرىزىنىڭ
توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاندرەۋ ۋىلەس، بۇ پۇرسەتتىن
پايدىلىنىپ Ribet پەرىزىگە يېقىنلىشىدۇ. ئۇ مۇنداق ئويلايدۇ ئەگەر
تانىياما-شىمۇرا پەرىزىنى ئىسپاتلاپ چىقسام مەنتەقە جەھەتتىن فەرمات
ئاخىرقى تېورېمىسىنى ئىسپاتلاپ چىقالىشىم مۇمكىن.



فەرمات ئاخىرقى تېورېمىسىنى ئىسپاتلاشقا كىرىشكەن 7 يىللىق سەپەر



ئاندرەۋ ۋىلەس بولسا Ribert پەرىزىنىڭ Ribert تەرىپىدىن ئىسپاتلانغانلىقىنى
ئۇققاندىن كېيىن تانىياما-شىمۇرا بىلەن فەرماتنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش
بارلىقىغا كۈچلۈك ئىشىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “مەن مۇشۇنى ئۇققاندىن
كېيىن،مېنىڭ ھاياتىم ئۆزگەردى. بۇ دېگىنىم تانىيام-شىمۇرا پەرىزىنى
ئىسپاتلىساقلا فەرمات ئاخىرقى تېورېمىسىنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز.

ئاندرەۋ ۋىلەس، ئۆزىنىڭ پۈتۈن زېھنىنى بۇ تېئورېمىنى ئىسپاتلاشقا قارىتىپ
باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. يەنى 1986-يىلنىڭ
ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇ بۇ تېئورېمىنى ئىسپاتلاشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ
نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئايالى Nada بىلەن يېقىن دوستلىرىدىن باشقا
ئادەمگە تىنمايدۇ. ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئايرىلىپ بۇ مەسىلىنى تەتقىق
قىلىشىنىڭ يەنى بىر سەۋەبى رىقابەتلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. ئۇ ئېرىشكەن
نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرسا باشقىلاردىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ
باشقا پەرەزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەتقىقاتنىڭ بىر يۆنىلىشتە مېڭىشىغا
ئېغىر تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.



ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەت



ئاندرەۋ ۋىلەس، 7 يىلنى مۇشۇ فەرمات تېورېمىسىنى ئىسپاتلاشقا قارىتىدۇ. بۇ 7
يىلدا ئۇ دەم ئېلىش ۋاقتىدا بالىۋاقىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەندىن باشقا
ۋاقتىدا مۇشۇ مەسىلىنى يېشىش بىلەن بولىدۇ. ئۇ ماڭسا ئولتۇرسا مۇشۇ
مەسىلىنى ئويلايدۇ. ئۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ مەسىلىنى ئويلاپ ياتىدۇ. ئۇ
مۇشۇنداق تىرىشىش، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە 1993 يىلى بۇ تېئورېمىنى
ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. بۇ نەتىجىسىنى ئايالىدىن باشقا ئادەمگە ئۇقتۇرمايدۇ. ئۇ
ئۆزىنىڭ ئىسپاتىنى 200 بەتلىك قەغەزگە يىغىنچاقلاپ، 1993-يىلى 7-ئاينىڭ
23-كۆنى بۇ تېئورېمىنىڭ ئىسپاتىنى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېت نيۇتون ئىنىستۇتىدا
ئېلان قىلىدۇ. ئىسپاتنىڭ كۆپ قېسىمى تانىياما-شىمۇرا پەرىزىنىڭ
توغرىلىغىنى ئىسپاتلاش ئېگەلەيدۇ.



فەرمات تېئورېمىسىنىڭ ئىسپاتى ئېلان قىلىنىپ ئاز ئۆتۈپ، كامبرىجەدىكى
ماتېماتىك Richard Taylorتەرىپىدىن ئىسپاتنىڭ ئىچىدىكى خاتالىق
كۆرسىتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاندرەۋ ۋىلەس تېئورېمىنىڭ ئىسپاتىغا قايتا
كىرىشىدۇ. ئۇ 18 ئايلىق قاتتىق تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ
تېئورېمىنى مۇكەممەل ئىسپاتلاپ چىقىپ 300 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ داڭلىق
ماتېماتىكا مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىدۇ




فەرمات تېئورېمىسىنىڭ مۇكەممەل ئىسپاتى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىنغاندىن
كېيىن، ئاندرەۋ ۋىلەسنىڭ نەتىجىلىرىنى دۇنيادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلار ئېلان
قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسپاتىنى دۇنيادىكى ماتېماتىكلار ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇ ھازىر
Princeton ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى. ئاندرەۋ ۋىلەسنىڭ بۇ
نەتىجىلىرىگە خەلقئارا ماتېماتىكا Péni مەركىزى ھەم خەلقئارا ماتېماتىكا
بىرلەشمىسى ئالاھىدە مۇكاپات سوغا قىلىدۇ. 1998-يىلى، ئۇ يەنە "King Faisal
International Prize" مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتى 200،000
ئامېرىكا دوللار


kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 14:45:48



تاشپۇلات مۇئەللىمنىڭ تمىسىغا رەخمەت ، مەن بۇنداق مەسىللەرگە بەك قىزىقىمەن .





y^n + x^n =z^nبۇ تەڭلىمىدىكى x,y,zلارنى ئەركىن ئۆزگەرگۈچى سانلار (نامەلۇم سان ) دەپ قارىغان ۋاقىتتا n=2 بولسا z نى مەلۇم بىر مۇقىم سان دەپ بىكىتكەندەبۇ تەڭلىمىنى مەركىزى كوئوردىنات مەركىزىدە بولغان ، رادىئوسى z بولغان چەمبەر دەپ قاراشقا بولىدۇ ، بۇچاغدا بۇ تەڭلىمىنىڭ ھەققى سانلىق يىشىمى مەۋجۈت (يۇقىردا ئېيتىلغاندەك ) .



ئەگەر n بولسا 2 دىن چوڭ بولغان تەبىئىي سان بولسا : مەسلەن n=3 بولسا z=0 بولغاندا تەڭلىمە كوئوردىنات مەركىزىگە نىسپەتەن سېممىتىرىك بولغان ،x مەنپى چەكسىزدىن مۇسپەت چەكسىزگىچە كىمەيگۈچى فونكىسىيە بولغان ئەگرى سىزىق بۇلىدۇ (ئەلۋەتتە ھەققى سانلار دائىرسىدە)، بۇچاغدا تەڭلىمىنى قانائەتلەندۈرىدىغان پۈتۈن سانلىق يىشىم مەۋجۈت بۇلىدۇ .

مەسلەن : x=1 ,y=-1,z=0   ؛   x=2 ,y=-2,z=0؛   x=3 ,y=-3,z=0   ...........

      

   



بۇنداق بولغاندا ؛“n” بولسا 2 دىن چوڭ بولغان تەبىئىي سان(n=3، 4، 5،…) بولغاندا، تەڭلىمە y^n + x^n =z^nنى قانائەتلەندۈرىدىغان پۈتۈن سانلار يېشىمى x, y, z لار مەۋجۇت ئەمەس دىگەن گەپ بىلەن زىت كىلىپ قالىدىكەن ، مەن خاتا ئويلاپ قالدىممۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟

قېنى كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى . \"\"{:107:}

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 19:23:05

رۇخسەت ئالمايلا سىزنىڭ ئىككى تېمىڭىزنى «ئىلىم-پەن مائارىپ تورى» غا قويدۇم، كۆڭلىزگە ئالماسسىز دەپ ئويلايمەن.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 08:16:57

1- قەۋەتتىكى kurax007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل



تاشپۇلات مۇئەللىمنىڭ تمىسىغا رەخمەت ، مەن بۇنداق مەسىللەرگە بەك قىزىقىمەن .






سالام Kurax007 ئۇكام، ياخشى ئانالىز قىپسىز. ئويلىغىنىڭىز توغرا.بىراق يۇقىرىقى شەرتتە نۆل بولمىغان دېگەن شەرت يېزىلماپتۇ. شۇڭا تۈزىتىپ ئوقۇشىڭىزنى ئومۇت قىلىمەن.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 08:18:25

2- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رۇخسەت ئالمايلا سىزنىڭ ئىككى تېمىڭىزنى «ئىلىم-پەن مائارىپ تورى» غا قويدۇم، كۆڭلىزگە ئالماسسىز دەپ ئويلايمەن.

سالام بىلىك ئۇكام، ئىلىم-پەن مائارىپ تورىغا قويسىڭىز بولۇۋېرىدۇ بىراق مەنبەنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز يەنى ئىزدىنىش تورىدىن ئېلىندىن دەپ قويسىڭىز.


ئەقىدە20 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 09:51:08

4- قەۋەتتىكى TashpolatRoziنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رۇخسەت ئالمايلا سىزنىڭ ئىككى تېمىڭىزنى «ئىلىم-پەن مائارىپ تورى» غا قويدۇم، كۆڭلىزگە ئالماسسىز دەپ ئويلايمەن.

سالام بىلىك ئۇكام، ئىلىم-پەن مائارىپ تورىغا قويسىڭىز بولۇۋېرىدۇ بىراق مەنبەنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز يەنى ئىزدىنىش تورىدىن ئېلىندىن دەپ قويسىڭىز.

سالام! تاشپولات مۇئەللىم، ئۇنداقتا مەنمۇ ئوكيان قامۇسقا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قوشۇۋالسام بولىدىكەندە؟ بۇ ئالىمنى بىلمەيدىكەنمەن.


بەت: [1]
: تاشپولات: ماتېماتىكا ئالىمى ئاندرەۋ ۋىلىس Andrew J. Wiles