Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 19:16:07

(بىلىك) ئىلىم-پەن مائارىپ تورى ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،


پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى دىگەن تېمىمىزدا دېگىنىمىزدەك، نەچچە ئايلىق (نەتىجىلىك ۋە نەتىجىسىز) تەر تۆكۈش ھەمدە ياساش جەرىيانىدىكى نەچچە قېتىملىق «قۇرۇش-ئوڭشاش-ۋە بۇزۇپ قويۇش» باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرى تور بەتنى رەسمىي ھالدا قۇرۇش باسقۇچىغا كىردۇق. بەت درۇپال (Drupal) سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلدى، بەت يۈزى ۋە ئىختىدارلىرى ئۆلچەملىك «ئاكادېمىك  ئۇسلۇب»ىنىڭ ئاساسى مودۇل ۋە ئۇسلۇبلىرىنى ئاساس قىلدى، دەسلەپكى «بىلگىيۇرت» دىگەن تور نامى «ئىلىم-پەن» گە ئۆزگەرتىلدى...


قۇتاد تورىغا يازغان «تور بىكەت ئۇستىلىرىغا مۇراجەت» دىگەن يەنە بىر تېما ئارقىلىق بۇ بەتنى قۇرۇپ بېرىشكە ياردەملىشىدىغان قېرىنداشلارغا چاقىرىق قىلغان ئىدۇق ۋە بەتنىڭ پروگراممىسىنى يېزىش ياكى يازدۇرۇشنى ئويلاشقان ئېدۇق... كىيىن  «چارۋىىچى» ناملىق قېرىندېشىمىزنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيەسى بىلەن  «درۇپال» دىن پايدىلىنىپ ياساشنى قارار قىلدۇق. ھالبۇكى، تور بەتچىلىك ئىشلىرىدا بىلىمىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن درۇپالنى ئاز ئازدىن ئۆگىنىش ۋە سىناش جەرىيانىنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كەلدى، بەزى يىنىك خاتالىقلار تۈپەيلىدىن ياسالغان بەت بىر ئىككى قېتىم يۇيۇلۇپمۇ كەتتى، شۇڭا بۇ بىكەتنىڭ ئىشى مۇشۇ ۋاقىتقىچە كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى...


ھازىرقى تور بەت نامى: «ئىلىم-پەن مائارىپ تورى»، مەنزىلى :   http://ilimpen.biz


تور بىكەتنىڭ ئاساسلىق خاراكتىرى تور مائارىپى ۋە توردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش. مۇشۇ مەخسەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، «تور مەكتىپى» سەھىپىمىزدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھەرقايسى پەنلەر ئۈچۈن 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە قىسقا فىلىم ۋە سىن-دەرسلەر ئىشلىنىپ (ياكى تەرجىمە قىلىنىپ) بىكىتىمىزگە قويۇلىدۇ؛ «تور ژورنىلى» سەھىپىمىزدە پەن-تېخنىكا، ئىختىساد ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت تۈرلىرى بويىنچە ئاممىباپ ۋە ئىلمى ماقالە،  ئەسەرلەر يوللىنىدۇ. مەسىلەن،  بۇ سەھىپىگە بىلىمخۇمار ئەپەندىم، تاشپۇلات روزى ئەپەندىم، جەك مۇئەللىم، بىلگەجان، ئوغۇز ك ب، تەپەككۇرچى، زىيالى، ئىزدەنگۈچى، يەلكەن،... قاتارلىق بىلىم ساھىبلىرىنىڭ(ئەگەر ئۇلار خالىسا) ئاممىباپ ۋە ئىلمى ماقالىللىرى(ياكى تەرجىمىسى) تور ژورنىلى سەھىپىمىزگە قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا كىيىنكى نىشانىمىز «ئىلىم-پەن ئىلمىي مەجمۇئەسى» بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت!


بۇ بەت تېخى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ تورداشلارنىڭ كۆرۈپ تېخىمۇ ياخشى پىكىرلىرىنى بىرىشلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ۋاقىت سوزۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئالدىن ئېلان قىلغاچ تۇرۇشنىمۇ لايىق كۆردۈم.


تور مەكتىپى ھەققىدە قىزغىنلىقىنى بىلدۈرۈپ مىنىڭ بىلەن ئالاقە قىلغان قېرىنداشلىرىمىز بار ئىدى، تور بەت قۇرۇلۇپ بولالمىغاچقا بىرنەرسە دىيەلمىگەن ئىدىم، ئەمدى تورغا سىن-دەرس ئىشلەش ياكى سىن-دەرسلەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن بۇ تېما ئارقىلىق مۇئەللىملەرگە رەسمى تۈردە مۇراجەت قىلىمەن!  «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى» دىگەن تېمىدا سىن-دەرس ئىشلىگەن مۇئەللىملەرگە ھەق بىرىلىدىغانلىقى دىيىلگەن ئىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقلىق مۇشتەرىي قوبۇل قىلىپ، ئىختىسادنى شۇنىڭدىن ئايلاندۇرماقچى بولغان ئېدۇق... بىراق بۇ ئىش قانداق بولىدۇ قايتىدىن ئويلىشىپ بېقىشىمىز مۇمكىن... پىدايى تەشكىللەپ ھەقسىز قىلىشنى ئويلاشقان، بىراق شۇنداق بولسا بۇ پىلان نورمال ئايلانماسلىقى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم. بۇ ھەقتىمۇ قېرىنداشلارنىڭ پىكىر بىرىشلىرىنى سورايمەن!


ئاخىرىدا بىكەت ئۈچۈن ئاساسلىق ياردەمدە بولغان «چاۋىچى» قېرىندېشىمىزغا، پىلانلاش ۋە باشقا ئىشلاردا ياردەمدە بولغان «بۆلجۈرگەن»گە چۇڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن! بىكەتنىڭ ھازىرقى ھالىتى چارۋىچى نىڭ ئەمگىكىدىن ئىبارەت! ئۇنىڭ نۇرقۇت تورىدا بۇ ھەقتە يازغان تېمىسى : بۇ يەردە

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 21:52:17

مۇبارەك بولسۇن. بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئشىنىمەن. تور بەتنى كۆرۈپ چىقتىم. قۇرۇلمىسى تەييار بولۇپ قاپتۇ. تورداشلارنىڭ، بىلىك ئەپەندىم تىلغا ئالغان ئالىملىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ياخشى نەتىجە بەرگۈسى. ئىنشائاللاھ.

MOHSIN يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 00:17:56

بىلىگ بۇرادەر ، تور بېتىڭىزنىڭ ئاخىرى پۈتۈپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىگە موبارەك بولسۇن ،



ھازىر زىيارەت قىلىپ باققانتىم ، خەت شەكلى نورمال ئەمەس ،  خەت ئەرەبچىگە مايىل چىقىۋالدى ، ھەم بەزى ھەرىپ بەلگىلەر ئورنىدا كاتەكچە چىقىۋالدى ،



تور كۆرگۈ ، IE 10 ,  مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 8 كەسپىى نەشىرى ھەقىقى نۇسخىسى . ئۇيغۇرچە ئارا يۈزى ھالىتىدە ...



باشقا ئۇيغۇرچە بەتلەر پۈتۈنلەي نورمال كۆرۈنەتتى بولمىسا ...

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 07:29:09

2- قەۋەتتىكى MOHSINنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلىگ بۇرادەر ، تور بېتىڭىزنىڭ ئاخىرى پۈتۈپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىگە موبارەك بولسۇن ،



ھازىر زىيارەت قىلىپ باققانتىم ، خەت شەكلى نورمال ئەمەس ، خەت ئەرەبچىگە مايىل چىقىۋالدى ، ھەم بەزى ھەرىپ بەلگىلەر ئورنىدا كاتەكچە چىقىۋالدى ،



تور كۆرگۈ ، IE 10 , مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 8 كەسپىى نەشىرى ھەقىقى نۇسخىسى . ئۇيغۇرچە ئارا يۈزى ھالىتىدە ...



باشقا ئۇيغۇرچە بەتلەر پۈتۈنلەي نورمال كۆرۈنەتتى بولمىسا ...

مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ  Windows 8 كەسپىى نەشىرى ھەقىقى نۇسخىسى، تور كۆرگۈ  IE 10 ئىدى. مەندە نورمالغۇ  MOHSIN بەگ

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 10:19:25

http://achinuq.org/?p=236 ماۋۇ تېما سىزنىڭ بىكىتىڭزىگە تازا ماس كىلدىكەن....نانو مېتىر تېخنىكىسنىڭ ئۇيغۇرچە قىسقىچە چۈشەندۈرلىىشى...

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 10:39:04

يېغقۇچۇمغا ساقلىۋالىدىغان يەنە بىر توربىكەت پەيدا بوپتۇ \"\"

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 13:04:35

قولۇمدىن ئەلانى بېسىش كېلىدىكەن.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 14:46:43

مۇبارەك بولسۇن ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن...

ئىقتىسادى مەسىللەردە بەكمۇ دىققەت قىلغايسىز

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 15:09:08

مۇبارەك بولسۇن،قۇت بولسۇن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 15:15:58

دورىگەرلىككە ماس كىلىدىغان سىنىپلىرىڭلار ئېچىلسا ئوقۇيمەن.خېمىيە ماس كىلەمدىغاندۇ؟

----

بەت يۈزى چىرايلىق چىقىپتۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 20:31:59

مۇبارەك بولسۇن، بىلگ بۇرادەر! شۇنچە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكىنىڭىزگە گۇۋاھ بولدۇم. ئاخىرى شۇنداق چىرايلىق بەتتىن بىرنى ئىشلەپ چىقىپسىز، ئىچىدىكى مەزمۇنلارمۇ سەرخىل بولىدۇ، ئىنشائاللاھ. ئەلا كەتتى.

urkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 20:40:48

مۇبارەك بولسۇن،،!!

ئىزدەنسە ھەر ئىشنىڭ بىر يولى تېپىلىدۇ..

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 19:15:49

10- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇبارەك بولسۇن، بىلگ بۇرادەر! شۇنچە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكىنىڭىزگە گۇۋاھ بولدۇم. ئاخىرى شۇنداق چىرايلىق بەتتىن بىرنى ئىشلەپ چىقىپسىز، ئىچىدىكى مەزمۇنلارمۇ سەرخىل بولىدۇ، ئىنشائاللاھ. ئەلا كەتتى.

رەھمەت قېرىندېشىم، تېىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىم راست، لىكىن بۇ بەتنىڭ ئىشلىنىشى «چارۋىچى» قېرىندېشىمىزنىڭ تۆھپىسى. ئالدىنقى قېتىملاردا سىزگە كۆرسەتكەن بەتلەر ئاددىيلا بەتلەر ئىدى...


______________________________________


پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەنمىز نىمىلا بولمىسۇن باشلىۋالدۇق. خۇدا خالىسا، بارا-بارا مۇكەممەللىشىپ كىتەر دەپ ئويلايمەن... بۇ يەردە قېرىنداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كۈتكەن ئىدىم، بىراق ھازىرچە بىر قانچەيلەندىن باشقا ھېچكىم بىرەر تەكلىپ-پىكىر ياكى مەسلەھەت بەرمىدى. قېرىنداشلاردىن يەنىلا ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلاردا بولسۇن، قىممەتلىك پىكىرلىرىنى كۈتىمەن!


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ پىلانغا خالىسانە ياكى ھەق ئېلىپ ئىشلەيدىغانلاردىن، بەتنى باشقۇرۇش، تەھرىرلەش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلارنى قىلىدىغانلارنى، دەرس ئۆتۈشنى خالايدىغانلارنى، ماقالە، سىن-دەرس تەرجىمە -تەھىررچىلىك ئىشلىرىنى قىلىدىغانلارنى تەكلىپ قىلىمىز. تور بەت رەسمىي پۈتكەندە تورغا ھەقلىق ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىش ھەققىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن « ئالتۇن ئەزا» لىق مۇشتەرى بولۇپ قوللاپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز!


توربەتنىڭ ئەسلى نىشانىغا ئۇيغۇن شەكىلگە كىلىشى،  راۋانلىقى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىپ بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!




bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 01:26:12

ئەزا بولاي دىسەم ھىچ ئەزالىققا تىزىملىتىدىغان كۆزنەكنى كۆرمىدىمغۇ؟ بەلكىم بىكەت قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولغاندىكىن پات ئارىدا پۈتۈپ قالار. ماقالىلەر قىسمىنى ئىلمىي ماقالىلەر ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتىرىدىكى ماقالىلار دەپ تۈرگە بۆلسەك ياخشى بولامدىكىن. مەن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويۇپ قويايمىكىن دەيمەن. يەنە بىر ماقالەمنى تەۋسىيە قىلاي، بۇ ماقالەم نۇرغۇن دەرىسلىك كىتاب خاراكتىرىدىكى بىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

http://bbs.alkuyi.com/thread-38829-1-1.html

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 01:34:49

يەنە بىر بايقىغىنىم، ماقالىلەرنىڭ خەت شەكلى ئىنتايىن كىچىك ھەم ئۆلچەملىك نۇسخىدا كۆرۈنمەپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۈملە ئوڭغا ئەمەس سول تەرەپكە قاتارلىشىدىغان بوپقاپتۇ.

يىڭى ماقالىلەر بىلەن يىڭى ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ئوخشاش گەپ تۇرسا نېمىشقا ئىككى كۆزنەك ئاجىرىتىلدى؟

باش بەتنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى سۈرەتلىك ماقالىلەرنى چەكسە شۇ ماقالە ئېچىلمايدىكەن، بۇنىمۇ ئوڭشاپ قويۇش كىرەك.

ئەگەر بىز ماقالە يوللىماقچى بولساق قانداق يوللايمىز؟

مەنچە ئىلىم-پەن ئۇچۇرلىرى كۆزنىكى، مەخسۇس تەبىئەت ژورنىلى خەۋەرلىرى ۋە ئىلىم-پەن ژورنىلى خەۋەرلىرىنى كۈندىلىك چىقىرىدىغان (ھىچبولمىغاندا كۈنىگە بىردىن) قىلىپ قويايلى، شۇنداق بولغاندا دۇنياۋى تەبئىي پەن يىڭىلىقلىرىدىن قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇرچە ھوزۇرلىنالايدۇ. بۇنىڭ تەبىئەت ژورنىلى قىسمىغا بىرىلىدىغان خەۋەرلەرنى مەن ۋاقتىنچە ئۈستۈمگە ئالسام بولىدۇ.

ئىشقىلىپ، بۇ تورىمىزنى ئىلىم-پەنگە تويۇنغان، زىيارەت قىلغان ھەر بىر بىلىمخۇمارلار يىڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ چىقىپ كىتىدىغان قىلىپ قۇرۇپ چىقساق بولاتتى...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 04:15:07

بىلگە جان قېرىندېشىم، مەسلەھەتىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر!



ئەزا بولۇش تىزىملىكىنى چىقىرىپ قويدۇم. تىزىملىتىڭ ۋە دىگىنىڭىزدەك « تەبىئەت ژورنىلى » قىسمىنىڭ كەسپىڭىزگە ئائىت رەسمىي تەھرىرلىكىنى سىز تۇتسىڭىز خۇشال بولىمەن! باشقا ئۆز كەسپى بويىنچە ماقالە تەھرىرلىكى قىلىدىغان، سىن-دەرس ئىشلەيدىغان ۋە ياكى تېخنىكىلىق ئىشلاردا ياردەم قىلماقچى بولغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىشڭلارنى ۋە تور بىتىمىزگە تىزىملىتىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! باشقا يازما يوللىماقچى بولغان قېرىنداشلار ئەزا بولۇپ، ماقالە ئىنكاس يوللىسا بولىدۇ. سەھىپىللىرى پۈتمىگەن بولسىمۇ مۇنبەر تىزىملىكىنىمۇ چىقىرىپ قويدۇم، «مۇنبەر» تىزىملىكىنى چېكىپ مۇنبەرگە پەن-تېخنىكا، ئىختىساد ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلاردىكى تېمىلارنى يوللىسا تامامەن بولىدۇ! تور بېتىمىزگە ئايرىمچە ئەزا قوبۇل قىلىش ئۇختۇرىشىنىمۇ چىقىرىپ قويدۇم...

تىزىملىتىشتا «ئەزا بولۇڭ» دىگەن ئۇلىنىشنى چېكىپ كىرىپ قوللانغۇچى ئىسم، ئى-خەت ئادىرىس تولدۇرۇلۇپ يوللانسا پارول ئې-خەت ئادىرىسىغا كىلىدۇ، ئاندىن باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن ئاكتىپلانسا رەسمىي ئەزا بولالايدۇ.

بۇ بەت تېخى رەسمي ھالەتكە كەلمىدى. رەسمىي ھالەتكە كەلگەندە ئىككى تەخسە لەغمەننىڭ پۇلىغا مۇشتەرىي بولۇپ قوللىشىپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن! بۇ پەقەت تور بەتنىڭ نورمال ئايلىنىشى ئۈچۈن... بەت ھازىرچە ئاددى كۆرۈنگەن بولىشى مۇمكىن، سەھىپە ۋە تېمىلارنى تۈرلەرگە ئايرىش، بەت يۈزىنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى خۇدا بۇيرىسا بارا-بارا قىلىمىز...



يەنە باشقا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى كۈتىمەن!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 10:03:55

نەچچە سائەت ئىلگىرى تىزىملاتسام تا ھازىرغىچە ئەزالىق ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۋالمىدىم... خېلى ئاستا ئوخشايدۇ، ھە؟ بۈگۈنگە مۇناسىۋەتلىك تەبىئەت ژورنىلى خەۋىرىدىن بىرنى ئىزدىنىشقا يوللىغاچ تۇردۇم.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 10:53:20

تور بېكەتنىڭ قېلىپىنى بۇرۇنقى پىلان بويىچە، ئۆزەم ئويلىغان پەدىدە چىقىرىپ قويغان ئىدىم.

ئەسلىدىكى تور بېكەت قېلىپى،ئۇسلۇبى ۋە باشقىلار ئېنگلىز تىلى بويىچە سولدىن-ئوڭغا تەڭشەلگەن ئىكەن، ئۇيغۇرچە قوشۇلغاندىن كىيىن، ئوڭدىن-سولغا ئۆزلىكىدىن تەڭشەلدى، بەزى يەرلىرىنى قول بىلەن تەڭشەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ.

ھازىرقى كۆرۈلگەن مەسىلىلەر:

1. ماقالە خەت شەكلى، فونت چوڭ-كىچىكلىكىنى ckeditor دىن تەڭشەشكە بولىدۇ، word نىڭ ئىچىدە ماقالە تەھرىرلىگەنگە ئوخشاش.

2. يوللانغان ماقالىلارنى pdf فورماتىدا ئېنىق كۆرگىلى بولمىدى، بەزى ھەرپلەر توغرا چىقمايدىكەن، php كودىنى ئازراق ئۆزگەرتىش كېرەك.

3. يوللانغان ماقالىلارنى e-mail غا يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى، لىكىن بەزى ھەرپلەر توغرا چىقمايدىكەن، php كودىنى ئازراق ئۆزگەرتىش كېرەك. بۇ مەسىلىلەر windows 8 نىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۇيغۇرچە فونت نىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ھەل بولۇپ كېتەر.

4. ھازىر تور بېكەتكە ئۇيغۇرچە فونت تونىتىلدى، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش كودى قوشۇلمىدى. بۇنىڭدا windows 8 نىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۇيغۇرچە فونت نىڭ بىرلىككە كېلىشى ئويلىشىلدى.

5. تور سودا ئىقتىدارى تولۇق تەڭشەلمىدى.

مەن كومپيۇتېر ۋە تور بەت توغرىسىدا مۇنتىزىم تەربىيە ئالمىغان، ئۆزلۈكىمدىن ئۈگەنگەن نەرسىلەر ئىنچىكە يەرگە كەلگەندە چېنىپ قالىدۇ.

شۇڭلاشقا كومپيۇتېر ۋە تور بەت ساھەسىدە تېخنىك ئۇستىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە يېتەكچىلىكىگە مۇھتاجمەن.



بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتىن:

1. تور بېكەت كۆرۈنمە يۈزىنى گۈزەللەشتۈرۈش(UI)

2. php كودىنى ئەلالاشتۇرۇش.

3. SEO ئەلالاشتۇرۇش.

4. تور بېكەت زىيارەت سۈرئىتىنى تىزلىتىش.

......


bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 00:05:31

بىلىك بۇرادەر، مەن ھازىرمۇ تىزىملىتالمىدىم. ئەزالىق ئۇچۇرلىرى ئىلخەت قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ، دەپ بىر ئاپتۇماتىك ئۇچۇر تىزىملاتقان ۋاقىتتىلا چىققان، لىكىن ئۇنىڭدىن بۆلەك ھىچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۋالمىدىمغۇ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-9-21 00:19:24

18- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلىك بۇرادەر، مەن ھازىرمۇ تىزىملىتالمىدىم. ئەزالىق ئۇچۇرلىرى ئىلخەت قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ، دەپ بىر ئاپتۇماتىك ئۇچۇر تىزىملاتقان ۋاقىتتىلا چىققان، لىكىن ئۇنىڭدىن بۆلەك ھىچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۋالمىدىمغۇ؟



ئەزالىقىڭىز ئاكتىپلانغان ھالەتتە. شۇ ئۇچۇردىكى ئۇلىنىشنى چېكىپ كىرىڭ ۋە شىفىرىڭىزنى بىكىتىڭ. مەن سىزنىڭ ھوقۇقلىرىڭىزنى تەڭشەپ قويدۇم.
بەت: [1] 2
: (بىلىك) ئىلىم-پەن مائارىپ تورى ھەققىدە