جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە كىچىك پۇتبول چولپانلىرى بىلەن كۆرۈشتى

17- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ
ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ
كەلگەن ئەزىمەتلەر ۋە ترېنېرلار، شۇنداقلا خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر
پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ
مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى كىچىك چولپانلار بىلەن كۆرۈشتى.
تېخى يېقىندىلا ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت
مۇسابىقىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەكىل بولۇپ
بارغان ئەزىمەتلىرىمىز چەۋەندازلىق، بوكىس، ۋېلىسپىت مىنىش، پۇتبول،
چېلىشىش، يېنىك ئاتلېتىكا قاتارلىق كۆپ تۈرلەردە ئالتە ئالتۇن مېدال،
سەككىز كۈمۈش مېدال ۋە ئىككى مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى؛ ئۈرۈمچى 5- باشلانغۇچ مەكتەپ
ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى ئۇدا ئۈچ نۆۋەت جۇڭگو ‹‹ئۈمىد لوڭقىسى›› نى تالىشىش خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە پۇتبول
مۇسابىقىسىدا ئوغۇللار U13 گۇرۇپپىسىدا 1- لىكنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە كۆپ
قېتىم مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
جاڭ
چۈنشيەن ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت
مۇسابىقىسىدە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن ئەزىمەتلەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ،
مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى،
ئارقىدىن كىچىك پۇتبولچى ئەزىمەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ
جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى ھەمدە ئۇلارنى ساغلاملىقنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى
تېخىمۇ تاۋلاپ، شىنجاڭدىكى ‹‹لوناردو›› بولۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى
خەۋەر مەنبەسى: چىكىڭ
ھەجەپ بەلەن شۇجىكەن. راس، چىرايىدىن نۇر يېغىپ پارقىراپ كەتكىنى بىكار ئەمەستە.. لوناردۇ ئەمەسرونالدۇ دەپ تەرجىمە قىلىمىز شىنجاڭ تەنتەربىيسىنى تېخمۇ ياخىشراق قوللىسا باشلىقلارنىڭ يۈزدىن 100ۋاتلىق لامپا ياققاندەك نۇرچىقاتتى.... خۇشپىئىل شۇجىئىكەن ،،نەقەدەر مىھرىبانلىقى چىرايدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇردۇ ،،كۆپچىلىكمۇ مەندەك ھىس قىلدى ھەقاچان


يەنە قەيەرلىرى پارقىراپ كەتكەندەك تۇرىدۇ مۆھتىرەم باھالىغۇچىلار {:92:} @chewendaz
مۆھتىرەم چەۋەنداز ئەپەندى ،داۋاملىق كۈزتىۋاتىمىز ،ئەجىبا سىز تەسىرلەنمىدىڭىزمۇ

بىزگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلىۋاتسە تەسىرلەنمىگىنىڭىزدىن قارغاندا سىزنىڭ يۈركىڭىز خاشۇ ئوخشايدۇ جىمۇ ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى
چۈشەنمەيدىكەنسىز {:92:} ئۈكە، تېشى پار-پار ئىچى غال-غال ئۇ نىمە؟

9- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۈكە، تېشى پار-پار ئىچى غال-غال ئۇ نىمە؟![]()
جاۋابى-قىزلارغۇ

شۇ بىر ئېغىز گېپى ئەمەلىيلەشكەن بولسا ھېي..............
10- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
9- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۈكە، تېشى پار-پار ئىچى غال-غال ئۇ نىمە؟![]()
جاۋابى-قىزلارغۇ![]()
مەنچە، ساختا نەرسىلەر. @patrol
{:92:} ...توغرىما ئاشۇ جۇۋاپ@chewendaz تەسىرلەنمەي تۇرالامدۇق، جاڭ شۇجى ياخشى ئادەم
كومپارتىيە بولمىسا بۈگۈنىمىز بولمايىتتى بالىلا... كومپارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە قولغا كەلگەن ۋە قولغا كىلىدىغان نەتىجىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ تەسىرلەنمەيدىغانسىلەر ھەيرانمەن
