Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 08:07:17

Win8نى قانداق يۆتكەيمىز(قۇتلان)؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر.


مەن كۆزنەك 8 سېستىمىسىدىن 2نى سېتىۋالغان ئىدىم، بىرنى سەپلىمىسى سەل تۆۋەنرەك كومپيۇتېرغا قاچىلىغان ئىدىم، سۈرئىتى زىيادە ئاستىشلىشىپ تۈزۈك ئىشلىتەلمىدىم، ئالدىنقى تىمامدا قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تەشەببۇسلىرى بىلەن، يېڭىدىن بىر كومپيۇتېر سېتىۋالغان ئىدىم، كونا كومپيۇتېر سۆرىيەلمىگەن ئاۋۇ سېستىمانى يېڭى كومپيۇتېرغا قانۇنلۇق قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ قاچىلىغىلى بولسا قانداق قىلىشىم كېرەك، ئۇستازلارنىڭ تەلىم بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:05:02

بولمايدۇ. بىر سېتىۋالغان نومۇرنى بىرلا كومپىيۇتېرغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بىرسىگە قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن باشقا كومپىيۇتېرغا ئۇ نومۇرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:13:55

1- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بولمايدۇ. بىر سېتىۋالغان نومۇرنى بىرلا كومپىيۇتېرغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بىرسىگە قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن باشقا كومپىيۇتېرغا ئۇ نومۇرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

كۆزنەك8نىڭ داۋرىڭى يېڭى چىقىپ، مۇنازىرىلەر قىززىغان بىر تىمىدا، كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دسىكىسى بۇزۇلسا ياكى كومپيۇتېردىن چاتاق چىقسا، تېلېفۇن قىلىپ، قايتا قاچىلىسا بولىدۇ، دېگەندەك بىر ئىنكاسنى كۆرگىنىم ئېسىمدە ئىدى.

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:14:50

مىكروسوفىتقا تېلىفون قىلىڭ

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:21:56

3- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىكروسوفىتقا تېلىفون قىلىڭ

مەقسەتنى تېلېفۇن قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى راس بولامدۇ؟ قايسى نۇمۇرلۇق تېلېفۇنغا تېلېفۇن قىلىمىز، خەنزۇچە سۆزلەشكىلى بولامدۇ؟ قانداق ئۇچۇرلارنى سورايدۇ؟ بۇلارنى سىز بىجىرىپ باققانمۇ؟

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:23:31

بولىدۇ مەنمۇ ئۈچ قېتىم ئالماشتۇردۇم، ھەر قېتىم ئالماشتۇرغاندا ئاكتىپلانمىدى، سىستىمىنىڭ ئاكتىپلاش كۆزنىكىگە كىرىپ 电话激活 دىگەن يىرىنى باسساق microsoft نىڭ تېلفۇن نۇمۇرى ۋە ئوتتۇز نەچچە خانە نۇمۇر كۆرسۈتۈپ بەردى شۇ نۇمۇرغا تېلفۇن ئۇرۇپ ئاكتىپلىدىم.

بۇ تىمىنى كۆرۈڭ.

http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=52198

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:34:26

تېلېفۇن قىلىپ ھەل قىلدىم دېگەنلەر بارغۇ.

بىداركا ماۋۇ نومۇرلارنى ئىزدەپ تاپتىم، تېلېفۇن قىلىپ بېقىڭ:

400 820 3800

800 820 3800

021 9608 1318

http://support.microsoft.com/gp/customer-service-phone-numbers?seamId=100100626&modalityType=2

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:46:22

mahir512 نىڭ گېپى بويىچە، ئاۋال قاچىلاپ، ئاندىن ئېكراندا تېلېفۇن نومۇرى چىقىدىكەندە.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:50:02

مەن win7نى ئالماشتۇرۇپ باققان، يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئاكتىپلاش كۆزنىكىنى ئاچقاندىن كىيىن بىر ئالاقىلىشىش نومۇرى چىقىدۇ، ئاندىن شۇلارنىڭ ئېيتقىنىنى قىلساق ئاكتىپلاپ بېرىدۇ.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:52:37

تامامەن بۇلىدۇ.سىز شۇلارغا تىلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى دىسىڭىز بۇلىدۇ.ئاندىن بۇرۇنقىسى يۇيىۋىتىپ يىڭى كومپىيوتورغا قاچىلسىڭىز بۇلىدۇ. تىلفۇن قىلغاندا تەرتىپ نۇمۇرى ھەم تىلفۇندا ئاكتىپلاش نۇمۇرى دىگەنلەرنى سورايدۇ.


8008203800,4008203800





رىۋايەتلەردە دىيىلىشىچە پەقەت 3 قىتىم يۇتكىگىلى بۇلىدۇ دەيدۇ.سىز激活转移 قىلسىڭىز بۇلىدۇ.تىل قىلغاندا بۇرۇنقى كومپىيوتوردىكى يۇيۋىتىسىز. مۇقىم تىلفۇن بولسا 8008301832 غا يانفۇن بولسا 4008301832 غا تىل قىلسىڭىز بۇلىدۇ.قەلەم ۋە قەغەز تەييار قىلىڭ. بىرىنچى  رەت id نى كىرگۇز دەيدۇ،ئۇ دىگىنى  سىز   مائۇسنى سول تەرەپ ئاستىغا ئاپىرىپ  مائۇسنىڭ  ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىپ چىققان كوزنەكتىن يۇرگۇزۇشنى تاللاپ مانى كىرگۇزۇڭ slui 4


ئاندىن چىققان كوزنەكتىن جۇڭگۇنى تاللاپ چىققان كوزنەكتىن رەسىمدەك تىلفۇن قىلسىڭىز بۇلىدۇ.


ئاۋۇ 9 گۇرۇپپا نۇمۇر ھەربىر سىتىۋالغۇچىنىڭ ئايرىم ئايرىم بۇلىدۇ.شۇنىڭغا قاراپ مىكروسوفىت پەرىق قىلىدىكەن.




\"\"




abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:55:09

4- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىكروسوفىتقا تېلىفون قىلىڭ

مەقسەتنى تېلېفۇن قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى راس بولامدۇ؟ قايسى نۇمۇرلۇق تېلېفۇنغا تېلېفۇن قىلىمىز، خەنزۇچە سۆزلەشكىلى بولامدۇ؟ قانداق ئۇچۇرلارنى سورايدۇ؟ بۇلارنى سىز بىجىرىپ باققانمۇ؟


ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەر ئېنىق دەپتۇ...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:55:54

9- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تامامەن بۇلىدۇ.سىز شۇلارغا تىلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى دىسىڭىز بۇلىدۇ.ئاندىن بۇرۇنقىسى يۇيىۋىتىپ يىڭى كومپىيوتورغا قاچىلسىڭىز بۇلىدۇ. تىلفۇن قىلغاندا تەرتىپ نۇمۇرى ھەم تىلفۇندا ئاكتىپلاش نۇمۇرى دىگەنلەرنى سورايدۇ.


8008203800,4008203800



ئاكىتىپلاش نۇمۇرى بىز سېتىۋالغان نۇمۇر شۇ بولغاندا تەرتىپ نۇمۇرى قايسى نۇمۇر بولغاي؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:58:37

10- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىكروسوفىتقا تېلىفون قىلىڭ

مەقسەتنى تېلېفۇن قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى راس بولامدۇ؟ قايسى نۇمۇرلۇق تېلېفۇنغا تېلېفۇن قىلىمىز، خەنزۇچە سۆزلەشكىلى بولامدۇ؟ قانداق ئۇچۇرلارنى سورايدۇ؟ بۇلارنى سىز بىجىرىپ باققانمۇ؟


ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەر ئېنىق دەپتۇ...

ئىزدىنىشتا مۇنداق ئۆزىگىمۇ، خەخكىمۇ پايدىسىز ئىنكاسلار قارشى ئېلىمايدۇ، سىز ئالاھىدە ئىنكاس يېزىپ، ئەسكەرتمىسىڭىزمۇ  مەن ئۇنى كۆرەلەيمەن.

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 10:04:19

12- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىكروسوفىتقا تېلىفون قىلىڭ

مەقسەتنى تېلېفۇن قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى راس بولامدۇ؟ قايسى نۇمۇرلۇق تېلېفۇنغا تېلېفۇن قىلىمىز، خەنزۇچە سۆزلەشكىلى بولامدۇ؟ قانداق ئۇچۇرلارنى سورايدۇ؟ بۇلارنى سىز بىجىرىپ باققانمۇ؟


ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەر ئېنىق دەپتۇ...

ئىزدىنىشتا مۇنداق ئۆزىگىمۇ، خەخكىمۇ پايدىسىز ئىنكاسلار قارشى ئېلىمايدۇ، سىز ئالاھىدە ئىنكاس يېزىپ، ئەسكەرتمىسىڭىزمۇ  مەن ئۇنى كۆرەلەيمەن.


ھىم، ئەسلىدىنلا قىلىدىغان ئىش يوقكەنتۇق بۇ تېمىدا، بىر كۈنى بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرسام ئىككى قازاق كىردى، تاڭجاڭ چاي قۇيۇپ «نېمە يەيسىلەر، لەغمەن يەمسىلەر، پولۇ يەمسىلەر؟\" دېسە قازاق \" نىمە يېيىشىمنى سەن دەپ بەرمىسەڭمۇ، قازاق ئاكاڭ بىلىدۇ نېمە يېيىشنى\" دەپ سەكرەپ كەتكەن...

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 10:13:30

تىلفۇن قىلسىڭىز خەنچە ۋە ئىنگلىسچە.

مۇقىم تىلفۇن بولسا 8008301832 غا يانفۇن بولسا 4008301832 غا تىل قىلسىڭىز بۇلىدۇ.

ali120 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 11:02:04

http://alip.biz/data/attachment/forum/201308/29/151004e4640gqqq35g555z.png

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 11:09:24

15- قەۋەتتىكى ali120نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

http://alip.biz/data/attachment/forum/201308/29/151004e4640gqqq35g555z.png



ئاۋۇ ئاستىدىكى 9 گۇرۇپپا نۇمۇرنى ئاشكارلىماڭ.ئۇ سىزنىڭ ئاكتىپلاش نۇمۇرىنىڭ ئاچقۇچى.ناچار كىشلەر پايدىلىنىپ كەتمىسۇن.

mustakil يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 12:38:46

مەنمۇ ئاكتىپلاش نومۇرىدىن ئىككىنى سېىتۋالغان، ئۆتكەندە سېستىمىنى قايتا قاچىلىغاندا ئىشلەتمىگەن نومۇرنىمۇ ئىشلىتىۋەتتىممىكىن بىلەلمەيۋاتىمەن، ئاكتىپلاش نومۇرىنىڭ ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى قانداق بىلىمىز،

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 13:46:32

ئىنتىلدا بىر چاغدا تېلېفون قىلمايمۇ يۆتكىسە بولىدۇ دەۋاتاتتى. ئىزدەپ باقاي.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 20:44:21

بىر ماتىرىيالنى كۆرسەم باشقا كومپيۇتېرغا قاچىلاش ئۈچۈن ئاۋال نۆۋەتتىكى كومپيۇتېردىن ئۆلچەملىك ئۆچۈرۈش ( سۆكۈش) مەشغۇلاتى قىلىپ ئاندىن يېڭى كومپيۇتېرغا قاچىلىسا بولۇدۇ دەپتىكەن.
بەت: [1] 2
: Win8نى قانداق يۆتكەيمىز(قۇتلان)؟