mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 23:08:02

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كوچا _ جاي ناملىرىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە نامى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كوچا _ جاي ناملىرىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە نامى



ئىلاۋە:بۇ تېمىنى <<يەر>>ئىسىملىك تورداش مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغان ئىكەن.ئانا تىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك قىممىتى بار تېمىكەن دەپ قاراپ <<ئىزدىنىش>>مۇنبىرىگىمۇ يوللاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.



بەنفاڭگۇۋ _ ئېقىندالا

خىيجىياسەن _ تاشبۇلاق

جىيۇ جىياۋەن _ شاپتۇللۇق

نىيەنزىگوۋ _ خۇمدانلىق

ۋۇجىياچۈ _ ئوتۇنكوزا

باجىياخۇ _ ئوتياشتام

دوڭ باجىياخۇ _ سېغىز دۆڭ

شى باجىياخۇ _ ئوت ئېرىق

يەنئەنلۇ، خاڭچىڭ، داۋەن ، مىڭخۇاجىيە قوشۇلۇپ _ شامالباغ

نەنمىن _ رەستە

ماسىخاڭزا _ مال بازىرى

بېيمىن _ تۆگىدەڭ

خىي شەنتوۋ _ يىقىلغان تاش

سەنشىخاڭزا _ بۇلاق كوچىسى

خېتەنلۇ _ ساي يولى

سەندۇڭبېي _ ئۈچ تاش

خۇا ئەرگوۋ _ گۈلساي

بەيياڭگوۋ _ تېرەكساي

جىجىسوزا _ چىغدەن

يەنئەرۋو _ قارلىغاچلىق

شۈي موگو _ بۇلاقتاغ

جۈ خۇاتەي _ گۈلتەكچە

ساڭفاڭگوۋ _ تۆشۈكتام

ئەرداۋچىياۋ _ دۆڭ كۆۋرۈك

خۇڭيەنچى _ چوڭ كۆل

دۇڭدالىياڭ (ئۈرۈمچى كەسپى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئومومى رايون) _ تېرەكقۇم

شىڭفۇلۇ _ گۈلبۇلاق

جىيەنگولۇ _ ئاقبۇلاق

گۇاڭچاڭ، ۋىنخۇالۇ ۋە خۇڭچىلۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭشەنلۇ _ ھىلال كوچىسى

جىيېفاڭ بېيلۇ _ ئالدى ھىلال

جىيەنكاڭلۇ _ ئارقا ھىلال

چىڭنىيەنلۇ _ بۇلاقتاش

لىيۈشەن _ يۇمىلاقتاغ

پىڭدىڭشەن _ توپىتاغ

نەنخۇ _ يىكەنكۆل

مىڭيۈەن _ نۇرباغ

يوۋخاۋلۇ _ دوستلۇق يولى

شىخابا _ قىر دەريا

شىداچىياۋ _ چوڭ ئۆتەڭ

شىبېيلۇ ۋە شىخۇڭلۇ _ شەمشاتلىق

مۇسەيچاڭ _ ئاقداۋان

باگاڭ _ سايلىقكۆل

دادىياۋپۇ _ شەھەر دۆڭ

لىيۇ داۋەن _ قوش قىلىچ

چىداۋەن _ مىسكارلىق

باداۋەن _ ئاي ئۆتكەل

داشىمىن ۋە شىياۋ شىمىن _ يۇمىلاق دەڭ

شىنخۇا نەنلۇ _ كۆك تۇلپار

تۈەنجىيەلۇ _ ھۈنەرلىك

چىتەيلۇ _ سوقمىلىق

خېپىڭ نەنلۇدىن خېپىڭ بېيلۇغىچە _ يورغىلىق

لوڭچۈەنجىيە ( بارغۇت رېستۇرانىنىڭ ئالدىدىكى يول ) _ بۇلاقبېشى

گۇاڭخۇالۇ _ چوڭ ئامبار

رېنمىنلۇ دىن باشلىنىپ خىيلۇڭجىياڭلۇ ۋە ياڭزىجىياڭلۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جاينىڭ نامى _ تاش ھارۋا

نىڭشىياۋەن ياكى يۆجىڭگەي _ ساھىراۋاق

شىڭلىلۇ _ ( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۇلانباي يولىغا تۇتىشىدىغان جايغىچە ) بىسلىقتاش

بېيجىڭلۇ _ مۇز ئويمان

ئارتوڭسۈن _ قوشبالىق

كازىۋەن _ ئوقبېشى

سۇجوۋلۇ _ قارا يۈگەن

خېپىڭچىياۋ _ چوڭ تۇغان

ئەرگوڭ _ چۈشكۈن جاي

چاڭجىياڭلۇ _ ئاچىيول

باۋشەنلۇ _ بۆرە چۈشتى

شىسەن _ قۇياق بىسى ياكى قىبلىتاغ

خېنەن شىلۇ ۋە جۇڭيا نەنلۇ قوشۇلۇپ _ ئۈچ ساراي

خېبىي شىلۇدىن خېبىي دوڭلۇغىچە _ ئېلىگبەگ

تىيەنجىن بېيلۇدىن تىيەنجىن نەنلۇغىچە _ كۆيۈك دالا

چاڭچۈن جوڭلۇدىن چاڭچۈن نەنلۇغىچە _ قاپدۇرغا

ۋېيشىڭلۇ _ كۆك ئويمان

سەيماچاڭ _ بەيگە مەيدانى

مىچۈەن _ بۆرە بېشى

مىڭدۇڭچۈ _ چوڭ شاللىق



ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق رايونلار ناملىرى




تىيەنشەن چۈ _ تەڭرىتاغ رايونى

شايىباكې چۈ _ سايباغ رايونى

(تۇدۇڭخابا) توۋدۇڭخې چۈ _ ئۈچ دەريا رايونى

شۈيموگو چۈ _ بۇلاقتاغ رايونى

مىچۈەن چۈ _ بۆرە بېشى رايونى

چاڭجى چۈ _ سانجى رايونى(چامبالىق رايونى)

ۋۇلۇمۇچى شىيەن _ ئۈرۈمچى ناھىيىسى




بەزى شەھەر ناھىيە ئورۇن ناملىرىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە نامى




ۋۇجىياچۈ شەھىرى _ ئوتۇنكوزا شەھىرى

شىخەنزە شەھىرى _ سايبالىق شەھىرى

كۈيتۈن شەھىرى _ كۆك ئوغۇز شەھىرى

شىخو شەھىرى _ قاراسۇ شەھىرى

بۆرىتالا شەھىرى_ بۆرى دالا شەھىرى

جىڭ ناھىيىسى _ ھۆرلۈك ناھىيىسى (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا قويۇلغان)

ئاقسۇدىكى ۋىنسۇ ناھىيىسى _ ئونسۇ ناھىيىسى

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىلەن ئىچكىرىنىڭ چىگرىلىنىدىغان يېرىدىكى شىڭشىڭشىيانىڭ ئۇيغۇرچە نامى _ ئارا يۇلتۇز

جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى _ كۆك يارىش ئويمانلىقى

ئالائېر شەھىرى _ ئارال شەھىرى (تەكلىماكاندا)

تۇمۇشىيۇكې شەھىرى _ تۇمشۇق شەھىرى (تەكلىماكاندا)

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 07:52:02

مەن بۆرتالانىڭ ئەسلى ئىسمىنى بوزدالا دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان.....

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 08:12:04

بۆرتالا- توغرىسىدا «بور» نىڭ ئۈزۈملۈك مەنىسى بارلىقى، بور+ تالا ياكى بور+ دالا نىڭ ئۈزۈملۈك ماكان دىگەندەك مەنىسى بارلىقىنى بىر يەردە كۆرگەن ئىدىم. يەنە مەسىلەن تۇرپاندىكى بۇيلۇق نامىنىمۇ بور+لۇق، يەنى ئۈزۈملۈك مەنىسىدە دىيىشىدۇ.

namalum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 08:20:50

بىز ئۇزىمىزنىڭ تىلدىكى يەر ناملىرنى دىيەلمەي ، باشقا تىل ئاسان بىلىنىپ دىگەندىكىن .بىزگىمۇ زادى نۇرغۇن ئىش ئاز سانلارنىغۇ ئويغۇرچە دىمەس بوپ كەتتۇق \"\"

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 08:33:04

ئاۋۇ خاڭسوچە ئاتالغان ناملارنىڭ يېنىغا خاڭسوچىسىنىمۇ قېتىپ يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

xahrulla55 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 08:38:46

\"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 11:37:40

ئۈرۈمچىدىكى يەر جاي ناملىرنىڭ ئومۇمەن خەنچە ئاتىلىپ ئانا تىلمىزنىڭ سىقىپ چىقىرلىشىدا قانداق سەۋەپ باردۇ ؟ ئانچىمۇنچە مۇشۇ سۇئال كاللامغا

كىلىپ قالدۇ \"\"

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 20:56:28

ساقلاپ قويغۇدەك ئىسىل ئۇچۇرلاركەن ماۋۇ

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 13:58:20

7- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈرۈمچىدىكى يەر جاي ناملىرنىڭ ئومۇمەن خەنچە ئاتىلىپ ئانا تىلمىزنىڭ سىقىپ چىقىرلىشىدا قانداق سەۋەپ باردۇ ؟ ئانچىمۇنچە مۇشۇ سۇئال كاللامغا

كىلىپ قالدۇ \"\"

ئاۋال شۇ ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقانلار شۇنداق قىلىدۇ، شۇ يەردىكىلەر نېمە دېسە باشقا يەردىكىلەر شۇنداق دەيدۇ.


بىر زامانلاردا خەنسۇچە گەپ قىلىش مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى، سالاپەتنىڭ بەلگىسىدەك ئىدى.


شۇ چاغلاردا ئۈرۈمچىدىكىلەر « ؟؟؟؟؟»، « زالاپ» دېيىشكە ئامراقتى.


سەۋەبى يەنىلا ئۆزىمىزدىمىكىن دەيمەن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 14:54:46

@tawlan5

شۇندا ئوخشايدۇ
بەت: [1]
: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كوچا _ جاي ناملىرىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە نامى