abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 23:45:14

توك سائىتى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئەزا بولغاندىن بېرى بىرەر تېما يوللاپ باقماپتىمەن، ئەمدى ئۆزۈم قىلىۋاتقان خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان، خىزمەت جەريانىدا كۆپ كىشىلەر بىلمىگەنلىكتىن زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان ئاددىي بىر ئۇقۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە دەپ ئۆتەي، بىرەرىڭلارغا ئەسقېتىپ قالسا مەن خۇش....

توك سائىتى(ئسچوتچىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولسا ئىشلىتىلگەن توكنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قورالى بولۇپ، ھازىر ھەممە ئۆيلەردە ئاز دېگەندە بىر دانىدىن توك سائىتى بار، ئەگەر توك سائىتى مۇۋاپىق تاللانمىسا ئۇ چاغدا مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئۇنى رېمونت قىلش ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئائىلىلەرگە توك سائىتى قويماقچى بولغانلار ئۈچۈن دىققەت قىلىدىغان بىر قانچە نۇقتىنى سۆزلەيمەن....

توك سائىتى قۇرۇلمىسى بويىنچە ئېلىكتىرونلۇق توك سائىتى ۋە مىخانىك توك سائىتىگە بۆلۈنىدۇ(باشقىلىرى بولۇشى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇشتا مۇشۇ ئىككى خىلى ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدۇ)، توك تەمىنلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھازىر كارتىلىق توك سائەتلىرىمۇ ئومۇملاشماقتا، فازا سانىغا ئاساسەن يەككە فازىلىق توك سائىتى ۋە ئۈچ فازىلىق توك سائىتى بار، ئۈچ فازىلىق توك سائىتى ئۈچ فازىلىق ئۈچ سىملىق ۋە ئۈچ فازىلىق تۆت سىملىق توك سائىتىگە بۆلىنىدۇ.

ئادەتتە توك سائەتلىرىنىڭ ئۈستىدە توك سائەتلىرىنىڭ پارامېتىرلىرى بىلەن ئۇچۇرلىرى بېرىلگەن بولىدۇ، يەنى توك سائىتىنىڭ تەرتىپ نومۇرى(بىردىنبىر بولىدۇ، خۇددى ئادەمگە تۇغۇلىشىدىنلا ئىسىم قويغانغا ئوخشاش زاۋۇتتىن چىققان ھەر بىر سائەتتە ئايرىم نومۇر بولىدۇ)، نورمال خىزمەت بېسىمى، چاستوتىسى، ئۆتۈشكە يول قويۇلىدىغان توك، دەرىجىسى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ....قاتارلىقلار بولۇپ، توك سائەت سېتىۋالغاندا پارامېتىرلار ۋە باشقا ئۇچۇرلار تولۇق بولغان سائەتنى تاللاش بىلەن بىرگە، ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن فازا سانى ۋە ئۆتۈشكە يول قويىلىدىغان توكقا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىزدە ھەر خىل ئېلىكتىر ماتورلىرى ۋە يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئېلىكتىرلىك ئەسۋاپلارنى ئىشلەتسىڭىز شۇ ئەسۋاپلارغا قاراپ ئۈچ فازىلىق ياكى يەككە فازىلىق توك سائىتىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئائىلىلەردە بولسا يەككە فازىلىق توك سائىتى يېتەرلىك، ئىشلەتكەن ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ قۇۋۋىتى چوڭ بولسا ئۆتۈشكە يول قويۇلىدىغان توكى چوڭراق سائەتنى تاللىشىڭىز كېرەك بولمىسا توك سائىتىڭىز كۆيىدۇ ياكى توك سائىتىدىن كاشىلا چىقىپ، توك سائىتى ئىشلەتكەن توكىڭىزدىن ئارتۇق توكنى كۆرسىتىدۇ-دە، يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيسىز، ئادەتتە توك سائىتىدىن نورمال ئۆتىدىغان توك 1.5ئامپىر بولسا، ئۆتۈشكە يول قويۇلىدىغان توك نورمال توكنىڭ تۆت ھەسسىسى، يەنى 6 ئامپىر قىلىپ ئىشلىنىدۇ، بۇنداق توك سائىتىدە 1.5)6( Aدەپ ئەسكەرتىلگەن بولىدۇ. قانچىلىك چوڭلۇقتىكى توك سائىتىنى تاللاشنى ھۆكۈم قىلىشتا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىڭىز بار بولغان ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتىنى نورمال توك بېسىمى 220 ياكى 380(ئىشلەتكەن توكىڭىزنىڭ بېسىمى 380ۋولت بولسا) غا بۆلۈپ چىققان ساندىن چوڭ بولغان سائەتنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، يەنە ئەگەر ئۆيىڭىزدىكى ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 10000Wبولسا 220گە بۆلسىڭىز تەخمىنەن 45.5 چىقىدۇ، دېمەك سىز 15)60( ئامپىرلىق سائەتنى تاللىشىڭىز كېرەك. ئادەتتە چوڭراق سائەتنى تاللىغان ياخشى، بۇنداق بولغاندا قۇۋۋىتى چوڭراق ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ توك سائىتىڭىزدىن چاتاق چىقمايدۇ.

توك سائەتلەرنىڭ توك ئۆتكەندىكى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئادەتتە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك سائەتلەر كۆپرەك ئۇچىرايدۇ. سائەتلەرنىڭ دەرىجىسى چەمبەر ئىچىدە 1،2 دېگەندەك سانلار يېزىلغان بولىدۇ.

ئادەتتە توك سائەتلىرىنى يېڭىدىن سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزگە ئەڭ قولايلىق ئورۇنلاردىكى سۈپەت-تېخىنىكا نازارەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئۆلچەم ئورۇنلىرىغا بېرىپ سائەتلىرىڭىزنى تەكشۈرتكىنىڭىز ياخشى، چۈنكى بەزى يېڭى سائەتلەرمۇ لاياقەتسىز چىقىشى مۇمكىن، ئادەتتە بىر دانە ئىككىنچى دەرىجىلىك سائەتنىڭ يول قويۇلىدىغان خاتالىق پەرقى 2%دىن كىچىك بولىدۇ، يەنى سىز يۈز يۈەنلىك توك سېتىۋالسىڭىز 0.2 يۈەنلىك توك ئارتۇق ياكى كەم ئۆتىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك سائەتنىڭ يول قويۇلىدىغان خاتالىق پەرقى 1%دىن كىچىك بولىدۇ. شۇڭا تاپالىسىڭىز بىرىنچى دەرىجىلىك سائەتنى ئىشلىتىڭ، ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك سائەت.

توك سائەتلەرنىڭ باھاسى ھەر خىل بولۇپ، تاۋ باۋ تورىدا ئادەتتە 3.7سومدىن باشلىنىدىكەن، شۇڭا باھاسىغا بەك كۈچەپ كەتمەي، ئىشەنچىلىك دۇكانلاردىن سېتىۋالغىنىڭىز ياخشى.

توك سائىتىدىكى مەسىلىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى: ئۆيدىكى بارلىق توك ئىشلەتكۈچى ئۈسكۈنىنى توكتىن ئاجرىتىۋېتىپ، توك سائىتىدە كۆرۈنگەن ساننى خاتىرىلىۋېلىپ، قۇۋۋىتى بىر كىلوۋات بولغان، توختىماي خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۈسكۈنىنى بىر سائەت خىزمەت قىلدۇرسىڭىز توك سائىتىدىكى سان ئەسلىدىكىدىن بىر ئارتقان بولسا نورمال، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى كەم ئايلانغان بولسا سائىتىڭىزدە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن( بۇ ئۇسۇلدا توڭلاتقۇ، كىر ئالغۇلار، ياڭراتقۇلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى توڭلاتقۇ بەزىدە توختاپ بەزىدە ماڭىدۇ، كىر ئالغۇلار ئوخشىمىغان شەكىلدە ئايلانغاندىكى قۇۋۋىتى ئوخشىمايدۇ، ياڭراتقۇلار بولسا قۇۋۋىتى تۇراقلىق ئەمەس، ئەڭ ياخشىدى لامپۇچكىغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەر بولسا بولىدۇ)، بۇ ئۇسۇل پەقەت ئەڭ ئىپتىدائىي تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، سائەتتە مەسىلە بارلىقىغا دەستەك بولالمايدۇ. يەنە بارلىق ئېلىكتىس سايمانلىرىنى ئۈزىۋەتكەندە توك سائىتى ئايلانماسلىقى، مەلۇم ئۈسكىنە چېتىلغاندا ئايلىنىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن يەنە مەسىلە بار دېگەن گەپ.

يۇقىرىدىكىلەر سىزگە ئەسقېتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان بىلىملەر بولۇپ، "قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن" دېگەندەك، ئەڭ ياخشىسى توكچىلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىڭ، توكنى توك سوقۇپ قويمىغىچە سەزگۈ ئەزالىرىڭىز بىلەن سېزەلمەيسىز، شۇڭا توكچىلىقتىن خەۋىرىڭىز بولمىسا توك يولى بىلەن كۆپ ھەپىلەشمەڭ.

پەقەت ئۆزۈم ئويلىغانلىرىمنى دەپ ماڭغان بولغاچقا سەل قالايمىقان بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر لازىم بولۇپ قالسا ھەر ۋاقىت سورىسىڭىز بولىدۇ.

مەنبەسى:ئۆزۈم

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:19:43

توك سائىتىنى ئىشتان پايپاق سېتىۋالغاندەك خالىغانچە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. توك ئىدارىسى ئۆزى ئەكىلىپ ئورنىتىپ بېرىدۇ. كىچىككەن چوڭ قۇۋۋەتلىككە ئالماشتۇرۇپ بەر دېگەن گەپنى ئاڭلىمايدۇ. بولمىسا ھەممە ئادەمنىڭ چوڭىنى ئورناتقۇسى بار.

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:48:15

1- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توك سائىتىنى ئىشتان پايپاق سېتىۋالغاندەك خالىغانچە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. توك ئىدارىسى ئۆزى ئەكىلىپ ئورنىتىپ بېرىدۇ. كىچىككەن چوڭ قۇۋۋەتلىككە ئالماشتۇرۇپ بەر دېگەن گەپنى ئاڭلىمايدۇ. بولمىسا ھەممە ئادەمنىڭ چوڭىنى ئورناتقۇسى بار.

خاتا ئەمەس، ھەممىسى ئۇنداقمۇ ئەمەس

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:48:45

1- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توك سائىتىنى ئىشتان پايپاق سېتىۋالغاندەك خالىغانچە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. توك ئىدارىسى ئۆزى ئەكىلىپ ئورنىتىپ بېرىدۇ.  

ھەممە جايدا ئوخشاش بولمايدىغان ئوخشايدۇ، باش سائەتنى توك ئىدارىسى ئۆزى ئورنۇتۇپ بەرسىمۇ، تارماق سائەتلەرنى شەخس ئۆزى سېتىۋىلىپ ئورناتقۇزىدىغان ئىشلارمۇ بار.

مەن ئەسلىدە ئايرىم بىر تىما ئاچماقچى بولغان بىر مەسىلە بار ئىدى، مۇشۇ تىمىغا مۇناسىبەتلىك بولغاچ مۇشۇ يەردىلا دەپ ئۆەي.

ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، مۇشۇ تىمانى يوللىغان ئەزىز قىرىندىشىمىزغا كۆپ ھەشقاللا،

يۇرتىمىزدا(بەلكىم باشقا يەرلەردىمۇ شۇنداقتۇ) توك پۇلى، سۇ پۇللىرىنى يىغىش ئەھۋالى بەك قالايمىقان بولماقتا، ئائىلىلىكلەر بىنالاشقاندىن كېيىن، بىنالار قورولىشىپ، يەككە ئائىلىلەردىكى توك، سۇ سائەتلىرى تارماق سائەتلەر بولۇپ، ھەر بىر قورودا بىردىن باش سائەت ئورنۇتۇلىدۇ. بىر قوردىكى بارلىق ئائىلە شۇ قورونى باشقۇرغۇچىغا سۇ، توك، ئامانلىق، تازىلىق پۇللىرىنى تۆلەيدۇ. قورولارنىڭ پۇل يېغىش ئۆلچىمى ئوخشاش ئەمەس، بىرقورودىكى بىرخىزمەتدىشىمىز  بىر كۇپ سۇغا 2.00 يۇەن تۆلىسە، يەنە بىر قورودىكى خىزمەتدىشىمىز  2.30 يۇەن ياكى 2.50 يۇەن تۆلەيدۇ، بىرقورودىكى بىرخىزمەتدىشىمىز  بىر كېلۋات توكقا 0.70 يۇەن تۆلىسە، يەنە بىر قورودا ئولتۇرۇشلۇق خىزمەدىشىمىز 0.80 يۇەن ھەتتا 1.00 يۇەنگىچە تۆلەيدىغانلىرى بار. بۇنداق ئىگىز-پەسلىكنى تەڭشەيدىغان مال باھا ئىدارىسىمۇ، بۇ ئىشلار بىلەن كارى يوقمۇ ياكى ھەرقايسى ئىش باشلىرى ئۆزى بىلگەنچە بىكىتسە بولىۋىرەمدۇ، بىلمىدىم. بۇ ھەقتە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مۇناسىبەتلىك بىرەر بەلگىلىمىسى بارمىدۇ؟

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 09:58:55

3- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوجىلىق شىركەتنىڭ ئىشى، مال-باھا تارماقلىرى ۋە سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرىز قىلسىڭىز، ئوغۇل بالىدىن بىرەرسى ئۇچىراپ قالسا سۈر توقاي قىلىۋېتىدۇ ئۇلارنى....

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 10:31:04

بىز پوچىلىق بىلەن 1.2 يۈەندىن تۈلەپ يۈرۈۋاتىمىزغۇ \"\"

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 10:36:53

توك سائىتى ئالىدىغانلار ياخشىسى delixi ماركىلىقنى ئېلىڭلار ، خىلى سۇپەتلىك چىقىدىكەن .

ئەمدى بىداركا مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت : يەنى بىنادا بىرەر چوڭ باشلىق ياكى ئالاھىدە شەخىس بولسا ، شۇنىڭ توك پۇلىنى باشقىلارغا چېچىۋىتىدىكەن ، يەنە بىرسى بىنانىڭ ئۆگزدىكى مەنزىرە چىراق ، كارىدور چىراق ، بىنا ئالدىدىكى يورۇتۇش چىرىقى قارلىقلاردا سەرپ بولغان توك ھەققىنىمۇ ئومىي توكقا چېچىۋەتسە كېرەك .

بولىسغۇ توك بىۋاستە تورلاشسا، توك توك شىركەتتىن بىۋاستە ئېلىپ ئىشلەتسەك ياخشى بولاتتى ، ئەمما بۇ توك ئارلىقتا ۋاستىچىلەرنىڭ پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتىدىغان بولغاچ ، توك پۇلى شۇنداق قىممەت چۇشۇپ قالىدىكەن .

بولسىغۇ مۇشۇنۇڭغا بىر تەدبىر بولسا بولاتتى ...

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 10:57:32

بىدار قۇتلان ئاكا مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى يىغىپ ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللىسىڭىز كۆردىغانلار بىلەن مەسلەھەت بىرىدىغانلار كۆپەيسە، ئۆزى جاپا-مۇشاقەتتە سېتىۋالغان ئۆيىدە يەنە ئىجارە تۆلەپ ئولتۇردىغانلىقىنى ھېس قىلىپ باقسا !

tawpik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 10:59:15

ياخش تەكلىپ بەرسمۇ تېللاپ باققان .........چىت تۈۋدىن چىققانلار

tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 15:01:18

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇل 915ئاكا!

سىزدىن سوراپ باقسام،بىزدەك مەكتەپتىلا فىزىكا دەرىسىدە ئۆگەنگەن ئۇسۇللارنى تۇرمۇشتا قوللىنالمىغانلار توكچىلىقنى ئۆگەنمەكچى بولساق ،قول سېلىپ ئىشلەشتە نىمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟ئوت سىم،نۆل سىم،باشقا توكچىلىقتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە سۆزلەپ

بەرسىڭىز؟بولسا بىنا ئۆيلەردىكى توك سىملىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى قانداق؟ ،پەقەت باش ئاپپارات (زادو)نى بېسىۋېتىپلا توك يۇلىنى رېمونت قىلىشقا چۈشسەك بۇلامدۇ؟مەندەك توكتىن قورقىدىغانلار قانداق قىلغاندا توك رېمونت قىلىشنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ تەجرىبىڭىزنى سۆزلەپ

بەرسىڭىز؟

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 15:11:18

بىزنىڭ ماۋۇ ناھىيەدە 95 پىرسەنىت كىشلەرنىڭ توكى كارتىلىق توك سائىتىگە ئالمىشىپ بولدى ماۋۇ كارتىلىق توك سائىتى دەششەت تىز ماڭدىكەن ئەمەسمۇ مۇشۇ توك سائەتنى ئاستىراق ماڭدىغان قىلغىلى بۇلامۇ يولداشلار....................

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 15:51:59

6- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توك سائىتى ئالىدىغانلار ياخشىسى delixi ماركىلىقنى ئېلىڭلار ، خىلى سۇپەتلىك چىقىدىكەن .

ئەمدى بىداركا مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت : يەنى بىنادا بىرەر چوڭ باشلىق ياكى ئالاھىدە شەخىس بولسا ، شۇنىڭ توك پۇلىنى باشقىلارغا چېچىۋىتىدىكەن ، يەنە بىرسى بىنانىڭ ئۆگزدىكى مەنزىرە چىراق ، كارىدور چىراق ، بىنا ئالدىدىكى يورۇتۇش چىرىقى قارلىقلاردا سەرپ بولغان توك ھەققىنىمۇ ئومىي توكقا چېچىۋەتسە كېرەك .

بولىسغۇ توك بىۋاستە تورلاشسا، توك توك شىركەتتىن بىۋاستە ئېلىپ ئىشلەتسەك ياخشى بولاتتى ، ئەمما بۇ توك ئارلىقتا ۋاستىچىلەرنىڭ پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتىدىغان بولغاچ ، توك پۇلى شۇنداق قىممەت چۇشۇپ قالىدىكەن .

بولسىغۇ مۇشۇنۇڭغا بىر تەدبىر بولسا بولاتتى ...

ھەرقايسى قورولار  ئۆز ئىختىيارىچە بولماي، بىرلىككە كەلگەن بىر باھادا بولسا، باھانى خالىغانچە ئۆستۈرۈشكە يول قويۇلمىسا، چەكلىسە بولاتتى.

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 19:01:18

10- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ ماۋۇ ناھىيەدە 95 پىرسەنىت كىشلەرنىڭ توكى كارتىلىق توك سائىتىگە ئالمىشىپ بولدى ماۋۇ كارتىلىق توك سائىتى دەششەت تىز ماڭدىكەن ئەمەسمۇ مۇشۇ توك سائەتنى ئاستىراق ماڭدىغان قىلغىلى بۇلامۇ يولداشلار....................

ھازىرقى كارتىلىق سائەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىكتىرونلۇق سائەت بولۇپ، ئايلىنىشىنى ئاساسەن تەڭشىگىلى بولمايدۇ، ئەگەر سائىتىڭىزدىن گۇمانىڭىز بولسا تېمىدىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سائىتىڭىزنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ، سۈپەت-تېخىنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىلىرىنىڭ ئۆلچەم ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىپ، تەكشۈرتۈپ باھالاتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ....

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 20:59:28

بىداركا توك ئىدارىسى ۋە مال باھاسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلشىپ باقساڭلار بولمامدۇ.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 21:03:41

10- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ ماۋۇ ناھىيەدە 95 پىرسەنىت كىشلەرنىڭ توكى كارتىلىق توك سائىتىگە ئالمىشىپ بولدى ماۋۇ كارتىلىق توك سائىتى دەششەت تىز ماڭدىكەن ئەمەسمۇ مۇشۇ توك سائەتنى ئاستىراق ماڭدىغان قىلغىلى بۇلامۇ يولداشلار....................

ئاستىلتىپ قويغىلى بولمايدۇ ئەمما توختىتىپ قويغىلى بولىدۇ.توكنى ئىشلىتىۋېرىسىز توك ئۆتمەيدۇ.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 21:55:03

توكنىڭ گىپى بولغاچقا ئازراق گەپ كوچلغۇم كەپ قالدى.موشۇ ئىگىز بىنادا ئولتۇرۋاتقانلا (لىفىتلىق) توك پۇلنى قانداق تاپشۇرۋاتىسلەر؟لىفتنىڭ توكىنى تاپشۇرۇشتا قانداق بەلگۈلمەبار؟ئاي-يۇلتۇزلارغا سىرداش بۇلمىزدەپ ئىگىزگە چىقۋالغانلىرمىزتوك پۇلى تۈلگەندە، يەنلام كۇچانىڭ سۇپونى ياخشىكەن دەپ ماڭداپ چىقدىغان ئىككىنجى قەۋەتتىككى ئۈيمىزنى سېغنىپ قالامدۇق؟

يەنە بىر شۇنىڭغا يانداش گەپلەر:ئۆي سېتۋالغاندا مانچىنچى قەۋەت ياخشى ،(ئىگىز بىنانىڭ)مانچىنچى قەۋەت بولمايدۇ،دىيىشكىننى ئاڭلاپ قالدىم.(بەزلەرنىڭ)بۇنىڭغا قارتا تەجرىبەڭلار بولسا تۆكمەمسىلەر؟

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 22:07:25

بىزنىڭ قورونىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش ئىشخانىسى 8-قەۋەتتىن باشلاپ ھېسابلاپ ھەق يىغىدۇ..8-قەۋەت 10يۈەن،9-قەۋەت 12يۈەن مۇشۇنداق ھەربىر قەۋەتكە 2 يۈەنىدىن ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ..بىز 34 يۈەن تۆلەيمىز ھەر ئايلىقىغا.

يېنىمىزدىكى قورودىكىلەر قەۋەتكە 4.5يۈەندىن ھەق تاپشۇرىدىكەن.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلارنىڭ لېفىتىنىڭ سۈرئىتى تېزمىش.

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 22:36:23

خوجىلىق بۆلۈمدىكىلەر ئالىدىغان ھەرخىل ھەقلەر ئاشۇ قورودىكى ئۆي سانى بىلەن نوپۇس سانىغا مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئادەم كۆپ بولسا ئاز ئالىدىغان . مەسلەن 3 بىنا بار قورودىمۇ 6 ئامانلىق خادىمى بار دىسەك 20 بىنا بار قورودىمۇ ئاساسەن 6 ئامانلىق خادىمى بولغاندىكىن ئامانلىق پۇلى 20 بىنا بار قورۇدا ئازىراق ئىلىنامدىكىن تاڭ

بۇ كارتىلىق توك سائىتى دىگەن توكسىكىلىت ئەمەس تىلفۇننىڭ باتارىيەسىنى چاتسىمۇ تازا پىقىرايدىغان نىمىكەن زادى. يامان سەزگۈر.

ئاڭلىسام بىر ئۈسكىنە بارمىش ،پىقىرىشىنى ئاستىلىتىدىغان. 10 نەيۈەن دەپ توۋلاۋاتىتى كەچلىك بازاردا بىر ۋاقىتلاردا

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 22:42:59

15- قەۋەتتىكى paliwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توكنىڭ گىپى بولغاچقا ئازراق گەپ كوچلغۇم كەپ قالدى.موشۇ ئىگىز بىنادا ئولتۇرۋاتقانلا (لىفىتلىق) توك پۇلنى قانداق تاپشۇرۋاتىسلەر؟لىفتنىڭ توكىنى تاپشۇرۇشتا قانداق بەلگۈلمەبار؟ئاي-يۇلتۇزلارغا سىرداش بۇلمىزدەپ ئىگىزگە چىقۋالغانلىرمىزتوك پۇلى تۈلگەندە، يەنلام كۇچانىڭ سۇپونى ياخشىكەن دەپ ماڭداپ چىقدىغان ئىككىنجى قەۋەتتىككى ئۈيمىزنى سېغنىپ قالامدۇق؟

يەنە بىر شۇنىڭغا يانداش گەپلەر:ئۆي سېتۋالغاندا مانچىنچى قەۋەت ياخشى ،(ئىگىز بىنانىڭ)مانچىنچى قەۋەت بولمايدۇ،دىيىشكىننى ئاڭلاپ قالدىم.(بەزلەرنىڭ)بۇنىڭغا قارتا تەجرىبەڭلار بولسا تۆكمەمسىلەر؟

بىر مو زېمىزىڭىز بولسا، ئىككى يۈز كۋادىرات مېتىر يەرگە ئۆي سالسىڭىز، ئازادە ھويلا، گۈللۈك، ئاز بولسىمۇ بەش ئالتە تۈپ مېۋىلىك  كۆچىتىڭىز بار باغچە، يىگىرمە كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدىكى سەيلىك، ماشىنا توختىتىش ئورنى، بىر ئىككى قوي، پەقەت بولمىسا ئون يىگىرمە توخۇ-كەپتەر باققۇدەك كاتەك بولسا، ماشىنىڭىزنى ئازادە ئەكىرىپ توختاتسىڭىز، شۇ ئەڭ ياخشىمىكىن دەيمەن، ئېگىز قەۋەتلەردىغۇ ئۆيىمىز يوق، ئاتا-ئانام قولىدا پۇل ئېشىنمىسىمۇ بىزنى دەپ، يېزىدىن بىر مو زېمىنغا ئۆي سېلىپ ئون ئالتە يىل ئۇيان بۇيان قىلىپ يۈرۈپ، توقسەن كۋادىرات مېتىرلىق ئايۋىنى بار، ئىككى مۇنچا، يەتتە ئېغىز ئۆي، بىر ئامبار، بىر ئېغىللىق ئۆيدىن بىرنى، ناھىيىدىن ئىككىنچى قەۋەتتىكى 100كۋادىرات مېتىرلىق ئۆيدىن بىرنى تەييار قىلىپ قويۇپتىكەن، يېزىدىكى ئۆيىمىزدە بىر كىچىك سۇ پومپىسى، تۇرۇبا سۈيى بار، لېكىن ھەر ئىككىسى بىر-بىرىدىن تۇزلۇق، يازدا مۇزدەك سالقىن، تومۇزدا ئىسسىپ كەتسەم خالىغان ئۆيگە كۆرپىدىن بىرنى تاشلاپلا \"گۈپ\" چۈشىمەن، ئالامەت راھەت، يازدا ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆي تونۇر بولىدۇ، دەسسىگۈممۇ كەلمەيدۇ، لېكىن سۇ، تەبىئىي گاز ھەممىسى شۇنداق قولاي، لەغمەن دېگەننى 40مىنۇتتا ئېتىپ، يەپ تەييار بوپ بولغىلى بولىدۇ، يېزىدا شۇ ئۆستەڭدىن چېلەكتە سۇ توشۇپ، بىر كۈن قويۇپ سۈزۈلدۈرۈپ تاماق ئېتىۋاتىمىز، ئوچاققا ئوتۇن قالاپ پۈۋلەپ ئولتۇرىدىغان گەپ، قىشتا ئىسسىتىپ بولالماي ئاستا بىنادىكى ئۆيگە يۈرۈش قىلىمىز.

خۇلاسىكالام، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن، بولسا ئەڭ نوچىسى داچىڭىز بولسا ئىشنىڭ پۈتكىنى شۇ....

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 22:58:14

16- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ قورونىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش ئىشخانىسى 8-قەۋەتتىن باشلاپ ھېسابلاپ ھەق يىغىدۇ..8-قەۋەت 10يۈەن،9-قەۋەت 12يۈەن مۇشۇنداق ھەربىر قەۋەتكە 2 يۈەنىدىن ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ..بىز 34 يۈەن تۆلەيمىز ھەر ئايلىقىغا.

يېنىمىزدىكى قورودىكىلەر قەۋەتكە 4.5يۈەندىن ھەق تاپشۇرىدىكەن.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلارنىڭ لېفىتىنىڭ سۈرئىتى تېزمىش.

رەخمەت، تازا چۈشنەلمىدىم گىپىڭىزنى(دۆتلۈگۈمنى كەچۇرۈڭ)8--قەۋەتتىن پەستىكلەر لىفتقا پۇل تۈلمەمدۇ؟ھەربىر قەۋەتكە 2يىۋەندىن پۇل تاپشۇردۇ دىگەن گەپ ھەر ئايلىغى 1-قەۋەت 2يۈەن ،2ىقەۋەت 4يۈەن......دىگەندەكمۇ؟..تەپسىلى دەپ بەرمەمسىز دەيمەن.
بەت: [1] 2
: توك سائىتى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار