birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 15:24:44

ATM نىڭ تەرجىمىسى (جىددىي)

تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى لازىم، جىددىي:

بۇ ئاتالغۇلار Microsoft ئاتالغۇ ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە Windows مەشغۇلات سىستېمىسى، Windows Phone ۋە باشقا مىكروسوفت بىلەن ئالاقىسى بار، شۇ ئاتالغۇ كۆرۈلۈشكە تېگىشلىك ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلگەندىن باشقا، مىكروسوفت ئىشلىگەن مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن ئىشلەنگەن بارلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدا كۆرۈنىدۇ. بۇ قېتىم تۈزەتكەندە قايتا ئۆزگەرتىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئالماقچى.

ۋاقتى: ھازىردىن باشلاپ، ئەتە ئەتىگەنگىچە

ئەتە (2013-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 دىن كېيىن قالغان ھەرقانداق ئىنكاس ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. شۇڭا بۇ سۆزلەرگە ھەرقاندق پىكرىڭىز بولسا، ھازىر دەڭ، رەھمەت. ئىنكاس يازغاندا، ئەسلى ئىنگلىزچە ئاتالغۇنى ئەسكەرتىپ، ماس ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنى تاللاڭ. ئەگەر تەۋسىيەلىك تەرجىمىنىڭ ھېچقايسىسىغا قوشۇلمىسىڭىز، يېڭى ئاتالغۇ تەۋسىيە قىلىڭ.

----1-----

ئىنگلىزچە: ATM

ئىزاھ: ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش-قويۇش ماشىنىسىنىڭ نامى

ئۇيغۇرچە تەۋسىيەلەر:

1. ئاپتوماتىك پۇل ماشىنىسى

2. ئا پ م

3. ئا ت م

4. ATM

5. ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى

6. چۈكەنجى

----2-----

ئىنگلىزچە Alipay

ئىزاھات: بۇ ئەلىبابا شىركىتىنىڭ تور ئېلىم-بېرىم مۇلازىمەت سىستېمىسى. بانكا ھېساباتى بىلەن باغلاپ، توردا پۇل تاپشۇرۇش-تاپشۇرۇۋېلىش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە:

1. Alipay

2. جىفۇباۋ

3. ئەلىپەي

4. ئەلىپۇل

(پۇل تۆلەش گۆھىرى... دېگەندەك تۆت-بەش سۆزلۈك تەرجىمە بەلگىلەنگەن كونۇپكىغا پاتمايدۇ، شۇڭا تەۋسىيە قىلغان سۆزىڭىز 3 بوغۇمدىن ئېشىپ كەتمىسۇن)

----3-----

ئىنگلىزچە: UnionPay

خەنزۇچە: 银联

ئىزاھات: بۇ بىر خىل كېلىشىم ئاساسىدا شەكىللەنگەن مۇلازىمەت بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالىغان بانكىلار ئارا مۇلازىمەت ۋە خېرىدارلار ئورتاقلىشىلىدۇ. مەسىلەن، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسىدىن پۇل ئالالايسىز. بۇ مۇلازىمەت ئوخشاشلا تورغىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالىغان خالىغان بانكىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق توردىكى UnionPay مۇلازىمىتىدە ئېلىم-بېرىم قىلالايسىز

ئۇيغۇرچە:

1. UnionPay

2. يىنلىيەن

3. ھەمبانكا

4. ئورتاق

----4-----

ئىنگلىزچە: بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكى (قىسقارتىلمىسى) USD, CAD, RMB ... دېگەندەك.

بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىگە پەقەت ئۈچ تاللاشنى يازاي:

1. ئىنگلىزچە بويىچە قالدۇرۇش كېرەك

2. ئامېرىكا دوللىرى، سەئۇدىي رىيالى، تۈركىيە لىراسى،... دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك

3. ئا ق ش د، خ پ، ت ل،.... دېگەندەك قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىش كېرەك.






kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 15:43:06

مېنىڭچە ATM, Alipay ۋە پۇل ناملىرىنى تەرجىمە قىلماي ئىنگىلىزچە پىتىچە ئالغان ياخشىمىكىن. ناۋادا پۇل ناملىرىنى تەرجىمە قىلىش كىرەك بولسا، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ بىر قوشۇمچە قورالىدا ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى باردەك قىلغان.

银联 بولسا 中国银联股份有限公司 نىڭ قىسقارتىلما ئاتىلىشى. بەزى ماتېرىياللاردا «بانكا بىرلەشمىسى» دەپ ئالغاننى كۆرگەن ئىدىم.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 15:44:07

لىكىن پۇل ناملىرىنى «ئا ق ش د، خ پ، ت ل» دىگەندەك ئالسا، شەخسەن مەن ھىچنىمىسىنى پەرىق ئىتەلمىدىم، لىكىن ئىنگىلىزچە قىسقارتىلمىسىنى خىلى پەرىق ئىتەلەيمەن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 15:46:00

@birhon


(1-سۇلغا‹2›)

(2سۇئالغا‹4›)

(3-سۇئالغا‹3›)

(4سۇئالغا‹2›)

ماڭغا مۇشۇلار ئاتاشقا قولايلىق ھەم يىقىشلىق تۇيۇلدى...راس بۇتىمى بىلەت تاشلاپ سىتاستىكا قىلىپ نەتىجە چىقرىش

شەكلىدە يوللىسىڭىز تىىىمۇ ئوپتان بولاتتىكەنتۇق ،،ھىلقى (مال سىتىۋلسىڭىز ،كىمدىن سىتۋالسىز )دىگەن تىمىدەكچۇ \"\"

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 15:52:46

بىرىنجىسى: ATM

ئىككىنجىسى: Alipay


ئۈچىنجىسى :UnionPay



مېنىڭچە يەنە ۋېيشىننى ئۈندىدار دىمەي ۋېيشىن دەپ ئېلىش كېرەك ، چۈنكى قايسى مىللەت ئىختىرا قىلغان كەشپىيات بولسا يەنىلا شۇ تىلدا ئېلىنغىنى ياخشى...

خەنلەر ئاتالغۇلارنى ئۆزتىلىغا ئۆزگەرتىۋىلىپ ئۇيغۇرنى ۋېيۋۇئېر ،ئامېرىكىنى مېيگو دىۋالغان بىلەن كۆپلىگەن ساپالىق مىللەتلەر ئۆز پېتى ئورتاق ئىشلىتىدۇ .

wsesqer يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 15:56:21

1. پۇل ئالغۇ

2.ئالبەر

3.ھەمبانكا

4.ئامېرىكا دوللىرى، سەئۇدىي رىيالى، تۈركىيە لىراسى،

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:00:59

1- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭچە ATM, Alipay ۋە پۇل ناملىرىنى تەرجىمە قىلماي ئىنگىلىزچە پىتىچە ئالغان ياخشىمىكىن. ناۋادا پۇل ناملىرىنى تەرجىمە قىلىش كىرەك بولسا، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ بىر قوشۇمچە قورالىدا ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى باردەك قىلغان.

银联 بولسا 中国银联股份有限公司 نىڭ قىسقارتىلما ئاتىلىشى. بەزى ماتېرىياللاردا «بانكا بىرلەشمىسى» دەپ ئالغاننى كۆرگەن ئىدىم.

مىكروسوفتنىڭ ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلىنىپ بولغان، ۋە تەرجىمىسى تەييارلغان مەھسۇلاتلىرىدا يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلاردا بىردەكلىك بولمىغاچقا، بىرلىككە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.


ھازىرقى مەھسۇلاتلاردا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردە ئۇچراۋاتىدۇ:


ATM ياكى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى


Alipay

UnionPay


----------


ئەمما مېنىڭچە، يۇقىرقى ئۈچ نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى، بانكىدا كارتىسى بار ۋە توردا بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ باققانلىكى ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.


كېيىنكى ئىككىسى جۇڭگودىن چىققان ئاتالغۇ، ئىشلىتىشچانلىقى، مەنبەنى ئاساس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن Alipay ياكى UnionPay دەپ ئالغاندىن «جىفۇباۋ» ۋە «يىنلىيەن» دەپ ئېلىش سەل خەلقىمىزگە قولاي. چۈنكى ئەسلىدىنلا خەنزۇچە ئاتالغۇنىڭ ئىنگلىزچىسىنى ئېلىپ، يەنە خەنزۇلار بىلەن تور سودىسى قىلىپ، باشقىچە ئاتاپ يۈرۈش ھاجەتسىز. خۇددى ئاۋمېننى ماكاۋ دېمىگىنىمىزدەك.


ئەلۋەتتە تورداشلار پىكىر بېرىپ باقسۇن...

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:02:59

نىمىشقا ***چىنىمۇ تاللاشقا قويىسىلەر؟ بۇنى جىددىي چىقىرىۋىتىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن!

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:07:30

7- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمىشقا ***چىنىمۇ تاللاشقا قويىسىلەر؟ بۇنى جىددىي چىقىرىۋىتىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن!


خەنسوچىنى تاللاشقا قويۇشنىڭ سەۋەبلىرى:

مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا بىر قېتىملىق ئىختىيارى تىل تەكشۈرۈشىدە «ATM» نى 96 پېرسەنت ئۇيغۇرنىڭ «چۈكەنجى» دەيدىغانلىقى بايقالدى. خەلق ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزگە ئەلۋەتتە تاللاشتىن ئورۇن بېرىلىشى كېرەك.

ئاندىن Alipay ۋە Unionpay دىن ئىبارەت ئىككى سۆز جۇڭگودىن چىققان. تەرجىمە قىلغاندا مەنبەنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇيغۇرچە ئالماسلىق كېرەك بولسا، ئىنگلىزچىسىنى ئالماي، خەنسوچە ئېلىش مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:08:37

wp8نىڭ ئۇيغۇرچە  تىل بولىقى قاچان چىقىدۇ؟ مەن تولا خەت يىزىپ يىرىپ كەتتىم.ئۇيغۇرچە خەنچە ئىنگىلىسچە يىزىپ ئەۋەتىپ تۇرىۋاتىمەن،تىز ئىلان قىلىڭلار دەپ.11 ئايدا gdr3نى ئىلان قىلىدىكەن،ھەر قانچە بولسىمۇ 8.1 بىلەن تەڭ ئىلان قىلماس.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:14:11

9- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

wp8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچان چىقىدۇ؟ مەن تولا خەت يىزىپ يىرىپ كەتتىم.ئۇيغۇرچە خەنچە ئىنگىلىسچە يىزىپ ئەۋەتىپ تۇرىۋاتىمەن،تىز ئىلان قىلىڭلار دەپ.11 ئايدا gdr3نى ئىلان قىلىدىكەن،ھەر قانچە بولسىمۇ 8.1 بىلەن تەڭ ئىلان قىلماس.

داۋاملىق يېزىڭ، دوستلىرىڭىزغا wp يانفون سېتىۋېلىشنى ۋە نېمىشقا ئۇيغۇرچىسى يوق، دەپ پات-پات مىكروسوفتقا دوق قىلىپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىڭ.

مەن بىر چاغدا تىل مۇندەرىجىسىدە ug-cn نى كۆرگەن، ئەمما مۇندەرىجە قۇرۇق ئىكەنتۇق.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:14:13

Alipay دىگەنمۇ 支付宝 نىڭ تەرجىمىسى ئەمەسقۇ. \"\" بەلكى «Ali شىركىتىنىڭ pay قورالى» دىگەن مەنىدە قويغان ئىنگىلىزچە ئىسىمغۇ دەيمەن. شىركىتى ئىنگىلىزچە ئىسىم قويۇپ بەرگەندىكىن، مەنچە خەنزۇچىسىنى ئالغاندىن كۆرە ئىنگىلىزچىسىنى ئالغان ياخشىمىكىن. خۇددى «ئامىرىكا» دىگەن ئاتالغۇنى خەنزۇچىسىدىن ئەمەس ئىنگىلىزچىسىدىن ئىلىپ كىرگەندەكچۇ.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:17:22

ئاۋۇ مەنتىقە بۇيىچە مۇچىن-پۇچىن دەيدىغانلارنىڭ نىسپىتى ئاۋۇغانسىرى ئۇيغۇرچىدىكى ئاتا-ئانا دىگەننىڭ ئورنىغا ***چىنى دەسسەتسەك بۇلىدىكەن.



‹يىلتىز تارتىش› دەيدىغان بىر گەپ بار. بۈگۈن بىر-ئىككى ئېغىز ياد گەپكە ئۇرۇن بەرسىڭىز ، ئەتە ئەخلەت چاۋارلارنىڭ ئىچىدە قالىسىز.


kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:17:57

كومپيۇتېردا كۆرۈلگەن سۆز ئاسانلا ئۇيغۇرتىلى لۇغىتىگە قوشۇلۇپ كىتىدۇ. مەنچە ئۇيغۇرتىلى لۇغىتىگە خەنزۇچە سۆزنىڭ قوشۇلغىنىدىن، ئىنگىلىزچىنىڭ قوشۇلغىنى ياخشىراقمىكىن.

بەلكىم «كومپيۇتېر»نى ئىنگىلىزچىدىن ئىلىپ كىرىش ياكى خەنزۇچە دەسلەپتىكى ئاتالغۇسى «计算机» دىن ئىلىپ كىرىش ھەققىدە مۇشۇنداق مۇنازىرە بولغان ۋە مەلۇم خىياللاردا ئىنگىلىزچىسىنى ئىلىپ كىرگەن بولۇشى مومكىن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:20:13

5- قەۋەتتىكى wsesqerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1. پۇل ئالغۇ

2.ئالبەر

3.ھەمبانكا

4.ئامېرىكا دوللىرى، سەئۇدىي رىيالى، تۈركىيە لىراسى،

مېنىڭچە:

1،پۇل ئالغۇ    بۇ بولىدىكەن


2،ئالبەر    بۇمۇ بولىدىكەن   ئالپۇل دىسىمۇ بولارمۇ؟


3،ھەمبانكا    جەمبانكا دىسەكمۇ بولىدىغاندەك



بۇ تورداشنىڭ ئىنكاسىنىڭ خېلى تورى باركەن.


تەرجىمانلىقتىكى ھەرخىل قائىدىلەرنى تاشلاپ قويۇپ مۇشۇنداق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتسەك ئەگەردە تەرجىمانلىق قائىدىسىگە خىلاپ دەپ  جەرىمانە تۆلەيدىغان ئىش بولسا مەن يۈز يۈئەن تۆلىشىپ بېرىمەن.ئاڭلىسام ئۆتۈك، كارىۋات، ئورۇندۇق ،سەۋزە،ئېغى بار ئىشتان ، يەنە خېلى كۆپ نەرسىلەر بىزنىڭ رايونىمىزدا ھەممىدىن بۇرۇن ئىشلىتىلگەن ئىكەن،لېكىن بۇنەرسىلەرنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلدىمۇ ئۆز تىلى بويىچە بىر ئاتىلىشى باركەن ،يەنە كېلىپ يۇقۇرىدىكى پۇل ئالغۇ دىگەن سۆزلەر  بەك كۆپ ئىشلىتلىدىغان سۆزلەر.شۇڭا يەنىلا ئۇيغۇرچە ئالغىنىمىز ياخشى.


يەنە بەزىلەرنىڭ ئۈندىدار دىگەن بۇ گەپكە بۇنچە ئېسىلۋېلىشنىڭ نىمە سەۋەبى بارلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم،ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:23:42

@birhon

بۇنى رەسمى ئاۋازغا قويۇپ ئاۋامنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلامسىلەر ياكى ، ئۆزۈڭلارنىڭ كەسپىى جەھەتتىن توغرا دەپ

ھۆكۈم قىلغىنىڭلار بويۇنچە ئىشنى بىجىرىۋىرەمسىلەر ؟ ئەلۋەتتە قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دىگەن گەپ بار ،

قارسام بۇنداق ئاۋازغا قويساڭلار ھىچ بىر سىتاستىكا نەتىجىسنى كۆرگىنى بولدىغاندەك ئەمەس .. \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:24:17

ھازىر 路线 دىگەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى پارچە ماتېرىيال بولسا، ماتېرىيالنىڭ خارەكتىرىگە قاراپ ياكى «路线» ياكى «لىنىيە» دەپ ئايرىيمىز، خەنزۇچە ئاتالغۇنىڭ لۇغەت تەركىبىگە قوشۇلۇپ كىتىشى مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە ئاساس سىلىپ بىرىشى مومكىن.

喀什至和田的路线,需要做一些党的基本路线宣传标语 ماۋۇ جۈملىنى تەرجىمە قىلغاندەكچۇ. \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:32:22

،،بىزدەك قەدىمقى شۇنچە كۆپ نوپۇسى بار بىر مىللەتنىڭ نامىنى تولۇقمۇ ئاتىماي ۋېيزۇ دىسە بولىدۇ ،

بىز، خەقنىڭ ياساپ قويغان بىرنىمسىنى ئۈندىدار دەپ قويساق ئىچىمىزدىكى باشقىلارنىڭ ئۆكتە قوپىشىغا ئۇچۇردۇق ،،

بۇ قانداق مەنتىقە بوپ كەتتى،،،بىزنى يا خەق كەشىپ قىپتىكەنمۇ ؟

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:33:19

قىسقىسى، لۇشەن، تىئانشان، كوئىنلون دىگەندەك خاتالىقلارنىڭ يەنە يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. 支付宝 نى ئۇيغۇرچىغا 支付宝 دەپ ئالساڭلار، چوقۇم كەلگۈسىدىكى بىر كۈنلەردە «جىفۇباۋغا ئۇيغۇرچە سۆز ياسايلى» دىگەندەك تىمىلار ئوتتۇرغا چىقىشى مومكىن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:38:07

كۆككەپتەرنىڭ پىكىرنى قۇۋەتلەيمەن ،بىز ۋېيشىننى ئۈندىدار دەپ ئومۇملاشتۇرغاچقا ،رادىئۇ،گىزىت ،تىلۋۇزۇرلاردا ھۆكىمەتمۇ ئۈندىدار دەپ ئىلۋاتىدۇ بۇمۇ بىر ئەمىلىي رىياللىق جىمۇ ،ئويلىشىپراق بىر ئىش قىلغايسىلەر \"\"
بەت: [1] 2 3 4 5
: ATM نىڭ تەرجىمىسى (جىددىي)